گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 84-قىسىم _مۇھەببەت ۋە ئۈمىدسىزلىك

文摘   小说   2024-07-28 13:59   新疆  


;كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات8-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  90  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776


838281



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات8-بۆلۈم

84-قىسىم


 


84-قىسىم

مۇھەببەت ۋە ئۈمىدسىزلىك

دىلارە دەرھال يان تېلېفونىنى يېغىشتۇرۇپ، ئەكبەرنى توسماقچى بولدى ،بىراق ئىلىيار ئەمدى قاپاقنى تۈرۈپ؛ 

- ئۇنىڭغا يەنە بىر ئېغىز  ئارتۇق گەپ قىلىدىغان بولسىڭىز، مەن سىزنى دېرىزىدىن تاشلىۋېتىمەن! - دېدى. دىلارەگە ئايان. ئىلىيار ئۇنداق قىلمايدۇ. پەقەت ئۇ ئىلىيارنىڭ ئاچچىقى كەلگىنىنى ھەقىقى تونۇپ يەتتى .

شۇڭا دىلارە يان تېلېفونىنى ئۈن-تىنسىز قويۇپ قويدى.

 لېكىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئىليارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.

چۈنكى كۆز ئالدىكى ئىككىيلەن ھەقىقىي تۇتۇشۇپ  قالسا چاتاق بولىدۇ.

 ئەكبەر ئاخىرىدا يەنىلا داچىغا كىرگۈزۈلدى.

 ئىليار ساپادا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىدى.

ئەكبەر ئۆزى تەمكىن، سالماق قىياپەتتە ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ:

- قېنى دەڭە شاكىچىك ، مېنى ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشتى دەيسىز، ئاكاڭ قارىغاينى  پەقەتلا كۆزگە ئىلمايسىز شۇنداقمۇ  ؟ - دېدى.

 ئىليار ئۇنىڭغا سوغۇق نەزەردە قاراپ قويدى.

 بىر ئېغىز  شاكىچىك دېگەن سۆزى بىلەنلا  ئىليار بىردىنلا ئۇنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، ئورنى قالايمىقانلىشىپ كەتتى ، ئۇنىڭ بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرۇش ھەقىقەتەن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغاندەك ھېس قىلدى.

 ئەينى چاغدىكى دىلارەنىڭ زادى قانداق قىلىپ بۇ كاللىسىدىن كەتكەن ئەر  بىلەن چىقىشىپ قالغانلىقىنى ھەقىقەتەن چۈشەنمىدى.

 قوشۇمىسى سەل-پەل تۈرۈلۈپ،  تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئۈستەل ئۈستىدىكى  مېۋە قاچىسىدىن بىر ئالمىنى تاللاپ ،  ھېچنېمىگە پەرۋا قىلمىغاندەك ئالمىنى ئاقلاشقا باشلىدى.

 ئەكبەرنىڭ ئاچچىقىدا پېشانىسىدىكى بۆرتۈپ چىققان كۆك تومۇرلار بىلىنەر - بىلىنمەس لىكىلداپ كەتتى.

- ئەكبەر ئەپەندى ، گەپ بولسا چىرايلىق دېيىشەيلى.  - دېدى ئەكرەم ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئەپلەشتۈرۈپ قويماقچى بولۇپ.

 بۇنداق ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ، ئاكاڭ قارىغاي ،  سولتەك، شاكىچىك دېسە، ئىليار قانداق ئېغىز ئاچىدۇ.

-   مەن ھېلىمۇ ئۇنىڭ يۈزىنى بەك قىلدىم، - دېدى ئەكبەر.

-  سىز زادى نېمە قىلماقچى ؟ - ئىليار تۇيۇقسىز ئېغىر ئاۋاز بىلەن ئېغىز ئاچتى ، قاپقارا كۆزلىرى ئاخىرى ئەكبەرگە تىكىلدى.

-  مەن دىلارەنى ئېلىپ كېتىمەن، ئۇ ئاكاڭ قارىغاينىڭ ئادىمى. - دېدى ئەكبەر.

 دىلارە سەل تەشۋىشلەنگەن ھالدا ئىليارغا قارىدى ، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئاچچىقىدا ئۆزى باسالماي قېلىشىدىن ئەنسىرىدى.

نەتىجىدە نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن ، ئەكسىچە ئىليار ئاچچىقتىن كۈلۈپ كەتتى ، ھەتتا قولىدىكى ئالما ئاقلاش ھەرىكىتىنىمۇ توختاتماي تۇرۇپ:

 -ئۇ مىنىڭ ئايالىم.-دېدى

ـــ قۇرۇق گەپ! ئايالىم دېسىڭىزلا ئايالىڭىز بوپقالامدۇ؟ - دېدى ئەكبەر.

ئىليار بۇ قېتىم ئۇنىڭغا بىۋاسىتە گەپ قايتۇرماي، بەلكى ئاقلاپ بولغان ئالمىنى دىلارەنىڭ ئالدىغا سۇندى.

 دىلارەنىڭ ئالما يېيىشكە نەدىمۇ رايى بولسۇن:

- مەن بايىلا تاماق يېدىم، قورسىقىم ئاچمىدى. - دېدى.

-  ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولۇشى كېرەك ، سىز يېمىسىڭىزمۇ  قورسىقىڭىزدىكى بالىلار  يېيىشى كېرەك. ــ دېدى ئىليار.

ياندىكى ئەكرەمنىڭ كۈلۈپ ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى.

 كاللىسىدا :

- ھەممە ئىشلار پۈتتى، بىر ئېغىز گەپ بىلەن بىر تەرەپ قىلىۋەتتى... دەپ ئويلىدى. دېگەندەك بۇ گەپنى ئاڭلىغان  ئەكبەر قاتتىق مەغلۇپ بولدى!

 ئەمەلىيەتتە ئەكبەرنىڭ سوغۇق چىراي ئىپادىسى ھەقىقەتەن خۇددى گۈلدۈرمامىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.   

پۈتۈن بەدەندىكى لۈكچەكلىك  كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە غايىب بولۇپ:

ـــ نېمە دېدىڭىز، قۇرۇق گەپ؟ ! - دېدى تۇيۇقسىز ئۈستەلنى مۇشتلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ. ھۆركىرىگەن ئاۋاز داچىنى تىترىتىۋەتتى.

 ـــ ھىم، راست گەپ ؟  - دېدى ئىليار ئۆزىنى ئەركىن - ئازادە تۇتۇپ.

ئەكبەرنىڭ سوغۇق كۆزلىرى سەل - پەل قېتىپ، بەزى تەپسىلاتلار كاللىسىدىن يالت قىلىپ ئۆتتى ، ئىتتىكلا دىلارەنىڭ قورسىقىغا قارىدى.

 بىر قۇر  راھەت كىيىم كىيىۋالغان بولۇپ ، كەڭ-كۇشادە  كىيىمدىن ھېچنېمىنى بىلگىلى بولمىدى.

 ـــ ئۇنىڭ بايا دېگەن گېپىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ - دېدى ئەكبەر دىلارەدىن سوراپ.

 ئىليار دىلارەنىڭ قولىغا زورلاپ بىر تال ئالمىغا تىقىپ قويدى ،دىلارەگە گەپ قىلىش پۇرسىتى بەرمىدى . ئاندىن ئەكبەرگە قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ:

-  شۇنداق، بويىدا بار، يەنە كېلىپ قوشكېزەك... - دېدى.

 ئەكبەر ئاغزىنى ئېچىپ ، ئۇنىڭ قورسىقىغا بىر ھازا تىكىلىپ قاراپ ، دەماللىققا  گەپمۇ قىلالمىدى.

دىلارە ئەزەلدىن ئەكبەرنى خىزمەتتىكى شېرىك، ھازىر يەنە دوست دەپ قارايتتى.

 گەرچە ئەكبەر دائىم ماڭا ياتلىق بولىسىز دەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنى ئۇرۇنسىز غەلۋە قىلىۋاتىدۇ دەپ قاراپ كەلگەنىدى. يەنە ئەكبەرنىڭ ئىش قىلىش ئۇسلۇبى ئەزەلدىن ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ ، ئىختىيار ئىش بېجىرىدۇ . ھەر قانداق ئىشقا   ئەستايىدىل پوزىتسىسىيەدە بولمايدۇ.  بىرەر ئايالغا نىسبەتەن مۇھەببەت باغلاپ، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشتىن ئېغىز ئاچقىلىمۇ بولمايدۇ دەپ ئويلايتتى. ھېچ بولمىسا دىلارە ئەسلا چۈشەنمەيدۇ.

ئۇنىڭ راستتىنلا ئۆزىگە قىز - يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببىتى بار دېسە، ھەرگىز كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەيدۇ.

بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئۇمۇ ئەكبەر بۇ ئۆمرىدە راستتىنلا بىرەر ئاياللار بىلەن  مۇھەببەتلىك تۇرمۇشى بولارمۇ دەپمۇ ئويلاپ قالاتتى.

 بىراق ئويلاشنىغۇ ئويلاپ باققان، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ۋاقتى كەلگەندە بىر نەرسە دېگىلى بولىدىغان ئىشلار دەپ قارايتتى.

 لېكىن دوست بولۇش سۈپىتى بىلەن ،  قالايمىقان غەلۋە قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە  راستتىنلا بالىسى بولسا ،  ئەكبەرنى ئۆزى ئۈچۈن خۇش بولىدۇ دەپ ئويلايتتى .

 بۈگۈنكى كۈندە ئەكبەرنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ، دىلارەنىڭ يۈرىكىنى تۇيۇقسىز قارتلا  قىلىپ قالدى.

 ئەكبەرنىڭ كۆزلىرىدىن  ئۇنىڭ چىرايىدا كۆرۈلۈشى ھەرگىز مۇمكىن بولمايدىغان ھەيرانلىق، چۆچۈشنى  كۆردى .

بۇ خىل كەيپىيات دىلارەنىنى تەمتىرىتىپ قويدى...

 شۇنچە چوڭ مېھمانخانا بىر مەھەل جىمجىتلىققا چۆكتى .

ھەممەيلەننى ئادەتتىن تاشقىرى روشەن نازۇك كەيپىياتنى چىرمىۋالدى .

 ئىليارنىڭ چىرايى بارغانسېرى چىڭىپ ، پەقەتلا ئېچىلمىدى.

 ئۇ ئەسلىدىنلا سەزگۈر ،  ئەكبەردىكى كۆرۈلگەن كەيپىياتنى ھېس قىلالماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.

 ـــ تازىمۇبىر ! - دېدى ئەكبەر  خېلى ئۇزۇندىن كېيىن.

 دىلارە  كۆزلىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدى ، ئەمما  ئەكبەر ئۇنىڭغا قارىمىدى.

ھەتتا ھېچنېمە دېمەي ، چوڭ قەدەملەر بىلەن ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى .


ھەممە ئادەم ئۇنىڭ چىقىپ كېتىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشىگە  قاراپ تۇرۇپ  قالدى.

 ۋەھالەنكى ، بۇ خىل تەسۋىرلەپ بەرگىلىمۇ بولمايدىغان نازۇك كەيپىيات ، بايىقىغا قارىغاندىمۇ تېخىمۇ قويۇقلاشتى.

 ئىليار مىدىر - سىدىر قىلماي ئولتۇرۇپ قالدى،  

دىلارەمۇ ئىليار بەرگەن ئالمىنى تۇتقىنىچە تۇرۇپ قالدى، ئالما  شىرنىسى ئۇنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدىن ئېقىپ چۈشتى. ئەمما ئۇمۇ نېمە دېيىشنى بىلەلمىدى.

 ئەگەر باشقا ئىش بولغان بولسا، ئۇ بەلكىم ھەل قىلىش چارىسىنى ناھايىتى تېزلا ئويلىيالىشى، ھەتتا كەيپىياتنى قانداق پەسەيتىش كېرەكلىكىنى بىلەتتى.

لېكىن بۇ قېتىم ، ئۇ راستتىنلا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى.

ھېسسىياتنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەزەلدىن ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئەمەس.

ئەكبەرنىڭ بايىقى كەيپىياتىنى ئۇمۇ ئېنىق كۆرۈپ يەتتى ،  قانداق قىلىپ كۆرمەسكە سالالايدۇ.

بىر تەرەپتىن ئەكبەرگە قانداق يۈزلىنىشنى بىلمىسە  يەنە بىر تەرەپتىن،  ئىليارغا قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمىدى.

 سەمىمىي ۋەدە بەرسۇنمۇ؟ لېكىن  بايا ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالالىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئۇنىڭ ئەكبەرگە ئازار بەرگۈسى يوق.

لېكىن ئىليارنىڭ ئالدىدا  قانداق قىلىشنى پەقەتلا بىلەلمىدى.

 قولىدىكى ئالمىغا قاراپ ،  ئىختىيارسىز قولىنى كۆتۈرۈپ بىرنى چىشلىدى ، چىرايى تېخى تولۇق ئەسلىگە كەلمىدى.

كاللىسىدا ئەكبەرنىڭ ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان چىراي ئىپادىسى  تەكرار - تەكرار ئايلىنىپ ئۆتتى.

 ئىليار ئۇنىڭغا   قارىدى.  ئۇنىڭ ئاشۇ چىراي ئىپادىسىدە، ئۆزىنىڭ سەۋەبى يوقلۇقىنى مۇتلەق جەزملەشتۈرۈپ، كۆڭلى سەل يېرىم بولدى.

 بايا شۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەبمۇ پەقەتلا ئەكبەرنىڭ ئۇنىڭدىن ئۈزۈل - كېسىل ۋاز كېچىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقتىن بولدى.

 لېكىن ھازىر ، ئەكسىچە رول ئويناپ قالىدىمۇ قانداق؟

 ـــ نېمە ئويلاۋاتىسىز ؟ ــ قۇلاق تۈۋىدە ئىليارنىڭ سوغۇق ئاۋازى ئاڭلاندى ، دىلارە كۆزىنى چىمچىقلىتىپ، بىر ئاز مۇرەككەپ چىراي ئىپادىسىدە ئۇنىڭغا قارىدى.

 ئىليارنىڭ چىرايى بارغانسېرى تۇتۇلۇپ كەتتى.

دىلارە ئالمىنى شىرەگە قويۇپ ، بىر پارچە قەغەزنى چىقىرىپ قولنى سۈرتكەچ، ساپادا ئولتۇرۇپ قېلىپ:

 ـــ ھېچ... ھېچ نېمە ئويلىمىدىم... -دېدى.

 بۇ دۇنيادا ، ھامان بەزى ئىشلار بولىدۇ ، سىز ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئويلىسىڭىزمۇ ، مۇكەممەل جاۋاب چىقمايدۇ.


ئىليار دىلارەگە جىمجىت قاراپ قويدى ، ئۇنىڭ شۇ تاپتا كۆڭلىنىڭ خاتىرجەم ئەمەسلىكىنى بىلسىمۇ ، لېكىن يەنىلا نېمە دەپ تەسەللىي بېرىشنى بىلەلمىدى.

خېلى ئۇزۇندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ، سالماقلىق بىلەن ئەكرەمگە قاراپ:

- تەييارلىق قىلىڭ، ئەتە مەركىزىگە شەھەرگە قايتايلى. - دېدى.

 ـــ  بولىدۇ!  - ئەكرەم دەرھال جاۋاب بېرىپ ، كۆز ئالدىدىكى سوغۇق كەيپىياتقا قاراپ ،  بىردەم تۇرۇپ قېلىپ:

-خوجايىن ، مەخبۇبە خانقىزنىڭ ئىشى توغرىسىدا ، مەركىزى شەھەرگە قايتقاندىن كېيىن  قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىمىز؟ - دەپ سورىدى.

ئىليار بىر پەس ئويلانغاندىن كېيىن:

 ـــ ھادىسىگە ئۇچراپ  كۆز يۇمدى ـــ دېدى.

ئەكرەم كۆزلىرىنى قىسىپ، دىلارەگە قاراپ قويۇپ ، ئاندىن:

 ـــ بىلدىم ،- دېدى.


ئىككىنچى كۈنى دىلارە قاتارلىقلار مەركىزى شەھىرىگە قايتىپ كەلگەندە ، بۇ خەۋەر پۈتكۈل تاراتقۇلار  چەمبىرىكىدە تارقىلىش سۈرئىتى ئەقىلگە سىغمايدىغان دەرىجىگە يەتتى.

 ـــ   خوپ بوپتۇ! ئۆزىمۇ ياخشى نېمە ئەمەستى!

- ھا ھا ھا ، ئەسكى ئادەمگە ياخشى كۈن يوق، باشقىلارنى كۈپكۈزدە تۇتۇپ ئېلىپ كېتىپ،    مۇددەتتىن بۇرۇن نەتىجىسى چىقىپتۇ! ھەقىقەتەن كىشىنى خۇش قىلدى!

- بۇنى نېمە دەپ دەيمىز ؟ ئۆزىگە ئۆزى قىلدى! 

- دۇنيادىن  بىر ئاپەت ئازلاپتۇ.

 ھېچكىم  ھېسداشلىق قىلمىدى .

چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئەڭ پۇلغا يارىمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى .

 باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلمىسە ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىشىدىن ئۈمىد كۈتسە بولمايدۇ.

 ئۇ يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئادەمنى تۇتۇپ ئېلىپ كېتىپ    بۈگۈنكى كۈندە ئۆزى مۇشۇ كۈنگە قالدى ، يەنە قانداق ئادەم ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىدۇ ؟ ھېسداشلىق قىلىشقا ئەرزىمدۇ؟

دىلارە ئىليارنىڭ ئىشنى بۇنداق چوڭايتىۋېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى .

 ئۇنىڭ قارىشىدا ، ئەگەر بىرەرسى سوراپ قالسا ، ئاندىن  يۈز بەرگەن ئىشنى دەپ بېرىدۇ دەپ ئويلىغان.

 بىراق ھازىرقى بۇ ئەھۋالدىن قارىغاندا ئىليار ئېنىقلا  بۇ ئىشنى قەستەن چوڭايتىۋەتكەندەك قىلىدۇ .

 ئۇنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلمىدى ، لېكىن دىلارەنىڭمۇ كارى بولمىدى .

كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغانغا ئىليار بار ، ئۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلمىسىمۇ بولىدۇ .


 دىلنار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تىنچ - ئامان قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن كېرەم بىلەن مېھراي دەرھال بوۋاينىڭ ئۆيىگە باردى .

ئىليارنىڭ بوۋىسىنىڭ داچىسى ھازىر مۇخبىرلار ۋە  كېرەم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا قالدى،  ئامالسىز قالغان بوۋاي بىر تېلېفون بىلەن ئىليار بىلەن دىلارەنى چاقىرى پ كەلدى.

 بۇ چاغدا بوۋاينىڭ ئۆيى   قالايمىقان بولۇپ كەتكەنىدى، مېھراي داچا ھويلىىسدا چاچلىرى پاخپايغان ھالدا،  قولىدا گېزىتنى تۇتۇپ قان يامغۇر يىغلاۋاتاتتى.

 بوۋاي ھاسىسىغا تايىنىپ بىر چەتتە چىرايى قارىداپ،  يۈز مۇسكۇللىرى تىترەپ كەتتى.

ئىليار بىلەن دىلارەنىڭ ياردەمچىلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ، تېخىمۇ  ئاچچىقى  كەلدى .







 

  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章