شىنجاڭدا بىر ئەر ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن 11-قەۋەتتىن تۆۋەنگە تاۋۇز تاشلىغانلىقتىن جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاندى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 12-شىسى سەنپىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىۋېرسال سوت كوللېگىيەسى جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيەسى سوت مەيدانىنى 12-شى سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىغا «كۆچۈرۈپ كېلىپ»، يۇقىرى بوشلۇقتىن نەرسە-كېرەك تاشلاش دېلوسىنى ئاشكارا سوت قىلدى، تۇەن-مەيدانىدىكى كادىرلار، ئاھالىلەردىن 200 دىن ئارتۇق كىشى سوتنى ياندىن ئاڭلىدى.
2023-يىل 8-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 10 دا، جاۋابكار ئەن XX ئېغىرلىقى تەخمىنەن ئۈچ كىلوگىرام كېلىدىغان تاۋۇزنى ئېلىپ قوشنىسى جيا XX نىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تاۋۇزنى جيا XX كە سوۋغا قىلماقچى بولغان، ئەمما جيا XX نەق مەيداندا ئۇنىڭ ياخشى كۆڭلىنى رەت قىلغان. ھاياجانلانغان ئەن XX ئەقلىنى يوقىتىپ، ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن، 11-قەۋەتتىكى كارىدور دېرىزىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ، قولىدىكى تاۋۇزنى كۈچەپ تاشلىغان، تاۋۇز كورپۇس ئىشىكى ئالدىغا چۈشۈپ چېقىلغان، بەختكە يارىشا بۇ چاغدا ھېچكىم كىرىپ-چىقىۋاتمىغان بولغاچقا، جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىمىغان.
سوتتا ئەيىبلىگۈچى ئەيىبلەش پاكىتى ۋە ئىسپاتنى چۆرىدەپ جاۋابكار، ياندىن ئاڭلىغۇچىلارغا سەۋرچانلىق بىلەن ئىنچىكە چۈشەندۈرۈپ، يۇقىرى بوشلۇقتىن نەرسە تاشلاشنىڭ خەتىرىنى بايان قىلىپ، قائىدە ۋە قانۇننى بىرلەشتۈرۈپ يۇقىرى بوشلۇقتىن نەرسە تاشلاش قىلمىشى سادىر قىلغۇچىنىڭ ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى ۋە ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقىنى تولۇق چۈشەندۈردى.
جاۋابكار ئەن XX سوتتا ئۆزىنىڭ قىلمىشىنىڭ خەتىرىنى تولۇق تونۇپ، پۇشايمان قىلغانلىقىنى ھەمدە ئۆز ئىختىيارى بىلەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدىن نەرسە تاشلاش، نەرسە چۈشۈپ كېتىش دېلولىرىنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق قاراپ چىقىش توغرىسىدىكى پىكىرىگە ئاساسەن، قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ مەقسىتى، نەرسە تاشلاش سورۇنى، تاشلانغان نەرسىنىڭ ئەھۋالى ۋە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەت قاتارلىق ئامىللارغا بىرلەشتۈرۈپ ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىپ، سەنپىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار ئەن XX نىڭ يۇقىرى بوشلۇقتىن نەرسە تاشلاش جىنايىتىگە قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقىرىپ، تۆت ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، يەتتە ئاي كېچىكتۈرۈش جازاسى بەردى ھەمدە 2000 يۈەن جەرىمانە قويدى؛ جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ ئاممىۋى پاراۋانلىق دەۋا قىسمىغا قارىتا، سوت مەھكىمىسى ئەن XX كە شى ياكى شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى گېزىت-ژورنال ئاخبارات ۋاستىلىرى، تۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللىنىڭ ئاشكارىلاش سەھنىسىدە ئاشكارا كەچۈرۈم سوراشقا بۇيرۇدى.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ قالايمىقان ئوپراتسىيە قىلغان دوختۇرغا قاماق جازاسى بېرىلدى
◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟