ۋاپاسىز ئەرنىڭ پۇشايمىنى؟ ئاياللارھېيلسى126-قسم

文摘   2025-01-21 21:31   新疆  




تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .



  بۈگۈن سەككىز تېمىدا ئەسەر يوللاردا ئىزدەۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ داۋامى تولۇق يوللاندى، باشقا ئەسەرلەرنىڭ داۋامىنى تاپالمىغان بولسىڭىز ئاستىدىكى شىپىننى تولۇق كۆرۈپ  قانداق چىقىرىشنى، ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ .





ئاياللار ھېيلىسى1-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى2-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى3-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى4-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى5-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى6-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى7-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى8-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى9-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى10-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى11-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى12-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى14-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللارھېيلىسى16-قسىم
ئاياللارھېيلىسى17-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى18-قسىم
ئاياللارھېيلىسى19-قسىم
ئاياللارھېيلىسى20-قسىم
ئاياللارھېيلىسى21-قسىم
ئاياللارھېيلىسى22-قسىم
ئاياللارھېيلىسى23-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى24-قسىم
ئاياللارھىيلىسى25-قسىم
ئاياللارھېيلىسى26-قسىم
ئاياللارھېيلىسى27-قسىم
ئاياللارھېيلىسى28-قسىم
ئاياللارھېيلىسى29-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى30-قسىم
ئاياللارھېيلىسى31-قسىم
ئاياللارھېيلىسى33-32-قسىم
ئاياللارھېيلىسى34-قسىم
ئاياللارھېيلىسى35-قسىم
ئاياللارھېيلىسى36-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى37-قسىم
ئاياللارھېيلىسى38-قسىم
ئاياللارھېيلىسى39-قسم
ئاياللارھېيلىسى40-قسم
ئاياللارھېيلىسى41-قسم
ئاياللارھېيلىسى42-قسم
ئاياللارھېيلىسى43-قسم
ئاياللارھېيلىسى44-قسم
ئاياللارھېيلىسى45-قسىم
ئاياللارھېيلىسى46-قسىم
ئاياللارھېيلىسى47-قسىم
ئاياللارھېيلىسى48-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى49-قسىم
ئاياللارھېيلىسى50-قسىم
ئاياللارھېيلىسى51-قسىم
ئاياللارھېيلىسى52-قسىم
ئاياللارھېيلىسى54-قسىم
ئاياللارھېيلىسى55-قسىم
ئاياللارھېيلىسى56-قسىم
ئاياللارھېيلىسى57-قسىم
ئاياللارھېيلىسى58-قسىم
ئاياللارھېيلىسى59-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى60-قسىم
ئاياللارھېيلى61-قسم
ئاياللارھېيلى62-قسم
ئاياللارھېيلى63-قسم
ئاياللارھېيلى64-قسم
ئاياللارھېيلى65-قسم
ئاياللارھېيلى66-قسم
ئاياللارھېيلى67-قسم
ئاياللارھېيلى68-قسم
ئاياللارھېيلى69-قسم
ئاياللارھېيلى70-قسم
ئاياللارھېيلى71-قسم
ئاياللارھېيلى72-قسم
ئاياللارھېيلى73-قسم
ئاياللارھېيلى74-قسم
؟ئاياللارھېيلى75-قسم
ئاياللارھېيلى76-قسم
ئاياللارھېيلى77-قسم
ئاياللارھېيلى78-قسم
؟ئاياللارھېيلى79-قسم
ئاياللارھېيلسى80-قسم
ئاياللارھېيلسى81-قسم
؟ئاياللارھېيلسى82-قسم
ئاياللارھېيلسى83-84-قسم
ئاياللارھېيلسى85-قسم
ئاياللارھېيلسى86-قسم
ئاياللارھېيلسى87-قسم
ئاياللارھېيلسى88-قسم
ئاياللارھېيلسى89-قسم
ئاياللارھېيلسى90-قسم
ئاياللارھېيلسى91-قسم
؟ئاياللارھېيلسى92-قسم
ئاياللارھېيلسى93-قسم
ئاياللارھېيلسى95-94-قسم
ئاياللارھېيلسى96-قسم
ئاياللارھېيلسى97-قسم
ئاياللارھېيلسى98-قسم
ئاياللارھېيلسى99-قسىم
؟ئاياللارھېيلسى100-قسم
ئاياللارھېيلسى101-قسم
ئاياللارھېيلسى102-قسم
ئاياللارھېيلسى103-قسم
ئاياللارھېيلسى104-قسم
ئاياللارھېيلسى105-قسم
ئاياللارھېيلسى106-قسم
ئاياللارھېيلسى107-قسم
ئاياللارھېيلسى108-قسم
ئاياللارھېيلسى109-قسم
؟ئاياللارھېيلسى110-قسم
؟ئاياللارھېيلسى111-قسم
 ئاياللارھېيلسى112-قسم
 ئاياللارھېيلسى113-قسم
 ئاياللارھېيلسى114-قسم
ئاياللارھېيلسى115-قسم
ئاياللارھېيلسى116-قسم
 ئاياللارھېيلسى117-قسم
 ئاياللارھېيلسى118-قسم
 ئاياللارھېيلسى119-قسم
 ئاياللارھېيلسى120-قسم
ئاياللارھېيلسى121-قسم
ئاياللارھېيلسى122-قسم
ئاياللارھېيلسى123-قسم
ئاياللارھېيلسى124-قسم
 ئاياللارھېيلسى125-قسم



--نىمە قىلماقچىسەن؟ توختاپ تۇر-ئىرشات گۇلنىسانىڭ چىرايىدىكى ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان بىر قەتئىيلىكتىن،ئۆزىنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرگەندەك بولۇپ،ھودۇققىنىچە ئۇنى چاقىردى، گۇلنىسا توختىدى، ئەمما كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قاراشنى خالىمىدى.

- مەن سەن دىگەندەك قىلاي!نىمە دىسەڭ شۇنى قىلاي، جىنايىتىڭنى ماڭا ئىتتىرىپ قويماي بوينۇڭغا ئېلىپ، مىنى قۇتۇلدۇرۇپ قال - گۇلنىسا،مۇشۇ پەيتلەردىمۇ ئىرشاتنىڭ يەنىلا ئۆزىگە سەمىمىي بولۇشنى خالىماي، نۇمۇسسىزلارچە نەيرەڭۋازلىق قىلىۋاتقىنىغا  قاتتىق ئېچىندى، ئۇ بۇنىڭمۇ دەل تۇرغۇنغا خاس بولغان خاراكتىر ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى، ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ ئىرىشاتقا قاراپ، سوغاق كۈلدى،ئاندىن  ئىرىشات ئارانلا ئاڭلىغۇدەك قىلىپ، بوش ئاۋازدا-خاتىرجەم بول ئوغلۇم، مەن سىنى چوقۇم قۇتۇلدۇرىۋالىمەن دەپ شىۋىرلىغاندىن كىيىن،  تىز-تىز قەدەملەر بىلەن مېڭىپ چىقىپ كەتتى.

-ھەقىقى ئەھۋاللار مانا مۇشۇ، رەھىمە دىگەن قىزنى ئىزدەپ سۈرۈشتۈرسەڭلار، ئۇ دىگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىگە گۇۋاھچى بولالايدۇ، - گۇلنىسا ئاخىرى چۈشەندى، تۇرغۇن مۇدىرنىڭ پەسكەش خاراكتىرىدىن زەھەرلەنگەن ۋە گۇلنىسانىڭ خورلانغان ھاياتىدىن قاتتىق زەخمىلەنگەن ئىرشاتنى قۇتۇلدۇرىۋېلىشنىڭ بىردىنبىر يولى، دەل ئۇنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتقۇزۇپ، ھەققانىيەتنىڭ كۈچىنى تونۇتۇپ قويۇشتىن ئىبارەت ئىدى، ئىرشات ئۆزىنىڭ يەنە بىر تۇرغۇن توڭگۇز ئىكەنلىكىنى ئاللىبۇرۇن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ،ئانىسىغا قول سالماقچى بولغاننى ئاز دەپ،ئۇنى بايقاپ قالغان قېرىندىشىنى ئۆلتۈرىۋەتتى،بۇمۇ يەتمىگەندەك، تەپتارتىش،نۇمۇس قىلىش ۋە پۇشايمان قىلىش ۋە قورقۇشنىڭ ئورنىغا،جىنايەتلىرىنى گۇلنىساغا ئىتتىرىپ قويۇپ،قۇتۇلماقچى بولدى، ئەگەر ئۇ ئۆز قېرىندىشىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن رەھىمسىز قاتىلغا ئوغلى بولغانلىقى ئۈچۈنلا يان باسىدىغان بولسا،ئۇ خۇددى ھەرقېتىملىق جىنايەتلىرىنى پەسكەش جىنايەتلەر ئارقىلىق يېپىپ، خۇددى ئۆزىنى يېڭەلەيدىغان ھېچقانداق كۈچ يوقتەك، جاھاندا مەن قىلالمايدىغان ئىش يوق دەپ ياشاپ، نۇرغۇن جانغا زامىن بولغاننى ئاز دەپ، ئۆز ئائىلىسىنىڭ بېشىغا چىققان تۇرغۇن توڭگۇزغا ئوخشاش قۇتقازغۇسىز ھالغا چۈشۈپ قالاتتى.  شۇڭا ئاخىردا يەنىلا ئۆز ئوغلىنى ئۆز قولى بىلەن قانۇننىڭ جازاسىغا تاپشۇرۇپ بىرىشنى قارار قىلدى.

ئۆتكەن كەچكەن ئىشلارنىڭ ھەممىنى تۇرغۇننىڭ جىنايەتلىرىدىن تارتىپ قوشۇپ بايان قىلىپ،ئاۋازلىق ۋە يازمىچە  قالدۇرغان ئىسپاتىنى ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن گۇلنىسا روھىدىن ئايرىلىپ قالغان ئادەمدەك جانسىز تەنلىرىنى سۆرەپ كىتىۋاتاتتى، ئۇ نىشانىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان بولۇپ، نەگە بېرىپ، نىمىش قىلىدىغانلىقىنى پۈتۈنلەي ئەستىن چىقارغان بولۇپ، كاللىسىدا تۈمەنمىڭ خىل خىيال ئەگىيتتى.

ئەنە ئانىسىنىڭ قوينىدا تاتلىق ئەركىلەپ، غەمسىز بالىقىنى ئۆتكۈزىۋاتقان گۇلنىسا،بىر چاغلاردا ئۇمۇ ھېچنىمىدىن غەمسىز شاد- خۇرام بالىلىقىدا ياشاپ باققان،ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ بىركىملەرنى قوغدىشىنىڭ، بىر كىملەرنى رازى قىلىمەن دەپ جاپا-چىكىشىنىڭ،بىر كىملەر ئۈچۈن ئازابلىنىپ، خورلىنىشىنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق ئىدى، پەقەت ئانىسى ئىتىپ بەرگەن تاماقنى يەپ،ئەركىلىكلەرگە قېنىپ ياشىسىلا بولاتتى.

-ئەنە تۇرغۇن توڭگۇزنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئامالسىز توي قىلىۋاتقان گۇلنىسا، ئۇنىڭ ئامالسىزلىقلىرى ئەنە شۇ چاغدىن باشلانغان ئىدى.

-ئەنە تۇرغۇننىڭ خورلۇشى ۋە دەپسەندە قىلىشلىرىدا ئىزىلىپ، بالىسىنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە ئۇنىڭدىن تەسەللىي ھەم مەدەت ئىزدەۋاتقان گۇلنىسا، ئۇ چاغلاردا ئۇ تولىمۇ ئاجىز ئىدى.

- ئەنە، جان-جىگەرى ھەم يۈرەك-پارىسى چوڭ ئوغلى راخماننىڭ تىتىما -تىتما بولۇپ كەتكەن جەسىدىنى قۇچاقلاپ نالە قىلىۋاتقان گۇلنىسا، ئاھ! ئۇ شۇ چاغدىلا ئۆلۈپ بولغان ئىدى.

- ئەنە تۇرغۇن توڭگۇز تەرىپىدىن،ساراڭ دەپ تۆھمەت چاپلىنىپ، باتۇرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، مەجبۇرىي ئوكۇل سانچىلىۋاتقان گۇلنىسا! ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك، بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز ئىدى.

- ئەنە باللىرىمنىڭ ئاسراندىسى دەپ ئارزۇلاپ باققان ئوغلىنىڭ ئۆز قېرىندىشىغا ياۋۇزلارچە پىچاق سېلىۋاتقىنىغا ئامالسىز قاراپ تۇرۇپ، تىرىك تۇرۇپ ئۆلۈۋاتقان ئۈمىدسىزلەنگەن گۇلنىسا...

- ئەنە! بەدەنلىرى ئۆتمۈتۈشۈك بولۇپ قانسىراپ كەتكەن چۆچەكلەردىكى ئاق ئاتلىق شاھزادىلەردەك كىلىشكەن ئوغلىنىڭ ئۆز قۇچقىدا جان بىرىشىگە ئامالسىزلەرچە قاراپ تۇرۇپ،ئۇنى باغرىغا تېڭىپ نالە قىلىۋاتقان، باغرى قان گۇلنىسا!

ئايال بولۇپ ياشاپ ئايالمىغان،ئانا بولۇپ ياشاپ ئاسرالمىغان ھەم ھۆرمەتكە ئىرىشەلمىگەن بىچارە گۇلنىسا!

گۇلنىسا قەدەملىرىنى توختاتقان چېغىدا، ئاللىبۇرۇن ئەينى چاغدا، راخمان ئۆزىنى تاشلىۋالغان تاشلاندۇق بىنانىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كىلىپ قالغان ئىدى، بۇ جايدا ئارقا - ئارقىدىن ئىككى قېتىم ھادىسە يۈزبەرگەنلىكى ئۈچۈن، تاشلاندۇق بىنا تۈنكە تاختايلار بىلەن قورشاۋغا ئېلىنغان بولۇپ، سىرتىغا كىرىش مەنئىي قىلىنىدۇ دىگەن خەتلەر يېزىلغان ئىدى. ئۇ بىناغا كىرىدىغان ئورۇننى تاپامماي ئەتراپىنى بىر ھازا چۆگىلەپ باققاندىن كىيىن،  ئىچىگە كىرىدىغان مۇۋاپىق ئورۇن تاپالماي، ئاخىرى، بىنانىڭ ئارقا تەرىپىدىكى تۈنكە تاختاينى بۇزۇپ ئىچىگە بۆسۈپ كىردى، ئاندىن بىر سائەتكە يېقىن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، بارلىق غەيرىتىنى يىغىپ، نۇرغۇن كۈچ سەرىپ قىلىپ، مىڭ جاپادا، ئۆزى راخمان ئۆزىنى تاشلىۋالغان جاي دەپ بىكىتكەن قەۋەتكە چىقتى. بۇ جايمۇ ئوخشاشلا توسۇپ قويۇلغا بولۇپ، گۇلنىسا بۇ توسۇقنىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا بۇزۇپ، ئىچىگە كىردى.

- جېنىم ئوغلۇم، مىنىڭ راخمىنىم، شاھزادەم بالام، پالۋىنىم بالام، يولۋىسىم بالام، قاپلىنىم بالام، ياش كەتكەن بالام، بىتەلەي بالام، مۇشۇ يەردە تۇرۇپ ماڭا تىلفون ئۇرغانمىدىڭ بالام، ئانام مىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالارمۇ دەپ ئۈمىد كۈتكەنمىدىڭ بالام، ئەقىلسىز ئاناڭ، ئۈمۈدىڭنى يەردە قويدىمۇ بالام، سەن ماڭغان يول مۇشۇمۇ بالام،سەن تۇرغان جاي مۇشۇمۇ بالام -ئاندىن ئېچىنىشلىق نالە قىلىپ، يۈرگە ئالقانلىرىنى،يېقىپ، يۈزلىرىگە سۈرتتى، بۇمۇ يەتمىگەندەك، چىدىغۇسىز تەشنالىق ئىلكىدە مۇزدەك سوغاق سىمىنۇت لايغا مەيدىسىنى چاپلاپ قانماي سۆيدى- قانىتىمنى سۇندۇردۇڭ بالام، ئۇكاڭدىنمۇ ئايرىلدىم بالام،  ۋاي راخمىنىم بالام، ۋاي ئىبراھىم بالام، ۋاي باللىرىم، چىدىمىدىمغۇ باللىرىم،مەن چىدىمىدىم باللىرىم، سىلەرمۇ ئۇكاڭلارغا ئوخشاش ماڭا قېيداپ كەتتىڭلارمۇ باللىرىم، يارىماس ئانامنىڭ باغرى يېرىلىپ ئۆلسۇن دىدىڭلارمۇ باللىرىم، بىتەلەي خوتۇن يالغۇز قالسۇن دىدىڭلارمۇ باللىرىم، ۋاي باللىرىم، ۋاي باللىرىم، ھو باللىرىم - ئۇ بىر ھازا شۇنداق يىغا زارە قىلغاندىن كىيىن، ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، راخمان ئۆزىنى تاشلىۋالغان دەرىزە رامكىسىغا كىلىپ پەسكە قارىدى.نىمىشقىكىن ئۇ شۇنچە ئىگىزدىن پەسكە قاراپ تۇرۇپمۇ، ئازراقمۇ قورققاندەك قىلمايتتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا يەنە بىر قېتىم، بالىلىقتىكى ئەركە نايناق گۇلنىسا پەيدا بولدى،  ئۇ ھېلي دادىسىنىڭ قۇچقىغا چىقىپ ئەركىلىسە، ھېلى ئانىسىنىڭ- ئۇنداق قىلما -،دىگىنىگە ئۇنىماي ئۇنىڭ  كۆڭلىكىنىڭ پىشىنى تارتىپ ئوينايتتى.
- كۆڭلۈڭ قاتتىق ئاغرىدىمۇ قىزىم؟كۆڭلۈڭ ئاغرىغان بولسا قايتىپ كەل، ھېلىمۇ بىز سىنى بەك ئۇزاق ساقلاپ كەتتۇق -ئۇ كىيىنكى قېتىم ئىگىزدىن پەسكە قارىغىنىدا، ئۆزىگە قاراپ قول ئۇزىتىۋاتقان ئاتا-ئانىسىنى كۆرگەندەك بولدى.

- ئاپا، قارا، بىز بوۋام بىلەن مومامنى تېپىۋالدۇق -

- يىغلىما ئاپا، نىمىشقا يىغلايسەن؟بىزنىڭ يېنىمىزغا قايتىپ كەل، بىز بىللە ھەممىنى ئۇنتۇپ قايتىدىن باشلايلى -ئۇلارنىڭ يېنىدا راخمان بىلەن ئىبراھىممۇ پەيدا بولدى، گۇلنىسانىڭ قايغۇلۇق چىرايىدا كۈلۈمسىرەشنىڭ ئۇچقۇنلىرى پەيدا بولدى، ئۇ كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋىتىپ، ھاياجان ئىچىدە بوشلۇققا قاراپ قەدەم ئالدى،... شۇنداق ئۇ قۇتۇلدى، ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن،تۈگىمەيدىغان خورلۇقلاردىن، ئۈزۈلمەيدىغان ئەندىشە ۋە تەشۋىشلىك كۈنلەردىن ئاخىرى قۇتۇلدى!

-گۇلنىسا ھەدەم ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋاپتۇ -

- نىمە دەيدىغانسىز ئەنۋەر؟ ئۇ نىمىشقا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ، ئىبراھىم ئۇنىڭغا قاراۋاتقان ئەمەسمىدى -شەمسىيە ئەنۋەردىن گۇلنىسانىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، بېشىدىن بىر چىلەك مۇزدەك سۇ قويۇلغاندەك ئەندىكىپ، پۈتۈن بەدىنى لاغىلداپ تىترىگەندەك بولۇپ كەتتى.

-ئىبراھىممۇ ئۆلۈپتۇ -

- نىمە دەيدىغانسىز؟ ئىبراھىم تېخى ياش تۇرسا قانداقسىگە ئۆلۈپ كىتىدۇ؟ -

-ئۇنى ئۇكىسى ئىرشات ئۆلتۈرىۋىتىپتۇ،گۇلنىسا شۇلارغا چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان چېغى

- قاچان بولغان ئىشكەن؟ -

-ئىبراھىمنىڭ ئۆلۈمىگە بىرقانچە كۈن بوپتۇ، گۇلنىسا تېخى باياتىنلا ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋاپتۇ -

- ماڭا نىمىشقا بالدۇرراق دىمەيسىز؟ -

-، مەنمۇ تېخى باياتىنلا خەۋەر تاپتىم، قايسى كۈنى ئىدارىدىكىلەردىن قوشتاغ رايونىدا  قاتىللىق دىلوسى يۈز بىرىپتۇ دەپ ئاڭلىغان، بىراق قولۇمدا تۇرغۇن مۇدىرنىڭ دىلوسى بولغاچقا، شۇ ئىشلار بىلەنلا بولۇپ كىتىپ، ئۇ ئىشلارغا ئانچە بەك كۆڭۈل بۆلۈپ بولالماپتىمەن، باياتىن شۇ دىلوغا مەسئۇل خىزمەتداشلاردىن، گۇلنىسا تاپشۇرۇپ بەرگەن تۇرغۇن مۇدىرنىڭ جىنايىتىگە ئائىت بەزىبىر ئىسپاتلارنى تاپشۇرىۋېلىۋاتقان چېغىمدا، تۇيۇقسىزلا گۇلنىسانىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى تاپشۇرىۋالدۇق، ھازىر سىز ئۇلارنىڭ بىردىنبىر تۇغقىنى، شۇڭا تۇنجى بولۇپ سىزگە خەۋەر قىلىشىم، ۋاقتىڭىز بولسا، كىلىپ، گۇلنىسا بىلەن ئىبراھىمنى كۆرۈپ كىتەمسىز؟ -

-بىچارە گۇلنىسا ھەدەم، مەن ھازىرلا باراي - شەمسىيە تىلفوننى قويۇپلا، ئىتىراپلىق خىياللار ئىچىدە،ئەنۋەر يوللىغان ئادرىسقا  قاراپ يول ئالدى. ئۇ يىتىم كەلگىنىدە، گۇلنىسانىڭ جەسىدى ئاللىبۇرۇن قانۇن دوختۇرلىرى ئاللىبۇرۇن يىتىپ كىلىپ، جەسەت تەكشۈرۈش ۋە باھالاشنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، گۇلنىسانىڭ جەسىدى راخماننىڭكىدىنمۇ ئېچىنىشلىق ھالدا پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەن ئىدى.

-ئاھ، گۇلنىسا ھەدەم، نىمىشقىمۇ بۇنداق ئاخمىقانە ئىشنى قىلغاندۇ، ئۇ شۇنچە ئىگىزدىن قايسى جۈرئەت بىلەن ئۆزىنى پەسكە تاشلىغاندۇ؟ قانچە قىينالغاندۇ بىچارە ھەدەم - شەمسىيە ئۇنىڭغا بىر قاراپلا قايتا قاراشقا جۈرئەت قىلالمىدى.

- بەلكىم باللىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن پاجىئەگە ئۇچرىغىنىغا قاراپ چىدىماي قالغان بولسا كىرەك -

- ئاھ! ئىبراھىم بايۋەتچە، سىزنىڭ بۇنىچىۋالا ئېچىنىشلىق كىتىپ قېلىشىڭىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن، سىزگە نىمانچە قاتتىقلىق قىلغان بولغىيتتىم،ھەرقانچە قوبۇل قىلالمىساممۇ، ئازراق ئىللىق مۇئامىلى قىلىپ قويساممۇ بولاتتىغۇ؟ -رەھىمەنىڭ ھالى شەمسىيەنىڭكىدىنمۇ بەتتەر ئىدى، نىمىلا بولمىسۇن، ئۇ ئىبراھىمنىڭ ياش ھاياتىدا چىن قەلبىدىن سۆيگەن تۇنجى ۋە ئاخىرقى، جۈملىدىن بىردىنبىر ئايالغا ئايلىنىپ، ھاياتىدىكى ئەڭ يارقىن ئەسلىمىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى، بەلكىم، ئۇنىڭ رەھىمەگە ئېيتماقچى بولغان نۇرغۇن يۈرەك سۆزلىرى بار بولغىيدى، بەلكىم ئۇ ئەينى چاغدا گۇلنىسانىڭ قۇچقىدا يېتىپ تۇرۇپ -ئانا، ئانا - دەپ چاقىرىپ، ئۇنىڭغا رەھىمەگە مەلۇم سۆزلەرنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلماقچى بولغان بولغىيدى! ئىبراھىم نىمە دىگەن بىچارە ھەم ئامالسىز ھە! ئۇ گەرچە رەھىمەنىڭ سۈيۈشىگە ئېرىشەلمىگەن ھالدىمۇ،  ھېچ بولمىغاندا، ئۇنى تېخىچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بولسىمۇ، بىر قېتىم ئۇنىڭغا ئېيتىۋالغان بولسا ھە! - ئىبراھىمنىڭ ھاياتىدىكى بىردىنبىر سۆيگەن ئادىمى بولۇشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت رەھىمەگە قاتتىق ئېغىر كىلىۋاتاتتى، ئۇ مەيلى قانچىلىك پۇشايمان قىلسۇن، مەيلى قانىچىلىك ئېچىنسۇن، ئىبراھىمنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنى ھەقىقەت، خۇددى شەمسىيەنىڭ ئېچىنىشلىرى گۇلنىسانىڭ ھاياتىنى قايتۇرۇپ كىلەلمىگەندەك، ئۇنىڭ پۇشايمانلىرىمۇ، ئىبراھىمنى قايتا تىرىلدۈرەلمەيتتى!

پىسخولوگلار مەسئۇلىيەتنى بېسىمنىڭ مەنبەسى دەپ چۈشەندۈرۈپ،ئادەملەرنى مەسئۇلىيەتسىز ۋە ئەركىن بولۇشقا يىتەكلەيدۇ!بىراق ئۇلار يەككە شەخىسنى بېسىمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچەپ تەشەببۇس قىلىۋاتقان،شەخسىيەتچىلىكنى ئاساس قىلغان مەسئۇلىيەتسىزلەشتۈرۈش قىلمىشىنىڭ قانچىلىك ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى مەڭگۈ ئويلاپ يىتەلمەسلىكى مۇمكىن،مەسئۇلىيەت ئومۇملاشقاندا بىز ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانا بولغانلىقىدىن ئاغرىنىدىغانلار يوق دىيەرلىك ئىدى،، پەرزەنتلەرنىڭ غىمى ئاتا-ئانىنىڭ ئەجرىگە جاۋاب قايتۇرۇشتا ئىدى،ئەرلەر ئائىلىسى ئۈچۈن،جاپالىق ئىشلىسىمۇ ۋايسمايتتى،ئاياللار ئىرىنىڭ نامراتلىقىدىن ئاغرىنمايتتى،تۈگىمەيدىغان چاي،ھەشەمەتلىك سورۇنلار،بىر-بىرى بىلەن سېلىشتۇرۇشلار، بەسلىشىشلەر بولمىغان ئاددىي تۇرمۇشتىمۇ ئۇلار بەخىتنىڭ نىمىلىكىنى چۈشۈنۈپ، مەسئۇلىيەتتىن زوقلۇنۇپ ۋە ھوزۇرلۇنۇپ ياشىغان ئىدى،بىراق ئادەملەر مەسئۇلىيەتتىن قېچىۋاتقاندا بىزنىڭ كۆرۈۋاتقىنىمىز، ئاتا-ئانىسىغا تۈزۈك جاۋاب قايتۇرالماي ئۇلارنى قان يىغلاتقىنىدىن ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئالدىن كۆرۈپ يىتىپ، ئەرمەك ھايۋان بېقىشقا رازى ئىكەنكى،پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىمايدىغان ياشلار،خوتۇن-بالىنى ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ، تۈن تەڭلەردە بەش مىنۇتلۇق ھېسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ،تالادا تۈنەۋاتقان،گېزى كەلسە تېخى،خوتۇن كىشى بىلەن تەڭ بولۇپ،خوتۇندىن نەپ تەلەپ قىلىدىغان خوتۇنسىمان ئەرلەر،ئۆزىنىڭ بىر ئايال ھەم ئانا ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقىرىپ، ئاتالمىش مېھرىگە تەشنا،ئىقتىسادتىن قىسىلغان دىگەندەك باھانىلەر بىلەن،ئۆزىنىڭ ئاياللىق ئىززەت-ھۆرمىتىنى،ئانىلىق شان شەرىپىنى،باللىرىنىڭ ئىستىقبالى ۋە كەلگۈسىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ئانىلار بولۇۋاتىدۇ! ئەگەر ھەممە ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە ئۆزىنى بىلىپ،ئەرلەر ئەرگە ئوخشاپ ئەردەك،ئاياللار ئاياللىق پەزىلىتى بىلەن ئايالدەك،دادىلار تاغدەك نامىغا لايىق بۈيۈكلۈك بىلەن،ئانىلار ئۇلۇغلۇقىغا لايىق مېھرى-مۇھەببىتى بىلەن،پەرزەنتلەر  مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن ياشىيالىغان بولسا،جەمىيىتىمىز قانچىلىك گۈزەل  بولغان بولاتتى!

بەلكىم تۇرغۇن مۇدىرمۇ باتۇرغا ئوخشاش ئاتالمىش پىسپاسخولوگلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان شەخىسىيەتچىلىك پىسخولوگىيەسىنىڭ مەھسۇلاتى بولسا كىرەك!

بىر دادىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك ئۇنىڭ ئايالىنىڭ مۇھتاجلىقتا يولدىن چىقىشىغا ياكى ئىچ ئاغرىقىدا جاندىن جۇدا بولۇشىغا سەۋەب بولسا،باللىرىنىڭ مەنىۋىي تۈۋرۈكىدىن ئايرىلىپ، بوران-چاپقۇن ۋە جۇدۇنلاردا سۇنىشىغا سەۋەبچى بولىدىكەن،جۈملىدىن بىر دادىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزى بىلەنلا كەتمەستىن، بىر پۈتۈن خانىۋەيران  بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدىكەن.

ئاھ! دادىلار سىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىڭلارنىڭ ئاقىۋىتى نىمە دىگەن ئېچىنىشلىق ھە!

-تۇرغۇن دىگەن ئادەمدىن يىراق تۇر، ئۇ تازا نورمال ئەمەستەك قىلىدۇ،  ئۇنىڭغا يېقىنلاشساڭ ھامان بىر بالاغا قالىسەن دىسەم ئاڭلىمايسەن، ئەمدى ئوبدان بولدىمۇ؟ ئۇ سىنىمۇ ئۆزىگە چېتىۋالسا قانداق قىلىسەن ئەمدى -گۇلنىسا پاجىئەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، تۇرغۇن مۇدىر ئائىلىسى ۋە يىشىل شەھەر گورۇھىنىڭ پاجىئەسى پۈتۈن يىشىل شەھەردىكى ئەڭ چوڭ قىززىق نۇقتىغا ئايلىنىپ، ئۇششاق تاراتقۇلارنىڭ ئاساسلىق خەۋەر ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالدى، ئەلۋەتتە بۇتوغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن قابىل بىلەن خانقىز ئەر-خوتۇنلارمۇ خەۋەردەر بولۇشتىن چەتتە قالمىغان ئىدى.

-ئوش ئۆزۈمنىڭ دەردىم بىلەن ئاران تۇرسام، نىمە ماڭا ساقچىلىق قىلىسەن بېشىمنى  ئاغرىتىپ، تولا ماڭا دەرىس سۆزلەيمەن دىمەي،  ئاۋۇ شەمسىيەك دىگەن بۇزۇق ئاشىقىڭغا گىپىڭنى بىر ئۆتكۈزۈپ باققىنە - شۇنچە كۈچلۈك تۇرغۇن مۇدىرنىڭ شۇنچە تىزلا ۋەيران بولغىنىدىن خەۋەر تاپقاندىن بۇيان، كىيىنكى نۆۋەتنىڭ ئۆزىگە كىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ ئاران تۇرغان خانقىزغا، قابىل دىگەن دوڭغاق جىگدىنىڭ ئەسكەرتىشلىرى ئوبدانلا باھانە بولۇپ بەرگەندەك ئېغىزى بېسىقماي ئۇنى سىلكىشلەپ سۆزلەپلا كەتتى.

- ھاي دىگەنگە ئۇنىماي قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ، ئەمدى توم كەلگەن يىرىگە ماڭا ئۈسمەكچى بولۇۋاتامسەن خانقىز، ساڭا دەپ قوياي، مەن ئەمدى سىنىڭ شەمسىيەنى قاقتى سوقتى قىلىدىغان ھېچقانداق پىلانىڭغا ئارلاشمايمەن، كەتسەڭ مەن بىلەن چىرايلىقچە يۇرتقا قايتىپ كەت، ئەگەر كەتمەيمەن دەپ تۇرۋالساڭ، بۇمۇ ئىختيارىڭ، سىنى ئەمدى زورلىمايمەن، بالىلارنى ئېلىپ، ئۆزۈم يالغۇز قايتىپ كىتىۋېرىمەن -

- نىمە قورقۇۋاتقان ئوخشىمامسەن قابىل، ۋاي سىنى سۆيىمەن، سەن بولمىساڭ، ئۆلىمەن، كۈيىمەن دەپ پونى بولۇشىغا ئېتىۋاتقانتىڭ، مۇشۇنىچىلىك سۈيەمتىڭ مىنى، ئىشۇ بىر شەمسىيە بۇزۇقتىن ئىككى تۆتتال پۇل ئېلىشمۇ بولۇڭدىن كەلمەيدىغان ھالىڭغا نىمەڭ بىلەن سۈيەتتىڭ مىنى-

- ئۇنداق قىلما خانقىز،چىرايلىقچە مەن بىلەن بىللە يۇرتقا قايتىپ كەت، قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭنىڭ ئاقىۋىتى ھەرگىز ياخشىلىق بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ، بۇرنۇمغا پۇراپ تۇرىۋاتىدۇ، ئەگەر مۇشۇنداق جاھىللىق قىلىپ، شەمسىيەگە داۋاملىق زىيانكەشلىك قىلىمەن دىسەڭ، كىيىنكى نۆۋەت چوقۇم بىزگە كىلىپ قالىدۇ، ئاينى ئىتەك بىلەن ياپقىنى بولمايدۇ خانقىز، سەن مۇشۇنداق جىم يۈرمەي قۇتراۋىرىدىغان بولساڭ،ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ھامان بىركۈنى رىزۋاننى ئۆلتۈرىۋەتكەن قىلمىشىڭنى ئاشكارلاپ قويىسەن -

- سەن شۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوخشىمامسەن قابىل، بىلەتتىم زادى، سىنىڭ ھامان بىركۈنى مەندىن مۇشۇنداق سېتىۋىتىدىغانلىقىڭنى، قورققان بولساڭ سەن قايتىپ كەت، مەن ھەرگىز بۇنداق قۇرۇق قول قايتىپ كەتمەيمەن -

-نىمانداق قىلىسەن خانقىز، ئەجەبا شەمسىيەنىڭ ساڭا تۆلەيدىغان قەرزى بارمىدى؟  ئۇ نىمە قىلغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بۇنچىۋالا ئېسىلىۋالىسەن؟ ئەجەبا ئۇ بىزنى قىينىلىپ قالدى دەپ يىشىل شەھەرگە تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغىنى ئۈچۈنمۇ؟ ھېچ چۈشەنمىدىم خانقىز، بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغانغا نىمە ھوقۇقىمىز بار زادى - قابىل بارا -بارا شەمسىيەنى چۈشۈنۈپ يىتىۋاتقاندەك قىلاتتى.

-سەن نىمە دىگەن نادان قابىل؟ سىنىڭچە ئۇنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىپ كىتىپ، بىزنى يىشىل شەھەرگە كىلىشكە تەكلىپ قىلغانمىدۇ؟ مەن ئۇ ساقتا ئالىيجاناب خوتۇننىڭ نىمە مەقسىدى بارلىقىنى بىلمەمتىم، ئۇچۇ، بىزگە ئۆزىنىڭ شىركىتىنى، ئىرىنى، ئەمەلىي كۈچىنى، كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان، ئۇنىڭ مەقسىدى ماڭا مال-مۈلكىنى كۆز -كۆز قىلىش، مىنى كەمسىتىش، ھەم خورلاش، ھەقىقەتەن ماڭا ياردەم قىلىدىغان نىيتى بولسا، ئۇ نىمىشقا ئەينى چاغدا، ماڭا ئىشلىتىپ تۇرغىن ياكى ئىگىلىك تىكلىگىن دەپ پۇل بىرىپ تۇرماي، مىنىڭ يېنىمغا كىلىپ ئىشلە دەيدۇ؟ ماڭا كۆز-كۆز قىلماقچى بولغىنى ئېنىق تۇرسا، يەنە شۇ خوتۇننى ماختاپ كەتكىنىڭنى قارا ئەخمەق، ساڭا دەپ قوياي قابىل، مەن بىلەن ئۆتىمەن دەيدىكەنسەن، ئەڭ ياخشىسى ئەمدى ئۇ خوتۇنغا يان بېسىشنى توختىتىپ، چىرايلىقچە مەن بىلەن ماسلاش، بولمىسا، بېرىپ ئاشۇ خوتۇننىڭ قوينىغا ئۆزۈڭنى ئېتىپ، سىناپ باق، ماكانىمنىڭ بەگزادىسىنىڭ قوينىدا ھايات پەيزىنى سۈرىۋاتقاندا ساڭا قاراپ قويامدىكىن قېنى -

-ۋەي، ياخشىمۇسىز، سىز كىم بولىسىز -قابىل خانقىزغا يەنە نىمىلەرنىدۇر دىمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، خانقىزغا تۇيۇقسىزلا كەلگەن تىلفون بىلەن تەڭ، توختاپ قالدى.

- سىز ھېلىقى ئابلىمىت دىگەن ئادەمنىڭ ئاشنىسى خانقىز خانىمغۇ دەيمەن،-يانفوندىن ناتۇنۇش بىر ئادەمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، خانقىز قابىلنىڭ ئاڭلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئاۋازنى پەسەيتىۋەتكەن بولسىمۇ،ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان قابىل يەنىلا ھەممىنى ئېنىق ئاڭلاپ تۇرۇۋاتاتتى.

- مەن ئابلىمىت دەيدىغان بىرسىنى تونۇمايمەن، سىز زادى كىم؟ مىنى ئىزدەيدىغان نىمە ئىشىڭىز بار؟ -

- تولا گەپ يورغۇلاتماڭ خانقىز خانىم، سىزنىڭ ئۇنىڭ ئاشنىسى ئىكەنلىكىڭىزنى مەن ئوبدان بىلىمەن، ئەينى چاغدا، سىلەر شەمسىيە دىگەن خوتۇننى ئۆلتۈرىۋىتىشكە ياللىغان ھېلىقى شوپۇر مەن شۇ، ئەينى چاغدا  تىلىفوندا، ئابلىمىتقا ئۇ ئايالنى چوقۇم ئۆلتۈرىۋىتىشنى قايتا-قايتا تاپىلىغان چېغىڭىزدا، مەنمۇ ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ھەممە گىپىڭىزنى ئاڭلىغان، نومۇرىڭىزنىمۇ ئۇنىڭ يانفونىدىن خاتىرىلىۋالغانتىم، شۇڭا ئەمدى گەپ يورغۇلىتىمەن دىمەي، تىلفوننى قويۇۋىتىشكە ئالدىرىماي، مىنىڭ سۆزۈمنى ئەستايىدىل ئاڭلاڭ، ئەگەر تىلفوننى قويۇۋىتىدىغان بولسىڭىز، مەن ئۇدۇل ساقچىخانىغا بېرىپ، ئۆزۈمنى مەلۇم قىلىمەن، ئۇ چاغدا سىزمۇ باش جاۋابكارلىكتىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىز -

- نىمە دىمەكچىسەن؟ -خانقىزنىڭ پۇت- قولى لاغىلداپ تىتىرەپ، قابىلدىن ئۆزىنى ئەپقېچىپ، سىرتقا چىقىپ سۆزلەشمەكچى بولۇپ ماڭدى.

-نەگە بارىسەن،مەن ھەممىنى ئاڭلاپ بولدۇم، ھېچيەرگە چىقمايسەن، مۇشۇيەردە تۇرۇپ،مىنىڭ كۆز ئالدىمدا  سۆزلىشىسەن،- بىراق قابىلنىڭ يۇمشاق غورۇرلىرى ئازراق قېتىپ قالغاندەك بولۇپ، ئۇنى ماڭغىنى قويمىدى.

- مىنىڭ تەلىپىم ناھايىتى ئاددىي، ئىككى كۈن ئىچىدە ماڭا بىر مىليون يۈەن پۇل تېپىپ ئەكىلىپ بىرىسەن، ئەگەر بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە پۇل قولۇمغا تەگمەيدىكەن، دەرھال بېرىپ ئۆزۈمنى مەلۇم قىلىمەن -

-ئىشنى ساڭا ئابلىمىت بۇيرىسا، نىمىشقا مىنى قاقتى-سوقتى قىلىسەن، بېرىپ ئابلىمىتنى ئىزىمەمسەن سولتەك، مەندە بىر مىليون ئەمەس، بىر موچەنمۇ بولمىسا ساڭا نىمەمنى بىرىمەن، كىلىپ ئىسسىق جېنىمنى ئال،-

-ئابلىمىتنىڭ قېچىپ كەتكىنىنى بىلىدىغانسىز؟ ئۇنى سىز تاپالمىسىڭىز، مەن نەدىن تاپاتتىم، ئىشقىلىپ، مىنىڭ بىلىدىغىنىم، سىز پەردە ئارقىسىدىكى باش پىلانلىغۇچى، شۇڭا سىزدىن ئالساممۇ خاتا قىلغان ھېسابلانمايدىغاندىمەن، ئەينى چاغدا، ئادەمنى خاتا سوقۇپ قويۇپسەن دەپ، ئىش ھەققىمنى دىيىشكەندىن ئاز بەردىڭلار، ئۇنى ئاز دەپ ھېلىقى ئابلىمىت دىگەن بىر نىمە ئىككى كۈندىن كىيىن قالغىنىنى بىرىمەن دەپ، يېرىمىنى بىرىپلا قېچىپ كەتتى، ئەسلى سىزنى بۇرۇنلا ئىزدەي دەپ ئويلىغان، بىراق تولىمۇ پاراكەندىكەنسىز ئارامىغا چۈشۈۋالسۇن دەپ پۇرسەت بەردىم، مىنى شۇنچىۋالا ئاخماق قىلىپ ئوينۇغۇنۇڭلار ئۈچۈن، بىر مىليون تەلەپ قىلغىنىم ئېشىپ كەتمىگەندۇ، سۈيۈملۈك خانقىز خانىم – قارشى تەرەپنىڭ بۇنداق ئىشلارنى تولا قىلىپ، قانچىلىك قاقتالما بولۇپ كەتكەنلىكى گەپ ئورامىدىن بىلىنىپ تۇراتتى.

-مىنىڭ ئۇ ئابلىمىت بىلەن ھېچقانداق ئالاقەم يوق، تولا مىنى ئۇنىڭغا زورلاپ تاڭىمەن دىمەي، قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل،نوچى بولساڭ كىلىپ مىنىڭ جېنىمنى ئال،-

- خانقىز خانىم جاۋاب بىرىشكە ئالدىراپ كەتمەڭ،سىزدەكلەرنى تولا كۆرگەنمەن، مىنى ئۇنداق گەپلەر بىلەن تەسىرلەندۈرەلمەيسىز، سىزنىڭ ھاياجانلىنىپ كىتىدىغانلىقىڭىزنى ئالدىن پەرەز قىلىپ،ئىككى كۈن ئويلىنىش ۋاقتى بەردىم، ئوبدان ئويلۇنۇپ تەييارلىق قىلىۋېلىپ،ئاندىن جاۋاب بەرسىڭىزمۇ ئۈلگۈرىسىز،خەير خوش – تىلفون قويۇۋىتىلدى.

- ۋەي،ۋەي،ۋۇ ئەبلەخ،ھايۋان – خانقىز ئادىتى بويىنچە قويۇۋىتىلگەن تىلفونغا بار ئاۋازىنى قويۇۋىتىپ چىرقىرىدى.

-نىمە ماڭا سەت يەۋىتىدىغاندەك سەت قاراپ تۇرىسەن بۇيەردە –

- ئۇ نىمە دەۋاتىدۇ؟ - خانقىز قابىلنىڭ دەل ئەينى چاغدىكى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان سۈيقەست سەۋەبىدىن مېيىپ بولۇپ قالغانلىقىنى ئىسىدىن چىقىرىپ،ئۇنىڭغا خۇددى بۇرۇنقىدەك  ۋاقىراپ -جاقىراپ، ئېغىزىنى ئىتىشكە ھازىرلىنىپ تۇرغىنىدا، قابىلنىڭ ھېچقاچانقىغا ئوخشىمايدىغان غەزەپلىك ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتتى – ئۇنى نىمە دەۋاتىدۇ دەۋاتىمەن،ئېيتە،ئۇنىڭ دىگەنلىرى راستمۇ؟ شۇ قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىنى راستىنلا سەن ئورۇنلاشتۇرغانمۇ؟

- دىدىمغۇ؟مىنىڭ ئۇ ئىشلار بىلەن ئالاقەم يوق دەپ،ئۇ ئابلىمىت دىگەن ئادەمنى يالقۇن شەمسىيەنى ئۆلتۈرىۋىتىشكە ياللىغان،مىنىڭ بۇ ئىش بىلەن ئالاقەم يوق –

- ئالاقەڭ بولمىسا،ئەجەپ،يالقۇننىڭ شەمسىيەنى ئۆلتۈرىۋىتىشكە ئادەم ياللىغىنىنى ئوبدان بىلىدىكەنسەن ھە؟يالقۇن شەمسىيەنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىدىغان تۇرسا،ئۇنىڭ شەمسىيەنى ئۆلتۈرىۋىتىشى مۇمكىنمۇ؟

- ئەجەپ كىرشىپلىۋالدىڭ قابىل،بۇزۇق خوتۇنىڭغا ئىچىڭ ئاغرىپ كىتىۋاتقان ئوخشىمامدۇ،ھەئە،يالقۇن ئابلىمىتنى شەمسىيەنى سوقۇپ،مېيىپ قىلىپ قويۇشقا شوپۇر ياللايسەن دەپ بۇيرۇپتىكەن،مەن ئۇنىڭغا پۇل قوشۇپ بىرىپ،ئۇنى چوقۇم نەق مەيداندا ئۆلسۇن دىدىم،قانداق سۈيۈملۈك ئاشىقىڭ ئۈچۈن، مەندىن ئىنتىقام ئالماقچى ئوخشىمامسەن؟-

-،ۋۇ پەس قانجۇق!- قابىل خانقىزغا ئىككىنچىلەپ ئازار بەرمەيمەن دىگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ،ئۇنى ئىككىنچى قېتىم تەتۈر تەستەك بىلەن بىرنى سالدى – ئەجەبا ئۇنىڭ يېنىدا مىنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىمنى بىلمەمتىڭ؟باللىرىڭنىڭ دادىسىنى مېيىپ قىلىپ قويغۇنۇڭدىن ئازراقمۇ ۋىجدان ئازابى تارتمىدىڭمۇ پەسكەش –

- مىنى ئۇرىۋاتامسەن تېخى -خانقىز قابىلنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى -كىم سىنى ئۇنىڭ يۈندىسىنى يالاپ كەينىدىن چىقماي يۈرسۇن دەپتىكەن،شۇ بۇزۇقنى قۇتقۇزىمەن دەپ،ماشنىغا ئۆزۈڭنى ئاتقاندىكىن خوپ بوپتۇ تازا،مەن تېخى سەندىن مىنىڭ ئىشىمنى بۇزغىنىڭنىڭ ھېسابىنى ئالمىسام،سەن تېخى مىنى سوراق قىلىۋاتامسەن ۋۇ لامزەللە – خانقىز قىلمىشلىرىدىن ھېچبىر تەپتارتقاندەك،نۇمۇس قىلغاندەك قىلمايتتى.



tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章