توي ۋە سۈيقەست5-قسىم

文摘   2025-01-17 20:52   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

،چىرايلىق چوكان،تالاغا قارىغان ئايال، جىنايەت ۋە جازا شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




 



-5- قىسىم

سابىق ئوغۇل دوستۇمنى كۆرۈپ، قايتىدىن كومپىيۇتېرغا قارىۋالدىم.

ئۇلار كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، خىزمەتدىشىم يەنە يېنىمغا كەلدى.

_ ھەي، دېرىكتور چىقارغان سۈرەتلەرنى كۆردىڭىزمۇ؟

_ ھە..دېققەت قىلماپتىمەن.._ ئۆزۈمنىڭ ئۇ سۈرەتلەرنى قايتا قايتا نەچچە قېتىم كۆرىۋەتكىنىمنى چاندۇرمىدىم.

_ شۇنداق ئېسىل يەرلەردە شېرىنئاي ئۆتكۈزۈپتۇ.. پۇلى بولسا نېمىدېگەن ياخشى ھە..

_ شۇنداق،_ خىزمەتكە كىرىشىپ كەتكەن قىياپەتكە كىرىۋالدىم.

_ مۇشۇ يىگىتنى بىر يەردە كۆرگەندەكلا قىلىمەن..لېكىن پەقەت ئېسىمگە ئالالمىدىم..

_ بەلكى دېرىكتورنى ئەكەپ قويغاندا كۆرگەنسىز.. شۇڭا تونۇش بىلىنگەندۇ..

_ شۇنداقمىدۇ..لېكىن تەلىيى باركەن، دېرىكتوردەك پۇلى، ئىقتىدارى بار قىزبالىنى ئالدى..

ئۇنىڭ سۆزلىرىنى يۈرىكىمنى يېرىۋاتاتتى. لېكىن ئۇ توختايدىغاندەك قىلمايتتى. ئۇنىڭدىن رەنجىشكە ئامالىم يوق ئىدى. چۈنكى شىركەتتىكى ھېچكىم دېرىكتورنىڭ يولدىشىنىڭ مېنىڭ بۇرۇنقى ئوغۇل دوستۇم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.

خىزمەتدىشىم قۇلىقىمغا كۇسۇرلىدى.

_ لېكىن پۇلدار قىزلارنى ئالغان يىگىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياخشى كۆرۈپ ئەمەس، پۇلىنى دەپ ئالىدۇ.. ھەي دېرىكتورنى قەدىرلىسە بولاتتىغۇ..دېرىكتوردىن ئەنسىرەپ قالدىم..

_ ئايلىق مائاشى 3000كويلۇق ئادەم ئايلىق كىرىمى 300مىڭلىق دېرىكتوردىن ئەنسىرىمەي، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەڭە.. دېرىكتورنىڭ پۇلى بار، قانداقلا ئىش بولسا، ئۆزى ھەل قىلالايدۇ..بىكار سىزنى خىزمەت ۋاقتىدا قۇرۇق گەپ ساتتى دەپ يېزىپ قويىمەن،_ دېدىم چاقچاق ئارىلاش كۈلگەچ.

_ ۋاي راست، دەم ئالسىڭىز ئىشخانا مۇدىرى ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن..كەچۈرۈڭ.._ ئۇ كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىزمەتكە چۈشۈپ كەتتى.

_ دېرىكتور سىزنى چاقىرىدۇ،_ يەنە بىر خىزمەتدىشىم يېنىمغا كېلىپ ئۇقتۇرۇش قىلىپ قويغاندىن كېيىن جايىغا بېرىپ ئولتۇردى.

تىترەشكە باشلىدىم، دېرىكتورۇمنىڭ ئالدىغا كىرىشتىن ئەمەس، سابىق يىگىتىمگە يۈزلىنىشتىن قورقىۋاتاتتىم. ئېغىر بىرنى تىنىۋەتكەندىن كېيىن دېرىكتورنىڭ ئىشخانىسىغا قاراپ ماڭدىم.

_ قانداق دەم ئېلىشلىرىڭىز خېلى جايىدىمۇ؟_ دېدى دېرىكتور ماڭا كۈلۈپ قاراپ.

ياندا ماڭا قاراپ تۇرغان يىگىتىمدىن كۆزۈمنى قاچۇرۇشقا تىرىشاتتىم.

_ ياخشى دېرىكتور..شۇنداق ياخشى دەم ئالدىم..رەھمەت..

_ سىزگە بىر ئىشنى ئۇقتۇرۇپ قوياي دەپ چاقىرغانتىم..

_ ئەلۋەتتە بولىدۇ دېرىكتور..قانداق ئۇقتۇرۇشكىن؟

دېرىكتور ئالدىمغا بىر ھۆججەتنى قويدى. ھۆججەتنى قولۇمغا ئېلىشىم بىلەن ئۇ سۆزىنى داۋام قىلدى.

_ ئىشخانا مۇدىرلىق ۋەزىپىڭىزنى باشقا خىزمەتدىشىڭىزغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بولدىڭىز..

تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ئۇقتۇرۇشتىن ھەيران بولدۇم. چۈنكى ئىشخانا مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن چۈشۈش مائاشىمنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

_ د..دېرىكتور..بۇ قانداق گەپ؟ مەن چۈشىنەلمەي قالدىمغۇ..قانداق خاتالىق ئۆتكۈزدۈم، ماڭا دېسىڭىز مەن تۈزىتەي بولامدۇ..

_ ياق، سىزدىن خاتالىق ئۆتمىدى..توي قىلدىڭىز، ئەمدى رۇخسەتنى تولا سورىشىڭىز مۇمكىن..شۇڭا بۇ خىزمەتنى باشقا بىرەيلەنگە بېرەيمىكىن دەيمەن..

_ توي قىلدى دەپلا بۇنداق قىلسىڭىز قاملاشمايدىغاندۇ دېرىكتور، ھەرقانداق ئىشنىڭ بىر سەۋەبى بولىشى كېرەكقۇ...

_ جىددىيلەشمەي تۇرۇڭ. سىز مېنىڭ بەك ياخشى خىزمەتچىم..ھەرگىز سىزدىن خاتالىق ئۆتكىنى ئۈچۈن بۇنداق قىلىۋاتقىنىم يوق..شىركەتكە بىر نەچچە يېڭى ئادەم ئالماقچى، سىزنىڭ خىزمەت بېسىمىڭىز ئېغىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇۋاش..باشقۇرالماي قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرىدىم..

_ بۇرۇنمۇ خېلى كۆپ ئادەمنى باشقۇرالىغانتىم..شىركەتنىڭ ئىشلىرىدىن چاتاق چىقىرىپ قويمىغان، بۇنداق قىلسىڭىز توغرا بولماسمىكىن دېرىكتور..

_ بۇ ئورۇنغا باشقا بىر خىزمەتچىنى ئورۇنلاشتۇرماقچى، شىركەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇڭ. تىرىشسىڭىزلا يەنە ئۆسۈش پۇرسىتىڭىز بار..

_ بولىدۇ دېرىكتور، چۈشەندىم،_ بېشىمنى ئىگىپ سالام بېرىپ قويۇپ، ھۆججەتكە قول قويغاندىن كېيىن، ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتىم. شۇنچە ھۆرمەتلەيدىغان دېرىكتورمۇ كۆزۈمگە ئەسكى كۆرۈنۈپ قېلىۋاتاتتى.

ئاستا كېلىپ جايىمدا ئولتۇردۇم. خىزمەت ئورنۇمنىڭ نېمىشقا تۇيۇقسىزلا تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. ياندىكى خىزمەتدىشىم يېنىمغا كەلدى.

_ نېمىش بولدى؟ دېرىكتورنىڭ يېنىغا كىرىپلا كەيپىياتىڭىز بۇزۇلدىغۇ..

_ ھېچ ئىش يوق. ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى، خىزمىتىڭىزنى قىلىۋېرىڭ..

_ ۋوي راست، مېنى قۇرۇق گەپ قىلدى دەپ يېزىپ قويماڭ، ئىشتىن چۈشكەندە سوراي..

خىزمەتدىشىم جايىغا كەتتى.

_ مەن ھازىر ئىشخانا مۇدىرى ئەمەس، نېمە قىلغۇڭىز كەلسە قىلىۋەرسىڭىز بولىدۇ..

خىزمەتدىشىم ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قارىدى.

_ قانداق گەپ بۇ؟ تۇيۇقسىزلا خىزمەت ئورنىڭىزنى ئۆزگەرتىپتۇما؟

_ شۇنداق،_ خىزمەتدىشىمگە گۇمانىي نەزەردە قاراپ قويدۇم،_ زادى كىملەر بۇ ئورۇنقا تىكىلىپ قالغاندۇ، مەن توي رۇخسىتى ئالغاندا ئەمەس، ئىشلەۋاتقاندا ماڭا جەڭ ئېلان قىلىپ ئېرىشسىمۇ بولاتتىغۇ..مەن رۇخسەت سورىغان مەزگىلدە دېرىكتورغا خىزمەت ئىشلىگىنى نېمىسى..

_ ھەي، ماڭا قاراپ بۇنداق دېمەڭە...مەن ئادەتتىكى خىزمەتچى بولغىنىمدىن خوش..ئادەم باشقۇرالمايمەن..مەن ئورنىڭىزغا تىكىلىپ قالغىنىم يوق جۇمۇ.. ئۆزۈم بىردەم گەپ قىلمىسام جىم تۇرالمايدىغان تۇرسام، باشقىلارنى باشقۇرالايتتىممۇ..

ئۇنىڭغا تەنە ئارىلاش كۈلۈپ قويۇپ كومپىيۇتېرغا قارىدىم. ئىچىمنى ئاچچىق ئىگەللەپ كەتكەنىدى، تۇيۇقسىزلا كەلگەن بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇشتىن رازى ئەمەس ئىدىم.

تۇيۇقسىز سايرىغان دوستۇمنىڭ تېلىفوننىنى تاپشۇرۋالدىم.

_ نېمە قىلىۋاتىسەن؟ خېلى ياخشى دەم ئالدىڭمۇ؟

_ مەن..مەن ياخشى ئاداش..رەھمەت..

_ چۈشتە سىلەرنىڭ شىركەت تەرەپكە بېرىپ بېجىرىدىغان ئىشىم بار ئىدى. چىقساڭ كۆرىشەيلىمۇ؟ چۈشلۈك تاماقنى بىرگە يەيلى..

_ مەيلى، كەلگەندە گەپ قىل،_ تېلىفوننى قويۇپ يەنە كومپىيۇتېرغا قاراشقا باشلىدىم. ئۆزۈمنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيتتىم. كاللامغا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ كەتكەن خىزمەت ئورنۇم ۋە تۆۋەنلەپ كەتكەن مائاشىمدىن باشقىسى كىرمەيتتى.
بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئەتراپقا قاراپ باقتىم. شۇ تاپتا ھەممەيلەن كۆزۈمگە شۇ ئورۇنغا ئېرىشىدىغان نامزاتتەك كۆرۈنىۋاتاتتى. بۇ كىشىنىڭ زادى كىملىكىنى بىلمىگەچكە ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن نەپرەتلىنىۋاتاتتىم.

چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ، دوستۇم بىلەن كۆرۈشۈشكە ئالدىراپ لېفىت ئالدىغا كەلدىم-دە، سابىق يىگىتىم بىلەن دېرىكتورنى كۆرۈپ تۇرۇپ قالدىم.

لېفىت ئىشىكى ئېچىلىپ ئۇلار لېفىتكە چىقتى، مەنمۇ ئامالسىز ئەگەشتىم، چۈنكى لېفىتنىڭ بۇ قەۋەتكە قايتا چىقىشىغا 10نەچچە مىنۇت كېتەتتى.

لېفىت ئىچىدىكى ئادەملەر ئارىسىدىن يىگىتىم بىلەن دېرىكتورنى كۆردۈم. يىگىتىم ھېلى ئايالىنىڭ چاچلىرىنى ئوڭشىسا، ھېلى قولىنى تۇتۇپ قوياتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ مەن بىلەن يۈرىۋاتقان چاغدىكى ھالىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلمەي قالدىم. مۇھەببەت بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئالدىدا شۇنچىلىك ئاجىز نەرسىكىن، مەنپەئەت ئالدىغا كەلگەندە ئۇلار ساپ مۇھەببەتكە ئارقىسىنى قىلالايتتى. يەنە بىر ئادەمنى تېپىپ ئالدىنقى كىشىگە بەرگەندىن ئاشۇرۇپ مېھىر بېرەلەيتتى.

بېشىمنى لىڭشىتىپ قويۇپ جايىمدا تۇردۇم.

لېفىتتىن چىقىپ ئۇدۇلدا تۇرغان دوستۇمنى كۆردۈم.

_ ۋوي سىرتتا ساقلامدىكىن دېسەم، بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ تۇرۇپسەنغۇ..

_ ھە، مۇشۇ بىنادا ئىش بېجىرگەن شۇڭا زالدىلا ساقلاپ تۇردۇم،_ دوستۇم سابىق يىگىتىم بىلەن دېرىكتوردىن كۆزىنى ئۈزمىدى،_ ئاداش ئۇلار..

_ بولدى، ئۇلار بىلەن كارىمىز بولمىسۇن.بەرىبىر ھازىر قىلچە مۇناسىۋىتىمىز يوق...

دوستۇمنى قولتۇقلاپ بىر ئاشخانىنىڭ ئىچىدىكى ئورۇنغا كەلدىم.

_ بۈگۈن نېمە يېگۈڭ بار..مەن مېھمان قىلاي..

_ مەنمۇ شۇنى ئويلاپ ساڭا تاماقنى بىللە يەيلى دېگەن..ھاھا..

_ مانا، تاماق تىزىملىكىنى ساڭا بېرەي، خالىغىنىڭنى تاللا..

ئۇ بىر نەچچە خىل تاماقنى تاللىغاندىن كېيىن ماڭا قارىدى.

_ نېمىش بولدى؟ بەك قاراپ كەتتىڭغۇ؟!

_ ماڭا دەيدىغان گەپلىرىڭ يوقمۇ؟

_ نېمە گەپنى دەيسەن.. بۈگۈن بىللە تاماق يەيلى دېگەن گەپنى ئۆزۈڭ دېدىڭغۇ..سېنىڭ بىرەر گېپىڭ بار بولغۇيتى..

_ تۇيۇقسىزلا توي قىلدىڭ..ھەيرانلا قالدىم، مەن يولدىشىڭنى كۆرۈپمۇ باقماپتىكەن..توي كۈنى كۆردۈم..توي چېيىمۇ بەرمىدىڭ، قولداشمۇ يوق..زادى نېمىش بولدى؟

_ قانداق قىلىمىز، توي دېگەن شۇنداق تۇيۇقسىزلا بولىدىغان نەرسىكەن..

_ تولا يالغان ساراڭ بولىۋالما..بۇ ئىشتا بىر گەپ بار.. باشقىلاردىن يوشۇرساڭمۇ مەندىن يوشۇرالمايسەن.. نېمىشقا ھېچكىمگە دېمەيلا توي قىلىسەن، يەنە كېلىپ بۇرۇنقى يىگىتىڭ توي قىلىپ ئۇزۇن بولمايلا...

_ ۋايجان، رازۋېتچىكتەك سۇئال سورىماي چاي ئىچە، ئايرىلىپ كېتىپ ئازابتا تۇرسام يېڭى يىگىتتىن بىرسى ئۇچرىدى شۇنىڭ بىلەن تويۇمنى قىلدىم. مۇشۇنداق ئاددىي..

_ ئاداش. بۇنداق دېسەم پايدىسى يوقلىقىنى بىلىمەن، لېكىن بەكلا ئالدىراپ كەتتىڭ..مەن شۇ ئالدىراپ توي قىلغاننىڭ زىيىنىنى تارتقان ئادەم. بىلىسەن..

_ ئالدىراپ توي قىلسىلا بەختسىز بولىدۇ دەپ كىم دەيدۇ..ئۇ توغرا ۋاقىتتا ئۇچراپ قالدى شۇ..

ئەتەي كۈلۈپ قويدۇم. لېكىن يۈرىكىم جىددىيلىكتىن تېز سوقۇپ كېتىۋاتاتتى.

_ سەن توغرا دەپ قارىساڭلا مەيلى..مېنى قاچان ئۆيۈڭگە چاقىرىسەن؟

_ يې..يېقىندا.. مەن ئۆزۈم ساڭا خەۋەر قىلاي ئاداش.._ ھېچقانداق تونۇشۇمنىڭ ئۆيۈمگە بېرىپ ئىككەيلەننىڭ ئايرىم ئىككى ئۆيدە يارتقىنىنى كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايتتىم.

_ ئاۋۇ يىگىتىڭ قىزىقكەن ھە..مېنىمۇ تونىماسقا سېلىپ كېتىۋاتىدۇ..

_ ئاداش، ئۇ مېنىمۇ تونىماسقا سالالىغان تۇرسا، سېنى ئەلۋەتتە تونىماس بولىۋالىدۇ-دە.

_ ھەي، ئۇلار بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىش ئېغىر كەلگەندۇ ھە..

_ ھېچقىسى يوق ئاداش. مەن بۇ شىركەتتە ئىشلىگىلى نەچچە يىل بولدى، ئۇنىڭ دەستىدىن كەتسەم بولماس.. مېنىڭ پۇل بىلەن ئۆچۈم يوق..

_ قەستەن باتۇر قىياپەتكە كىرىۋالمىساڭمۇ بولىدۇ..كۆزلىرىڭ قىزىرىپ كەتتى..

_ تۈنۈگۈن ياخشى ئۇخلىمىغان، شۇڭا قىزىرىپ كەتتى.._ ئۇنىڭغا رەنجىگەندەك قاراپ قويدۇم،_ قىزىقكەنسەن، ھازىر ئۇ ئىككىلىمىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا ئائىلىمىز بار..بۇنداق گەپ قىلساڭ قاملاشمايدۇ جۇمۇ..يولدىشىم ئاڭلاپ قالسا رەنجىپ قالمىسۇن..

_ ماقۇل، ماقۇل، يولدىشىڭنىڭ گېپىنى قىلىشايلى..مەن قارىسام شۇنداق كېلىشكەن بالىكەن..قانداق تونۇشۇپ قالدىڭ؟

_ بۇرۇنقىسى بىلەن تۇيۇقسىز ئايرىلىپ كېتىپ باغچىدىكى كۆل بويىدا يالغۇز ئولتۇرسام، ئۇمۇ شۇ كۆل بويىغا كېلىپ قاپتۇ..شۇنىڭ تونۇشۇپ قالدۇق..ئۇمۇ قىز دوستىدىن ئايرىلىپ كېتىپتىكەن..

كۆزۈمنىمۇ چىمچىقلىتىپ قويماي يالغان سۆزلەشكە باشلىدىم، ئۇنىڭ بىلەن توردىكى لايىق تونۇشتۇرۇش سۇپىسىدا تونۇشقىنىمنى، كۆرۈپلا ئۇچرىشىشقا چاقىرغىنىمنى، تويلۇقمۇ ئالماي توي قىلغىنىمنى دوستۇمغا ئېيتىشقا ئامالسىز ئىدىم.

_ ۋاھ. ھەجەپ ئۇدۇل كەپ قاپتۇ..قىسمەت دېگەن شۇ ھە..دېمەك ئىككىڭلار ئەسلىمۇ بىرجۈپكەنسىلەرتۇق..شۇڭا ئوخشاش ۋاقىتتا، ئوخشاش يەرگە كەپ قاپسىلەر..

_ شۇ ئەمەسمۇ، قىزىق ئىش،ئۇمۇ ئەسلى قىز دوستى بىلەن توي قىلماقچىكەنتۇق، لېكىن قىز ئايرىلىپ كېتەيلى دەپتۇ..شۇنىڭ بىلەن قىزغا تەييارلىغان تويلۇقنى ماڭا بەردى..

يالغان سۆزلىگەنچە يۈرىكىم ئېچىشىپ كېتىپ باراتتى. يەنە بىردەم سۆزلىسەم يىغلاپ تاشلايدىغاندەك قىلاتتىم. 

_ بولدى ئاداش.. بۇ گەپنى قىلىشمايلى..سەنچۇ؟ ئۆزۈڭ توغرىلىقمۇ سۆزلىمەمسەن..

ئەتەي تېمىنى بۇرىدىم. شۇنداق بولغاندىلا يۈرىكىمنىڭ سوقۇشلىرىنى پەسلىتىپ، ياشلىرىمنى ئىچىمگە يۈتەلەيتتىم.

_ مەن ياخشى.. خىزمەتمۇ جايىدا.. بۇرۇنقى يولدىشىم بالامنى پاتپات كۆرسىتىپ تۇرىۋاتىدۇ..چوڭ ئۆزگىرىش يوق، پۇلۇم بولغان بولسا بالامغا ياخشى نەرسىلەرنى ئەپ بەرگەن بولاتتىم، لېكىن مائاشىم ماشىنىنىڭ قەرزىنى تۆلەشكىلا كېتىۋاتىدۇ..خىزمەت ئورنۇم ئۆسكەن بولسا، مائاشىم ئۆسەتتى، قولۇمغىمۇ پۇل ئاشاتتى..

_ شۇ ئەمەسمۇ..خىزمەت ئورنى ئۆسسە مائاشمۇ يۇقىرى بولىدۇ..تۆۋەنلىسە مائاشمۇ تۆۋەنلەيدىغان گەپكەن..ھەي.._ ئېغىر تىنىپ قويدۇم.

_ نېمىش بولدى بەك خۇرسىنىپ كەتتىڭغۇ؟! سېنىڭ خىزمەت ئورنۇڭ ياخشىغۇ..

_ بۈگۈن خىزمەت ئورنۇمدىن چۈشۈپ كەتتىم ئاداش..ھوقۇقۇم ئېلىپ تاشلاندى..

_ نېمە دەيدىغانسەن؟!سەن شۇنداق ياخشى ئىشلەيتتىڭغۇ؟!

_ بىلمىدىم، دەم ئېلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلسەم دېرىكتور شۇنداق دەيدۇ..كىمنىڭ بۇ ئورۇننى نىشانلاپ قالغىنىنى بىلەلمىدىم..

_ ھەي، سەن يوق ۋاقىتتا باشقا خىزمەتداشلار ئورنۇڭنى تالىشىپتۇ-دە..بىر ھەپتىنىمۇ بوش قويماپتۇ..

_ شۇ ئەمەسمۇ،ھەيرانمەن..ئەمدى مەنمۇ ئادەتتىكى خىزمەتچىگە ئايلاندىم، مائاشىم تۆۋەنلىدى..كۈنۈم تەسلىشىدىغان بولدى..

_ ھېچقىسى يوق ئاداش..ھېچ بولمىسا مۇھەببەتكە ئېرىشتىڭ. بۇرۇن بىر ئادەم بولساڭ ھازىر ئىككى ئادەم، يولدىشىڭمۇ قاراپ تۇرمايدۇ..

دوستۇمغا قاراپ زورىغا كۈلۈپ قويۇپ تاماقنى كۈچەپ يېيىشكە باشلىدىم.

ئۆيگە قايتىپ كېلىپ سافادا ئولتۇرۇپ تېلىفونغا قاراۋاتقان «يولدىشىم»نى كۆردۈم. ئۇ مېنى كۆرۈپ ئالدىراپ ئورنىدىن تۇردى.

_ ۋوي، نېمىگە بۇنچە جىددىيلىشىسىز، ئولتۇرىۋېرىڭ..

_ سەت بولدى، بۈگۈن ئىشتىن بالدۇر چۈشكەن، شۇڭا تېلىۋېزور كۆرگەچ تېلىفونغا قاراپتىمەن..

_ ئەركىن بولۇڭ، ھېچقىسى يوق، چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ياتاق ئۆيىدە ئولتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ..ئادەتتىكى پائالىيەتنى ئەركىن قىلسىڭىز بولىدۇ..

ئۇ چىرايىمغا قارىدى.

_ كەيپىياتىڭىز ياخشى ئەمەستەك قىلىدۇ..بىرەر ئىش بولمىغاندۇ..

_ ھېچ ئىش يوق. شىركەتتە ئازىراق كۆڭۈلسىزلىكلەر بولدى..شۇڭا كۆڭلۈم سەل يېرىم..

_ ھەي..بۇ نېمىش بولغىنى ئەمدى.. بولمىسا خىزمەت ئالماشتۇرۇپ باقامسىز؟

_ ياق. مەن بۇ شىركەتتە ئىشلىگىلى ئۇزۇن بولدى، بۇنداقلا كەتسەم بولمايدۇ.. چوقۇم ئورنۇمنى قايتىدىن تىكلەيمەن..

_ ئاشخانىدا تاماق بار.. ئىسىتىپ يېسىڭىز بولىدۇ..

_ جاپا تارتتىڭىز، تاماقنى ئۆزۈم ئەتسەممۇ بولاتتى..

_ ھېچقىسى يوق، ئىشتىن بالدۇر كەپتىمەن. ئۆزۈمنىڭمۇ قورسىقى ئاچتى. شۇڭا ئەتتىم..

تاماقنى كۆتۈرگىنىمچە ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشىم، تامىقىنى ماختاپ قويۇشۇم كېرەك ئىدى. لېكىن كەيپىياتىمنىڭ ناچارلىقىدا ئۇنىڭغا خاتا گەپ قىلىپ قويۇشتىن قورقاتتىم.

*                          *                          *                       

   ئورنۇمدىن سەھەر تۇرۇپ كەتتىم، ناشتىلىق تەييارلاپ يەپ بولغۇچە ئۇنىڭ ئىشىكىنىڭ ئېچىلغىنىنى كۆرمىدىم. ئاستا ئىشىكنىڭ يېنىغا كېلىپ باقتىم. ئىچىدىن ئاۋاز ئاڭلانمايتتى.

« ئىشقا مېڭىپ بوپتۇ-دە»

ئاچقۇچۇمنى ئېلىپ ئالدىراپ شىركەتكە قاراپ ماڭدىم.

يول توسۇق بولغاچقا ئەتىگەنلىك يىغىنغا ئارانلا ئۈلگۈردۈم.

ھەممەيلەن دېرىكتورنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ ئولتۇراتتۇق.

دېرىكتور ئىشخانىدىن چىقىپ بىزگە قارىدى.

_ كۆپچىلىك. ئىشخانا مۇدىرى ئالماشتى. سىلەرگە يېڭى ئىشخانا مۇدىرىنى تونۇشتۇرۇپ قوياي..

دېرىكتورنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ بىزگە قاراپ تۇرغان سابىق يىگىتىمنى كۆرۈپ داڭ قاتقىنىمچە تۇرۇپ قالدىم. 

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章