كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
96-قىسىم
8
96-قىسىم
تۇرمۇشتىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەر تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ
نادىرنىڭ بارماقلىرى قىزارغان لەۋلىرىنى سىيپاپ ئۆتۈپ:
ـ ئۇ مېنىڭ بەشىنچى ھاممام بولسىمۇ، لېكىن دائىم باردى - كەلدى قىلىدىغان تۇغقىنىم ئەمەس، مەن ئامال يوق سەل - پەل يول قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم، لېكىن سىز بۇنداق قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ كۆڭلىدە باشقىچە غەزىرى بار، كارىڭىز بولمىسۇن. - دېدى.
قايسى ۋاقىتتا ئۇنىڭ پۇتىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ قالغانلىقىنى بىلمىگەن مۇنىرە ئۆزىنىڭ شوپۇر ئورنىغا چىقىپ قالغان پۇتىغا قاراپ قويۇپ سەل چۈشكۈنلىشىپ، ئېغىز ئېچىپ:
ـ مېنىڭچە، ئۇ سىزنىڭ قىز دوستىڭىز بولۇشقا ماس كېلىدۇ. - دېدى.
لېكىن مەغلۇپ بولدى.
نادىر ئۇنىڭ دۈمبىسىگە بىرنى ئۇرۇپ ئالدىغا تارتتى، مۇنىرە بيەنە بوغۇق ئاۋازدا:
ـ مەن سىزگە ماس كەلمەيمەن، - دېدى.
ـ ئۇنداقتا كىم ماڭا ماس كېلىدۇ؟ - دېدى نادىر.
ـ ئۇنداق ئادەم يوق، - دېدى مۇنىرە.
نادىر ئۇھ تارتىپ تۇرۇپ:
ـ شۇڭا بۇ مەسىلە ئۈستىدە قايتا-قايتا باش قاتۇرماڭ، ئېسىمدە قېلىشىچە، بىز مۇشۇ نۇقتىدا پىكىرلىشىپ بولغان. - دېدى.
- مېنىڭ ھالىم مۇشۇنچىلىك، مەندىن بىزار بولۇشقا باشلىدىڭىز. - دېدى مۇنىرە .
- يولسىزلىق قىلىۋاتىسىز، - دېدى نادىر.
ماشىنا ئىسكىلاتى خۇددى دۇنيادىن ئايرىلىپ قالغاندەك جىمجىت ئىدى.
بىر ھازادىن كېيىن، مۇنىرە ئېغىز ئېچىپ:
ـ نادىر ئەپەندى، پۇتىڭىز ئۇيۇشتىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
نادىر سەمىمىيلىك بىلەن:
- سېزىمنى يوقاتتىم. - دېدى.
مۇنىرە قاقاقلاپ كۈلۈپ، ئاستا سىيرىلىپ ماشىنىدىن چۈشتى.
نادىرمۇ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى يېشىپ چۈشتى.
ئىككىسى يەنە بىر قېتىم قول تۇتۇشقاندا، پەس ئاۋازدا:
ـ قانداقلا بولمىسۇن، سىز بىرىنچى بولۇپ ماڭا مۇشۇنداق يېقىن تۇرغان ئادەم. يېقىنلىقتا بارماقلىرىمىز كىرىشىپ، تىنىقلىرىمىز ئۆتۈشكەن، - دېدى.
سەھەر سائەت ئالتىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىنگىزتىلى ئۆگەنسە ئۇيقۇسىدىن ئەمدىلا ئويغانغان نادىر تەلەپپۇزىنى تۈزىتىپ بەرسا ئوڭايسىزلىنىپ قالماس.
مۇنىرە بېلىنى تۈز تۇتۇپ، توك قاچىلاش ھالىتىگە پۈتۈنلەي كىرىپ كەتتى.
مۇھەببەت ئادەمنى ئالغا باستۇرىدۇ، مۇنىرە ھەر كۈنى بىر يېرىم سائەتلىك ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش پىلانىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى، نادىرنىڭ پات-پات يول كۆرسىتىشى بىلەن ئۆگىنىشنى زېرىكىشلىك ھېس قىلمىدى.
ئەلۋەتتە، بۇمۇ پەقەت بىر تەرىپى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئايلانما يولدا مېڭىۋاتقان غۇنچەمگە تاقابىل تۇرۇش روھىنى ئۇرغۇتتى.
ئۇ غۇنچەمگە ئوخشاش كىچىكىدىن تارتىپلا ئەڭ ياخشى تەربىيە ئالغان باينىڭ قىزىنىڭ ھەقىقەتەن ئەخلاق چېكى يوقلۇقىغا ئىشەنمىدى.
ـ ئۆھۈ...
مۇنىرە كەينىگە بۇرۇلدى، يۆتىلىپ ئاۋاز چىقارغان ئاينۇر ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ، ئاندىن تارتىپ مېڭىپ:
ـ ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ، سىزنىڭ بۇ قارىشىڭىزدا ئۇنى يەۋەتكىلى ئاز قالدىڭىز. نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى.
مۇنىرە ئەتكەن ئەتكەن چېيىنى ئېلىپ بېشىنى چايقاپ:
- مۇھەببەتنى قوغداش كۆرۈشى دېسەك بولار... ھە، توغرا ئەمەس، بۇنداق دېيىشمۇ توغرا ئەمەسكەن، ئىشقىلىپ مەسىلە بار، ھەر ۋاقىت قول سېلىشقا تەييار تۇرىشىم كېرەك، - دېدى.
ئاينۇر ئالىيىپ قويۇپ:
ـ ئىشەنمەيمەن، ئىككىڭلار ئەدەپلىك ئادەملەر، كوچىلاردا تىللىشىپ، قول سېلىشىپ يۈرمەيدىغانسىلەر؟ بىراق... ئۇنىڭ سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىكى ئادەمگە كۆڭلى بارمىكەن؟ - دەپ سورىدى.
مۇنىرەنىڭ ئەسلىدە دېگۈسى يوق ئىدى، بۇ ھەم غۇنچەمگە نىسبەتەن شەرەپلىك ئىش ئەمەس، بىراق بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈشتە باشقىلارنىڭ ئەقىل كۆرسىتىشىگە موھتاج.
ـ شۇنداقراق، يىراقتىن بىر ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، ئىككى ئادەم بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ باقمىدى، - دېدى مۇنىرە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئەتكەن چاينى ئارىلاشتۇرۇپ، - لېكىن بۇ خىل ھېسسىيات خۇددى سىز ئۆزىڭىزنىڭ تورتىنى يەۋاتقاندەك، يېنىڭىزدا بىر تال چىۋىن غوڭۇلداپ پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغاندەك، ناھايىتى بىئارام قىلىدىكەن ، - دېدى مۇنىرە.
ئاينۇر بولغان ئىشنى چۈشىنىپ:
ـ مال ئوغرىسىدىن قورقمىسىڭىزمۇ ، كۆڭۈل ئوغرىسى ئادەمنى قىينايدۇ، قولغا چىققۇدەك ئىش بولمىسا ھېچ ئىش قىلالمايسىز. نادىرنىڭ دېمەكچى بولغىنىچۇ؟ - دەپ سورىدى.
ـ ئۇنىڭ گۈزەللىك قارىشى غەلىتە، ئەمما ھېچقانداق داۋالغۇش كۆرۈلمىدى! ـ دېدى مۇنىرە، بىر نەرسىنى ھېس قىلىپ سەل چۆچۈپ، ـ مەن سىزگە ئوغۇل دوستۇمنىڭ كىملىكىنى دەپ بەرگەنمۇ؟ - دېدى.
ئاينۇر ئۇنىڭغا مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراپ قويۇپ:
ـ پۇت بارمىقىم بىلەن پەرەز قىلساممۇ تاپالايمەن، سىزنىڭ ئەتىدىن كەچكىچە خىزمەت ۋە ئۇخلاشتىن باشقا ۋاقتىڭىزنى كىم ئىگىلەيدۇ؟ بۇنچىلىك پەرەز قىلىش ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. - دېدى.
مۇنىرە گەپ قىلالماي قالدى.
بۇنداق ئاددىي، قوپال، تۈز گەپ قىلمىسىڭىز قانداق، ئادەمنىڭ خىجىل قىلىپ.
- بولىدۇ، سىزمۇ ھەممىنى بىلگەندىكىن، ماڭا بىر ئامال تېپىپ بېرىڭ، نەچچە كۈندىن بېرى كاللامدىن ئۆتمەي، بېشىممۇ ئاغرىپ كەتتى، - دېدى مۇنىرە.
ئاينۇر بۇنداق ئىشقا قالايمىقان پىكىر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئىش چىقسا ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ، پەقەت نورمال ئادەمنىڭ ئۆلچىمى بويىچە چوڭ يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ:
ـ ھەممەيلەن بۇرنىغا سۇ كىرمىگۈچە، تامغا ئۈسمىگۈدەك كەينىگە يانمايدۇ دېيىشىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە بىر زەربە بىلەنلا ھەممىنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ. - دېدى.
مۇنىرە قوشۇمىسىنى تۈردى، بىر زەربە بىلەنلا ھەممىنى بىر تەرەپ قىلالامدۇ؟
ئۇ ئۆزىنىڭ قۇرۇق گەپ ئاڭلىغانلىقىنى غۇۋا ھېس قىلدى.
مۇنىرەنىڭ نادىر بىلەن بولغان ھېسسىيات ئىشىدا تىز ئىلگىرىلىشىنى كۆرگەن غۇنچەممۇ قولىدىن كېلىدىغان ھەر خىل يوللارنى ئىشقا سالدى، ھەتتا نادىرنىڭ دادىسى بىلەنمۇ يۈز كۆرۈشتى.
بۇ قېتىمقىسى تاسادىپىيلىقمۇ ئەمەس، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى قىزىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى، شۇنداقلا قەدىناس ئاچا - سىڭىل بولۇشقان غۇنچەمنى بىللە ئېلىپ كەلدى، يەنە نادىرنىڭ دادىسى كاماندىروپكىدىن قايتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن ئۆتۈپ گۈلپەرى بىلەن كۆرۈشكەچ خاتىرە بۇيۇمى سوۋغىتىنى بەرمەكچى بولۇپ كېلىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن غۇنچەم بىلەن كۆرۈشۈپ قالدى.
گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى غۇنچەمنى مۇنداق تونۇشتۇردى:
ـ نادىرمۇ تونۇيدىغان قىز، تېخى بىللە تاماق يەپ باققان. - دېدى.
غۇنچەم ئەسلىدە ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۆڭلىنى ياساپ قويماقچى بولغانىدى، لېكىن نادىرنىڭ دادىسىنىڭ سۆلىتى بەك كۈچلۈك بولغاچقا، گېپىنى تۈگىتىپ يەنە ئاستا چۈشەندۈرۈپ:
ـ مەن كۆكلەم شىركىتىدە خىزمەت قىلىمەن، ئۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە قېتىم ئۇچراشقان. - دېدى.
سالاپىتى جايىدا ، نادىر بىلەن ئۆز ئارا ماس كېلىدىكەن.
گەرچە غۇنچەمنىڭ ئۆيدىكىلىرى ئانچە ياخشى ئادەملەر بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ قىزى يامان ئەمەسكەن.
مۇشۇنداق قاملاشمىغان ئوي نادىرنىڭ دادىسىنىڭ كۆڭلىدە پەيدا بولدى، ئوغلىنىڭ يېشىنى ئويلاپ، دەللاللىق قىلىشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن سۈرلۈك چىرايىمۇ ئېرىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ:
ـ غۇنچەم، دادىڭىز ئىككىمىز كونا دوستلاردىن. - دېدى.
ئەسلىدە سوۋغاتنى يەتكۈزۈپ بەرگىلى كەلگەن، كېيىن تەرەققىي قىلىپ تاماق يېيىشمەكچى بولدى، تاماق ئۈستىلىدە بىر نەچچە ئادەم توختىماي پاراڭلاشتى، كەيپىياتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىدى.
غۇنچەم كۆڭلىدە نادىرنىڭ قىز دوستى بارلىقىنى دەسلىپىدىلا تىلغا ئېلىشقا جۈرئەت قىلالماي، تىرىشىپ تېمىنى چۆرگۈلەپ خىزمەتتىكى ئىشلارنى سۆزلىدى، شۇنىڭ بىلەن مۇنىرەنىڭ گېپىنى خېلى ئۇستىلىق بىلەن باشلىدى.
ـ ئۇ ماڭا ھەقىقەتەن كۆپ ياردەم قىلدى، گەرچە مەن بەزىدە ئۇنىڭ بەزى كىچىك نۇقسانلىرىدىن خاپا بولساممۇ، لېكىن ئۇ ھەقىقەتەن بەك ياخشى، ھەم ئالغا ئىنتىلىدۇ ھەم تىرىشىدۇ، كۆپچىلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ناھايىتى ياخشى. - دېدى.
نادىرنىڭ دادىسى كۈلۈپ تۇرۇپ:
ـ راستتىنلا شۇنداق ياخشىمۇ؟ - دېدى. قىزچاقنىڭ مۇبالىغە قىلغان تەلەپپۇزى ئۇنى كۈلكىلىك ھېس قىلدۇردى، لېكىن كۆڭلىدە ئانچە ئويلاپ كەتمىدى، ھەمىشە ئويۇن ئوينايدىغان ئادەمدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك دېگەنىلا ئويلىدى.
غۇنچەم ساختا ساددىلىق بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ:
ـ بۇ راست، تاغا، ئۇنى كۆرسىڭىز چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز، ئۇ نادىر ئەپەندى بىلەن بەك ماس كېلىدۇ. - دېدى.
نادىرنىڭ دادىسى داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىپ:
ـ ماس كېلىدۇ؟ - دېدى.
ـ شۇنداق، نادىر ئەپەندى سىزگە دېمىدىمۇ، مۇنىرە ئاچام ئۇنىڭ قىز دوستى. - دېدى غۇنچەم.
ئىشتىن بۇرۇن ھېچقانداق خەۋەر ئاڭلىمىغان نادىرنىڭ دادىسىنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى.
ھەقىقەتەن قانىتى قېتىپتۇ!
نادىرنىڭ دادىسى تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، بىر ئۆيلۈك ئادەم بىلەن خوشلىشىپ، غۇنچەمگە رەھمەت ئېيتتى، ئاندىن ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئۆيىگە قايتىپ، ساپادا يۈز چاپلىقى چاپلاۋاتقان ئايالىنىڭ ئالدىدا كېلىپ، ئۇنىڭ قاپىقىدىكى ئىككى پارچە تەرخەمەكنى ئېلىۋەتتى.
نادىرنىڭ ئاپىسى كۆزىنى ئېچىپ:
ـ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن نېمىشقا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايسىز. - دېدى.
نادىرنىڭ دادىسى قوپال تەلەپپۇزدا:
ـ ئوغلىڭىزنىڭ مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى بىلەمسىز؟؟ - دەپ سورىدى.
ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى تۇتۇۋالغان سىنىپ مۇدىرىغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى كۆرگەن نادىرنىڭ ئاپىسى كۈلۈپ تۇرۇپ:
ـ ئەجەبا سىز خۇش بولمىدىڭىزمۇ؟ - دېدى.
نادىرنىڭ دادىسى قاپىقىنى تۈرۈپ:
ـ سىز بۇرۇنلا بىلەمتىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar