خۇش خەۋەر! ئېتىبار بېرىش يېڭى سىياسەتلىرى ئېلان قىلىندى

时事   2024-11-15 15:30   北京  

ئۈچ تارماق ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ باجدا ئېتىبار بېرىش يېڭى سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلدى!

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىكى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى «ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار باج سىياسىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان كۆپ تۈرلۈك باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى.


يەر خېتى بېجى جەھەتتە، ھازىرقى %1لىك تۆۋەن باج نىسبىتى بىلەن ئېتىبار بېرىش كۆلىمى ئۆلچىمى 90 كۇۋادىرات مېتىردىن 140 كۇۋادىرات مېتىرغا ئۆستۈرۈلدى، ھەمدە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېندىن ئىبارەت تۆت شەھەرنىڭ باشقا رايونلار بىلەن بىرلىككە كەلگەن، ئائىلىلەرنىڭ ئىككىنچى يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي يەر خېتى بېجى ئېتىبار بېرىش سىياسىتى تەتبىقلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. تەڭشەلگەندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە، شەخسىيلەر ئائىلىنىڭ بىردىنبىر تۇرالغۇ ئۆيى ۋە ئائىلىنىڭ ئىككىنچى يۈرۈش ئۆيىنى سېتىۋالسا، كۆلىمى 140كۋادرات مېتىردىن ئاشمىغان بولسا، بىر تۇتاش %1لىك باج نىسبىتى بويىچە يەر خېتى بېجى تاپشۇرىدۇ.

قوشۇلما قىممەت بېجى جەھەتتە، شەھەرلەردە ئادەتتىكى تۇرالغۇ ئۆي ئۆلچىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، شەخسلەر سېتىۋالغىلى ئىككى يىلدىن يۇقىرى (ئىككى يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۇرالغۇ ئۆيدىن قوشۇلما قىممەت بېجى بىردەك كەچۈرۈم قىلىندى، ئەسلىدە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېندىن ئىبارەت تۆت شەھەردىكى شەخسلەرگە قارىتىلغان، سېتىۋالغىلى ئىككى يىلدىن يۇقىرى (ئىككى يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئادەتتىكى تۇرالغۇ ئەمەس ئۆينى ساتقانلاردىن قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىش بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش مۇناسىپ ھالدا توختىتىلىدۇ.

يەر قوشۇلما قىممەت بېجى جەھەتتە، ئادەتتىكى تۇرالغۇ ۋە ئادەتتىكى ئەمەس تۇرالغۇ ئۆلچىمى بىكار قىلىنغان شەھەرلەردە، باج تاپشۇرغۇچىلاردىن قوشۇلما قىممىتى چىقىرىۋېتىلىدىغان تۈر سوممىسىنىڭ %20ىدىن ئېشىپ كەتمىگەن ئادەتتىكى ئۆلچەملىك تۇرالغۇنى سالغان، ساتقانلارغا قارىتا، يەر قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبار بېرىش سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ.



       بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل



◇ قالايمىقان ئوپراتسىيە قىلغان دوختۇرغا قاماق جازاسى بېرىلدى

◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章