خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەربىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ
ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز.
ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
生活对你所有的亏欠,都抵不过你给自己的一拳
تۇرمۇشتا تارتقان بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭىز ئۆزىڭىزگە مەدەت بەرگىنىڭىزگە يەتمەيدۇ
ღ ღ ღ
新年伊始,加薪后,突然发现自己的薪水比预期得少,你会怎么做?
يېڭى يىل باشلىنىپ، مائاش ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، مائاشىڭىزنىڭ مۆلچەرىڭىزدىكىدىن ئاز بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز قانداق قىلىسىز؟
不少人的选择是沉默。
نۇرغۇن ئادەم سۈكۈت قىلىشنى تاللايدۇ.
年初,我就见过这么一件事,公司一个业绩冲进三甲的团队薪资涨幅突破历年新低。每个人都私下里议论纷纷,却没一个人去问为什么。
يىل بېشىدا مۇنداق ئىشقا يولۇقتۇم، يەنى شىركەتتە خىزمەت نەتىجىسى «AAA»نىڭ ئىچىگە كىرگەن گۇرۇپپىنىڭ مائاشىنىڭ ئۆسۈش دائىرىسى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىنمۇ تۆۋەن بولدى. شۇ سەۋەبتىن ھەممە ئادەم ئۆز ئىچىدە توختىماي مۇنازىرە قىلىشقان بولسىمۇ، ئەمما، ھېچكىم بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىمىدى.
我劝他们去问问老板,得到了以下的各种回复。
مەن ئۇلارغا غوجايىندىن سوراپ بېقىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلغاندا، تۆۋەندىكىدەك جاۋابلارغا ئېرىشتىم:
A说:“估计是去年经济形势不好,整体业绩下滑。”
شياۋ ۋاڭ: «بەلكىم، ئۆتكەن يىل ئىقتىسادىي ئەھۋال ياخشى بولماي، خىزمەت نەتىجىمىز ئومۇميۈزلۈك چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن» دېدى.
B说:“可能是我休假时间太长了。”
شياۋ جاڭ: «ئېھتىمال، مېنىڭ يىللىق دەم ئالغان ۋاقتىم ئۇزىراپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن» دېدى.
C说:“我去年得罪了一个大客户。”
شياۋ خوڭ: «مەن ئۆتكەن يىلى بىر چوڭ خېرىدارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغان» دېدى.
到了节后,老板请大家吃开工饭,说起去年公司业绩好,顺便感谢了一些大家的努力时,才有人胆战心惊地问了一句。
بايرامدىن كېيىن، غوجايىن كۆپچىلىكنى ئىش باشلاش تامىقى يېيىشكە تەكلىپ قىلىپ، ئۆتكەن يىلى شىركەتنىڭ خىزمەت نەتىجىسى ياخشى بولغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىدى. ئۇ گەپ ئارىلىقىدا كۆپچىلىككە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە، ئاندىن بىرەيلەن قورۇنۇپ تۇرۇپ بۇ توغرىسىدا سوراشقا پېتىندى.
这才发现,是人力资源的一个乌龙,搞错了数字。
شۇ چاغدىلا ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىدىكى بىر ھاڭۋاقتىنىڭ ساننى خاتا يېزىپ قويغانلىقى بايقالدى.
老板一脸黑线,从涨工资到吃饭已经快两个月了,如果没有这顿饭,估计等到年底核算的时候才能发现。
بۇنىڭدىن غوجايىننىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى. چۈنكى، مائاش ئۆستۈرۈلگەندىن تارتىپ تاماق يېيىلگۈچە بولغان ئارىلىقتا ئىككى ئايدەك ۋاقىت ئۆتكەن، ناۋادا، مۇشۇ قېتىملىق تاماق يېيىلمىگەن بولسا، بۇ ئىش يىل ئاخىرىدا ھېساب قىلغاندا ئاندىن بايقىلاتتى.
这事细想挺有意思的。得不到自己想要的东西时,有些人表现出的不是不满或者质疑,而是第一时间开始杜撰,而通常都是觉得自己身上各种问题。
بۇ ئىشنى تەپسىلىي ئويلىسا تولىمۇ قىزىقارلىق بىلىنىدۇ. ئارزۇ قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشەلمىگەندە، بەزىلەر نارازىلىق بىلدۈرۈش ياكى گۇمانلىنىشنىڭ ئورنىغا، ئەڭ ئالدى بىلەن باھانە ئىزدەپ، ئۆزىدە ھەرخىل مەسىلە باردەك ھېس قىلىدۇ.
有人说,这是情商高的表现呀,懂得在自己身上找原因,并且自己消化了坏情绪。
بەزىلەر بۇنىڭدەك سەۋەبنى ئۆزىدىن ئىزدەش ھەمدە ناچار كەيپىياتىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىۋېتىشنى ھېسسىيات بۆلۈنمىسى يۇقىرىلىقنىڭ ئىپادىسى، دېيىشىدۇ.
不好意思,并不是。
بىراق، ئۇنداق ئەمەس.
ღ ღ ღ
这种行为在心理学上被称作自我防御,简单来说,就是一个人为了压抑自己的难过,把明明不合理的事情合理化。
بۇ خىل قىلمىش پىسخولوگىيەدە ئۆز-ئۆزىدىن مۇداپىيەلىنىش دېيىلىدۇ. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ بىئاراملىقىنى بېسىۋېتىش ئۈچۈنلا نامۇۋاپىق ئىشلارنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىدۇر.
“因为我错了,所以你对我不好也很正常。”
«مەن خاتالاشقانلىقىم ئۈچۈن سىزنىڭ ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلماسلىقىڭىز ناھايىتى نورمال.»
神逻辑。
«قالتىس» لوگىكا.
显然,这不是情商高,而是一种病,得治。
ئېنىقكى، بۇ ھېسسىيات بۆلۈنمىسىنىڭ يۇقىرىلىقى بولماستىن، بەلكى داۋالاشقا تېگىشلىك بىر خىل كېسەللىك.
生活里,总能听到人问,为什么不好的事总是发生在我身上。
تۇرمۇشتا ھەمىشە بەزىلەرنىڭ: «نېمىشقا نەس باسىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ماڭىلا ئۇچرايدىغاندۇ؟» دەيدىغانلىقىنى ئاڭلايمىز.
讲真,生活对你所有的亏欠,都比不上你给自己那一拳。你大概也不会知道,生活的坎坷里大多有你自己的铺垫。
راستىنى ئېيتقاندا، تۇرمۇشنىڭ سىزگە كەلتۈرگەن بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلىرى سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە مەدەت بەرگىنىڭىزگە يەتمەيدۇ. سىز، ئېھتىمال، تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىقلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئاساس سالغانلىقىنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.
心理学上有一种“皮格马利翁效应”:你期望什么就会得到什么。你相信自己可以成功,好事就会发生,你相信事情不会顺利,就真的不顺利。
پىسخولوگىيەدە «پىگمەلىيېن ئېففېكتى» دەيدىغان ئاتالغۇ بار: نېمىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، شۇنىڭغا ئېرىشىسىز. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنسىڭىز، ياخشى ئىش يۈز بېرىدۇ، ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولمايدىغانلىقىغا ئىشەنسىڭىز، راستتىنلا ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ.
听起来真像胡扯。
بۇ سۆزلەر ئاڭلىماققا تولىمۇ بىمەنە تۇيۇلىدۇ.
来看一个实验。
بىر تەجرىبىنى كۆرۈپ باقايلى.
新学期开始,加州某学校的校长对两位老师说:“根据过去的表现,你们是本校最好的老师。为了奖励你们,学校挑选了最聪明的学生给你们。请你们像平常一样教他们,千万不要让孩子或家长知道他们是被精心挑选的。”
يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلانغاندا، كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى مەلۇم مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئىككى ئوقۇتقۇچىغا: «ئىلگىرىكى ئىپادەڭلارغا ئاساسلانغاندا، سىلەرنى مەكتىپىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىلىرى دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا، سىلەرنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، مەكتەپ ئەڭ ئەقىللىق ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ سىلەرگە بەردى. ئۇلارنى ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدەك تەربىيەلىسەڭلارلا بولىدۇ، بالىلار ياكى ئائىلە باشلىقلىرىغا ئۇلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تاللانغانلىقىنى ھەرگىز چاندۇرۇپ قويماڭلار» دەيدۇ.
当然,这是个骗局。
ئەلۋەتتە، بۇ بىر ئالدامچىلىق ئىدى.
可是,结果,两年后,这两个班的学生比其他班学生分数高出几倍。
بىراق، ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ ئىككى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى باشقا سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى چىقىدۇ.
这是1960年哈佛大学罗森塔尔博士为了验证“期待效应”而在加州进行的一个广为流传的实验。实验的结论就是你对自己的预期会成为你的现实。
بۇ 1960-يىلى خارۋارد داشۆسىدىكى دوكتۇر روسېنتالنىڭ «ئىنتىزارلىق ئېففېكتى»نى دەلىللەش ئۈچۈن كالىفورنىيە ئىشتاتىدا ئېلىپ بېرىپ، كەڭ تارقالغان تەجرىبىسىدۇر. بۇ تەجرىبىنىڭ يەكۈنى بولسا: «سىز ئۆزىڭىزدىن نېمىنى كۈتكەن بولسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ ئەمەلىيىتىڭىزگە ئايلىنىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت.
为什么会出现这样的情况?
نېمىشقا بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟
社会心理学家William B. Swann的“自我验证理论”给出了一点思路。
ئىجتىمائىي پىسخولوگىيە ئالىمى ۋىليام B سىۋەننىڭ «ئۆزىنى دەلىللەش نەزەرىيەسى» بۇ سوئالنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن.
每个人上都在寻求一种对外界的控制和预期,所以会不断地寻求事实去验证我们对自己的观点。也就是说为了证明自己是对的,我们会去做一些看上去“对”的事情。
ھەممە ئادەم سىرتقى مۇھىتنى كونترول قىلىشنى ئويلايدىغانلىقى ھەمدە بەزى ئىشلارغا قارىتا مۇئەييەن مۆلچەرى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئۆز كۆز قارىشىنى دەلىللىمەكچى بولىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قارىماققا «توغرا»دەك كۆرۈنىدىغان ئىشلارنى قىلىمىز.
同理,如果你觉得自己很差劲,你也会不断地通过在生活里受挫来证明自己是对的。
ئوخشاش قائىدە بويىچە، ناۋادا، سىز ئۆزىڭىزنى بەك ئىقتىدارسىز دەپ ئويلىسىڭىز، تۇرمۇشتا ئۈزۈكسىز ئوڭۇشسىزلىققا يولۇقۇش ئارقىلىق ئۆز ئويىڭىزنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايسىز.
所以,身边那些从小就学习好的人很少长大之后突然落后,而那些小时候就淘气不爱学习的人也要比常人付出更多的努力才能成功逆袭。
شۇڭا، ئەتراپىمىزدىكى كىچىكىدىن ئۆگىنىشى ياخشى كىشىلەردىن چوڭ بولغاندا تۇيۇقسىز ئارقىدا قالىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز بولىدۇ، كىچىكىدە كەپسىز، ئۆگىنىشنى ياقتۇرمايدىغانلار ئادەتتىكى ئادەملەردىن كۆپرەك تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، ئاندىن قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيدۇ.
看出来没有,人的失败,很多时候,其实是自废武功。
ئادەمنىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، ئۆز ماھارىتىنى ئۆزى كاردىن چىقىرىشى ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلىدىڭىزمۇ؟
ღ ღ ღ
生活里另一个典型的例子就是婚恋中的自卑。
تۇرمۇشىمىزدىكى يەنە بىر تىپىك مىسال دەل توي تۇرمۇشى ۋە مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا ئۆزىنى كەمسىتىشتۇر.
身边不少平时自诩情商高、能力强的职场白骨精一到相亲场就变成了缩头乌龟,年纪大、身材差、眼睛小、皮肤黑,连赚钱多、学历高都成了缺陷。
ئەتراپىمىزدىكى ئۆزىنى «ھېسسىيات بۆلۈنمەم يۇقىرى، قالتىس ئىقتىدارلىق» دەپ قارايدىغان خىزمەتچى خادىملار لايىق تونۇشتۇرۇش سورۇنىغا كەلسىلا بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالىدۇ، يېشى چوڭ، فىگورىسى ئانچە قاملاشمىغان، كۆزلىرى كىچىك، تېرىسى قارامتۇل بولۇش، ھەتتا، پۇلنى كۆپ تېپىش، ئوقۇش تارىخى يۇقىرى بولۇش قاتارلىقلارمۇ ئۇلارنىڭ كەمچىلىكى بولۇپ قالىدۇ.
有个女同事嫌自己长得太胖,硬是用公斤来挑相亲对象,说得找个至少能背她的。朋友们都说她找老公得开个奥运会。
بىر ئايال خىزمەتدىشىمىز ئۆزىنىڭ بەكلا سېمىز ئىكەنلىكىدىن ئاغرىنىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى لايىق تاللاش ئۆلچىمى قىلىۋالدى ھەمدە ھېچبولمىغاندا ئۆزىنى يۈدىيەلىگۈدەك ئادەم تاپمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن، دوستلىرى ئۇنىڭغا: «لايىق تاللاش ئۈچۈن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرسىڭىز بولىدىكەن» دېيىشتى.
听上去是笑话,说起来都是泪。
بۇ ئاڭلىماققا يۇمۇردەك بىلىنسىمۇ، ئەمما، ئارىدىكى تەپسىلاتلار كىشىنىڭ كۆڭلىنى تولىمۇ يېرىم قىلىدۇ.
你觉得自己不美,就会不断地用别人对你的态度来证明自己长得难看,这才出现了困扰很多人的社交障碍。
ئۆزىڭىزنى كۆرۈمسىز دەپ ئويلىغانلىقىڭىز ئۈچۈن باشقىلارنىڭ سىزگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئارقىلىق كۆرۈمسىزلىكىڭىزنى توختىماي ئىسپاتلايسىز، مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلى سىزدىمۇ نۇرغۇن ئادەمنى قىينايدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە توسالغۇسى يۈز بېرىدۇ.
你最糟糕的那一面永远在自己眼里。
سىزنىڭ ئەڭ ناچار تەرىپىڭىز مەڭگۈ ئۆز نەزىرىڭىزدىلا بولىدۇ.
戴尔·卡耐基在《人性的弱点》里说,成熟的人会适度地忍耐自己,正如他适度地忍耐别人一样。他不会因为自己的一些弱点而感到活得很痛苦。不喜欢自己的人,表现在外的症状之一就是过度自我挑剔。适当程度的自爱对每一个正常人来说,都是健康的表现。
دېل كارنىگ ئۆزىنىڭ «ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئاجىزلىقلار» ناملىق كىتابىدا: «پىشىپ يېتىلگەن ئادەم باشقىلارغا مۇۋاپىق دەرىجىدە سەۋرچان بولغىنىغا ئوخشاش ئۆزىگىمۇ مۇۋاپىق دەرىجىدە سەۋرچان بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئاجىزلىقلىرى تۈپەيلى تۇرمۇشىنى تولىمۇ ئازابلىقتەك ھېس قىلىۋالمايدۇ. ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلاردا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەرنىڭ بىرى دەل ئۆزىدىن زىيادە قۇسۇر ئىزدەشتۇر. ھەربىر نورمال ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇۋاپىق دەرىجىدە ئۆزىنى سۆيۈش ساغلاملىقنىڭ ئىپادىسىدۇر» دېگەن.
而成功的人往往懂得自我欣赏。
مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار ھەمىشە ئۆز-ئۆزىدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىدۇ.
我有个远房亲戚是个单身妈妈,年轻的时候眼光差、见识少,嫁给了一个赌徒,拜光了家产,后来孩子出生之后,她却选择了离婚,看着毫无希望的婚姻,她不想让孩子承受和她一样的不幸。
مېنىڭ بىر يىراق تۇغقىنىم يالغۇز ئانا ئىدى. ياش ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارى ناچار، كۆرگەن-بىلگىنى ئاز بولغانلىقتىن، بىر قىمارۋازغا ياتلىق بولۇپ، ئۆي-بىساتىدىن ئايرىلدى، پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ توي تۇرمۇشىدا ئۈمىد قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بالىسىنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش بەختىسىزلىككە ئۇچرىتىشنى خالىماي، ئاجرىشىپ كەتتى.
她说要离婚的时候,全家人都傻眼,有人说快四十岁的女人带着一个孩子,后半辈子怎么过。有人说,没有爸爸的孩子一辈子谈不起头。她没听,坚决地把婚离了。
ئۇ ئاجراشقاندا ئائىلىسىدىكى ھەممەيلەن ھەيران قالغان، بەزىلەر: «40 ياشقا كىرىپ قالاي دېگەن ئايال بالىسىنى بېقىپ، كۈنلىرىنى قانداق ئۆتكۈزەر؟» دېيىشسە، يەنە بەزىلەر: «دادىسى يوق بالا بىر ئۆمۈر بېشىنى كۆتۈرۈپ ياشىيالمايدۇ» دېيىشكەن بولسىمۇ، ئەمما، ئۇ بۇلارغا قۇلاق سالماي، قەتئىيلىك بىلەن ئاجراشقانىدى.
离婚之后,她把心思都放在赚钱和养孩子上,家人朋友却像热锅上的蚂蚁一样急着给她找对象,劝她不要挑三拣四。她还是没听。
ئاجراشقاندىن كېيىن، ئۇ پۈتۈن زېھنىنى پۇل تېپىش ۋە بالىسىنى بېقىشقا قاراتتى، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرى بولسا پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئۇنىڭغا لايىق تېپىشقا ئالدىرىدى، ئۇنىڭغا كۆپ تاللىماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى. بىراق، ئۇ يەنىلا قۇلاق سالمىدى.
就在所有人都觉得她再婚无望的时候,孩子的英语班上认识了一个年轻的外教,没多久就领证了。这回家人放心了,据说跨国婚姻还不太好离。
ھەممە ئادەم ئۇنىڭ قايتا توي قىلىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈپ تۇرغاندا، ئۇ قىزىنى بەرگەن ئىنگلىز تىلى كۇرسىدا بىر ياش چەتئەللىك ئوقۇتقۇچى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي توي خېتى ئالدى، ئائىلىسىدىكىلەر دۆلەت ھالقىپ توي قىلغانلارنىڭ ئاجراشمىقى تەسلىكىنى ئويلاپ خاتىرجەم بولۇشتى.
想当初,她放下豪言“我又不比谁差,凭什么要将就”的时候,不知道挨了多少板砖。可她心里有一股韧劲儿,有没有爱情,她都相信自己能过得好。
ئەينى چاغدا، ئۇ پو گەپ قىلىپ: «مەن ھېچكىمدىن تۆۋەن بولمىسام، نېمىشقا ئەپلەپ-سەپلەپ بىر ئىش قىلىدىكەنمەن؟» دېگەندە قانچىلىك تەنقىدكە ئۇچرىغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ. بىراق، شۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆڭلىدە تۇرمۇشىدا مۇھەببەت بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزىنىڭ ياخشى ياشىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشتىن ئىبارەت قەيسەرلىك بار ئىدى.
我最喜欢她对人生的态度,尽最大的努力,做最坏的打算。但无论怎样绝不自我抛弃。
مەن ئۇنىڭ ھاياتتا ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، ئەڭ يامان ئاقىۋەتنى ئويلاش، بىراق، نېمىلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز-ئۆزىنى تاشلىۋەتمەسلىكتەك پوزىتسىيە تۇتۇشىنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن.
ღ ღ ღ
人生最容易失控的时候,就是在否定自己的时候。那些让我们感到恐惧的事,百分之九十都没发生过。可是因为害怕被抛弃、被否认,所以往往别人还没反应,我们自己就先预设了结局。
ھاياتتا ئادەم كونتروللۇقىنى ئەڭ ئاسان يوقىتىدىغان ۋاقىت دەل ئۆز-ئۆزىنى ئىنكار قىلغان ۋاقىتىدۇر. بىزنى ۋەھىمىگە سالىدىغان ئىشلارنىڭ %90ى يۈز بەرمەيدۇ. بىراق، تاشلىۋېتىلىش، ئىنكار قىلىنىشتىن قورقۇش سەۋەبلىك باشقىلار ئىنكاس بىلدۈرمەي تۇرۇپلا، ئاقىۋىتىنى ئۆزىمىز پەرەز قىلىپ بولىمىز.
每个人都想成为三观正,修养好,又能给人很多正能量的人,可是,一个人心里没火种,根本不可能有光芒。而要想做到这一点,你不能抓着自己的缺陷不放。
ھەممە ئادەم ئۈچ خىل قارىشى توغرا، ساپاسى يۇقىرى، باشقىلارغا كۆپلەپ ئاكتىپ ئېنىرگىيە تارقىتالايدىغان ئادەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق، ئادەمنىڭ قەلبىدە ئوت بولمىسا، مەڭگۈ يورۇقلۇق چىقىرالمايدۇ. شۇڭا، بۇ نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولسىڭىز، كەمچىلىكىڭىزگىلا ئېسىلىۋېلىشىڭىزغا بولمايدۇ.
成功是把天赋练到极致,而不是跟自己的缺点没完没了的死磕。
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تالانتنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىگە يەتكۈزۈش، ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىگە كىرىشىۋېلىپ قويۇۋەتمەسلىك ئەمەس.
让爱因斯坦唱歌,让莫扎特画画,让梵高踢足球,世界该有多搞笑。
ئېينىشتىيىننى ناخشا ئېيتقۇزسا، موزارتنى رەسىم سىزدۇرسا، ۋان گوخقا پۇتبول تەپكۈزسە، بۇ دۇنيا قانچىلىك كۈلكىلىك بولۇپ قالار؟
成熟就是懂得取悦自己。而取悦自己就要适度容忍自己的不足。有些缺点可以通过后天的努力改变,但你得承认人有天赋异禀的差距。
پىشىپ يېتىلىش ئۆزىنى خۇش قىلىشنى بىلىش دېمەكتۇر. ئۆزىنى خۇش قىلىش بولسا ئۆز كەمچىلىكىگە مۇۋاپىق دەرىجىدە كەڭقورساق بولۇش دېمەكتۇر. بەزى كەمچىلىكلەرنى كېيىنكى كۈنلەردىكى تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق ئۆزگەرتكىلى بولسىمۇ، ئەمما، تالانت سەۋەبلىك شەكىللىنىدىغان پەرقنى ئېتىراپ قىلمىسىڭىز بولمايدۇ.
大多数的失败都是从自我否定开始的。有时候,你觉得自己很棒,生活给你再多的刁难,你也不会放在心上。但如果你觉得自己差劲,再好的日子也举步维艰。
كۆپىنچە مەغلۇبىيەتلەر ئۆزىنى كەمسىتىشتىن باشلىنىدۇ. بەزىدە ئۆزىڭىزنى تولىمۇ قالتىس ھېس قىلغاندا، تۇرمۇش سىزنى ھەرقانچە قىينىسىمۇ كۆڭلىڭىزنى بەك يېرىم قىلىپ كەتمەيسىز. بىراق، ئۆزىڭىزنى يارىماستەك ھېس قىلغىنىڭىزدا، كۈنلىرىڭىز ھەرقانچە ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ، قەدەم ئېلىشىڭىز تەسكە توختايدۇ.
所以,生活对你所有的亏欠,都抵不过你自己这一拳。所以,给自己加加油、打打气,就是给你的未来铺路。
شۇڭا، تۇرمۇشتا تارتقان بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە مەدەت بەرگىنىڭىزگە يەتمەيدۇ. ئۆز-ئۆزىڭىزگە مەدەت ۋە غەيرەت بەرسىڭىزلا، كەلگۈسىڭىزگە يول ئاچقان بولىسىز.
تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا،
چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ ئۇرۇشالمايدىغان قىزنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشىش سالاھىيىتى يوق
◇ ئۆزىنى ياش ھېس قىلىدىغان ئادەمنىڭ قېرىشى ئاستا بولىدۇ
◇ نادانلىقتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇقى ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاش
◇ تۇرمۇش مۇراسىم تۇيغۇسىغا مۇھتاج
◇ خۇشال بولالماسلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى كەڭ قورساق بولالمىغانلىقىڭىزدا
◇ دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن يوللاشنى ياخشى كۆرەمسىز؟