كېلەر يىلى رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ

时事   2024-11-16 10:04   北京  

پارچە قاچىلانغان يېمەكلىك ياغنى توشۇشنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمى ئېلان قىلىندى! كېلەر يىلى رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرىنىڭ 14-چېسلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بازارنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى (دۆلەت ئۆلچەم كومىتېتى) يېقىندا مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى دۆلەت ئۆلچىمى GB 44917 − 2024«يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنى پارچە قاچىلاپ توشۇش تازىلىق تەلىپى»نى تەستىقلاپ ئېلان قىلغان بولۇپ، 2025 ـ يىل 2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن. ئۆلچەمدە يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنى پارچە قاچىلاپ توشۇشنىڭ ئاتالغۇلىرى بەلگىلەنگەن، پارچە قاچىلاپ توشۇش تۇڭىنى تازىلاشقا قويۇلىدىغان ئاساسىي تەلەپ، تازىلاش، ئاسراش ۋە باشقۇرۇش، توشۇش مەشغۇلاتى، خاتىرىلەش قاتارلىق تازىلىق تەلەپلىرى بەلگىلەنگەن.

پارچە يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنى توشۇش تۇڭىغا يېمەكلىك مەخسۇس تۇڭى ئىشلىتىش، تۇڭ سىرتىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە «يېمەكلىك يېغىغا مەخسۇس ئىشلىتىلىدۇ» ياكى «يېمەكلىككە مەخسۇس ئىشلىتىلىدۇ» دېگەن خەتنى ئېنىق كۆرسىتىش، تۇڭنىڭ ئىچى-سىرتى پاكىز بولۇش كېرەك. يېمەكلىكتىن باشقا نەرسىلەرنى توشۇيدىغان تۇڭلاردا يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغى توشۇماسلىق كېرەك. پارچە قاچىلانغان يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنى توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان كونتېينېر سۇيۇقلۇق خالتىسى بىر قېتىملىق ئىشلىتىش تۇڭى بولۇپ، تەكرار ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. توشۇش تۇڭلىرىدىن ماي سىرغىماسلىقى ، ئېقىپ كەتمەسلىكىگە، يېمەكلىك ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ بۇلغانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە قاچىلاش-چۈشۈرۈش ۋە توشۇشقا قولايلىق بولۇش كېرەك.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ دۆلەت ئۆلچىمىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئالدى بىلەن تۇڭدىكى قالدۇق نەرسىلەرنى پاكىز تازىلاش ھەم تۇڭنى سۈرتۈش قاتارلىق تازىلىقلارنى قىلىش كېرەك.

 مەلۇم تۈردىكى يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنى توشۇغاندىن كېيىن، ئاندىن يەنە بىر تۈردىكى يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغى توشۇش كېرەك.

 تۆۋەن دەرىجىلىك يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنى توشۇغاندىن كېيىن، ئوخشاش تۈردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغى توشۇش كېرەك.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت ئۆلچىمىگە ئاساسەن، يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنى قاچىلاش، توشۇش، چۈشۈرۈش قاتارلىق ھالقىلارنى خاتىرىلەش كېرەك. خاتىرىلەنگەن مەزمۇنلار تولۇق، ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك بولۇشى، سۈپەت سۈرۈشتۈرۈش تەلىپىنى قاندۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدار خاتىرىنى ساقلاش مۇددىتى توشۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئىككى يىلدىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

دۆلەت خادىملىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

ئېلان قىلىندى! تەكشۈرۈلدى!

پۇتىن ترامپ بىلەن ئۇچرىشامدۇ؟

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章