مائارىپ مىنىستىرلىقى: باشلانغۇچ مەكتەپلەر بالىلارنىڭ ئورنىنى ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم تەڭشەيدۇ
يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق بىرلىشىپ «يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدىكى ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بالىلارنىڭ ھەر كۈنلۈك دالا پائالىيىتى ۋاقتىنىڭ ئىككى سائەتتىن كەم بولماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدە تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋاقتى بىر سائەتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك؛ باشلانغۇچ مەكتەپ ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم بالىلارنىڭ ئورنىنى تەڭشىشى كېرەك؛ قەتئىي تۈردە «نۆل باشلىنىش نۇقتىسى» بويىچە نورمال ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 1-، 2-يىللىقلىرىغا يازما ئائىلە تاپشۇرۇقى ئورۇنلاشتۇرماسلىق، 3-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە بولغان يازما تاپشۇرۇقنى تاماملاش ۋاقتى 60 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىپ ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتە ئوقۇتۇش ئومۇمىي ۋاقتىنىڭ %30ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، پىرىنسىپ بويىچە قەغەزدە مەشغۇلات قىلىنىشى كېرەك؛ توردا تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەر سائەتلىك دەرس ۋاقتى 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، دەرس ئارىلىقى 10 مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
دۆلەت خادىملىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى
مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكى قىش پەسلىدە تاقالمايدۇ
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىر باشلىق تەكشۈرۈلدى