مىسرانىم سالۇنى تەرجىمىسى
بەختسىز تەقدىر غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى خانيۇنىس شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بېشىغا يەنە بىر قېتىم كەلدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ يېڭى چېكىنىش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىشىغا ئەگىشىپ، 180 مىڭدىن ئارتۇق ئامما يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىپ، ئاتالمىش بىخەتەر رايونغا بېرىشقا مەجبۇر بولدى. سەرگەردانلارنىڭ ئاۋازى ئۈمىدسىزلىك بىلەن تولغان : «بۇ بىزنىڭ بەشىنچى قېتىم قېچىپ كېتىشىمىز، پەقەت ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ، يۈك-تاقلىرىمىزنى يىغىشتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيمىز.» بۇ ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان تراگېدىيە قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟ ئاھالىلەرنىڭ مۇقىم تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسى قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، خانيۇنىسنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سەرگەردان بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،ھەمدە ماددىي ئەشيالارنىڭ توشۇلۇشىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى. غەززە رايونى نۆۋەتتە ئېغىر سەھىيە ۋە مۇھىت مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى،خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا قارىتا، خەلقئارا جەمئىيەت تېزدىن ھەرىكەت قوللىنىپ، بۇ مەسلەك ئاپىتىنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىنى توسۇپ قالالامدۇ؟
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى، جىددىي ۋەزىيەت داۋاملىق كەسكىنلەشتى
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى نابلۇس شەھىرى ئەتراپىدىكى باراتا مۇساپىرلار لاگىرىغا ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، ئاز دىگەندە ئىككى ئادەم قازا قىلدى، 28 ئادەم يارىلاندى. ھەر قېتىملىق توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىشى تىنچلىق ئىستىقبالىغا ئېغىر زەربە بولدى. بۇ زوراۋانلىق ئايلىنىشىدا، ئىككى تەرەپ قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاشنىڭ چارىسىنى تاپالامدۇ؟
ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى تاڭ نۇرىنى قايتا نامايان قىلدى، ھەر قايسى كۈچلەر قورشاۋ شاھمات داۋامىدا چىقىش يولى ئىزدىدى
ئىسرائىلىيە غەززە رايونىدىكى كىرزىسنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئامېرىكىغا ئەڭ يېڭى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى لايىھەسىنى تاپشۇردى. بىراق خاماس ئىسرائىلىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى، بولمىسا ھېچقانداق يېڭى تەكلىپنى قوبۇل قىلمايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇھىم رولى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋە ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلار رىمدا كۆرۈشۈپ ھەل قىلىش لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئۇزۇن مۇددەتلىك توقۇنۇشقا بۇرۇلۇش ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟
قان توختىمىدى، غەززە رايونى ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى چاقىرماقتا
بۇلتۇر 10-ئايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، غەززە رايونىدا 40 مىڭغا يېقىن ئادەم قازا قىلدى، نەچچە ئون مىڭ ئادەم يارىلاندى. ھەر بىر ھاياتلىقنىڭ ئۆتۈپ كېتىشى ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زىيان. ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان بۇ توقۇنۇشتا، بىز ئىختىيارسىز ھالدا : زادى قانچىلىك *** بەرگەندىلا، ئاندىن بۇ زېمىننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك خاتىرجەملىكىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ دەپ سورىشىمىز كېرەك.
ئىلان بېسىپ قوياڭلا خەلقىم ئۇندا قىلماي