توققۇز ياشلىق ئوغلۇمنىڭ قىلىقى؟ ئاياللارھېيلسى127-قسم

文摘   2025-01-22 21:15   新疆  




تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




  بۈگۈن سەككىز تېمىدا ئەسەر يوللاردا ئىزدەۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ داۋامى تولۇق يوللاندى، باشقا ئەسەرلەرنىڭ داۋامىنى تاپالمىغان بولسىڭىز ئاستىدىكى شىپىننى تولۇق كۆرۈپ  قانداق چىقىرىشنى، ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ .





ئاياللار ھېيلىسى1-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى2-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى3-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى4-قسىم
،ئاياللار ھېيلىسى5-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى6-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى7-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى8-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى9-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى10-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى11-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى12-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى14-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللار ھېيلىسى15-قسىم
ئاياللارھېيلىسى16-قسىم
ئاياللارھېيلىسى17-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى18-قسىم
ئاياللارھېيلىسى19-قسىم
ئاياللارھېيلىسى20-قسىم
ئاياللارھېيلىسى21-قسىم
ئاياللارھېيلىسى22-قسىم
ئاياللارھېيلىسى23-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى24-قسىم
ئاياللارھىيلىسى25-قسىم
ئاياللارھېيلىسى26-قسىم
ئاياللارھېيلىسى27-قسىم
ئاياللارھېيلىسى28-قسىم
ئاياللارھېيلىسى29-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى30-قسىم
ئاياللارھېيلىسى31-قسىم
ئاياللارھېيلىسى33-32-قسىم
ئاياللارھېيلىسى34-قسىم
ئاياللارھېيلىسى35-قسىم
ئاياللارھېيلىسى36-قسىم
 ئاياللارھېيلىسى37-قسىم
ئاياللارھېيلىسى38-قسىم
ئاياللارھېيلىسى39-قسم
ئاياللارھېيلىسى40-قسم
ئاياللارھېيلىسى41-قسم
ئاياللارھېيلىسى42-قسم
ئاياللارھېيلىسى43-قسم
ئاياللارھېيلىسى44-قسم
ئاياللارھېيلىسى45-قسىم
ئاياللارھېيلىسى46-قسىم
ئاياللارھېيلىسى47-قسىم
ئاياللارھېيلىسى48-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى49-قسىم
ئاياللارھېيلىسى50-قسىم
ئاياللارھېيلىسى51-قسىم
ئاياللارھېيلىسى52-قسىم
ئاياللارھېيلىسى54-قسىم
ئاياللارھېيلىسى55-قسىم
ئاياللارھېيلىسى56-قسىم
ئاياللارھېيلىسى57-قسىم
ئاياللارھېيلىسى58-قسىم
ئاياللارھېيلىسى59-قسىم
؟ئاياللارھېيلىسى60-قسىم
ئاياللارھېيلى61-قسم
ئاياللارھېيلى62-قسم
ئاياللارھېيلى63-قسم
ئاياللارھېيلى64-قسم
ئاياللارھېيلى65-قسم
ئاياللارھېيلى66-قسم
ئاياللارھېيلى67-قسم
ئاياللارھېيلى68-قسم
ئاياللارھېيلى69-قسم
ئاياللارھېيلى70-قسم
ئاياللارھېيلى71-قسم
ئاياللارھېيلى72-قسم
ئاياللارھېيلى73-قسم
ئاياللارھېيلى74-قسم
؟ئاياللارھېيلى75-قسم
ئاياللارھېيلى76-قسم
ئاياللارھېيلى77-قسم
ئاياللارھېيلى78-قسم
؟ئاياللارھېيلى79-قسم
ئاياللارھېيلسى80-قسم
ئاياللارھېيلسى81-قسم
؟ئاياللارھېيلسى82-قسم
ئاياللارھېيلسى83-84-قسم
ئاياللارھېيلسى85-قسم
ئاياللارھېيلسى86-قسم
ئاياللارھېيلسى87-قسم
ئاياللارھېيلسى88-قسم
ئاياللارھېيلسى89-قسم
ئاياللارھېيلسى90-قسم
ئاياللارھېيلسى91-قسم
؟ئاياللارھېيلسى92-قسم
ئاياللارھېيلسى93-قسم
ئاياللارھېيلسى95-94-قسم
ئاياللارھېيلسى96-قسم
ئاياللارھېيلسى97-قسم
ئاياللارھېيلسى98-قسم
ئاياللارھېيلسى99-قسىم
؟ئاياللارھېيلسى100-قسم
ئاياللارھېيلسى101-قسم
ئاياللارھېيلسى102-قسم
ئاياللارھېيلسى103-قسم
ئاياللارھېيلسى104-قسم
ئاياللارھېيلسى105-قسم
ئاياللارھېيلسى106-قسم
ئاياللارھېيلسى107-قسم
ئاياللارھېيلسى108-قسم
ئاياللارھېيلسى109-قسم
؟ئاياللارھېيلسى110-قسم
؟ئاياللارھېيلسى111-قسم
 ئاياللارھېيلسى112-قسم
 ئاياللارھېيلسى113-قسم
 ئاياللارھېيلسى114-قسم
ئاياللارھېيلسى115-قسم
ئاياللارھېيلسى116-قسم
 ئاياللارھېيلسى117-قسم
 ئاياللارھېيلسى118-قسم
 ئاياللارھېيلسى119-قسم
 ئاياللارھېيلسى120-قسم
ئاياللارھېيلسى121-قسم
ئاياللارھېيلسى122-قسم
ئاياللارھېيلسى123-قسم
ئاياللارھېيلسى124-قسم
 ئاياللارھېيلسى125-قسم
ئاياللارھېيلسى126-قسم



--مىنى لامزەللە دىمە قانجۇق،سەن تۈگىشىپسەن، ئەمدى ساڭا يول قويۇۋېرىدىغان بولسام، باللىرىڭغىمۇ زىيانكەشلىك قىلىشتىن يانمىغۇدەكسەن، ھازىرلا ساقچىخانىغا  بېرىپ ھەممىنى دەيمەن، رىزۋاننى ئۆلتۈرىۋەتكىنىڭنى، يەنە شەمسىيەگە قەست قىلماقچى بولغىنىڭنى ئېيتىمەن،سەن بىر قېتىم بۇرنۇڭغا يىمىگۈچە ھەرگىز توختىمايدىكەنسەن خانقىز - قابىل راستىنلا دەرغەزەپكە كەلگەن ئىدى، دىمىسىمۇ ئەگەر شۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە،ئۇ بەلكىم ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىشى،ۋە ياكى مەڭگۈلۈك مېيىپ بولۇپ قېلىشى تامامەن مۇمكىن ئىدى، ئۇنىڭغا ھەممىدىن بەك ئېغىر كەلگىنى، ئۆزىنى شۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان مۇنۇ ئايالنىڭ قىلمىشى ئۈچۈن ئازراقمۇ پۇشايمان قىلماسلىقى ھەتتا ئۆزى جان تالىشىۋاتقان ئاشۇ دەقىقىلەردە بولسىمۇ، بىر قېتىم كىلىپ، ئۆزىنى يوقلاپ، كەچۈرۈڭ، دىگەن بىر ئېغىز سۆزگىمۇ يارىماسلىقى بولۇۋاتاتتى.

- ئۇنداق قىلالمايسەن،ھەرگىز،ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايسەن؟-خانقىز كۆزلىرىگە قان تولغان ھالدا،قابىلنىڭ ياقىسىغا قايتىدىن ئېسىلدى- سەن دىگەن بىر لازەللە،قورقۇنچاق،توخۇ يۈرەك ئەبلەخ، قولۇڭدىن ھېچچىش كەلمەيدىغان يارىماس، ماڭا ئاقماس غورۇرۇڭنى پەش قىلما قابىل، سەندە ئەزەلدىن غورۇر دەيدىغان نەرسە يوق،ئەگەر سەندە ئازراق غورۇر بولىدىغان بولسا،ئەينى چاغدا، مىنىڭ يالقۇنغا بۇزۇلغىنىمنى بىلىپ تۇرۇپ، مەندىن ئاجرىشىپ كىتىشكە جۈرئەت قىلالماي، كەينىمدىن لالما ئىتتەك سوكۇلداپ يۈرمەيتتىڭ،ئەگەر سەندە ئازراق غورۇر دەيدغان نەرسە بولسا،خەقتىن ئاشقان سۆڭەكنى تالىشىپ، ئايالىڭنى تارتىۋالغان ئەردىن ئاشقان خوتۇننى تالىشىپ يۈرمەيتتىڭ، ئەگەر سەندە ئازراق غورۇر بولغان بولسا، ئاشنامدىن ئېشىپ ئالدىڭغا كەلگەن چاغدىلا، مىنى قايتا قوبۇل قىلمايتتىڭ،سەن ھېچچىش قىلالمايسەن قابىل،سەن مىنىڭ تۇرغۇن مۇدىر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمنىمۇ بىلمەيدىغان، سەزمەيدىغان يەردە ئەمەس،بىراق سەن نىمە قىلالىدىڭ؟قولۇڭدىن نىمىش كەلدى،توغرا مەن يالغۇز يالقۇنغا بۇزۇلۇپلا قالماي،يەنە ئۇنىڭ كاتىپى ئابلىمىت بىلەن ئاشنا ئوينۇدۇم، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن بىرلىشىپ،يالقۇننىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى يۈتۈۋېلىپ،چەتئەلگە قېچىپ كىتىشنى پىلانلىدىم،بىراق شەمسىيە دىگەن بۇزۇق،ماڭا ئورا كولاپ،ئابلىمىتنى قايمۇقتۇرۇپ، مەندىن بەزدۈرۈپ قاچۇرىۋەتتى، ئەمما مەن ئابلىمىت بىلەن ئارلاشقىنىم،ئۇنىڭغا ئاشنا بولغىنىم ئۈچۈن قىلچىلىك پۇشايمان قىلمايمەن،چۈنكى ئۇ ساڭا ئوخشاش قورقۇنچاق، يارىماس، لامزەللە ئەمەس، بىر قولىدا ئوتنى، بىر قولىدا سۇنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئاياللارنى ئوينۇتۇشنى بىلىدىغان ھەقىقي ئەركەك،مەن ئۇنى چىن يۈرىكىمدىن سۆيگەن،ھېلىھەممۇ قەلبىمدە سەن ئەمەس پەقەت ئۇلا بار،بىراق سەن بۇلاردىن بىخەۋەر يەنىلا مىنىڭ كەينىمدىن يۈندەمنى يالاپ يۈردۈڭ، تۇرغۇن مۇدىر بىلەن ئارلاشما دەپ، مىنى ئۇنۇڭدىن توسۇغان چېغىڭدىلا، ئۇنىڭ بىلەن بولغان بىنورمال مۇناسىۋىتىمنى بىلگەن بولغىيدىڭ بەلكىم،بىراق،خوتۇنكىشىدەك ۋاقىراپ،جاقىراشتىن باشقا نىمە قىلالىدىڭ؟  بۇرۇن سىنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرگەن ھەم چىن يۈرۈكۈمدىن سۆيگەن ئىدىم قابىل،بىراق سەن مىنى بەكلا ئۈمىدسىزلەندۈردۈڭ، ئەركىشىگە ئوخشاش ياشىماي،يارىماسلارچە بىقۇۋۇل ياشاپ،مىنى قەدەممۇ قەدەم يار لىۋىگە قىستاپ،يولدىن چىقىشقا مەجبۇرلىدىڭ، بىلسەڭ،مىنىڭ بۈگۈنكىدەك ھالغا چۈشۈپ قېلىشىمغا پۈتۈنلەي سەن سەۋەبچى،ئەگەر سەنمۇ باشقا ئەرلەرگە ئوخشاش پۇل تاپقان بولساڭ،ئىقتىدارىڭ بىلەن ئەر بولۇپ،مىنى باشقۇرغان بولساڭ، لاتا-غىلاپ،لىڭتاسما،لامزەللە بولۇۋالماي، غورۇرۇڭ بىلەن مىنى ئەيمەندۈرەلىگەن بولساڭ،مەنمۇ ھەرگىز مۇھتاجلىقتا تەلمۈرۈپ،پۇل تاماسىدا  باشقا ئەرلەرنىڭ قوينىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ،خەققە ئاشنا بولۇپ يۈرمىگەن بولاتتىم،شەمسىيە دىگەن بۇزۇققا ئوخشاش،پۇلنىڭ ئۈستىدە ئېغىناپ، ھېچنىمىدىن غېمىم يوق،ئىززەت-ھۆرمىتىم ۋە قەدىر-قىممىتىم بىلەن غەمسىز ياشىغان بولاتتىم،مىنى مۇشۇ كۈنگە چۈشۈرۈپ قويۇپ تۇرۇپ،يەنە ماڭا ئادىمىيلىكتىن دەرىس سۆزلايدىغانغا سالاھىيتىڭ بارمۇ قابىل؟ سەن قىلالمايسەن،شەمسىيەنىڭ ئالدىدىمۇ، ساقچىلارنىڭ ئالدىدمۇ يۈزۈڭ سۆرۈن بۇلۇپ بولغان تۇرسا،يەنە قايسى يۈزۈڭ بىلەن نۇمۇس قىلماي،خانقىز مۇنداق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارىسەن،شۇنداق دەپ بارساڭمۇ،ئۇلار سەندەك لىڭتاسمىغا ئىشىنەرمۇ؟-

- ۋۇ پەس قانجۇق،مەينەت بۇزۇق،ئىپلاس رەسۋا -قابىلنىڭ ئەمدى داۋاملىق خانقىزنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇشقا تاقىتى قالماي،ئۇدۇل كەلگىنىچە ئۇنىڭ گېلىدىن بوغدى.

- نىمە دىگەن راھەت،نىمە دىگەن پەيزە، قېنى داۋاملىق بوغە،نوچى بولساڭ بوغۇپ ئۆلتۈرىۋەت، بارغانسېرى ئەركىشىگە ئوخشاۋاتىسەن، تۇرغۇن مۇدىر مىنى مۇشۇنداق قىيناشقا ئامراق ئىدى،ھە راس يالقۇنمۇ بار،ئۇمۇ ھاياجانلىنىپ كەتسە مۇشۇنداق گېلىمنى بوغاتتى، ئابلىمىتنىڭغۇ بوغۇشى بىھاجەت، پالۋانلىقىغا تەسلىملا قىلدۇرىۋىتەتتى، بوغمامسەن قابىل،توختاپ قالدىڭغۇ؟بوغۇپ ئۆلتۈرىۋەت،ئاندىن سەن مىنىڭ ئورنۇمدا بارىدىغان جايغا بېرىپ يات، قىزلىرىڭ يا ئانىسى يوق،يا دادىسى يوق سەرسان بولسۇن؟ سەندەك قولىدىن پوق كەلمەيدىغان دادىسىدىن بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىپ ئۆتسۇن،قېنى بوغمامسەن،بوغە - خانقىز زوۋانى بېسىقماي سۆزلەۋاتقاندا، قابىلنىڭ تۇيۇقسىز بېشى قېيىپ  كۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلىپ،ئۇنىڭ گېلىنى قاماللىغان قوللىرى بىردىنلا بوشاپ كەتتى. قۇلاق تۈۋىدە شەمسىيەنىڭ ئەينى چاغدا ئەنۋەرگە ئېيتقان - ئۇنى قويۇۋىتەيلى ئەنۋەر،ئۇنى ئەرز قىلىپ بىرقانچە يىللىق جازاغا تارتقۇزۇپ قويسام، بۇ تولىمۇ يەڭگىل بولۇپ قالىدۇ،ئۇنىڭدىن كۆرە،  ئەرز قىلىشتىن ۋاز كىچەي،خانقىز دىگەن ئاشىقىنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ،ئۇنىڭ ئەپتى - بەشرىسىنى كۆرسۇن،مەن خانقىزنى ئوبدان چۈشىنىمەن،ھاياتلا بولىدىكەنمەن،چوقۇم ئۇنىڭ خانقىز تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىپ، تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرىمەن،ئۇنىڭغا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر جازا  بولمايدۇ،- دىگەن سۆزلىرى ياڭرىدى.

- گەپ قىلە لامزەللە،نىمە بولدۇڭ؟ماڭا ئۆلۈكۈڭنى ئارتماقچىمۇ؟دىدىمغۇ قىلالمايسەن دەپ،سەنچۇ مۇشۇنچىلىك،پەقەت مۇشۇنچىلىكلا - خانقىز توختىماي ۋاتىلداپ سۆزلىگەچ،چىمچىلاق قولىنى چىقرىپ،قابىلنىڭ كۆزىگە تەڭلەپ ساڭگىلىتىپ،قاقاھلاپ كۈلۈۋاتاتتى، قابىل ئاخىرقى ماغدۇرىنى يىغىپ،تامنى تۇتقىنىچە ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

- نەگە بارىسەن،توختا ۋۇ لامزەللە،نەگە بارىسەن -،خانقىز بېرىپ قابىلنىڭ ئىشىكنى ئېچىشىنى توسۇپ،قايتىدىن ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى-بۈگۈن سىنىڭ مۇشۇ ئىشىكتىن چىقالىغىنىڭنى بىر كۆرەي.

- نىمە؟سەن يەنە نىمە قىلماقچى؟مىنى يەنە بىر قېتىم ئۆلتۈرىۋىتەمسەن؟-قابىل خانقىزنىڭ كۆزلىرىگە مىقتەك قادالدى.

- مەن ساڭا يۈزسىزلىك قىلسام بولىدۇ قابىل، ئەمما سىنىڭ ھەتتا ھېچكىمنىڭ ماڭا يۈزسىزلىك قىلىشىغا يول قويمايمەن،ئەگەر ماڭا يۈزسىزلىك قىلماقچى بولىدىكەنسەن، سىنىڭ ئاقىۋىتىڭمۇ رىزۋاندەك بولىدۇ -

- قويۇۋەت قانجۇق،-قابىل خانقىزنى بىرلا سىلكىپ،ئۇنىڭ ياقىسىنى قاماللىغان قوللىرىنى چۈشۈرىۋەتتى - سەن ئەقلىڭدىن ئادىشىپسەن، ساراڭ بوپسەن - ئاندىن ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

- ھەددىڭ ئەمەس،ئەگەر بوسۇغىدىن بىر قەدەم سىرتقا ماڭىدىغان بولساڭ،مەن ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالىمەن - خانقىز تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ،ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى پىچاقنى قولىغا ئېلىپ گېلىغا تەڭلىدى- بەرىبىر ئۆلىدىغان ئىشكەنغۇ شۇ؟ماقۇل،بۈگۈن مەن سىنى مۇرادىڭغا يەتكۈزۈپ،كۆز ئالدىڭدىلا ساڭا ئۆلۈپ بىرىمەن - ئۇ شۇنداق دەپلا پىچاقنى گېلىغا سۈردى،پىچاقتا قان دېغى كۆرۈنۈپ، بىرقانچە تامچە قان سىرغىپ چىقتى.

-ماڭا ئەمدى ئويۇن قويۇپ بەرمە خانقىز، مەن سىنىڭ ئۇنداق قىلالايدىغانلىقىڭغا ئىشەنمەيمەن- يۇمشاق باش قابىل بۇ قېتىم خانقىزنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە پەرۋا قىلماي ئىشىكنى ئاچتى.

- چىرايلىقچە ئىشىكنى يېپىپ،كەينىڭگە قايتىپ كەل قابىل،ئەگەر يەنە بىر قەدەم ماڭىدىغا بولساڭ،قىزىڭ مىنىڭ قولۇمدا ئۆلىدۇ -خانقىز قورقۇپ كەتكەنلىكىدىن ھۇجرىسىنىڭ ئىشىكىنى مەھكەم يېپىپ، بىر بۇلۇڭغا مەھكەم تۈگۈلىۋالغان باللىرىنىڭ ھۇجرىسىغا بۆسۈپ كىرىپ ئايسىمانىڭ قوينىدىن كىچىك قىزىنى يۇلۇپ ئالدى، ئاندىن  تىتىرەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن  پىچاقنى ئۇنىڭ گېلىغا تىرىگىنىچە قايتىپ چىقىپ،قابىلغا بۇيرۇق قىلدى،شۇ تاپتا ئۇ ئەقىل ھوشىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان بولۇپ،كۆز ئالدىدا،ئۆزىنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ،ئېلىپ مېڭىلغان،شەمسىيەنىڭ بولسا  مەغرۇرلۇق ئىچىدە ئۇنى مازاق قىلىپ كۈلۈۋاتقان  كۆرۈنۈشتىن باشقىسى يوق ئىدى.

-ئۇنداق قىلما خانقىز،بالا قورقۇپ كىتىدۇ، ئۇنى قويۇۋەت، ئۇ دىگەن سىنىڭ باغرىڭنى يېرىپ چىققان قىزىڭ،-قابىل بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ يەنە بىر تەرەپتىن ئىشىكنى يېپىپ، خانقىزغا ئاستا-ئاستا يېقىنلاپ كەلدى.ئۇنىڭ كۆزىگە يەنە بىر قېتىم قاراڭغۇلۇق تىقىلىپ، كۆزلىرى ھېچنىمىنى كۆرمەي قالدى.

- ئۆزۈم تۇغقان بالا،نىمە قىلسام ئۆزۈمنىڭ ئىختيارى،ماڭا ھېچكىم بالا تۇغۇشۇپ بەرمىگەن،ئۆلەمدۇ،تىرىلەمدۇ،بۇنى مانا مەم قارار قىلىمەن - ئەقلىدىن پۈتۈنلەي ئاداشقان خانقىز،قابىلنىڭ سۆزلىرىدىن ھېچبىر تەسىرلىنىدىغاندەك ،قورقۇپ كەتكىنىدىن چىرقىراپ يىغلاۋاتقام قىزىغىمۇ ئىچى ئاغرىيدىغاندەك قىلمايتتى،ئۇمۇ بىر ئايال ھەم ئانا ئىدىغۇ؟باللىرىنىڭ پۇتىغا تىكەن كىرىپ كەتسە،يۈرىكىگە سانچىلىدىغان ئانا ئىدىغۇ؟بالىسىنى تۇيغۇزۇش ئۈچۈن ئاچ قېلىشقىمۇ رازى بولۇشقا تىگىشلىك ئانا ئىدىغۇ؟باللىرىنىڭ بەختى-ئىستىقبالى،خۇشاللىقى ۋە خاتىرجەم ياشىشى ئۈچۈن جېنىنى تەسەددۇق قىلىشقا تەييار بولۇشقا تىگىشلىك ئانا ئىدىغۇ؟ ئاھ نام-شۆھرەت ئۈچۈن  ئەقلىدىن ئاداشقان خانقىز  ،ئاھ! مال-دۇنيا ۋە ھايۋانى نەپسىنىڭ ئىشقى-پىراقىغا،ئانىلىق ھىسىياتىنى قۇل قىلىپ بىرىپ،نۇمۇسسىزلىقتا ھەق دادىغا يەتكەن بىئەقىل خانقىز!ئەگەر سەن، بىر ئايالنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ شەرەپلىك تۇيغۇلارنىڭ ۋە ئەڭ شانلىق نام-شۆھرەتنىڭ،ئۆزىنىڭ ئانىلىقىغا بولغان مۇھەببىتىدىن مەيدانغا كىلىدىغانلىقىننى بىلسەڭ ئىدىڭ كاشكى!سەبى باللىرىڭغا سالغان زۇلۇملىرىڭ ئۈچۈن ئۆكۈنۈپ،ئاشۇ گۈدەك قىزىڭنىڭ بوينىغا تەڭلىگەن پىچاقنى يۈرۈكۈڭگە سانچىپلا ئۆلۈۋالغان بولاتتىڭ.

- ۋايجان،ۋاي قۇل، ۋۇ ئاپەتنىڭ بالىسى،پاسكىنا شۇم - قورقۇپ كەتكەن قىزچاق،خانقىزنىڭ ۋاتىلداپ تۇرغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، قولىنى بىر چىشلىۋىدى،ئۇنىڭ قولىدىكى پىچاق يەرگە چۈشۈپ كىتىپ،ۋاقىراپ-جاقىراپ كەتتى.

- ئايسىما،دەرھال،ئۇكىللىرىڭىز ئېلىپ چىقىپ، تاكسى توسۇپ،ساقچىخانىغا بېرىڭلار،- قابىل شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، خانقىزغا مەھكەم ئېسىلىۋېلىپ،ئۇكىللىرىنى كەينىگە تىزىپ، نىمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرغان، ئايسىماغا قاراپ ۋارقىرىدى.

- مىنى قويۇۋەت، نەگە بېرىشىسەن ۋۇ شۇملار،  مەن سەنلەرنىڭ ئاناڭ تۇرسام، تېخى مىنى ساقچىغا تۇتۇپ بەرمەكچىمۇ؟ ھەرقايسىڭنى تۇغۇپ، بېقىپ، چوڭ قىلىپ قويغىنىم ئۈچۈن، قايتۇردىغان جاۋابىڭ مۇشۇمۇ، توختاش، مەن سەنلەرنى توختاش دەۋاتىمەن – خانقىز قابىلنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەريان يۇلقۇنۇپ ۋاقىراپ، كىيىم-كىچەك ۋە ئاياغلىرىنى كىيىپ، سىرتقا چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقان  باللىرىغا قاراپ ۋارقىرايتتى.
- سەن  بىزنىڭ ئانىمىز ئەمەس، سىنىڭ نەرىڭ  ئانا بولۇشقا مۇناسىپ،ئاپا دىگەندەك سەندەك نۇمۇسسىز ھەم بۇزۇق بولمايدۇ، شەمسىيە ئاپامدەك،مېھرىبان ھەم مۇلايىم بولىدۇ،خجىل بولماي شەمسىيە ئاپامنى بۇزۇق دەپ تىللايسەن،بۇزۇق دىگەن سەندەك ئىرى تۇرۇپ،خەقنى ئىرىنى تارتىۋالىدىغان پەسكەش بولىدۇ بىلىۋال،سەن بەك ئىپلاسكەنسەن، سەندە مىننەتدارلىق، مېھرى-مۇھەببەت دىگەنلەردىن ئەسەرمۇ يوقكەن،بىزگە سەندەك ئادەم ئۆلتۈرىدىغان قانخور ئانىنىڭ لازىمى يوق، مىنىڭ ساڭا ئوخشاش نۇمۇسسىز ئايال بولۇپ قالغۇم يوق، ئۇكىللىرىمنىڭمۇ ساڭا ئوخشاش رەزىل بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمەن، ھازىرغىچە ئانام ئىكەنلىكىڭنىڭ يۈزىنى قىلىپ ھەممىگە چىداپ كەلدىم، مەن ئاللىقاچان 15ياشقا كىردىم، قانۇننى ئوبدان چۈشنىمەن، ئەمدى سىنىڭ قانۇنسىز جىنايەتلىرىڭنى يوشۇرۇپ چاپان ياپىدىغان بولسام، مەنمۇ ساڭا ئوخشاش جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولىمەن، سىنى مەڭگۈ كەچۈرمەيمەن،سەندەك بىر ئىپلاس ئايالنىڭ تىنىدىن تۇغۇلۇپ قالغىنىم ئۈچۈن سەسكىنىمەن، ئىسىت نىمىشقىمۇ سىنىڭ بالاڭ بولۇپ قالغاندىمەن، شەمسىيە ئاپامنىڭ بالىسى بولۇپ قالغان بولسام،  نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى، يەنە سەنمۇ بار ھۆرمەتلىك دادا، تول ئالىيجاناب قىياپەتكە كىرىۋالما، سەنمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشقۇسىز بىر پەسكەشكەنسەن، شەمسىيە ئاپام ساڭا شۇنچىۋالا ياخشىلىقلارنى قىلسا، مۇشۇ خوتۇننى دەپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىدىڭ، بىر ئەركىشى تۇرۇپ،  ھەمىشە ئۇنىڭدىن قورقۇپ، نىمە قىل دىسە شۇنى قىلىپ ياشايسەن، سىنى دادا دەپ چاقىرىشتىنمۇ نۇمۇس قىلىمەن، دادا دىگەنمۇ سەندەك قورقۇنچاق، پەسكەش، خوتۇنپۇرۇچ بولامدۇ؟ سەن پەس كۆڭلۈڭنى دەپ، مۇشۇ ئىپلاس خوتۇن ئۈچۈن،  ئۇكىللىرىم بىلەن ماڭا زىيانكەشلىك قىلدىڭ، بىزنىڭ باغرىمىزنى قان -قان قىلدىڭ، -

- زۇۋانىڭنى يىغ ئايسىما، ئېغىزىڭنى يىرتىۋىتىمەن، ئىشىنەمسەن ئېغىزىڭنى يىرتىۋىتىمەن -خانقىز تېخىمۇ ئەسەبىيلەشتى.

- ئايسىما، بولدى سۆزلىمە، دەرھال ماڭ، مەن بىلدىم، ھەممىنى بىلدىم، ئەمدى ماڭمىساڭ ئۈلگۈرەلمەيسەن -قابىلنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلۇشۇپ، ماغدۇرسىزلىنىپ كىتىۋاتاتتى،  ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا خانقىزغا ئەگىشىپ، يىشىل شەھەرگە كەلگەندىن بۇيانقى ئەسلىمىللىرى چاقماق تىزلىكىدە، بىر-بىرلەپ ئايان بولۇشقا باشلىدى، ئاھ! قابىل ھەقىقەتەن نىمە دىگەن بىخۇد ھەم ئەقىلسىزلىشىپ كەتكەن ھە! راس دەيدۇ،ئەگەر ئۇ ئەركىشىگە ئوخشاپ ياشىغان بولسا، بەلكىم خانقىزمۇ باشقا ئەرلەردىن ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى ئىزدەپ، ئۇلارنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتماس بولغىيدى،ھېچ بولمىسا ئۇنىڭدىن ھېيققان، نۇمۇس قىلغان، باللىرىنىڭ ئالدىدا بولسىمۇ، بىر-بىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلىيالىغان بولار ئىدى، بالىلىرىمۇ بۇقەدەر سەرسان-سەرگەردان بولۇپ كەتمەس بولغىيتتى، ئەجەبا بۇ پاجىئەلەرنىڭ ھەممىسىنى راستىنلا قابىلنىڭ يارىماس، لامزەللە، لاتىغىلاپ ۋە يۇمشاقباشلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغانمىدۇ؟ ئۇنىڭ ۋۇجۇدى پۇشايماندىن ئۆرتۈنۈپ، مېڭىسى چىڭقىلىپ قاتتىق ئاغرىپ كەتتى.

- توختاش، توختا دىدىم، تۇتۇۋالسام، ھېچقايسىڭ ساق قېلىشمايسەن توختاش – بارغانسېرى سىزىمىنى يوقۇتىۋاتقان تۇيغۇلىرى خانقىزنىڭ ۋاتىلداق ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغانغان چېغىدا، ئۇ ئاللىقاچان قابىلنىڭ قولىدىن بوشاپ، ئايىغىنى كىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەستىن ئىشىكتىن چىقىپ كىتىۋاتاتتى، قابىل بارلىق غەيرىتىنى يىغىپ،ئورنىدىن تۇرۇپ، دەلدەڭشىگىنىچە بېرىپ، خانقىزنىڭ بىلىدىن چىڭ قاماللىۋالدى. ئۇنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ گەپ قىلغۇدەك ھالى يوق ئىدى.

- مىنى قويۇۋەت دىدىم، ۋۇ لامزەللە، مىنى قويۇۋەت  -خانقىزنىڭ ۋاتىلداپ تۇرۇپ، قاتتىق بىر سىلكىشى بىلەن ئۇنىڭ ئۇنىڭسىزمۇ باشقۇرىشى بويسۇنمايۋاتقان مېڭىسى قاتتىق سىلكىنىپ، سىزىمىنى تامام يوقۇتۇپ،تەنلىرى ئۆزىنى قويۇۋەتتى.

-مەن قىلمىدىم،ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلدىڭ قابىل، مەن بىلەن ئالاقىسى يوق،ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلدىڭ -خانقىز پەلەمپەيدىن دومىلاپ چۈشۈپ كىتىۋاتقان قابىلغا قارىغىنىچە ئوخشاش بىر ئېغىز گەپنى توختىماي تەكرارلاپ،تاكى ئۇ ئۇدۇل تامغا بېرىپ ئۈسۈپ  ئۇ دومىلاشتىن توختىغانغا قەدەر قاراپ تۇرغاندىن كىيىن،ئىسىنى يىغىپ،ئۇنىڭ نىمە بولۇشى بىلەن كارى بولماستىن -ئايسىما، ئايسىما،دەپ ۋاقىرىغىنىچە بار كۈچى بىلەن پەسكە قاراپ يۈگۈردى.ئۇنىڭ ئىشلارنىڭ ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ كونتىرول دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكىنى بىلەن كارى يوق،پەقەت ئايسىمانى تۇتۇپ قالالىسىلا ھەممىنى قايتىدىن ئىزىغا سالالايمەن دەپ ئويلايتتى.

- تاغا  بىزنى شەھەرلىك گوڭئەن ئىدارىسىغا ئاپىرىپ قويۇڭ،بىرسى بىزنى ئۆلتۈرمەكچى –

- ئايسىما،توختا، سىنى ھېچقانداق قىلمايمەن، توختا قىزىم – بىراق خانقىز دەرۋازىدىن چىقىپ تۇرىشىغا، ئايسىما ئۇكىللىرىنى توختىغان تاكسىغا چىقىرىپ كىتىپ قالدى.

-خانىم،نەگە بارىسىز؟-كەينىدىن كەلگەن تاكسىنى توسۇپ چىققان خانقىز،شوپۇرنىڭ سوئالىغا نىمە دەپ جاۋاب بىرىشنى بىلەلمەي مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى،توغرا؟ئۇ زادى نەگە بارماقچى؟ئۆزىنى پاش قىلىش ئۈچۈن ماڭغان قىزلىرىنىڭ كەينىدىن قوغلامدۇ؟ياق،ياق، ئەمدى بولغاندا ئۇلارنى قوغلىغىنىنىڭ نىمە پايدىسى،قوغلاپ يىتىشىۋالغان ھالدىمۇ، زادى نىمە بولماقچى؟ئۇلارنى مەجبۇرىي ئۆيگە قايتۇرۇپ كىتەلەمدۇ؟ ياق، ياق، بەلكىم بۇ چاققۇچە ئۇلار يېنىدىكى شوپۇرغا ئاللىبۇرۇن ھەممە ئىشنى ئېيتىپ بولغاندۇ،خانقىز ئۇلارغا يىتىشىۋالغىنىدا،ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىنى،ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتىش ئۈچۈن تەق بولغان تۆت قىز ئەمەس،بەلكى قولغا ئېلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ساقچىلار بولۇشى مۇمكىن؟ئۇنداقتا خانقىز نىمە ئۈچۈن تاكسىغا چىقتى،ئۇ زادى نەگە بارماقچى؟- بۇ سوئالغا جاۋاب بىرىشكە خانقىز ھەقىقەتەن ئاجىز كەلدى،توغرا ئۇ بىر مەزگىل سىڭگەن نېنىغا قانائەت قىلىشنى بىلمەي جاھانغا پاتماي ياشاپ،ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چىقىش يوللىرىنىمۇ ئۆز قولى بىلەن ئىتىپ تاشلىغان ئىدى.،-ئىسىت،نىمىشقىمۇ قابىل بىلەن يۇرتقا قايتىپ كەتمىگەن بولغىيدىم – ئۇ ئۆزىمۇ تۇيىمايلا يىغلامسىراپ تۇرۇپ،شۇنداق دەۋەتتى،توغرا ئۇ بالدۇرراق قابىلنىڭ سۆزىگە كىرىپ،ئۇنىڭ بىلەن يۇرتقا قايتىپ كەتكەن بولسا،بەلكىم جىنايەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدىغان كۈن بۇنچە ئاسان يىتىپ كەلمەس بولغىيدى؟ئۇنىڭ جاھىللارچە ئۆزۈمنى قوغدايمەن،مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن، شەمسىيەنى مەغلۇپ قىلىمەن دەپ چىڭ تۇرغىنىنىڭ ئاقىۋىتى زادى قانداق بولدى؟ئۇ شەمسىيە بىلەن تىركەشكەنسىرى ئۆزىنىڭ ئەيىبلىرىنى ئاچتى، شەمسىيەنى مەغلۇپ قىلىمەن دەپ، ھىيلى-مىكىر ئىشلەتكەنسىرى،جىنايەتلىرىنى تېخىمۇ ئوچۇقچىلىققا ئېلىپ چىقتى،ئۇ ئۆزىنىڭ ھىيلە -مىكىرلىرىنىڭ سېھرى-كۈچىگە چوڭقۇر ئىشىنەتتى،ئاشۇ ھىيلە-مىكىرلىرى بىلەن شەمسىيەنىڭ ئۈستىدىن غەلبە قازىنىپ، پۈتۈن جاھانغا خانقىزنىڭ قانچىلىك قالتىس ئايال ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكچى ئىدى، ھەم ئۆزى ئىرىشكەن شان-شۆھرەت ۋە مال دۇنيالار ئارقىلىق،جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ قالالايمەن دەپ ئىشىنەتتى.بىراق ئۇ قازاندا نىمە بولسا چۈمۈچكە شۇ چىقىدۇ دىگەن ھەقىقەتنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى، خانقىز ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن مەيلى قانچىلىك غەيرەت قىلسۇن ۋە تىرىشسۇن،ئۇنىڭ شەخسىيەتچىلىك،ھەسەت،ۋە ئۆچمەنلىك قاپلاپ كەتكەن رەزىل  قەلبىدە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە قايىللىقىنى قوزغىيالىغۇدەك پەزىلەتتىن زەررىمۇ تېپىلمايتتى، ئۆزىنىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى ئۆزى چۈشەنمەستىن،  شۇنچىۋالا جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن تۇرۇپ، ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ۋە قىلمىشلىرىدىن ۋەھىمە ھېس قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، دەھشەتلىك ئوتقا ئۆزىنى ئاتقان ۋەھشى تۈلكىگە ئوخشاش، شەمسىيەگە ئېتىلىپ، ئۇنى پاراكەندە قىلىشى، ئۇنىڭ خۇددى شەمسىيە ئېيتقىنىغا ئوخشاش،ئۆز ئايىقى بىلەن ئۆزىنى جاۋابكارلىق سەھنىسىگە يىتەكلەپ كەلگىنى بولماي نىمە؟

-خانىم، ئويلۇنۇپ بولدىڭىزمۇ، سىزدىن نەگە بارىسىز دەپ سوراۋاتىمەن  -شوپۇرنىڭ يەنە بىر قېتىم چاقىرىشى خانقىزنى خىيالدىن  ئويغاتتى.

- مەن، مەن -ئۇ يەنە دۇدۇقلاپ قالدى، نەگە بېرىش كېرەك؟ ئىسىت قابىلغا ئاچچىقلانغۇچە ئۇنى بۇرۇنقىدەك ئالداپ ئەيۋەشكە كەلتۈرگەن بولساڭچۇ؟ ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرگەنگە تويە خانقىز،مانا ئەمدى باللىرىڭمۇ  قىلچىلىك يۈزۈڭنى قىلمىدىغۇ؟ ئەمدى قانداق قىلىسەن؟ ئاقىۋىتىڭ ئېنىق، ناھايىتى تىزلا ساقچىلار بارلىق جىنايەتلىرىڭدىن خەۋەر تاپىدۇ، ئاندىن ساڭا ھەر تەرەپتىن ئىزدەپ تېپىپ قولغا ئالماي قويمايدۇ، قاتىللىقىڭ،  رەسۋالىقىڭ، مەينەتلىكىڭ ئاشكارە بولۇپ،  خەلقى -ئالەم ئالدىدا رەسۋا بولىسەن! نەگىمۇ قاچارسەن، نەگىمۇ بارارسەن؟ -ئۇ ھەرقانچە ئويلۇنۇپمۇ نەگە بېرىشىنى يەنىلا قارار قىلالمىدى.

- بارىدىغان يىرىڭىزنى بىلمىگەن بولسىڭىز، چۈشۈپ قالامسىز يا، پۇل تاپىدىغان ماشنا بۇ – شوپۇرنىڭ يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىشىدىن كىيىن ئۇ بىر قارارغا كىلىپ، - ساقچىخانىغا بارىمەن – دەپ جاۋاب قايتۇردى، ئۇ ئەمدى ئۆزىنى مەلۇم قىلىشتىن باشقا يولى قالمىغانلىقىنى چۈشەنگەن ئىدى، شۇنداق قىلغاندا ھېچ بولمىغاندا، بەزىبىر جىنايەتلىرىدىن تېنىۋېلىشقا بولسىمۇ پۇرسەت تېپىلاتتى، شۇنداق قىلسۇن، رىزۋان مىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان، شۇڭا ئۆزۈمنى يوللۇق قوغدىدىم دىسۇن، شەمسىيەنى قەستلىگەن ئىشنى يالقۇن بىلەن ئابلىمىتقا دۆڭگەپ قويۇپ،مىنىڭ ئۇ ئىشلاردىن زادىلا خەۋىرىم يوق دەپ تۇرىۋالسۇن،شۇنداق قىلغاندا، ئۇنىڭغا ھېچ بولمىغاندا  بىر يولى بولسىمۇ تېپىلىپ قالار، -نوچىكەنسەن شەمسىيە، مىنى  ئائىلەمدىن، باللىرىمدىم ئايرىدىڭ،  ھەتتا ئۆزۈم ئىنجىقلاپ تۇققان باللىرىمنىمۇ ماڭا دۈشمەن قىلالىدىڭ، سەن ھەقىقەتەن يامانكەنسەن – خانقىز خىيال ئارلىقىدا ئىختيارسىز ئاۋازىنى سىرتىغا چىقىرىپ شۇنداق دەۋەتتى- توغرا،  مەن نىمىشقا ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ قىلمايمەن،ئۇ مىنى باللىرىدىمدىن ئايرىغان بولسا، مەن نىمىشقا ئۇنىڭغا  باللىرىدىن ئايرىلىپ يالغۇز قېلىشنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويمايمەن؟ ھەرقانچە ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلەتسەممۇ بۇ قېتىم جازادىن قېچىپ قۇتۇلالىشىم ناتايىن، ھېلىقى ئەنۋەر دىگەن ساقچى، مىنىڭ بۇنچىلىك قۇيرۇقۇمنى تۇتۇۋالسا، چوقۇم ھەممىنى تەكشۈرۈپ  ئېنىقلىماي قويمايدۇ،ھامىنى بىر ئۆلۈم، ئۇنىڭدىن كۆرە، شەمسىيە دىگەن بۇزۇقتىن ئۆچۈمنى ئېلىۋېلىپ، ئۆلۈپ كەتسەم مەيلى ئەمەسمۇ؟ - خانقىزنىڭ چىرايى تۇيۇقسىز كاللىسىغا كەلگەن ئەقىلدىن نۇرلىنىپ كەتتى – ئۇستام مىنى شەھەرلىك مەركىزى يەسلىگە ئاپىرىپ قويسىڭىز بوپتىكەن – ئاندىن بارخاننىڭ شەھەرلىك مەركىزى يەسلىدە ئوقۇيدىغانلىقىنى يادىغا ئېلىپ، شوپۇرغا جىددى بۇيرۇق قىلدى.

- گۇڭئەن ئىدارىسىغا بارمايدىغان بولدىڭىزمۇ؟

- بارمايمەن، مەركىزى يەسلىگە ئاپىرىپ قويۇڭ –

- تاغا بىزنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭ، ياق، دادامنى قۇتۇلدۇرىۋېلىڭ – ئايسىما شوپۇر ئۇستامنىڭ يىتەكلىشى بىلەن گوڭئەن ئىدارىسىغا كىلىپ، ئالاقىدار ئىشخانىغا كىرىپلا پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى.

- نىمە بولدىڭىز قىزىم، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ ئالدىرىماي سۆزلەڭ، سىزگە نىمىش بولدى، دادىڭىزغىچۇ؟ -

- ئاپام بىزنى ھەم دادامنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى، دادام بىزنى قاچۇرىۋىتىش ئۈچۈن ئۆيدە قالغان، ئۇ بىزنى تاپالمىسا چوقۇم ئۇنى ئۆلتۈرىۋىتىدۇ –

- نىمە دەيدىغانسىلەر باللىرىم، ئۇ سىلەرنىڭ ئۈگەي ئاپاڭلارمۇ؟،-

- ياق، ئۆز ئاپىمىز –

- نەدىمۇ، ئۆز ئاپىسى باللىرىنى ئۆلتۈرىۋىتىدغان ئىش بار، سىلەر خاتالىشىپ قالمىغانسىلەر ھە – بالىلارنىڭ پىسخىكىسىدا بەزىدە كۆرۈلىدىغان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان روھىي ھالەتنىڭ كۆرۈلگەن بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، پىشقەدەم ساقچى ئۇنىڭدىن قايتا-قايتىلاپ سورىدى.

- مەن سىلەرنى ئالدىمىدىم، راس گەپ قىلىۋاتىمەن، بۇنى ئاڭلاپ بېقىڭلار، مەن تىلفونۇمدا ئۈنگە ئېلىۋالغان -ئەقىللىق ئايسىما، يانفونىنىڭ ئۈنگە ئېلىش ئىقتىدارىنى ئېچىپ،  باياتىنقى جىدەل-ماجرالارنىڭ ھەممىسىنى ئۈنگە ئېلىۋالغان ئىدى.

-، شوپۇر ئۇستام، سىز ئۇلار تاكسىغا چىققان ئورۇنغا بىزنى باشلاپ بارالامسىز؟ - ساقچىلار ئايسىما تەمىنلىگەن ئۈن ماتىرىيالىدىن، ئەھۋالنىڭ جىددىيلىكىنى چۈشۈنۈپ، ئاۋارىچىلىق يۈزبىرىشىدىن ئەنسىرەپ ئايسىمادىن ئۆيىنىڭ تەپسىلىي ئادرىسىنى سورىۋالغاندىن كىيىن،ئۇنىڭغا  تەسەللىي بىرىپ، ئۇنى ئۇكىللىرى بىلەن قوشۇپ، ئالاقىدار خادىملارغا قاراشقا تاپشۇرۇپ، شوپۇرنىڭ يول  باشلىشى بىلەن دەرھال نەق مەيدانغا قاراپ يولغا چىقتى.

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章