بۇ توپ مۇسابىقىسىگە «پۇتبول چولپانلىرى» كەلدى
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، 2024-يىللىق «ئاتۇش لوڭقىسى» شىنجاڭ پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرى تور ئېكرانلىرىنى بىر ئالدى، بىرنەچچە «چولپان چىرايلار» تورداشلارنى جەلپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ «چولپان چىرايلار»مۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مۇسابىقە مەيدانىغا تېخىمۇ كۆپ قىزىقچىلىق ۋە خۇشاللىق قوشتى.
ئۇلار كىملەر؟
«بەلكىم مەن كىرىستىيانو رونالدونى بەك ياخشى كۆرگەچكىمىكىن، كۆپچىلىك مېنى <بارغانسېرى كىرىستىيانو رونالدوغا ئوخشاپ قالدىڭ> دېيىشىۋاتىدۇ، بىراق مەن كۆپچىلىكنىڭ <توپ تېپىشىڭ ئۇنىڭغا بارغانسېرى ئوخشايدىغان بولۇپ قاپتۇ> دېيىشىنى، ئۇنىڭدەك باتۇر، سۈرئىتىم تېز بولۇشىنى، كوماندا ئەزالىرى بىلەن يۈكسەك ماسلىشالىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ مېنىڭ نىشانىم.» 26 ياشلىق مۇرادىل نۇرمەمەت سانجى جوخۇي جىجيا ئالتۇن قالقان تەنھەرىكەت كۇلۇبىنىڭ توپچىسى، بوي ئېگىزلىكى 1.87 مېتىر، بويى بەستىلىك، چوڭقۇر كۆزلۈك بولۇپ، پورتۇگالىيەلىك پۇتبول ماھىرى كىرىستىيانو رونالدوغا ھەقىقەتەن ئوخشايدۇ.
پۇتبول مۇرادىلنىڭ يەتتە ياشتىن باشلاپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن قىزىقىشى، توپ مەيدانى سىرتىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادىي قىسقا سىن نومۇرىنى باشقۇرىدىغان بولۇپ، توردا 600 مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بار.
بۇ قېتىم مۇرادىلنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئاتۇشقا كېلىپ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى بولۇپ، ئالدىنقى قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۇنىڭغا ئاتۇش ئاممىسىنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدۇردى، ئۇ: «ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە كۆرۈرمەنلەر سۇپىسى تاماشىبىنلار بىلەن توشۇپ كەتتى، يەنە نۇرغۇن تاماشىبىنلار كەينىدە ئۆرە تۇرۇپ كۆردى، بۇلاردىن كۆپچىلىكنىڭ پۇتبولنى بەك قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بۇ خىل كەيپىيات بىزنىمۇ تەسىرلەندۈرگەچكە، مەيداندا جان تىكىپ يۈگۈردۇق» دېدى.
توردىكى نامىنى «شىنجاڭلىق مۇباپېي» دەپ قويۇۋالغان ئەرشىدىن ھەسەنجان غۇلجىدىن كەلگەن بولۇپ، بىناكارلىق لايىھىلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بۇ قېتىم ئۇ سانجى جوخۇي جىجيا ئالتۇن قالقان تەنھەرىكەت كۇلۇبىغا ئەگىشىپ كەلگەن بولۇپ، كوماندىنىڭ مەدەتچىلەر ئەترىتىنىڭ ئەزاسى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى پۇتبولنى سۆيىدىغان شۇنچە كۆپ ھەمراھلىرىنى كۆرۈپ، ئۇ ناھايىتى ھاياجانلاندى.
«پۇتبول تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئۇسۇللىرى ناھايىتى كۆپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن باشقا پۇتبول مەدەنىيىتىنى تارقىتىش، پۇتبول ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.» ئەرشىدىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە كۆپ قېتىم مەكتەپ كوماندىسىغا ئەگىشىپ ھەر خىل پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان.
2023-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن «ئاتۇش لوڭقىسى» شىنجاڭ پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى ئاتۇشنىڭ «پۇتبول يۇرتى» دېگەن نامىنى ھەقىقىي نامايان قىلدى، توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى نەچچە مىليون توپ مەستانىلىرى قىزغىن مۇسابىقە مەيدانى، قايناق تاماشىبىنلار ئورنى ئارقىلىق بۇ شەھەرنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقىنى كۆردى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 12 كوماندا مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن ئۈچ كوماندا كۆپەيدى.
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل
◇ قالايمىقان ئوپراتسىيە قىلغان دوختۇرغا قاماق جازاسى بېرىلدى
◇ ئالمىرە دۇنيا ياشلار بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى
خەيرلىك كەچ سەھىپىسى
◇ خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ
◇ بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ
◇ خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟