دىققەت! شىنجاڭدا بۇ قىشلىق ھەرىكەت باشلاندى

时事   2024-11-14 12:02   北京  

ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش تۈزىتىلىدۇ!

شىنجاڭدا قىشلىق ھەرىكەت باشلاندى!

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، يىل ئاخىرىدا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ئەمگەك ھەققى ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش ئۈچۈن، شىنجاڭدا ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈزەش قىشلىق ھەرىكىتى يولغا قويۇلدى، 2025-يىلى چاغان ئالدىغىچە داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلۇش ساھەسى بولۇپمۇ ھۆكۈمەت، دۆلەت كارخانىلىرى تۈرلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بارلىق ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش دېلولىرىنى 2024-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن بېجىرىپ بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، بارلىق ھۆكۈمەت، دۆلەت كارخانىلىرى تۈرلىرىدە ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىلىرىنى پۈتۈنلەي ھەل قىلىپ، 2025-يىلى چاغاندىن بۇرۇن بايقالغان ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىلىرىنى ھەرىكەتچان تۈگىتىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ۋاقتىدا ئىش ھەققىنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي پۇختىلايدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىز ئىش ھەققىنى سەۋەبسىز نېسى قالدۇرۇش، كەينىگە سۆرەشنى زور كۈچ بىلەن تۈزىتىپ، يامان غەرەزدە ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى قاتتىق جازالاپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قانۇن بويىچە ھوقۇق مەنپەئەتىنى ئاقىلانىلىك بىلەن قوغدىشىغا ياردەم قىلىدۇ. دەلىللەش ئارقىلىق قۇرۇلۇش ھېسابات پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش قاتارلىق ئىقتىسادىي ماجرالارغا تەۋە بولغان بولسا، ئالاقىدار سۇبيېكتلارنى قانۇندا بەلگىلەنگەن يول ئارقىلىق ئۆز ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا يېتەكلەيدۇ. ئالاقىدار ئورۇنلار ياكى شەخسلەردىن پاكىتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى يوشۇرغان، ساختا ئىسپات چىقارغان ياكى ئىسپاتنى يوشۇرۇش، يوقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن يالغاندىن ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلغانلار بولسا، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ئالاقىدار قانۇنىي جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. قانۇنسىز ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلغان ياكى ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلىش نامىدا قاقتى-سوقتى قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق بولغانلارنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.



       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل



◇ قالايمىقان ئوپراتسىيە قىلغان دوختۇرغا قاماق جازاسى بېرىلدى

◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章