توي ۋە سۈيقەست9-قسىم

文摘   2025-01-22 21:15   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى

تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى

بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

،چىرايلىق چوكان،تالاغا قارىغان ئايال، جىنايەت ۋە جازا شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .

--قىسىم

كىتابلارنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بولسا پۇتۇمنىڭ تېيلىشى بىلەن يەرگە يىقىلدىم.

_ ۋايجان..

_ ئاپاراتنى ئۆچۈرۈپ ئۇنى يۆلەڭلار..

  بىر نەچچە ئادەم كېلىپ مېنى يۆلىگەندىن كېيىن ياندىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزدى.

_ نېمىش بولدى؟_ دېدى دېرىكتور تارتقۇچىلار قاتارىغا قوشۇلۇپ.

_ خىزمەتچىڭىز يىقىلىپ چۈشتى..

دېرىكتور يېنىمغا كېلىپ يەرگە پۇتىنى سۈركىدى.

_ بۇ نېمىش؟ سىلەرگە ياخشى تازىلاڭلار دېمىگەنمىدىم..نېمىشقا يەرگە سىيلىق نەرسە چېچىپ قويدۇڭلار..تازلىقچى..قېنى سىز..

تازلىقچى ئايال دېرىكتورنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى.

_ دېرىكتور..مەن ئەمەس..مەن بايا پاكىز تازىلاپ قويغان..ھازىر باشقا يەرنى تازىلاۋاتاتتىم..

_ نېمىشقا خىزمىتىڭىزگە ياخشى مەسئۇل بولمايسىز.. بۇ سىزنىڭ خىزمىتىڭىزغۇ..

_ مەن راستىنلا پاكىز تازىلىدىم دېرىكتور..

_ ئاخىرغىچە مەسئۇل بولىشىڭىز كېرەكتى..بىر كۈنلۈك مائاشىڭىز تۇتۇلىدۇ..

تازلىقچى ئايالنىڭ خىجالەتكە تولغان كۆزلىرىگە قاراپ تۇرالماي، دېرىكتورغا يالۋۇردۇم.

_ دېرىكتور، بەلكى بۇ تازلىقچى ھەدەمنىڭ خاتالىقى ئەمەستۇ..مېنىڭ ئايىقىممۇ سەل تېيىلغاق..قارىمىغان خاتالىق مەندە..ئۇنى جازالىمىسىڭىز...

_ بۈگۈنكىدەك مۇھىم كۈندە بۇنداق خاتالىق يۈز بەرسە بولمايدۇ..چوقۇم بىر ئادەم جازالىنىشى كېرەك..بۇ يا ئۇنىڭ يا سىزنىڭ خاتالىقىڭىز..

_ مۇنداق قىلايلى دېرىكتور. ئەگەر خاتالىق سۈرۈشتە قىلىدىغان ئىش بولسا..تېلىكامىرانى تەكشۈرۈپ باقايلى..شۇنداق بولغاندىلا بۇ ئىشنى كىمنىڭ قىلغىنى ئاشكارلىنىدۇ،_ كۆزۈمنىڭ قىرىدا كومپىيۇتېرنى سوپۇندا سۈرتكەن خىزمەتدىشىمغا قويدۇم.

_ تېلىكامىرا ئالدىنقى ھەپتە بۇزۇلۇپ قالغان..ھازىر كۆرگىلى بولمايدۇ،_ دېدى يېنىمدا ئولتۇرىدىغان خىزمەتدىشىم.

_ بىزنىڭ خىزمىتىمىز ئالدىراش، مەسئۇلىيەتنى كېيىن سۈرۈشتە قىلىپ خىزمىتىمىزگە ماسلاشقان بولساڭلار..

تازلىقچى ئايال يەرنى پاكىز سۈرتۈشكە باشلىدى. مەن بولسام توختىماي پۇتۇمنى ئۇۋىلايتتىم.

_ قانداق؟ تۇرالايدىغاندەك قىلامسىز؟

ئاستا ئورنۇمدىن تۇرماق بولۇپ يەنە جايىمدا ئولتۇرۇپ قالدىم.

_ تۇرالمايدىغاندەك قىلىمەن دېرىكتور. سەت بولدى..

_ سىزمۇ قىزىقكەنسىز، فىلىمگە چىقىدىغان ئادەم ئاۋايلىمامدۇ دەيمەن.. _ دېدى بۇرۇنقى يىگىتىم ئەتەي مېنى مازاق قىلىپ.

_ مېنى كەچۈرۈڭلار، فىلىم تارتىشقا دەخلى يەتكۈزۈپ قويدۇم. مۇنداق قىلايلى. خىزمەتدىشىم مېنىڭ ئورنۇمدا چىقسۇن،_ يېنىمدا ئولتۇرىدىغان خىزمەتدىشىمغا قارىدىم.

_ كىيىمىڭىزنى خىزمەتدىشىڭىزغا بېرىڭ..ئۇنىڭ كىيىمى ئېكرانغا چىرايلىق چىقمايدۇ،_ دېدى سابىق يىگىتىم ماڭا قاراپ.

_ لېكىن بۇ..شىركەتنىڭ ئەمەس ئۆزۈمنىڭ كىيىمىمتى..

_ بۇ چاغ بولغاندا مېنىڭتى ئۇنىڭتى دېمەي، ئالماشتۇرساڭلار نېمە بوپتۇ..

 بۇرۇنقى يىگىتىم ئەتەي مېنى قىيناۋاتقاندەك قىلاتتى.

_ بۇ يەردە كىيىم ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ..پۇتۇم قايرىلدى، ھازىر ماڭالمايۋاتسام..

_ ماڭالمىسىڭىز بىر نەرسە بىلەن توسۇپ بەرسە مۇشۇ يەردە ئالماشتۇرۇڭلار..

ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن قارىدىم.

_ بولدى، بۇنچە كۆپ ئادەم ئارىسىدا قانداق ئالماشتۇرىدۇ..

بۇرۇنقى يىگىتىمنىڭ مېنى كۆزدىن يوقىتىش، خىجالەتچىلىك ۋە ئوڭايسىزلىقتا قالدۇرۇش نىيىتى بارلىقىنى بىلەتتىم. لېكىن ئۇنىڭ بۇ دەرىجىدە قاراملىق قىلىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدىم.

_ سىز قايتىپ ئارام ئېلىڭ. بۇ ھالەتتە ئىشلىيەلمەيسىز..

_ بولىدۇ، ئەمىسە شىركەتتىن ماشىنا ئورۇنلاشتۇرۇپ، مېنى ئاپىرىپ قويغان بولساڭلار..

_ يولدىشىڭىزغا تېلىفون ئۇرۇڭ. كېلىپ سىزنى ئەكەتسۇن..

_ ئۇ ئىشلەۋاتىدۇ..ئەپسىزمىكىن..

_ ئايالى يارىلانسىمۇ ئەكەتمەيدىغان قانداق ئەر ئۇ.._ بۇرۇنقى يىگىتىم ماڭا قاراپ مەقسەتلىك كۈلۈپ قويدى. ئۇ بۇ ئارقىلىق سېنى ھېچكىم ئالغىلى كەلمەيدۇ دېگەننى ئىپادىلەۋاتاتتى.

_ شەخسىي مەسىلىنى ھېلى ھەل قىلىڭلار، ھازىر فىلىمنى تارتمىساق بولمايدۇ.. تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟_ رېژىسسور ياندىكى خىزمەتدىشىمغا قارىدى.

_ مەن..مەن..ھېچقانداق ماتېريال كۆرمىگەن..بىر ئاز ۋاقىت بەرسىڭىز..

_ مۇنداق قىلايلى، بۇ ياق ھەممىنى يادلىغان، كۆرۈنۈشكە ساق ئادەم چىقسۇن، پۇتى يارىلانغان ئادەم يېنىدا تۇرۇپ ئاۋاز بەرسۇن..قانداق؟!

_ بۇمۇ بولغىنى، ئاۋازنى بۇياق بەرسە، كۆرۈنۈشكە ئۇ قىز چىقسا..بۇمۇ بولىدىكەن..شۇنداق قىلايلى..

_ ئۇنداق قىلالمايمەن. پۇتۇم ئاغرىۋاتىدۇ. ھازىر تاڭدۇرمىسام ھېلىلا ئىششىپ كېتىدۇ..

تېلىفوننى ئېلىپ «يولدىشىم»غا ئۇچۇر يوللىدىم.

«مېنى ئەكەتسىڭىز بولاتتى. پۇتۇم قايرىلىپ كەتتى»

ئۇچۇر قايتمىدى. ئۈمىدسىزلەنگەنچە ئولتۇرۇپ قالدىم.

_ بەرىبىر سىزنى ھازىر ئەكېتىدىغان ئادەم يوق. ماسلاشسىڭىز نېمە بوپتۇ.. سىز ئولتۇرۇپ ئاۋاز بېرىپ بەرسىڭىزلا بولدىغۇ..

بۇرۇنقى يىگىتىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىماسقا سېلىپ دېرىكتورغا قارىدىم.

_ دېرىكتور، بۇنداق قىلساق توغرا بولمايدۇ.. پۇتۇم قايرىلىپ كەتتى، خىزمەت ئۈستىدە يۈز بەردى. ئەسلى شىركەت مەسئۇل بولۇپ دوختۇرغا ئاپىرىشى كېرەك ئىدى. ھازىر مېنى يەنە داۋاملىق خىزمەت قىل دەۋاتىسىلەر..

 _ مەن قانداق قىلاي، ھازىر بۇفىلىمنى تارتمىساق بولمايدۇ، ھەممەيلەن كۆرۈنۈشكە چىقىشى كېرەك. كىمنى ئورۇنلاشتۇرىمەن...

_ بولدى، ھېچكىمنى ئورۇنلاشتۇرماڭلار،_ ئاۋازنى ئاڭلاپ ئارقامغا ئۆرۈلدۈم،_ ئۆزۈم ئەپ كېتىمەن..

ئىشىكتىن كىرگەن «يولدىشىم»نى كۆرۈپ كۆزلىرىم ئۈمىدكە تولدى.

_ سىز..سىز كەپسىزغۇ..

_ شۇنداق. «ئايالىم» يارىلانسا كەلمىسەم قانداق بولىدۇ،_ ئۇ مېنى كۆتۈردى،_ سىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىراي جېنىم...

_ ئۇ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، ھازىر ئاۋاز بەرمىسە بولمايدۇ..ئۇنى نەگە ئاپىرىسەن،_ دېدى بۇرۇنقى يىگىتىم «يولدىشىم»نىڭ بىلىكىگە ئېسىلىپ.

_ سىلەردە ئادىمىيلىك بارمۇ يوق، بىر ئادەم يارىلانسا دوختۇرخانىغا ئاپارمىغاننى ئاز دەپ يەنە ئىشلىسۇن دەۋاتامسىلەر؟!

_ پۇتى قايرىلىپ كەتكەنگە نېمە بولاتتى، بىردەمدىلا ساقىيىدۇ. لېكىن شىركەتنىڭ مۇھىم ئىشى قەپ قالسا بولمايدۇ..

_ شىركىتىڭلارنىڭ ئىشى بىلەن مېنىڭ كارىم يوق، لېكىن ئايالىمنىڭ سالامەتلىكى بىلەن كارىم بار.. بۇ فىلىمىڭلارنىڭ مەن بىلەن مۇناسىتى يوق..

_ مەيلى، ئاۋازنى ئارقىدا بېرەيلى..ھازىر فىلىمنى تارتىۋېرەيلى،_ دېدى رېژىسسور ئوڭايسىزلىقنى بۇزۇپ.

«يولدىشىم» بىلىكىنى سىلكىپ بۇرۇنقى يىگىتىمنىڭ قولىنى بوشاتقاندىن كېيىن مېنى كۆتۈرگىنىچە ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.  شۇ تاپتا ئۆزۈمنى ھەقىقىي قوغدىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتاتتىم.

ئۇ لېفىت ئالدىغا كېلىپ توختىدى. توساتتىن يۈزىمىزنىڭ يېقىن كېلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەرگە قارىۋالدىم.

_ قانداق؟! خېلى ئوخشاتتىممۇ،_ دېدى ئۇ خىجىل بولىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىپ.

_ ئۇچۇر قىلسام قايتۇرمىغانتىڭىز، سىزنى كەلمەسمىكىن دەپتىمەن..

_ قايتۇرۇشقا ئۈلگۈرمەيلا ئۇدۇل كەلدىم. دەل ۋاقتىدا كەپتىمەن..

_ شۇنداق، بولمىسا مۇشۇ ھالەتتە ئىشلەپ كېتەتتىم..

لېفىت ئېچىلىپ ھەممەيلەن ئىككىمىزگە غەلىتە نەزەردە قاراشقا باشلىدى. مەن بولسام قىزىرىپ بېشىمنى كۆتۈرەلمەيۋاتاتتىم.

ئۇ مېنى كۆتۈرگىنىچە ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا ئولتۇرغۇزدى-دە، يېنىمدا ئولتۇردى. ئالدىدا ئۇنىڭ دوستى ئولتۇراتتى.

_ دوختۇرخانىغا بارايلى..

يۈرۈكۈم دۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى. بۇنىڭ زادى خىجىللىق ياكى جىددىيلىكتىن بولىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتىم.

ماشىنا قوزغالغاندىن كېيىن ئۇ پۇتۇمنى قولىغا ئالدى.

_ ئىششىپ كېتىپتۇ.. زادى نېمىش بولدى؟

_ فىلىم تارتىش باشلانغاندا تېيلىپ كېتىپ يىقىلىپ چۈشتۈم..

_ نېمىشقا يەرگە قارىمايسىز؟! بۇنداقمۇ پالاكەتلىك قىلغان بارمۇ..

_ شۇ..ئۆزۈمدىنمۇ كەتتى، بۇ شىركەتتە ئىشلەش ئۈچۈن ھەر قاچان ھۇشيار تۇرۇشۇم كېرەك ئىدى..

_ شۇ ئەمەسمۇ، بۇ شىركەتتە دۈشمىنىڭىز بار، ئۇ ھەرقاچان سىزنى قەستلىشى مۇمكىن..

_ زادى شۇمۇ ياكى باشقىلارمۇ، مەنمۇ بىلەلمىدىم..بىر ئويلىسام يېنىمدىكى خىزمەتدىشىمدەك، ئۇ فىلىمگە مېنىڭ چىقىدىغانلىقىمنى بىلىپ بەك رەنجىگەنتى..مەن يارىلانسام ئورنۇمغا ئۇ چىقىدۇ..شۇڭا ئۇنى قىلدىمىكى دەپمۇ گۇمان قىلىمەن..

_ بۇنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ، ئىشقىلىپ بۇ شىركەتنىڭ تۇتقان يولىغا ھەيران قالدىم. ئۆزىنىڭ يولدىشىنى ماس كېلەمدۇ دېمەيلا ئىشخانا مۇدىرى قىلىپ قويسا، مۇشۇنداق ئىش يۈر بەرسىمۇ سۈرۈشتە قىلماي يەنە ئىشلىسۇن دېسە..قانداق شىركەت بۇ..

_ سىز كېلىشتىن بۇرۇن تېخى مېنى كىيىمىڭىزنى خىزمەتدىشىڭىزگە سېپ بېرىڭ دەيدۇ..

_ قاراپ تۇرۇپ ئادەم بوزەك قىلغانلىققۇ بۇ..

ماشىنا دوختۇرخانا ئالدىدا توختاپ، ئۇ مېنى قايتىدىن كۆتۈردى-دە، دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭدى. ئۇ بىر ئالدىغا بىر قەدەم ئالسا يۈرىكىمنىڭ سوقۇش سۈرىتى تېخىمۇ تېزلىشىپ كېتەتتى.

دوختۇر پۇتۇمنى تۇتۇپ بېسىپ باققاندىن كېيىن بىزگە قارىدى.

_ پۇتى قايرىلىپ كېتىپتۇ. بۇ يەردىن دورىنى ئېلىپ ئۆزۈڭلار تېڭىۋالساڭلار بولىدۇ..

_ قانچىلىك ۋاقىتتا ساقىيىدۇ دوختۇر..

_ بەش كۈندىن بىرەر ھەپتىگىچە..قايتقاندىن كېيىن ئورنىڭىزدىن تۇرماڭ..

بىر ھەپتە دەم ئېلىش بىر ھەپتىلىك مائاشىمنىڭ كەم چىقىشىدىن دېرەك بېرەتتى.

_ ئىتتىكرەك ئۈنۈم كۆرسىتىدىغان ئۇسۇل بارمىدۇ دوختۇر..شۇنداق دورا بولسا يېزىپ بەرسىڭىز..

_ ئاغرىققا چىدىسىڭىز مۇشۇ پېتى مېڭىپ چىكەتسىڭىزمۇ بولىدۇ..

دوختۇرنىڭ تەنە گېپىنى ئاڭلاپ جىمىپ قالدىم.

_ ماۋۇ دورىلارنى بىرىنچى قەۋەتتىن ئېلىپ ئايالىڭىزنىڭ پۇتىغا كۈندە بىر قېتىمدىن سۈرۈپ بېرىڭ،_ دېدى دوختۇر دورا قەغىزىنى «يولدىشىم»غا تەڭلەپ.

ئېيتقۇسىز خىجىلچىلىقتا تۇراتتىم. چۈنكى ئۇنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىشىنى كۈندە پۇتۇمنى تۇتىشىنى خالىمايتتىم. چۈنكى بۇ توختامدا يېزىلمىغانىدى.

ئۇ مېنى دوختۇرخانىنىڭ چاقلىق ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن، بىرىنچى قەۋەتكە ئېلىپ چۈشتى. ئۇنىڭغا نېمىلەرنىدۇر دېگۈم بارئىدى. لېكىن دېيەلمەيتتىم.

دورىنى ئالغاندىن كېيىن ماشىنىغا قايتىپ چىقتۇق. ئۇنىڭ دوستىنىڭ ئالدىدا چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ھېچنېمە دېيەلمىدىم.

ئۇ مېنى كۆتۈرۈپ لېفىتكە چىققاندىن كېيىن ئىشىك ئالدىدا توختىدى.

_ مەن سىزنى كۆتۈرۈپ تۇراي، ئىشىكنى سىز ئېچىڭ...

ئاچقۇچۇمنى ئېلىپ ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن ئۆي ئىچىگە كىردۇق. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ بىر ئايغا بارماي ئىككى قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىشىمىزنى ئويلىمىغانىدىم.

ئۇ مېنى سافادا ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن خالتىدىكى دورىنى قولىغا ئالدى. ئۇ پۇتۇمنى تۇتماقچى بولغاندا قولىنى توستۇم.

_ توختاڭ. ئۆزۈم قىلاي..

ئۇ ماڭا غەلىتە قاراپ قويدى.

_ مەن سىزگە چېقىلاي دېمىدىم، دورىنى ۋاقتىدا سۈرمىسەك بولمايدۇ..

_ ئۆزۈم سۈرەي، سۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاپامنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويۇڭ، شۇ يەردە ياتاي..

_ ھاھا،_ئۇ كۈلۈپ كەتتى،_مەندىن شۇنچىلىك مۇداپىيەلىنەمسىز؟

_ ياق، ئۇنداق ئەمەس. سىزنى كۈندە خىزمىتىمنى قىلدۇرسام بولمايدۇ.. پۇتۇمنى تۇتۇپ تاڭسىڭىز مەن خىجىل بوپ قالىدىكەنمەن..شۇڭا ئاپامنىڭ يېنىدا ياتاي..

_ نادان قىز، ئىككىمىزنىڭ بۇ مۇناسىۋىتىنى ئۆزىمىزلا بىلىمىز، ئاپىڭىز بىلمەيدۇ. قىزىڭىز يارىلاندى ئۆزىڭىز قاراڭ دەپ ئاپىرىپ بەرسەم ئاپىڭىز قىزىمنى ياخشى كۆرمەيدىكەن دەپ ئويلىمامدۇ..

تۇرۇپ ئويلىنىپ قالدىم، ئۇنىڭ بۇ سۆزىنىڭ ئاساسى باردەك قىلاتتى، ئىشلارنى ئارتۇق ئويلايدىغان ئاپام بۇ ھالەتنى كۆرسە راستىنلا ئەنسىرەپ قالاتتى.

_ بولدى، ئىككىمىز دوست بولۇپ قالدۇق. يەنە كېلىپ بۇ دېگەن ئاغرىق مەسىلىسى، پۇتىڭىزنى مەن تېڭىپ قوياي. ئەنسىرىمەڭ. باشقا نىيەتتە بولمايمەن..

ئۇ پۇتۇمنى قولىغا ئېلىپ دورا سۈرۈشكە باشلىدى. يۈرىكىمنىڭ سوقۇشى تېزلەپ كېتىپ باراتتى.

_ سىزگە دېسەمچۇ، بۇمۇ ياخشى بوپتۇ..مۇشۇ باھانىدە ئارام ئېلىۋېلىڭ..

_ ئارام ئالغان بىلەن مائاش تۇتىلىدىغان گەپ.. بىر ھەپتىگە قالماي نەچچە كۈندە ساقايسام بولاتتى..

_ نېمىشقا مائاش تۇتىدۇ. سىز خىزمەت ئۈستىدە يارىلانغان تۇرسىڭىز..

_ ھازىر ئىشخانا مۇدىرى، مېنىڭ سابىق يىگىتىم. سىزچە ئۇ ئۆچ ئالىدىغان بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويارمۇ..

_ دېرىكتورىڭىز قارغۇ ئەمەستۇ..يىقىلغىنىڭىزنى كۆرگەندۇ..

_ كۆردى، لېكىن ئىشخانا مۇدىرى ئۇنىڭ يولدىشى تۇرسا..

_ ھېلى تېلىفون ئۇرۇپ تەپسىلى پاراڭلىشىڭ. بۇنداق قىلسا بولمايدۇ..

_ بولدىلا، بۇ ئىشقا تۇتمىسىمۇ ھامان مائاشىمدىن تۇتىدۇ..

_ نېمىشقا؟

_ ئۇ تازلىق ئىشچىسىنىڭ مائاشىنى تۇتىمەن دەيدۇ، ئۇ ئايالنىڭ ئىككى بالىسى ئوقۇيدۇ. يولدىشى يوق.. بۇنداق قىلسا بولمايدۇ...

_ قىزىق ئىشكەن. يەرگە بىرسىنىڭ مەقسەتلىك نەرسە چېچىپ قويغىنى ئېنىققۇ..نېمىشقا شۇ ئادەمنى تاپماي باشقىلارنى جازالايدۇ..

_ شۇ ئەمەسمۇ، تازلىقچى ئايالنىڭ مائاشىنى تۇتسا بولمايدۇ..شۇڭا مەن مېنىڭكىنى تۇتۇڭ دېدىم..

ئۇنىڭ پۇتۇمنى تېڭىۋاتقان قولى توختاپ قالدى.

_ سىز ساقمۇ يا..

_ قانداق قىلىمەن. قاراپ تۇرۇپ ئۇ بىچارە ئايالغا ئۇۋال قىلسا بولمايدۇ-دە..

_ بۇ ئىشتا سىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى. ئۇلار تېلىكامىرانى تەكشۈرسىلا بولمىدىمۇ..

_ تېلىكامىرا بىر ھەپتە بۇرۇن بۇزۇلۇپتىكەن..شۇڭا ئىسپات يوق..

_ بۇمۇ ئۇلارنىڭ خاتالىقىغۇ..نېمىشقا بۇزۇلغان تېلىكامىرانى ۋاقتىدا ئالماشتۇرمايدۇ..

_ سىزگە بۇنداق دېيىش ئاسان، لېكىن بىز دېيەلمەيمىز..

_ ھەيرانمەن. بۇنداق ئادالەتسىز شىركەتتە شۇنچە ئۇزۇن ئىشلىيەلەپسىز..

_ بۇرۇن بۇنداق ئەمەستى،ئۇ كەلگەندىن بېرى ھەممە ئىش ئۆزگىرىپ كەتتى..

_ ئۇنىڭ كېلىشى بىر باھانە..دېرىكتورىڭىز ئەسلىمۇ ئۇنچىلىك ياخشى ئادەم ئەمەسكەن..

_ ياق، دېرىكتورۇم ياخشى ئايال. ئۇ ناچارئەمەس..

_ بوپتۇ مەيلى، شۇ دېرىكتورىڭىزنى قوغداپ مائاشىڭىزنى تۇتقۇزىۋېرىڭ..ئۈچ ئاي توشقاندا ماڭا پۇل يوق دېمىسىڭىزلا بولدى..

كۈلۈپ كەتتىم.

_ ھە، نېمە بۇنچە ئاچچىقلايدىكىن دېسەم ماڭا بېرىدىغان پۇل كەملەپ قالمىسۇن دەپتىكەنسىزدە..ئەنسىرىمەڭ، ئۇ پۇلنى چوقۇم تولۇق بېرىمەن..

_ ئەلۋەتتە شۇنىڭدىن ئەنسىرەيمەندە..بۇنداق ھېلى يارىلىنىپ، ھېلى رۇخسەت سوراپ يۈرسىڭىز مېنىڭ پۇلۇمنى كىم بېرىدۇ..

ئۇ مېنى كۆتۈردى-دە، ياتاق ئۆيگە قاراپ ماڭدى. 
-قىسىم

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章