خەيرلىك كەچ | مىجەزىڭىز باشقىلارنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرمەمدۇ؟

时事   2024-11-14 22:30   北京  


خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەربىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ

ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز. 

ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. 




性格不讨人喜欢,人生该怎样逆袭?

مىجەز-خاراكتېرىڭىزنى باشقىلار ياقتۇرمىسا، قانداق قىلىپ ھاياتتىكى ئوڭۇشسىزلىقلارنى يېڭىپ، ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيسىز؟



ღ ღ ღ


花花问我,我内向、有主见、不擅于拍马屁,在办公室不讨人喜欢,怎么办

خۇاخۇا مەندىن: «مەن ئىچ مىجەز، مۇستەقىل پىكىر قىلىمەن، خۇشامەت قىلىشقا ماھىر ئەمەس، ئىشخانىدىكىلەرمۇ مېنى ئانچە ياقتۇرمايدۇ. قانداق قىلىشىم كېرەك؟» دەپ سورىدى.

什么怎么办啊,你干嘛要去讨人喜欢呢?

«نېمىنى قانداق قىلىسىز؟ نېمىشقا باشقىلارنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرۈشىڭىز كېرەككەن؟»

内向、有主见,并不会让人讨厌,除非你嘴黑、腹黑还喜欢背后插刀。

خۇشامەتچى، قارا نىيەت، باشقىلارغا ئاستىرىتتىن ئورا كولايدىغان ئادەم بولمىسىڭىزلا، ئىچ مىجەز، مۇستەقىل پىكىرلىك بولۇش باشقىلارنى بىزار قىلمايدۇ.

但花花的苦恼我太理解了。我也有一段时间,自我评价极低,那些人见人爱花见花开的社交达人总让我感觉很自卑。高一时,我甚至因此产生厌学倾向。跟父亲说不想上学,因为大家都不喜欢我。我爸眼睛一瞪,说:如果你考试能得第一名,看老师同学对你怎么样?

بىراق، خۇاخۇانىڭ باش قېتىنچىلىقىنى مەن ناھايىتى ياخشى چۈشىنىمەن. چۈنكى، مەنمۇ بىر مەزگىل ئۆزۈمگە بەكلا تۆۋەن باھا بەرگەن، ھەممە ئادەم ئامراق بولۇپ قالىدىغان، ئىجتىمائىي ئالاقىگە ماھىر كىشىلەر مەندە ئېغىر دەرىجىدە ئۆزۈمنى كەمسىتىش تۇيغۇسى پەيدا قىلغانىدى. ھەتتا، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ۋاقىتلىرىمدا، شۇ سەۋەبتىن مەندە ئوقۇشتىن بىزار بولۇش خاھىشى شەكىللەنگەنىدى. شۇ چاغدا، دادامغا: «مەكتەپكە بارغۇم يوق» دېسەم، ئۇ ماڭا چەكچەيگىنىچە: «ئىمتىھاندا بىرىنچى بولۇپ باقە قېنى، ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىڭ قانداق مۇئامىلە قىلىدىكىن؟» دېگەنىدى.


ღ ღ ღ


天下父母都一样,你跟他们讲什么,他们都跟你讲成绩。

دۇنيادىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش، ئۇلارغا نېمىلا دېسىڭىز، ھەممىسى سىزگە نەتىجە توغرىلىقلا سۆزلەيدۇ.

然而,当我在高三成功由学渣逆袭为学霸时,我发现我爸是对的。虽然我的性格一点都没变,但老师对我的表情变了,也没有同学欺负我了,以前不怎么答理我的人,还经常约我放学一起走,问我是怎么学习的,有没有什么复习资料可以推荐给他们。

بىراق، مەن تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا چىقىپ، ئۆگىنىشتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىدىن تىرىشىپ ئەلاچىغا ئايلانغاندا، دادامنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرىلىقىنى بايقىدىم. شۇ چاغدا، مېنىڭ مىجەز-خاراكتېرىم پەقەتلا ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما، ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ماڭا قارىغاندىكى چىراي ئىپادىسى ئۆزگەردى، ساۋاقداشلىرىممۇ مېنى بوزەك قىلمايدىغان بولدى، ئىلگىرى مەن بىلەن ئانچە كارى بولمايدىغانلارمۇ مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە مېنى بىللە مېڭىشقا تەكلىپ قىلىدىغان، مەندىن قانداق ئۆگىنىش قىلىدىغانلىقىمنى، تەۋسىيە قىلىدىغان تەكرار ماتېرىيالى بار، يوقلۇقىنى سورايدىغان بولدى.

这真是一个功利的世界啊。不过,我喜欢!

بۇ ھەقىقەتەن بىر پايدا-مەنپەئەت دۇنياسىكەن ئەمەسمۇ! بىراق، مەن ياقتۇردۇم!


ღ ღ ღ


我对花花说,讨人喜欢是世上最难的事。你再好,也会有人不喜欢你,并且如果你身上只有可爱,时间就会无情地磨损它。张爱玲的性格该是很奇葩了,那么孤清冷傲刻薄的一个人,然而却有很多人喜欢她,她也并不缺乏朋友,因为她拼的从来不是可爱、随和,而是实力。

مەن خۇا خۇاغا: «باشقىلارنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرۈش دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن ئىش. ھەرقانچە ياخشى بولسىڭىزمۇ، ھامان سىزنى ياقتۇرمايدىغانلار چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ۋۇجۇدىڭىزدا باشقىلار ياقتۇرىدىغان تەرەپلەر بولسا، ۋاقىت ئۇنى رەھىمسىزلىك بىلەن خورىتىۋېتىدۇ. جاڭ ئەيلىڭنىڭ مىجەزىنى تولىمۇ غەلىتە دېيىشكە بولىدۇ. بىراق، ئۇ شۇنچىۋالا مەنمەنچى، تەكەببۇر ۋە رەھىمسىز بولسىمۇ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە ئۇنىڭ دوستلىرىمۇ كۆپ. چۈنكى، ئۇنىڭ تايانغىنى ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇشى ۋە ئىختىيارىيلىق بولماستىن، بەلكى، ئەمەلىي ئىقتىدار» دېدىم.

讨人喜欢的人,总会努力经营自己身上的可爱,却忘了,可爱是经不起时间打磨的。这种情况,在职场表现得特别明显。

باشقىلارنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغانلار تىرىشىپ ئۆز ۋۇجۇدىدىكى سۆيۈملۈك تەرەپلەرنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ. بىراق، ئۇلار باشقىلارنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرۈشنىڭ ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان. بۇنداق ئەھۋال خىزمەت سورۇنلىرىدا ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ.

一批新人入职,有人会说话会做人,外形乖巧,前辈都喜欢;有人埋头做自己的事,不怎么说话,外形也是路人一个,前辈们对此人无感。然而一两年以后,可能讨人喜欢的人还是讨人喜欢,却仅此而已。同事下班玩,喜欢叫他,上班需要帮忙,也喜欢叫他,但背后肯定有人说,他没有实力只靠卖萌。

بىر تۈركۈم يېڭى خىزمەتچىلەر ئىشقا چۈشكەندە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلەر گەپ قىلىشقا ئۇستا، مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر، ياۋاش-يۇمشاق كۆرۈنگەنلىكتىن، پېشقەدەم خىزمەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىدۇ؛ بەزىلەر باش چۆكۈرۈپ ئۆزىگە تەۋە ئىشلارنى قىلىش بىلەنلا بولىدىغانلىقى، كۆپ گەپ قىلمايدىغانلىقى، كىشىگە ناتونۇشتەك تەسىر بەرگەنلىكى ئۈچۈن پېشقەدەملەردىمۇ ئۇلارغا نىسبەتەن ھېچقانداق تەسىرات بولمايدۇ. بىراق، بىر-ئىككى يىلدىن كېيىن، كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغانلار يەنىلا شۇ ھالىتىنى ساقلاپ تۇرۇۋېرىشى مۇمكىن. خىزمەتداشلار ئىشتىن چۈشۈپ ئوينىغىلى بارغاندا، ئۇلارنى چاقىرىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، خىزمەت ۋاقتىدا ياردەمگە موھتاج بولغاندىمۇ شۇلارنى چاقىرىدۇ. بىراق، ئۇلار يوق يەرلەردە بەزىلەر: «ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى يوق، يالغاندىن ئوماق قىياپەتكە كىرىۋېلىشقىلا تايىنىدۇ» دېيىشى مۇمكىن.

而不那么讨人喜欢的人,如果他的工作做得让人心服口服,就会收获尊重,变成团队里重要的人,这意味着他在职场中可以走得更远。

باشقىلارنىڭ ئۇنچە ئامراقلىقىنى كەلتۈرمەيدىغانلار خىزمەتنى ۋايىغا يەتكۈدەك قىلالىسا، ھۆرمەتكە ئېرىشىپ كوللېكتىپتىكى مۇھىم ئادەمگە ئايلىنىدۇ. بۇ ئۇنىڭ خىزمەت سورۇنىدا تېخىمۇ تەرەققىي قىلالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


ღ ღ ღ


讨人喜欢,是天性,模仿需要花费很大的精力与时间。有人的性格、外形天生比较讨喜,有人就差那么一丢丢。这一丢丢要补起来,简直伤筋动骨。有时候补着补着,就成了东施效颦。

باشقىلارنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرۈش تۇغما خاراكتېر بولغانلىقتىن، ئۇنى دوراشقا نۇرغۇن زېھىن ۋە ۋاقىت كېتىدۇ. بەزىلەرنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ۋە سىرتقى قىياپىتى تەبىئىيلا باشقىلارنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ، بەزىلەر ئۇلاردىن كىچىككىنە پەرقلىنىدۇ. بىراق، دەل مۇشۇ كىچىككىنە پەرقنى يوقىتىش ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ، بەزىدە دورا-دورا، باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە قالىدىغان ئىشلارمۇ چىقىدۇ.

如果你觉得自己在群体中,很难做一个讨人喜欢的人,属于你的选择就是去做一个对人有用的人。性格帮你关闭的那扇人际关系的大门,你可以用实力轻而易举地敲开它。

ناۋادا، توپ ئىچىدە ئۆزىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرۈشىڭىز ناھايىتى تەس ئادەم ھېسابلىسىڭىز، ئۇنداقتا باشقىلارغا ياردىمى تېگىدىغان ئادەم بولۇشنى تاللىشىڭىز ئاقىلانىلىكتۇر. چۈنكى، مىجەز-خاراكتېرىڭىز تاقاپ قويغان ئاشۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىشىكىنى ئەمەلىي ئىقتىدارىڭىز ئارقىلىق ئاسانلا ئېچىۋېتەلەيسىز.

我以前的广告公司,有个性格不好的美术总监。我们去给客户做展示,三个方案很快被全盘否定。美术总监最后一个上台,他那张脸太不讨喜了,对方总经理表示不想听。10分钟,不是给我面子,我没面子,是为了你自己的品牌,这很重要。

مەن ئىلگىرى ئىشلىگەن ئېلانچىلىق شىركىتىدىكى بىر گۈزەل-سەنئەت باش نازارەتچىسىنىڭ مىجەزى ئوسالراق ئىدى. بىر قېتىم، بىز لايىھەرىمىزنى خېرىدارغا كۆرسەتكىلى بارغاندا، ئۈچ لايىھەنىڭ ھەممىسى ناھايىتى تېزلا ئىنكار قىلىۋېتىلدى. شۇ چاغدا گۈزەل-سەنئەت باش نازارەتچىسى ھەممىنىڭ ئاخىرىدا مۇنبەرگە چىققانىدى. بىراق، ئۇنىڭ چىرايى كىشىگە يېقىمسىزراق تەسىر بەرگەنلىكتىن، قارشى تەرەپنىڭ باش دېرىكتورى ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغۇسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. «10 مىنۇت بولسىلا بولىدۇ، بۇ مېنىڭ يۈزۈمنى قىلغىنىڭلار ئەمەس، مېنىڭ يۈزۈم ئۇنچە چوڭ ئەمەس، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ماركىسى ئۈچۈن بۇ ناھايىتى مۇھىم.»

他的演示干净利落、异常动人,把我们的方案以模拟场景与数据分析的方式直观地表达出来,胜过同事之前说的千言万语。演示结束,对方很快敲定了方案,并要请我们吃饭。美术总监面无表情地拒绝了,客户竟然没生气,笑着拍拍他的肩膀说:有个性,我喜欢!

ئۇنىڭ ئۈلگىلەرنى كۆرسىتىشى ئاددىي، رەتلىك، كىشىگە كۈچلۈك تەسىر قىلىدىغان ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىپ، بىزنىڭ لايىھەرىمىزنى تەقلىدىي كۆرۈنۈش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىۋاستە ئىپادىلەپ، خىزمەتداشلار ئۇنىڭ ئالدىدا قىلغان نۇرغۇن سۆزلەرنى بېسىپ چۈشتى. ئۈلگە كۆرسىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قارشى تەرەپ لايىھەنى تېزلا بېكىتىپ، بىزنى تاماققا تەكلىپ قىلغاندا، گۈزەل-سەنئەت باش نازارەتچىسى چىرايىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ رەت قىلغاندا، خېرىدار ئاچچىقلىمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ مۈرىسىگە شاپىلاقلاپ تۇرۇپ: «مىجەزىڭىز ئۆزگىچىكەن، ياقتۇردۇم!» دېدى.


ღ ღ ღ


虽然我们平时很少说话,但每次我捅篓子兜不住底的时候,都是他挥舞魔杖帮我摆平。包括他的很多工作方法与工作态度,到现在还影响着我。

گەرچە، بىز ئادەتتە ناھايىتى ئاز پاراڭلاشساقمۇ، ئەمما، مەن ھەر قېتىم چاتاق تېرىپ قويۇپ، قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلەلمەي تۇرغاندا، ئۇ بىر ئاماللار بىلەن ھەممە ئىشنى توغرىلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئۇنىڭ خىزمەت ئىشلەشتىكى نۇرغۇن ئۇسۇللىرى ۋە خىزمەت پوزىتسىيەسىمۇ ماڭا ھازىرغىچە تەسىر كۆرسەتمەكتە.

如今离开那个公司多年,很多当时与我相谈甚欢的小伙伴都已散落天涯。但每年春节,我都会给他发短信拜年;他只要开口,我立刻放下手头事情去帮他,丝毫不觉得麻烦,而是感觉荣幸。

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، مېنىڭ ئۇ شىركەتتىن ئايرىلغىنىمغا نۇرغۇن يىللار بولۇپ، ئەينى چاغدا چىقىشىپ ياخشى ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى يىراق-يىراقلارغا تارقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما، ھەر يىلىدىكى چاغاندا، مەن ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ ئەھۋال سورايمەن؛ ئۇ ئېغىز ئاچسىلا قولۇمدىكى ئىشىمنى دەرھال تاشلاپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىمەن، بۇنىڭدىن قىلچىلىك ئاۋارىچىلىق ئەمەس، بەلكى، شان-شەرەپ ھېس قىلىمەن.


ღ ღ ღ


我们常说这个人性格好,那个人性格不好,其实好与不好是相对的。你的性格,在他人眼中呈现什么状态,与你的实力紧密相关。

بىز ھەمىشە بۇ ئادەمنىڭ مىجەزى ياخشى، ئۇ ئاەمنىڭ مىجەزى ئوسال دېسەكمۇ، ئەمما، ياخشىلىق بىلەن ئوساللىق نىسپىي بولىدۇ. مىجەزىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە قانداق بولۇشى سىزنىڭ ئەمەلىي كۈچىڭىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

你没用的时候,不喝酒不参加饭局是不识时务,有用的时候就是有个性;你没用的时候,说话直是不懂事,有用的时候就是坦诚。

كېرىكىڭىز بولمىغان چاغلاردا ھاراق ئىچمىسىڭىز، يىغىلىشلارغا قاتناشمىسىڭىز، زامانغا باقمىغان بولىسىز، كېرىكىڭىز بولغان چاغلاردا مىجەزىڭىز خاسلىققا ئىگە بولىدۇ؛ كېرىكىڭىز بولمىغان چاغلاردا گەپنى ئۇدۇل قىلسىڭىز، ئىش ئۇقمىغان بولىسىز، كېرىكىڭىز بولغان چاغلاردا سەمىمىي ئادەمگە ئايلىنىسىز.

什么是有用?就是对他人、集体有价值,并且这种价值,不是低级的给予与讨好,而是你的能力与魅力自然引发出的人品升级。

كېرىكى بولۇش دېگەن نېمە؟ بۇ دېگىنىمىز باشقىلارغا، كوللېكتىپقا نىسبەتەن قىممىتى بولۇش، شۇنداقلا يەنە بۇ قىممەت تۆۋەن دەرىجىلىك ئاتا قىلىش ۋە خۇشامەت قىلىش بولماستىن، بەلكى، سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىز بىلەن جەلپ قىلىش كۈچىڭىز تەبىئىي ھالدا ئىپادىلىگەن ئەخلاقىي پەزىلەتنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى دېمەكتۇر.

千万不要为了讨人喜欢选择改变自己,这会让你长期处于自我评价过低的状态。

باشقىلارنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىشنى تاللىماڭ. بۇنداق قىلسىڭىز ئۇزۇنغىچە ئۆزىڭىزگە تۆۋەن باھا بېرىش ھالىتىدە تۇرۇپ قالىسىز.

如果你是职场新人,感觉气压低的时候,就在做好本职上下功夫,而不是去请客送礼。如果你在家庭生活中,感觉受到了冷落,就去完善自我、做能够让你变得快乐而丰富的事,而不是拼命去讨好伴侣。

خىزمەت سورۇنىغا يېڭىدىن قەدەم قويغان بولسىڭىز، خىزمەت بېسىمى يۇقىرىلىقىنى ھېس قىلغىنىڭىزدا، باشقىلارنى مېھمان قىلىش، سوۋغا تەقدىم قىلىشقا ئەمەس، ئۆز خىزمىتىڭىزنى ياخشى قىلىشقا كۈچەڭ. ئائىلە تۇرمۇشىڭىزدا سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلسىڭىز، كۈچىڭىزنىڭ بارىچە جورىڭىزغا خۇشامەت قىلىدىغان ئەمەس، بەلكى، ئۆزىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان، ئۆزىڭىزنى خۇشال قىلىدىغان ھەمدە تۇرمۇشىڭىزنى مول مەزمۇنغا ئىگە قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ.

你可以有心机,但你的心机要用在怎样让自己成为某个项目、某个圈子中有话语权的人;怎样把哪怕很小的一件事,做到完美、漂亮上。

ئىشلاردا ھۈنەر ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئەمما، ھۈنەرلىرىڭىز ئۆزىڭىزنى مەلۇم تۈر، مەلۇم چەمبىرەكتە سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىدىغان ئادەمگە ئايلىنىشقا؛ ھەرقانچە كىچىك ئىشنىمۇ مۇكەممەل ۋە چىرايلىق قىلىشقا ئىشلىتىلىشى كېرەك؛

陈丹燕在《上海的金枝玉叶》中写到贵族女性黛西,文革时被下放,做小卖部的售货员。她把要烂的水果用很低的价格买回家,吃过以后就知道哪种甜哪种酸,还跟农民学习如何对着灯光,辨别鸡蛋是否新鲜。渐渐的,被打倒的资本家黛西成了一个讨人喜欢的售货员,因为她能告诉顾客哪种桃子是甜的,教他们挑选鸡蛋的方法。

چېن دەنيەننىڭ «شاڭخەينىڭ ئېسىلزادىلىرى» ناملىق كىتابىدا، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ، كىچىك دۇكاننىڭ پىركازچىكى بولغان ئېسىلزادە ئايال دەيشى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇ سېسىپ قالاي دېگەن مېۋە-چىۋىلەرنى ناھايىتى تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىپ يېگەندىن كېيىن، قايسىسىنىڭ تاتلىق، قايسىسىنىڭ چۈچۈمەل ئىكەنلىكىنى ئايرىيدۇ، دېھقانلاردىن قانداق قىلغاندا چىراغ نۇرىغا قاراپ تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، توخۇ تۇخۇمىنىڭ يېڭى-كونىلىقىنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاغدۇرۇپ تاشلانغان كاپىتالىست دەيشى باشقىلارنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان پىركازچىكقا ئايلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇ خېرىدارلارغا قايسى خىل شاپتۇلنىڭ تاتلىقلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەيتتى، ئۇلارغا تۇخۇم تاللاش ئۇسۇلى ئۆگىتەتتى.

在任何小事上做成专家,你的人生都有逆袭的机会。没有人只是因为讨人喜欢而成功,也不会有人因为不讨人喜欢而失败。别人的态度只是你失败的借口。

ھەرقانداق كىچىك ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلسىڭىز، ھاياتىڭىزدا ئوڭۇشسىزلىقنى يېڭىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش پۇرسىتى بولىدۇ. ھېچقانداق ئادەم باشقىلارنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرگەنلىكى سەۋەبلىك مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ، شۇنداقلا يەنە ھېچقانداق ئادەممۇ باشقىلارنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرمىگەنلىكى سەۋەبلىك مەغلۇب بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ پوزىتسىيەسى سىزنىڭ مەغلۇب بولۇشتىكى باھانىڭىز، خالاس.

当你为自己不讨人喜欢而苦恼,应该检视的不是你的性格,而是你的能力与实力;你的敬业与努力;你的见识与趣味。这些方面的缺失,才是让你在人际关系中缺乏自信的真正原因。

باشقىلارنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرمىگەنلىكىڭىز سەۋەبلىك بېشىڭىز قېتىۋاتقاندا، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكى سىزنىڭ مىجەز-خاراكتېرىڭىز بولماستىن، بەلكى، ئىقتىدار ۋە ئەمەلىي كۈچىڭىز، خىزمىىتڭىزنى سۆيۈشىڭىز ۋە تىرىشچانلىقىڭىز، نەزەر دائىرىڭىز ۋە قىزىقىشىڭىزدۇر. مۇشۇ جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەرلا كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانىدا ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى كېمەيتىۋېتىدىغان ھەقىقىي سەۋەبلەردۇر.




تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا، 

چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز



         بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

         مەنبە: خەلق تورى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


◇ ئۇرۇشالمايدىغان قىزنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشىش سالاھىيىتى يوق

◇ ئۆزىنى ياش ھېس قىلىدىغان ئادەمنىڭ قېرىشى ئاستا بولىدۇ

◇ نادانلىقتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇقى ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاش

◇ تۇرمۇش مۇراسىم تۇيغۇسىغا مۇھتاج

◇ خۇشال بولالماسلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى كەڭ قورساق بولالمىغانلىقىڭىزدا

◇ دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن يوللاشنى ياخشى كۆرەمسىز؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章