مەست ماشىنا ھەيدەپ ساقچى ئاپتوموبىلىغا سوقۇلغان شىنجاڭلىق ئەر

时事   2024-11-14 15:10   北京  

شىنجاڭلىق بىر ئەر مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساقچى ئاپتوموبىلىغا سوقۇپ، باشقىچە شەكىلدە «ئۆزىنى مەلۇم قىلدى»

 يېقىندا شىنجاڭ مارالبېشى ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى يېڭى شەھەر ساقچىخانىسى مەلۇم ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىسىنى ھۆكۈمەت ئىشىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا بىر پىكاپ سوقۇۋەتتى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىسى دەرھال ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ شوپۇر ئا X X بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىن ھاراق پۇراپ تۇرغانلىقىنى بايقىدى. مارالبېشى ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ ئا XX نى نەق مەيداندا نەپەسلەندۈرۈش شەكلىدىكى ئىسپىرت تەكشۈرۈشى قىلغاندا ئىسپىرت مىقدارى ml mg/100217 بولۇپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن دەپ گۇمان قىلدى. ئا XX جىنايى ئىشلار بويىچە 30 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىنىدۇ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ ۋە بەش يىل ئىچىدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى قايتا ئېلىشقا بولمايدۇ.

 ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش ئۆزىنىڭ ھاياتىغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، كەڭ شوپۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

تەيىنلەش-قالدۇرۇش ئىسىملىكى

شۈ خەيپېڭ ۋەتەنگە قايتۇرۇلدى

ئېلان قىلىندى! تەكشۈرۈلدى!

پۇتىن ترامپ بىلەن ئۇچرىشامدۇ؟

نەچچە مىليون ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماقتا

شەخسىي ئىستېمالچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 650 يۈەن ئالالايدۇ

جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى

ھەرقانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章