قورال-ياراغلارنى تۈزەشنىڭ جۇڭگوچە ئۈلگىسى تىكلەندى

时事   2024-11-16 10:04   北京  

گۇڭئەن مىنىستىرلىقى: جۇڭگو دۇنيا بويىچە قورال-ياراغ-زوراۋانلىق جىنايىتى يۈز بېرىش ئەھۋالى ئەڭ تۆۋەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى

11-ئاينىڭ 14-كۈنى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. گۇڭئەن مىنىستىرلىقى ئامانلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چى شىگو يىغىندا مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، قورال ـ ياراغقا دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش، تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇردى، جەمئىيەت قاتلىمىدىن قانۇنسىز قورال ـ ياراغ، پارتلاتقۇچ بۇيۇملار زور دەرىجىدە ئازايتىلدى، قورال ساقلاش، پارتلىتىش جىنايىتى دېلولىرى ئۇدا زور دەرىجىدە ئازايدى، جۇڭگو دۇنيا بويىچە قورال-ياراغ، زوراۋانلىق جىنايىتى يۈزبېرىش دېلوسى ئەڭ تۆۋەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، قورال-ياراغلارنى تۈزەشنىڭ جۇڭگوچە ئۈلگىسىنى تىكلىدى.

چى شىگو مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرما بويىچە كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، قورال ـ ياراغقا، پارتلىتىشقا ئالاقىدار بىر تۈركۈم دېلولارنى پاش قىلىپ، بىر تۈركۈم قانۇنسىز قورال ـ ياراغ، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى يىغىپ، بىر تۈركۈم قورال ـ ياراغ جەھەتتىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگەتتى. ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە قورال ساقلاش، پارتلىتىش جىنايىتى دېلولىرى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 25.8 ئازايدى. بۇ يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار جەمئىي 19 مىڭ قورال-ياراغ، پارتلىتىش دېلوسىنى پاش قىلىپ، 54 شايكىنى بىتچىت قىلدى، 237 ئۇۋىنى بىتچىد قىلدى. جياڭشى، خۇبېي قاتارلىق جايلاردىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى بىر تۈركۈم پەۋقۇلئاددە زور، قانۇنسىز قورال-ياراغ، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى ياساش-سېتىش دېلولىرىنى پاش قىلىپ، مۇشۇ ئاساستا 34 قېتىم پۈتۈن مەملىكەت بويىچە توپ دېلو پاش قىلىش بىرلەشمە جېڭى تەشكىللەپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت گۇماندارىدىن جەمئىي 831 كىشىنى تۇتتى، 495 دانە قورال-ياراغ، 290 توننا ئاسان پارتلاتقۇچ بۇيۇم ياسىغىلى بولىدىغان خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇمنى يىغىۋالدى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

دۆلەت خادىملىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

ئېلان قىلىندى! تەكشۈرۈلدى!

پۇتىن ترامپ بىلەن ئۇچرىشامدۇ؟

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章