خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەربىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ
ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز.
ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
真正了解一个人,就看这个细节
بىر ئادەمنى ھەقىقىي چۈشىنىشتە مۇنۇ تەپسىلاتقا قاراش كېرەك
ღ ღ ღ
认识许总的那一年,我刚刚大学毕业。
شۈ باش دېرىكتور بىلەن تونۇشقان يىلى داشۆنى ئەمدىلا پۈتكۈزگەنىدىم.
那个时候我正加入了大学生创业浪潮,在一家广告公司做公司的宣传资料,刚好许总也在,他看完我的资料后,对我说,他的公司也有这样的业务,想要高薪挖我过去。
ئۇ چاغلاردا مەن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنىغا قوشۇلۇپ، بىر ئېلانچىلىق شىركىتىدە تەشۋىقات ماتېرىيالى ئىشلىدىم. شۇ ۋاقىتتا شىركەتتە شۈ باش دېرىكتورمۇ بار بولۇپ، ئۇ مەن تەييارلىغان ماتېرىيالنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ شىركىتىدىمۇ مۇشۇنداق كەسپ بارلىقىنى، مېنى يۇقىرى مائاش بىلەن شىركىتىدە ئىشلەتكۈسى بارلىقىنى ئېيتتى.
那个时候我正年轻气盛,想都没想就拒绝了。
ئۇ چاغلاردا مەن ياش بولغانلىقىم ھەمدە باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىم ئۈچۈن قىلچە ئىككىلەنمەيلا رەت قىلدىم.
要当就当自己公司的CEO啊,去给别人打工有什么意思?
بولۇش توغرا كەلسە ئۆزۈمنىڭ شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولىمەن، باشقىلارغا ئىشلەپ بەرگەننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟
呵呵,我到现在还在为当时愚蠢幼稚的想法感到可笑至极。
ھەي، مەن تاكى ھازىرغىچە ئۆزۈمنىڭ ئەينى چاغدىكى ھاماقەتلەرچە ھەم ساددىلىق بىلەن قىلغان خىيالىمنى تولىمۇ كۈلكىلىك ھېس قىلىمەن.
一年后,我创业失败。
بىر يىلدىن كېيىن، مەن ئىگىلىك تىكلەشتە مەغلۇب بولدۇم.
那个时候真的很惨,最后宣布公司倒闭的时候,我把办公室的一些办公用品都低价卖给别人,那种渗透到骨子里面的失落和沮丧,我到现在还记忆犹新。
ئۇ چاغلاردا ئەھۋالىم ھەقىقەتەن بەكلا ئېچىنىشلىق ئىدى. شىركەتنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلايدىغان چاغدا، ئىشخانىدىكى بىر قىسىم بۇيۇملارنى باشقىلارغا تۆۋەن باھادا سېتىۋەتكەنىدىم، ئاشۇ ۋاقىتتا ئىچ-ئىچىمدىن چىققان چۈشكۈنلۈك ۋە مەيۈسلۈك تۇيغۇسى ھېلىھەم ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.
长沙五一广场某地标写字楼,2813室,时隔8年这个数字还是那么熟悉,那个我亲手一点点建立的公司,要我亲自去关掉它,没有经历过的人,永远不知道这件事情有多残忍。
ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، «چاڭشا <بىرىنچى ماي> مەيدانىدىكى مەلۇم بىر بەلگە خاراكتېرلىك ئىشخانا بىناسى، 2813-ئىشخانا» دېگەن ئۇچۇرلار ماڭا يەنىلا شۇنداق تونۇشلۇق بىلىنىدۇ. شۇ چاغدا، ئۆز قولۇم بىلەن ئاز-ئازدىن تىرىشىپ قۇرغان شىركەتنى ئۆز قولۇم بىلەن تاقىۋەتتىم. بۇنداق ئىشنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغانلار ئۇنىڭ قانچىلىك ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ھېس قىلالمايدۇ.
创业失败后,许总又找到了我,我抱着试一试的心态去了他们公司,结果大大出乎我的意料。
ئىگىلىك تىكلەپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، شۈ باش دېرىكتور مېنى يەنە ئىزدىگەندە، سىناپ بېقىش نىيىتىدە ئۇلارنىڭ شىركىتىگە باردىم. بىراق، نەتىجە پۈتۈنلەي مەن ئويلىمىغان يەردىن چىقتى.
“看一个公司,只要看这个公司的老板是什么样的人就行”,这句话我从那个时候到现在一直都奉为金科玉律,因为很多公司的业务和架构都是相似的,唯一不同的就是执行的人,而规则都是靠人去制定的,所以看公司好不好,就看公司的老板是个什么样的人就行。
«بىر شىركەتنىڭ قانداقلىقىغا قاراشتا، ئۇنىڭ لوبىنىنىڭ قانداق ئادەملىكىگە قاراشلا كۇپايە.» بۇ سۆزنى مەن شۇ چاغلاردىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە ئۆزگەرمەس قائىدە دەپ قاراپ كېلىۋاتىمەن. چۈنكى، نۇرغۇن شىركەتنىڭ كەسپى ۋە قۇرۇلمىسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بىردىنبىر ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇلارنىڭ باشقۇرغۇچىسىدۇر، قائىدە-تۈزۈمنى ئادەم بېكىتىدۇ. شۇڭا، شىركەتنىڭ ياخشى-ناچارلىقىغا قاراشتا لوبەننىڭ قانداق ئادەملىكىگە قاراشلا كۇپايە.
去到许总的公司,我才真正意识到什么叫真正的藏龙卧虎,他们的公司一个小小的业务员都有独当一面的能力,经理就更加不要说了。
مەن شۈ باش دېرىكتورنىڭ شىركىتىگە بارغاندىن كېيىن، نېمىنىڭ «كۆمۈلۈپ قالغان تالانت ئىگىسى» دېيىلىدىغانلىقىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتتىم. چۈنكى، ئۇلارنىڭ شىركىتىدىكى كىچىككىنە كەسپىي خادىملارمۇ ئىشلارنى مۇستەقىل بېجىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، دېرىكتورغا تېخىمۇ گەپ كەتمەيتتى.
员工的执行能力、协调能力,企业文化,规章制度等等,都比我之前的公司好太多了。
خادىملارنىڭ ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى، ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى، كارخانا مەدەنىيىتى ۋە قائىدە-تۈزۈملەر مەن ئىلگىرى ئىشلىگەن شىركەتنىڭكىدىن كۆپ ياخشى ئىدى.
ღ ღ ღ
这里就先不扯远了,还是先说说许总吧。
بۇ يەردە ئارتۇق سۆزلىمەي، يەنىلا شۈ باش دېرىكتورنىڭ گېپىنى قىلايلى.
一个三十几岁的男人,没有老婆孩子,每天8小时上班后的十几小时都是一个人生活,可想而知是有多么孤独。
ئايالىمۇ، بالىسىمۇ يوق 30 نەچچە ياشلىق بىر ئەرنىڭ ھەر كۈنىدىكى سەككىز سائەتلىك خىزمەت ۋاقتىدىن سىرت، ئون نەچچە سائەت ۋاقتى يالغۇز ئۆتسە، ئۇنىڭ قانچىلىك غېرىبلىق ھېس قىلىدىغانلىقى كۆرۈنۈپلا تۇرىدۇ.
可是我在他身上丝毫看不出任何孤独的影子,永远都是一副精力充沛,朝气蓬勃的样子。
بىراق، مەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن غېرىبلىقنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرمىدىم، كۆرىدىغىنىم ئۇنىڭ زېھنى ئۇرغۇپ تۇرغان جۇشقۇن قىياپىتى بولدى.
他每天早上7点钟起床,去公园跑步一小时,早餐雷打不动的一个削了皮的苹果和一杯纯牛奶,一碗粥,然后去公司上班。
ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 7:00دە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، باغچىغا بېرىپ بىر سائەت يۈگۈرىدۇ، ناشتىدا ئىزچىل بىر تال ئاقلانغان ئالما، بىر ئىستاكان سۈت ۋە بىر چىنە ئۇماچ ئىچكەندىن كېيىن، شىركەتكە ئىشقا بارىدۇ.
下班后,要么去健身房,要么去吉他学校,要么去英语学校,要么去图书馆,他永远是在一个学习的状态,且高度自律。
ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، چېنىقىش سارىيىغا، ياكى گىتار ئۆگىتىش كۇرسىغا، ياكى ئىنگلىز تىلى كۇرسىغا ۋە ياكى كۇتۇپخانىغا بارىدۇ، مەڭگۈ بىر خىل ئۆگىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆزىگە ئالاھىدە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ.
他酷爱历史,你很难想象一个学历并不高的人,他对那些历史典故的熟悉程度,并不亚于专门学这个专业的人。
ئۇ تارىخقا ئىنتايىن قىزىقىدۇ. ئوقۇش تارىخى ئانچە يۇقىرى ئەمەس بىر ئادەمنىڭ تارىخىي ھېكايىلەرگە پىششىقلىق دەرىجىسىنىڭ مەخسۇس مۇشۇ كەسىپنى ئۆگەنگەنلەردىن قېلىشمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلالىشىڭىز تولىمۇ قىيىن.
他吉他拿到了最高的等级证书,英语溜得不行,身材一直保持很好,有一次歌唱比赛吉他弹唱他还拿到了大奖........
ئۇ گىتاردا ئەڭ يۇقىرى دەرىجە كىنىشكىسى ئالغان بولۇپ، ئىنگلىز تىلىمۇ راۋان، بوي-بەستى قاملاشقان. بىر قېتىملىق ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىدە، ئۇ تېخى گىتار چېلىپ ناخشا ئېيتىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
记得他曾经对我说过一句话,“人的一生归根到底是在和孤独对抗的一生,越往上面走,你会发现自己越孤独,了解一个人不要看他忙碌的时候,你看他怎么对抗孤独就行了,有的人在孤独中堕落,而有的人在孤独中学会了和自己相处。孤独会毁掉大多数人,成就极少数人,记住,你一定要做那个极少数的人!”
ئىلگىرى ئۇنىڭ ماڭا مۇنداق دېگەنلىكى ئېسىمدە تۇرۇپتۇ: «ئىنساننىڭ ئۆمرى، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، يالغۇزلۇق بىلەن قارشىلىشىش ئىچىدە ئۆتىدۇ. قانچە ئالغا ئىلگىرىلىگەنسېرى ئۆزىڭىزنىڭ شۇنچە يالغۇزلۇقىڭىزنى ھېس قىلىسىز. بىر ئادەمنى چۈشىنىشتە ئۇنىڭ ئالدىراش ۋاقىتلىرىغا قارىماي، يالغۇزلۇق بىلەن قانداق تىركىشىدىغانلىقىغا قارىسىڭىزلا بولدى. بەزىلەر يالغۇزلۇق ئىچىدە چۈشكۈنلىشىپ كەتسە، بەزىلەر يالغۇزلۇقتىن ئۆزى بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. يالغۇزلۇق كۆپ قىسىم ئادەمنى ۋەيران قىلىپ، ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئادەمنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز چوقۇم ئاشۇ ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئادەملەردىن بولۇشىڭىز كېرەك!».
认清一个人,就看他怎么和孤独相处,因为一个人回归到孤独的状态,才是他最真实的状态,有的人在孤独中不断堕落,为了逃避孤独,每天过着空虚的生活,而有的人在孤独中渐渐找到了真实的自我,内心变得越来越淡定和从容。
بىر ئادەمنى ئېنىق تونۇشتا ئۇنىڭ يالغۇزلۇق بىلەن قانداق چىقىشىپ ئۆتىدىغانلىقىغا قارىسىڭىزلا بولدى. چۈنكى، بىر ئادەمنىڭ يالغۇز ھالىتىلا ئۇنىڭ ئەڭ ھەقىقىي ھالىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بەزىلەر يالغۇز ياشاش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز چۈشكۈنلىشىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قېچىش ئۈچۈن ھەر كۈنى مەنىسىز تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. بىراق، بەزىلەر يالغۇزلۇقتىن بارا-بارا ھەقىقىي ئۆزىنى تېپىۋالىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىچكى دۇنياسىمۇ بارا-بارا سالماق ۋە تىنچ بولۇپ كېتىدۇ.
这个道理我用来观察过很多人,百试百准,也包括许总,他是一个真正学会了在孤独中和自己相处的人。
مەن مۇشۇ قائىدە بويىچە شۈ باش دېرىكتورنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئادەمنى كۆزەتسەم، ھەممىسى توپتوغرا چىقتى. شۈ باش دېرىكتور يالغۇزلۇق ئىچىدە ئۆزى بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشنى ھەقىقىي ئۆگىنىۋالغان ئادەم ئىدى.
我见过太多的人,他们才华横溢,学富五车,工作能力强,表达能力好,可就是没有办法和自己相处,他们因为害怕孤独,不断失去自我,常常把自己逼进一个根本不适合自己的圈子,就这样一步步被孤独侵蚀。
مەن نۇرغۇن ئادەمنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ تالانتى ئۇرغۇپ تۇرسىمۇ، بىلىمى مول، خىزمەت ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئۆزى بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشكە چارىسىز. ئۇلار يالغۇزلۇقتىن قورققانلىقى سەۋەبلىك ئۆزىنى توختىماي يوقىتىپ قويىدۇ، ھەمىشە ئۆزى ماس كەلمەيدىغان چەمبىرەكلەرگە قىستىلىپ كىرىۋېلىپ، بارا-بارا يالغۇزلۇقنىڭ چىرىتىشىغا ئۇچرايدۇ.
真正厉害的人,是学会了和孤独友好相处的人。
ھەقىقىي قالتىس ئادەملەر يالغۇزلۇق بىلەن دوستانە ئۆتەلىگەن ئادەملەردۇر.
后来,公司在许总的带领下,越做越大,现在从当时屈居在长沙的一个小公司,变成了横跨4个省份的大集团,我也从当初的一个业务员,变成了一个分公司的副总经理。
كېيىن، شىركەت شۈ باش دېرىكتورنىڭ يېتەكچىلىكىدە بارغانسېرى زورايدى. ھازىر شىركەت چاڭشادا بويۇن قىسىپ تۇرغان ھالىتىدىن تۆت ئۆلكىدىن ھالقىغان چوڭ گۇرۇھقا ئايلاندى، مەنمۇ ئەينى چاغدىكى كەسپىي خادىملىقتىن، بىر تارماق شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورىغا ئايلاندىم.
许总是迄今为止对我影响最大的一个人,我从当初加入他们公司一干就是八年,如果说人生真的有什么贵人的话,那么许总就是我的贵人。
شۈ باش دېرىكتور تا ھازىرغىچە ماڭا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئادەم بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۇلارنىڭ شىركىتىگە كىرگەندىن باشلاپ ئۇدا سەككىز يىل ئىشلىدىم. ناۋادا، ھاياتتا ھەقىقەتەن بىرەر شاپائەتچى بار دېيىلسە، شۈ باش دېرىكتور مېنىڭ شاپائەتچىم ھېسابلىنىدۇ.
ღ ღ ღ
其实,在我年轻的时候,经常逼迫自己去合群,特别喜欢呼朋引伴,如果有哪天,我被同伴给抛下了,我会非常伤心、失落。
ئەمەلىيەتتە، ياش ۋاقىتلىرىمدا ھەمىشە ئۆزۈمنى توپقا قوشۇلۇشقا مەجبۇرلايتتىم، دوستلىرىمنى ئۆزۈمگە تارتىشنى ئالاھىدە ياخشى كۆرەتتىم، قايسى كۈنى دوستۇم مېنى تاشلىۋەتسە، كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولۇپ، چۈشكۈنلىشىپ كېتەتتىم.
很多时候,我会顺着他们的观点去表达自己,不敢有自己的不同观点,我甚至会因他们的轰然大笑而强迫自己笑。
نۇرغۇن ۋاقىتلاردا مەن ئۇلارنىڭ قارىشى بويىچە ئۆزۈمنى ئىپادىلىدىم، ئوخشىمىغان قاراشتا بولۇشقا پېتىنالمىدىم، ھەتتا ئۇلار قاقاھلاپ كۈلسىمۇ، ئۆزۈمنى كۈلۈشكە مەجبۇرلىدىم.
于是,我活成了别人最希望我成为的样子。
شۇنىڭ بىلەن، مەن قاراپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىم.
这样的状态我持续了很久很久,直到后来有一天,我尝试去做真实自我的时候,却换来他们的冷嘲热讽,他们像疏离一个怪物一样疏远我,我之前所有想融入这个圈子的努力,一瞬间全部白费。
بۇنداق ھالەت مەندە ناھايىتى ئۇزۇن داۋاملاشتى. ئاخىر، بىر كۈنى ھەقىقىي ئۆزۈم بولۇپ بېقىش ئۈچۈن تىرىشقىنىمدا، ئۇلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالدىم، ئۇلار مەندىن غەلىتە مەخلۇقتىن قاچقاندەك قېچىشتى، ئىلگىرى بۇ چەمبىرەككە كىرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىمنىڭ ھەممىسى بىردەمدىلا كۆپۈككە ئايلاندى.
我感到很失落,很绝望,于是从那一刻开始,我学着和孤独相处。
مەن بۇنىڭدىن قاتتىق چۈشكۈنلەشتىم، ئۈمىدسىزلەندىم ھەم شۇ دەقىقىدىن باشلاپ يالغۇزلۇق بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم.
我周末的时候去图书馆看书,早上走的时候室友们还在宿舍睡觉,回来的时候,他们还在睡觉。
ھەپتە ئاخىرلىرى كۇتۇپخانىغا بېرىپ كىتاب ئوقۇدۇم، ئەتىگىنى چىقىپ كەتكەندە ياتاقداشلىرىم ئۇخلاۋاتقان بولسا، قايتىپ كەلگىنىمدە يەنىلا شۇ ھالەتتە ئۇخلايتتى.
晚上我冒着雨去参加演讲比赛,走的时候他们聚在一起打牌,回来的时候,他们还在打牌。
كەچلىرى يامغۇرغا قارىماي نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشتىم. مەن ماڭغاندا ئۇلار يىغىلىپ قارت ئويناۋاتقان بولسا، قايتىپ كەلگەندە يەنە شۇ ئويۇنىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى.
我早上坐公交车去参加英语沙龙,他们那时刚刚从网吧通宵回来,晚上我回来的时候,他们又出发网吧开始第二晚通宵。
于是,我明白了,我和他们始终不是一路人,特立独行的我是注定要孤独的。
ئەتىگىنى ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئىنگلىز تىلى سالونىغا قاتناشقىلى باردىم. بۇنداق چاغدا ئۇلار تورخانىدا كېچىچە تورغا چىقىپ ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن بولاتتى. كەچتە مەن قايتىپ كەلگەندە بولسا، ئۇلار يەنە بىر كېچە ئۇخلىماي تورغا چىقىش ئۈچۈن تورخانىغا ماڭاتتى. شۇنىڭ بىلەن، مەن باشتىن-ئاخىر ئۆزۈمنىڭ ئۇلار بىلەن بىر يولدىكى ئادەم ئەمەسلىكىمنى، ئالاھىدە ۋە مۇستەقىل ئىش قىلىدىغان ئۆزۈمنىڭ يالغۇز قېلىشىم كېرەكلىكىنى چۈشەندىم.
我开始慢慢享受独处的时光,我不再装模作样的拥有很多朋友,而是回到了孤单之中,以真正的自我开始了独自的生活。
شۇنىڭ بىلەن، مەن يالغۇز قالغان ۋاقىتلىرىمدىن ھۇزۇرلىنىشقا باشلىدىم، مۇغەمبەرلىك بىلەن نۇرغۇن دوستى بار قىياپەتكە كىرىۋېلىشنىڭ ئەكسىچە، يالغۇزلۇقۇمغا قايتتىم، ھەقىقىي ئۆزۈم بولغان ھالەتتە تەنھا تۇرمۇشۇمنى باشلىدىم.
孤独从来就不会毁掉一个人,把自己拼命挤进一个不适合自己的圈子,佯装自己不孤独才会毁掉一个人。
يالغۇزلۇق ھېچقاچان بىر ئادەمنى ۋەيران قىلىۋېتەلمەيدۇ، ئۇنى ئۆزىگە ماس كەلمەيدىغان چەمبىرەككە پۈتۈن كۈچى بىلەن قىستىلىپ كىرىۋېلىپ، تەنھا قالمىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىشلا ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.
当我可以一个人安静的读书旅行听音乐的时候,当我可以一个人研究出来鱼的很多种烹饪方法,并且享受自己厨艺的时候,当我不再需要一遍一遍的等待别人证明存在感的时候,我发现我自己并不孤独了。
مەن ئۆزۈم يالغۇز جىمجىت ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇيدىغان، ساياھەت قىلىدىغان، مۇزىكا ئاڭلايدىغان بولغىنىمدا، بېلىق پىشۇرۇشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇلىنى ئۆزۈم يالغۇز تەتقىق قىلىپ چىققان ھەمدە ئۆزۈمنىڭ ئاشپەزلىك ھۈنىرىدىن ھۇزۇرلىنالايدىغان بولغان چېغىمدا، باشقىلارنى قايتا-قايتا ساقلاپ، مەۋجۇتلۇق تۇيغۇمنى ئىسپاتلاشقا موھتاج بولمىغان چېغىمدا، ئۆزۈمنىڭ تەنھا ئەمەسلىكىمنى بايقىدىم.
我是真实的在活着,不为了别人的认同,不为了自己的虚荣,只是仅仅为了活着这件事。
مەن ھەقىقىي ھايات ياشاۋاتىمەن، باشقىلارنىڭ ئېتىراپى ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزۈمنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەقەتلا تۇرمۇش ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن.
行至水穷处,坐看云起时,就这样的再也回不了头。
خۇددى: «ئىختىيارىي مېڭىپ، بىلىپ-بىلمەي ئېقىننىڭ ئاخىرىغا كېلىپ قالدىم، ئالدىمدا يول يوقلۇقىنى بايقاپ، شۇ جايىمدىلا ئولتۇرۇپ بۇلۇتلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى تاماشا قىلدىم» دېيىلگىنىگە ئوخشاش، ئارقامغا قايتالمىدىم.
时至今日,我仍然庆幸自己当初就想明白了这一点,现在的他们大多数还生活在社会的最底层,而我已经远远超过了他们。
这一步,越早开始越好,将来的你,一定会感谢现在努力的自己。
ھالا بۈگۈنگە كەلگەندىمۇ ئۆزۈمنىڭ ئەينى چاغدا مۇشۇ نۇقتىنى چۈشەنگەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇشال بولىمەن. ھازىر ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياشاۋاتقان بولسا، مەن ئاللىبۇرۇن ئۇلاردىن خېلىلا ھالقىپ كەتتىم. بۇ قەدەم قانچە بالدۇر ئېلىنسا، شۇنچە ياخشى. شۇنداق قىلسىڭىز، كەلگۈسىدە ھازىر تىرىشقان ئۆزىڭىزگە رەھمەت ئېيتىسىز.
是羊都群居着,是狼都孤独着,越是成功的人,越是孤独,大部分成功的人,他们表面都很有友善,可是他们却喜欢独来独往,因为他们孤独并不空虚,一个人的时候,更容易进行深度思考。
قويلار توپلىشىپ ياشايدۇ، بۆرىلەر يالغۇز. قانچە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەم، شۇنچە تەنھا بولىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى قارىماققا تولىمۇ دوستانە كۆرۈنسىمۇ، يالغۇزلۇقنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى، ئۇلار يالغۇزلۇقتىن زېرىكمەيدۇ، يالغۇز قالغان چاغلىرىدا چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشى شۇنچە ئاسان بولىدۇ.
很多问题我在人群密集的地方,无法想透彻,当我一个人坐飞机或者高铁的时候,反而这些问题会有深度的思考,常常会带给我出乎意料的惊喜。
ئادەم توپلاشقان جايلاردا نۇرغۇن مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەتراپلىق ئويلىنىشقا ئامالسىز قالىمەن. ئەمما، ئۆزۈم يالغۇز ئايروپىلان ياكى تېز سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرغاندا، بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا ھەمىشە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئويلىمىغان خۇشاللىقلارغا ئېرىشىمەن.
孤单往往是一个人的狂欢,而狂欢只是一群人的孤单。
تەنھالىق ھەمىشە بىر ئادەمنىڭ شاد-خۇراملىقى بولسا، شاد-خۇراملىق بىر توپ ئادەمنىڭ تەنھالىقى بولۇپ قالىدۇ.
人生越到后面,你越能体会到,真实和长久的愉悦,永远都只会在你的精神世界里,任何一个人群都无法提供。
يېشىڭىز قانچە چوڭايغانسېرى، ھەقىقىي ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك خۇشاللىقنىڭ مەڭگۈ روھىي دۇنيارىڭىزدىلا بولىدىغانلىقىنى، بۇنى ھېچقانداق كىشىلەر توپى بېرەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.
凡心所向,素履所往,生如逆旅,一苇以航。
قەلب ئىنتىلگەن جايغا پۇتىدا ئاددىي چىغ چورۇق بولسىمۇ بېرىش كېرەك؛ ھايات قارشى يۆنىلىشلىك ساياھەتكە ئوخشايدۇ، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن قولۋاق بىلەن بولسىمۇ يولغا چىقىش كېرەك.
تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا،
چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز
بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى
مەنبە: خەلق تورى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ ئۇرۇشالمايدىغان قىزنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشىش سالاھىيىتى يوق
◇ ئۆزىنى ياش ھېس قىلىدىغان ئادەمنىڭ قېرىشى ئاستا بولىدۇ
◇ نادانلىقتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇقى ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاش
◇ تۇرمۇش مۇراسىم تۇيغۇسىغا مۇھتاج
◇ خۇشال بولالماسلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى كەڭ قورساق بولالمىغانلىقىڭىزدا
◇ دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن يوللاشنى ياخشى كۆرەمسىز؟