مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇھىم ئۇقتۇرۇشى

时事   2024-11-13 18:03   北京  

ئۈچ تارماق: ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكىلىنى ئالدىغا سۈرۈپ، بالىلار ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىش كېرەك

مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ «يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدىكى ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە پۇختا تۇتۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئۆتكىلىنى ئالدىغا سۈرۈپ، يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدىكى ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇپ، يەسلى بالىلىرى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىش تەلەپ قىلىندى.

 «ئۇقتۇرۇش»تا سەككىز تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى. يېتەرلىك دالا پائالىيىتىگە شارائىت يارىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى باشلاپ ئويۇننى ئاساس قىلغان دالا پائالىيىتى ۋە مۇۋاپىق تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىپ، بالىلارنىڭ ھەر كۈنلۈك دالا پائالىيىتى ۋاقتىنىڭ ئىككى سائەتتىن كەم بولماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ئارىلىقىدا سىرتقا چىقىپ پائالىيەت قىلىشى ياكى يىراققا نەزەر سېلىشىغا تەرتىپلىك تەشكىللەپ ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەكتەپ ئىچىدىكى تەنتەربىيە چېنىقىش ۋاقتىنى كۆپەيتىش كېرەك. باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى سىنىپ ئىشىكى ئالدىدا ياكى ئاممىۋى رايوندا «مىكرو پائالىيەت رايونى» تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

تەيىنلەش-قالدۇرۇش ئىسىملىكى

شۈ خەيپېڭ ۋەتەنگە قايتۇرۇلدى

ئېلان قىلىندى! تەكشۈرۈلدى!

پۇتىن ترامپ بىلەن ئۇچرىشامدۇ؟

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا

شەخسىي ئىستېمالچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 650 يۈەن ئالالايدۇ

جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى

ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章