دىللاردا سەنەم118-قسىم

文摘   2025-01-18 21:16   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .


 
   
دىللاردا سەنەم1-قسىم
دىللاردا سەنەم2-قسىم
دىللاردا سەنەم3-قسىم
دىللاردا سەنەم4-قسىم
دىللاردا سەنەم5-قسىم
دىللاردا سەنەم6-قسىم
دىللاردا سەنەم7-قسىم
دىللاردا سەنەم8-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم10-قسىم
دىللاردا سەنەم11-قسىم
دىللاردا سەنەم13-قسىم
دىللاردا سەنەم14-قسىم
دىللاردا سەنەم15-قسىم
دىللاردا سەنەم16-قسىم
دىللاردا سەنەم17-قسىم
دىللاردا سەنەم18-قسىم
دىللاردا سەنەم19-قسىم
دىللاردا سەنەم21-قسىم
دىللاردا سەنەم22-قسىم
دىللاردا سەنەم23-قسىم
دىللاردا سەنەم24-قسىم
دىللاردا سەنەم25-قسىم
دىللاردا سەنەم26-قسىم
دىللاردا سەنەم27-قسىم
دىللاردا سەنەم28-قسىم
دىللاردا سەنەم29-قسىم
دىللاردا سەنەم30-قسىم
دىللاردا سەنەم31-قسىم
دىللاردا سەنەم32-قسىم 
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم33-قسىم
دىللاردا سەنەم34-قسىم
دىللاردا سەنەم35-قسىم
دىللاردا سەنەم36-قسىم
دىللاردا سەنەم37-قسىم
دىللاردا سەنەم38-قسىم
دىللاردا سەنەم39-قسىم
دىللاردا سەنەم40-قسىم
دىللاردا سەنەم41-قسىم
دىللاردا سەنەم42-قسىم
دىللاردا سەنەم43-قسىم
دىللاردا سەنەم44-قسىم
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم-46-47-قسىم
دىللاردا سەنەم48-قسىم
دىللاردا سەنەم-49-قسىم
دىللاردا سەنەم-50-قسىم
دىللاردا سەنەم-51-قسىم
دىللاردا سەنەم-52-قسىم
دىللاردا سەنەم-53-قسىم
دىللاردا سەنەم54-قسىم
دىللاردا سەنەم55-قسىم
دىللاردا سەنەم56-قسىم
دىللاردا سەنەم57-قسىم
دىللاردا سەنەم58-قسىم
دىللاردا سەنەم59-قسىم
دىللاردا سەنەم60-قسىم
دىللاردا سەنەم61-قسىم
دىللاردا سەنەم62-قسىم
دىللاردا سەنەم63-قسىم
دىللاردا سەنەم64-قسىم
دىللاردا سەنەم65-قسىم
دىللاردا سەنەم66-قسىم
دىللاردا سەنەم67-قسىم
دىللاردا سەنەم68-قسىم
دىللاردا سەنەم69-قسىم
دىللاردا سەنەم70-قسىم
دىللاردا سەنەم71-قسىم
دىللاردا سەنەم72-قسىم
دىللاردا سەنەم73-قسىم
دىللاردا سەنەم74-قسىم
دىللاردا سەنەم75-قسىم
دىللاردا سەنەم76-قسىم 
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم77-قسىم
دىللاردا سەنەم78-قسىم
دىللاردا سەنەم79-قسىم
دىللاردا سەنەم80-قسىم
دىللاردا سەنەم81-قسىم
دىللاردا سەنەم82-قسىم
دىللاردا سەنەم83-قسىم
دىللاردا سەنەم84-قسىم
دىللاردا سەنەم85-قسىم
دىللاردا سەنەم86-قسىم
دىللاردا سەنەم87-قسىم
دىللاردا سەنەم88-قسىم
دىللاردا سەنەم89-قسىم
دىللاردا سەنەم90-قسىم
دىللاردا سەنەم91-قسىم
دىللاردا سەنەم92-قسىم
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم94-قسىم
دىللاردا سەنەم95-قسىم
دىللاردا سەنەم97-قسىم
دىللاردا سەنەم98-قسىم
دىللاردا سەنەم99-قسىم
دىللاردا سەنەم100-قسىم
دىللاردا سەنەم101-قسىم
دىللاردا سەنەم102-قسىم
دىللاردا سەنەم103-قسىم
دىللاردا سەنەم-105-104-قسىم
دىللاردا سەنەم-106-قسىم
دىللاردا سەنەم-107-قسىم
دىللاردا سەنەم-108-قسىم
دىللاردا سەنەم109-قسىم
دىللاردا سەنەم110-قسىم
دىللاردا سەنەم111-قسىم
دىللاردا سەنەم112-قسىم
دىللاردا سەنەم113-قسىم
دىللاردا سەنەم114-قسىم
دىللاردا سەنەم115-قسىم
دىللاردا سەنەم116-قسىم
دىللاردا سەنەم117-قسىم



ـ
ئۇلار تۇيماي قالغاندا ئۆيدىن چىقىپ، پىيادە مېڭىپ مۇشۇ يەرگە كەلدىم، يول بويى ئۇچرىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدىن «ئاياغ مەھەللە دېگەن قەيەردە؟ سەيدۇللا باينىڭ ئۆيى قايسى؟» دەپ سوراپ يۈرۈپ ئاران تەستە تېپىپ كەلدىم، پىيادە كەلگەچكە ئاياغلىرىم يىرتىلىپ پۇتلىرىممۇ كۆرۈنۈپ قالغان، ئامانەم كىچىك ئانام بايا ماۋۇ كىيىملەرنى ئېلىپ چىقىپ كىيگۈزۈپ قويدى، ساقلاپ ئولتۇرسام ئانام كەلمىگەن ئىدى، «ئانام ئەمدى مېنى باقمايدىغان ئوخشايدۇ، ئۇ مېنى تاشلىۋېتىپتۇ» دەپ ئويلاپ قورقۇپ كېتىپ بەك يىغلاپ كەتتىم...

بالىنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئەگىتىپ تۇرۇپ دېگەن بۇ گەپلىرى شەرۋانەمنىڭلا ئەمەس، سەيدۇللا باينىڭ يۈرىكىنىمۇ ئېزىۋەتتى. شۇ چاغدا ئۇ ئويلىدى، ئابدۇللاغۇ ئانىسىنى ئىزدەپ، چوڭلارغا يالغان ئېيتىپ قويۇپ ئۇلارنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەي غىپپىدە ئۆيدىن چىقىپلا بۇياققا كېلەلىپتۇ. ئۆزىنىڭ بالىلىرى ھەتتا ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك تەۋەككۈلچىلىككىمۇ پېتىنالىغان ئەمەس. بولمىسا سەيدۇللا باي ئەزەلدىن ئۇلارنى قورقۇتمايتتى، ئۇرۇپ- تىللىمايتتى. نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىپ، جىگەرلىك، يۈرەكلىك ئادەم بولسۇن دەپ خېلى بەك رايىغا باراتتى. شۇنداق بولسىمۇ بالىلار ئانىسىنى كۆرۈپ كېلىشكە پېتىنىپ ئۆيدىن ئۆزلىكىدىن شۇ بىر قېتىم چىقتى، كېيىنكى قېتىمدا ئۇنداق ئىش زىنھار يۈز بېرىپ باقمىدى. شۇلارنى ئويلىغاندىن كېيىن سەيدۇللا باي تۇيۇقسىز كىچىك ئابدۇللاغا ھۆرمەت تۇيغۇسى بىلەن قارىدى. ئۇلار ئۆتمۈشنى ئەسلىشىپ، بولغان- ئەتكەن ئىشلارنى دېيىشىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ كۈننىڭ كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيماي قېلىشتى. قاراڭغۇ چۈشۈشتىن بۇرۇن سەيدۇللا باي ئاسمانغا بىر قارىۋېتىپ:

-كەچ بولۇپ كېتىپتۇ، ئەمدى بالىنى ئاپىرىپ قويمىساق ئۆيدىكىلەر ئەنسىرەپ قالارمىكىن؟ مەتنۇركام بىلەن ئايىمخان ئاچامغىلا دەپ قويساق بولىدىغان ئىش بولسا چاپارمەندىن بىرنى يۈگۈرتۈپ خەۋەر بېرىپ قويۇپ ئۇنى بۇ يەردە ئېلىپ قالساقمۇ بولاتتى، لېكىن ئۆز دادىسى كېسەلمەنكەن، ئىككى سىڭلىسىمۇ كىچىككەن، ئەتىگەندە بىر يوقاپ كەتكەنچە كەچ بولغۇچە پەيدا بولمىسا ئۇلار ئەنسىرەپ قالمىسۇن يەنە،- دېدى.

ئايرىلىشنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ شەرۋانەمنىڭ يۈرىكى تۇيۇقسىز جىغ قىلىپ قالدى، لېكىن چوقۇم مۇشۇنداق بىر ئايرىلىش بولىدىغانلىقىنى ئۇ ئابايا كۆرۈشكەندىلا پەملەپ بولغان ئىدى، ھەم بۇ يۈزلەنمىسە بولمايدىغان ئىش ئىدى. شۇ چاغدا كىچىك ئابدۇللا يەنە يىغلامسىراپ سۆزلەپ:

-ھەئە، كەتمىسەم دادام ئەنسىرەپ قالىدۇ، كىچىك ئىككى سىڭلىم تاماق ئېتەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتتى ھەقىچان، دادامغىمۇ تاماق ئېتىپ بېرەلمەيدۇ، نېمە يەپ ياتقاندۇ بىچارە دادام؟... شۇڭا مەن ئانامنى ئېلىپ كەتكىلى كەلگەن، ئانا، ئۆيگە كېتەيلىچۇ! دادام بىزنى ساقلاپ ياتىدۇ، يۈرۈڭە بىللە كېتەيلى...- دەپ قالدى.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەيدۇللا باينىڭ شۇ ھامان چىرايى ئۆڭدى. شەرۋانەم بىر ئۇنىڭغا، بىر ئوغلىغا قاراپ ئالاق- جالاق بولغىنىچە، نېمە قىلارىنى بىلمەي ئولتۇرۇپلا قالدى.

-بالام،- دېدى سەيدۇللا باي شۇ چاغدا چىرايىغا زورىغا كۈلكە يۈگۈرتۈشكە تىرىشىپ، تەمكىنلىك بىلەن،- ئاناڭ مەن بىلەن توي قىلدى، ئۇ ئەمدى بۇ ئۆينىڭ ئايال خوجايىنى، ئۇنى كۆرگۈڭ كەلسە كېلىپ بۇ ئۆيدە نەچچە كۈن تۇرۇپ كەتسەڭ بولىدۇ، ياكى پەقەتلا كەتمەي مۇشۇ يەردە قالساڭمۇ بولىدۇ، سېنى قىزغىن قارشى ئالىمىز، ئەمما ئاناڭ ئەمدى كېتەلمەيدۇ، بۇ يەر ئۇنىڭ ئۆيى، بۇ يەردىن باشقا ھېچنەگە بارمايدۇ.

-ياق، ئانام مەن بىلەن بىللە كېتىدۇ، دادام «ئاناڭنى تېپىپ بۇ ئۆيگە قايتۇرۇپ كەل» دېگەن، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا شۇنداق دېگەن ئىدى. پەقەت ئۆيىڭىزنى تاپالماي چۆرگىلەپ كېتىپ تېخى بۈگۈن كېلەلىدىم، دادامنىڭ گېپى بويىچە ئانامنى ئېلىپ كەتمىسەم قەتئىي بولمايدۇ، دادام ماڭا ۋەدە بەردى، بۇ قېتىم ئانامنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتەلىسەملا ئۇلار يارىشىپ قالىدىغان، ئانام بىزنىڭ ئۆيدە قېپ قالىدىغان بولدى، شۇنداق بولغاندا مەن ئانامدىن ھەرگىز ئايرىلماي ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشايمەن، - دېدى كىچىك ئابدۇللامۇ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، جاھىللىق بىلەن قوشۇمىسىنى تۈرۈپ.

-ھىم!...

سەيدۇللا باي خۇرسىنىغىنىچە چوڭقۇر نەپەس ئالدى. ئاندىن شەرۋانەمنىڭ كۆزىگە ئوبدان تىكىلىپ قاراپ قويۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ ھېچكىمگە گەپمۇ قىلماي ھوجرىدىن چىقىپ كەتتى. بۇ ئۇنىڭ شەرۋانەمگە شەپە بېرىپ «بۇ ئىشنى ئۆزۈڭ ھەل قىل، ياخشى ھەل قىلالىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگىنى ئىدى.

شۇ كۈنى شەرۋانەم ئابدۇللانى قۇچاقلاپ يىغلاپ ئولتۇرۇپ نۇرغۇن گەپلەرنى ئۇنىڭغا چۈشەندۈردى. ئاندىن بۇ ئۆيدىن زادى كېتەلمەيدىغانلىقىغا، ئەمدى بۇ يەرنىڭ ئۆز ئۆيى بولۇپ قالغانلىقىغا بالىسىنى ئىشەندۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆز يېشىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ تەسەللى بېرىپ، ئۆيگە كېتىشكە ئاران تەستە قايىل قىلدى. ئەگەر ئابدۇللا قېلىشنى خالىغان بولسا سەيدۇللا باينىڭ گېپى بويىچە ئەلۋەتتە ئۇنى ئېلىپ قالغانمۇ بولاتتى. لېكىن ئۇ كېسەل ياتقان دادىسى ۋە ئىككى سىڭلىسىدىن ئەنسىرەپ قېلىشقا پەقەتلا ئۇنىمىدى. بۇ ئەھۋالدا ئۇنى يولغا سېلىپ قويۇشتىن باشقا چارىمۇ يوق ئىدى.

ئۇلار گەپلىرىنى تۈگەتكەندە ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ باش ئەلياتقۇ مەزگىلى بولۇپ قالغانىدى. شۇڭا قەمبەر ۋە غاپپار ئىككەيلەن ئات ھارۋىسىنى قېتىپ بالىنى ئالدى بىلەن مەتنۇر ياغاقنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ ئۇلارغا ئەھۋالنى دەپ قويغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇنى ياقۇپ گەزمالچىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ كېلىدىغان بولۇپ يولغا چىقىشتى. (98-باب تۈگىدى)


-99باب

ئىتمۇ ئۆز يالىقىنى قورۇيدۇ


(162)


كىچىك ئابدۇللانىڭ ئانىسى شەرۋانەمنى ئىزدەپ بۇ قەسىرگە كەلگەنلىكى ۋە ئۇنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئايمەمەتنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. بۇنىڭ بىلەن تەڭ دادىسى سەيدۇللا باينىڭ ئابدۇللانى «ئەگەر بۇ ئۆيدە قىلىشنى خالىساڭ سېنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» دېگەن گەپلىرىمۇ قۇلىقىغا يېتىپ، بىردىنلا ئۇنىڭ جۇدۇنى ئۆرلىدى. ئۇنىڭچە بولغاندا، ئەگەر شەرۋانەمنىڭ باشقا بىر ئەردىن بولغان بالىسى بۇ ئۆيگە كېلىپ تۇرىدىغان بولسا، ئۆزىنىڭ سەيدۇللا باينىڭ بىردىنبىر ئوغلى بولۇشتەك ئىمتىيازىغا يات بىراۋلار ھۇجۇم قىلغان ھېسابلىناتتى. توي قىلىمەن دەپ شۇ ئايالنى خوتۇنلۇققا  ئالسىمۇ بوپتۇ، ئەمما ئۇنىڭ باشقا ئەرلەردىن بولغان بالىسىنى ئەكىلىپ بالا قىلىپ بېقىۋالسا، سەيدۇللا باينىڭ ئوغلى ئىككى بولۇپ قالمامدۇ؟ بەرىبىر ئۆگەي دېگەن ئۆگەي، ئۇنى بۇ ئۆيگە ئەكىلىپ بېقىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغۇدەك بولسا ئاز- تولا پۇل- پىچەك بېرىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويسىمۇ بولىدۇ. لېكىن نېمە دەپ ئۇنى دادىسىدىن ئايرىپ بۇ ئۆيگە ئەكىلىۋالىدۇ؟ ناۋادا ئابدۇللا ئۇ يەردە قېلىشنى خالىغان بولسا، بۇ كەمگىچە ئۇ ئايمەمەتنى ئاكا دەپ، سەيدۇللا باي ئايمەمەتكە «بۇ بالىنى ئۇكام دەيسەن» دەپ زورلاپ، ئىشلار مۇشۇنداق ئوڭ- تەتۈر بولۇپ كېتەرمىدى؟ دادىسىنىڭ ئۆز ئانىسىدىن ئاجرىشىپ كېتىپ كۆڭلىنى يېرىم قىلغىنى، ئۆزى ۋە ئاچىلىرىنى يېتىملىك كوچىسىغا ئىتتىرىۋەتكىنىنى بوپتۇ كەچۈرىۋەتسىمۇ بولىدۇ. لېكىن باشقا بىر ئايالنىڭ بالىسىنى بۇ ئۆيگە ئەكىلىپ، ئۆزىنىڭ يېنىغا ئۇكا قىلىپ تىكلەپ قويۇشىنى ئۇ پەقەتلا خالىمايتتى.
شۇ سەۋەبتىن جۇدۇنى ئۆرلەپ ئاچچىقى كېلىپ قالغان ئايمەمەت تۇنجى قېتىم دادىسىغا قارشى چىقىپ، ئۇ بالىنى بۇ ئۆيگە ئېلىپ كەلمەسلىكنى ئۆتۈندى. ئەمما سەيدۇللا باي ئەزەلدىن ئۇنى بۇ ئۆيدە ئېلىپ قېلىشنى مەقسەت قىلمىغان بولۇپ، پەقەت ئەدەب- قائىدە يۈزىسىدىن، شەرۋانەمنىڭ كۆڭلىنى ئاياپلا «قېلىشنى خالىساڭ قارشى ئالىمەن» دەپ قويغان ئىدى. ئۇمۇ ھەم ياقۇپ گەزمالچىنىڭ بىردىنبىر ئوغلىنى ئۆزىگە مۇنداقلا ئوڭاي بېرىۋەتمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. شۇڭا ئۇ ئايمەمەتكە بۇ تەرەپلىرىنى چۈشەندۈرگەچ ئوغلىنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى. شۇ سۆھبەتتىن كېيىن ئايمەمەتنىڭ كۆڭلى تىنىپ دادىسىنىڭ ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بولسىمۇ، ئەمما «ئامال قىلىپ شەرۋانىخان دېگەن بۇ ئايالنى ئۆيدىن كەتكۈزىۋېتىپ، ئۆز ئانامنى قايتۇرۇپ كەلمىسەم بولمىغۇدەك جۇمۇ» دېگەن بىر ئاڭ كۆڭلىدە توغرا تۇرىۋالدى. دەل بۇ سەۋەبتىن ئۇ شەرۋانەمگە كۆڭۈلسىز چىقىپ قېلىپ، بۇرۇنقىدەك ئۆچمۇ كۆرمەيدىغان، ئامراقلىقمۇ قىلمايدىغان، پەقەت مۇشۇ ئۆينىڭ بىر ئەزاسى دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلا تەرىپىنى بىراقلا ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان، پەقەتلا ياقتۇرمايدىغان بىر ھالغا كېلىۋالدى. ئۇيان ئۆتكەن، بۇيان ئۆتكەنلىرىدە ئۇنى دادىسىغا ئەسكى قىلىپ چېقىشتۇرۇپ، قىلمىغان ئىشلىرىنى قىلدى دەپ، كىچىككىنە خاتالىقلىرىنى كۆپتۈرۈپ سۆزلەپ، ھەر ئاماللار بىلەن ئۇنى بۇ ئۆيدىن قوغلاشقا تىرىشىپ تۇرىدىغان بولىۋالدى. سەيدۇللا باي ئۇنىڭ نېمىشقا مۇنداق قىلىدىغان بولىۋالغانلىقىنى تەگلەپ ئويلاپ چۈشىنىپ يېتەلىدى. لېكىن شەرۋانەم بۇنىڭ تېگىگە يېتەلمەي ھەر ۋاقىت كۆڭلى يېرىم بولغىنى بولغان ئىدى.

شۇ ئىشلاردىن كېيىن ئايمەمەت دادىسىنىڭ ئەتراپىنى چۆگىلەپ يىراق كەتمەيدىغان، تولا ھاللاردا ئۇنىڭ يېنىدىلا يۈرىدىغان، چوڭ بولۇپ قالغىنىغا قارىماي كەچلىرى «سىلى بىلەن بىللە ئۇخلايمەن» دەپ ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىۋالىدىغان بولىۋالدى. ئەلۋەتتە، سەيدۇللا باينىڭ ھازىرقى ھۇجرىسى پەقەت ئۆزىنىڭلا ئەمەس، شەرۋانەم ئىككىسىنىڭ ھۇجرىسى ئىدى. يېڭى توي قىلغان ئەر- خوتۇنلاردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىككىسىنىڭ ئايرىم شەخسىي تۇرمۇشى بولىدىغانلىقى نورمال ئەھۋال بولغىنىدەك، ئايمەمەتمۇ ھەم بۇلارنى بىلىدىغان، چۈشىنىدىغان ياشتا ئىدى. شۇڭا ئۇ ئىمكان بار دادىسىغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ شەرۋانەم بىلەن بىللە ئۆتىدىغان ۋاقىتلىرىنى قىسقارتىپ، كۆپىنچە ۋاقىتلىرىنى ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، ئاچىلىرىغا قارىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتاتتى. ئۇنىڭ قەستەن ئارىغا قىستۇرۇلىۋېلىپ يۈرگەنلىكىنى سەزگەن شەرۋانەمنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى، لېكىن ئارتۇقچە قارشىلىق بىلدۈرمىدى. ئۇ سەزگەنگە ئوخشاش، سەيدۇللا بايمۇ ئايمەمەتنىڭ نېمىشقا بارغانسېرى ئۆزىگە بەكلا ئىچەكىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىماي قالمىدى. ئۇنىڭ پەقەت مۇشۇ بىرلا ئوغلى بولغانلىقتىن، يەنە كېلىپ ئىنىسى خەيرۇللا كىچىك ۋاقتىدا ئۇ سىرتنىڭ سودا ئىشلىرىغا بەكرەك كىرىشىپ قېلىپ ئائىلىدە كۆپ تۇرمىغانلىقى ئۈچۈن بۇلارنىڭ سەۋەبىنى بەك ئويلاپ يېتەلمەيتتى. ئۇ پەقەت «ئوغۇل بالىلار بالاغەت يېشىدا بەلكىم دادىسىغا بەكرەك يېقىن تۇرسا كېرەك» دەپلا ئويلايتتى.

شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ قوشكېزىكى ئايزىبا خېنىم بىلەن بۇ ھەقتە پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭدىن شەرۋانەمنى ئۆز ئۆيىگە كەتكۈزىۋېتىشكە ياردەم قىلىشنى ئۆتۈندى. ئايزىبا خېنىم ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ قوشكېزىكىنىڭ بەكمۇ تەستە مۇشۇ قارارغا كەلگەنلىكىدىن خۇش بولغان ھالدا:

-ئاخىرى ئويلاپ يېتەلىپسەن، بۇ خوتۇن مۇشۇ ئۆيدىلا بولسا بىزگە كۈن يوق، ئايسەنەمنىڭ سەۋەبىدىن دادام ئانامنى ھەيدىۋەتكەن، ئەمدى بۇنى ئالغاندىن كېيىن دادامنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىپ بىز بىلەن پەقەتلا كارى يوق قىلىۋەتتى، ئۇ ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ بەرىبىر ئۆگەي ئانا، بىزگە ئۆگەيلىكىنى چاندۇرۇپلا تۇرىدۇ، ھەرگىز ئۆز ئانىمىزدەك بولالمايدۇ، مومام بىزگە ھەرقانچە ئامراق بولسىمۇ ئۇ بەرىبىر كېسەلچان، پالەچ، بىزگە قارىغۇدەك ھالىمۇ، ئىمكانىمۇ يوق، بۇ خوتۇن ھازىرغۇ مومامدىن قورقۇپ بىزگە يامانلىق قىلالمايدۇ، ئەمما قايسىبىر كۈنى مومام كۆز يۇمۇپ ئالەمدىن كەتكۈدەكلا بولسا «ئەمدى قوغدايدىغان ئادىمى قالمىدى» دەپلا بىزگە قارا قولىنى سۇنۇشتىن يانمايدۇ، ئايچېھرە ئاچامغۇ توي قىلىپ كېتىپ بۇ ئۆيدىكى دەرد- خاپىلىقلاردىن بىراقلا قۇتۇلدى، ئېرىنىڭ ئۆيىدە ئەتىۋارلىق كېلىن ئاغىچا بولۇپ ئولتۇرىدۇ ئەنە، ئايتۇرسۇن ئاچام كۆرۈنۈشكە ياماندەك قىلغان بىلەن يۈرىكى يوق، ئېغىزىدا يوغان گېپىلا بار يۇۋاشلاردىن بولۇپ چىقتى، بىرەر ئىشقا يولۇقسا مەيدىسىگە مۇشتلاپ ئالدىغا چىقىپ باقىدۇ-يۇ، ئۆزىدىنمۇ چوڭراق سۆزلەيدىغان بىرسىگە ئۇچرىسا دەرھال يۇۋاشلاپ كەينىگە يانىدۇ، ئۇنى ھېچقاچان «بىزگە يار- يۆلەك بولارمىكىن» دەپ ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا يا ئۆزىمىزگە تايىنىشىمىز كېرەك، يا ئانامنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ ئۇنىڭ بۇ ئۆيدىكى ئورنىنى قايتىدىن قولىغا ئېلىشىغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك، بۇ بىر ھېسابتا ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ياردەم قىلغانلىق، يەنە كېلىپ مەن ئانامنى بەكمۇ سېغىندىم، ئۇ بۇ ئۆيدە بار چاغدا بىزنىڭ دېگىنىمىز دېگەن، قىلغىنىمىز قىلغان ئىدى، ھېچكىم ئالىيىپمۇ قارىيالمايتتى، ئۇ كەتكەندىن بېرى ھەتتا خىزمەتكارلارمۇ بىزنى كۆزگە ئىلمايدىغانلا بولدى، ھەرقانداق ئىشتا ئايسەنەم بىلەن مۇشۇ شەرۋانىخاننىڭ دېگىنى دېگەن، قىلغىنى قىلغان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، تېخى داداممۇ ئۇلارغا يان بېسىپ بىزگە ھومىيىشنى ئۆگىنىپتۇ، ئانىمىز بولغان بولسا ھەرگىز ئۇنداق قىلمايتتى، گېپىمگە ئىشەن، بۇ خوتۇن دادامنى بىز بىلەن ئىناق قويمايدۇ، يەنە تېخى بىز قىزلارنى ئەرگە بېرىپ چىقىرىپ تۈگەتسە بۇ ئۆيدە سەن قالىسەن، ئاندىن ئۇ خوتۇن ئۆز ئوغلىنى ئەكىلىپ بۇ ئۆيدە ئەتىۋارلاپ بېقىپ، سېنى ئانامنىڭ ئۆيىگە كەتكۈزىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ يېنىغا كەتسەكقۇ مەيلى، يامان بولمايدۇ، لېكىن مۇشۇ ئارقىلىق ئانام تۇغقان تۆت بالىنى بۇ ئۆيدىن سويغان پىيازدەكلا ھەيدەپ چىقىرىپ قويماقچى ئۇ، ئەسلى بۇ خوتۇن بولمىغان بولسا دادامنىڭ تاپقان- تەرگىنى ھەممىسى بىزنىڭ دېگەن گەپ، ۋايەي!... غەزەب ئىچى قۇتۇر، ئەمما كاللىسى ۋەھشى ئىشلەيدىغان خوتۇنكەن بۇ، ھەي، كاللاڭنى سەگەك تۇت، ئۇنىڭغا بوزەك بولمايلى جۇمۇ، بىر ئامال قىلىپ ئۇنى ھەيدىۋېتىپ ئانامنى ئەكىلىۋالايلى بىز، پۇرسەت تېپىپ بۇ ھەقتە ئاچىلىرىم بىلەنمۇ سۆزلىشىمەن تېخى،- دېدى.

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章