تۇنجى قېتىم! دۆلىتىمىز تۈزىتىش كىرگۈزمەكچى بولۇۋاتقان قانۇن

时事   2024-11-07 12:02   北京  

تۇنجى قېتىم! دۆلىتىمىز تۈزىتىش كىرگۈزمەكچى بولۇۋاتقان قانۇن! ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى

پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىجادىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئۇللۇق خىزمەت. 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى، بۇ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنىغا 2002-يىلى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھېسابلىنىدۇ.

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھە پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلاشقان، دىققەت پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن، تۈزۈم ئەلالاشتۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىلغان،تۈزۈلمە-مېخانىزم مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن، «پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى» ۋە «پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خادىملىرى»دىن ئىبارەت ئىككى باب يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن، جەمئىي سەككىز باب، 60 ماددا بولغان، ئاساسلىقى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە نىشان-يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، كاپالەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئىككى ياشتىن يۇقىرى ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى قوبۇل قىلىدۇ

بۇ ئىقتىدار ئېچىلدى، سۈرۈشتۈرۈڭ

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا

شەخسىي ئىستېمالچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 650 يۈەن ئالالايدۇ

ئۈرۈمچى شەھىرى بىر تۈركۈم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى

جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى

ئىككىدىن بىرنى تاللاش قاتارلىق قىلمىشلار قاتتىق چەكلىنىدۇ

ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر

خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى

جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى

جۇڭگو جىددىي ياردەم قىلدى

مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章