تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 89-قىسىم_ ئەسقاتقاندا تۇغقان بىز

文摘   小说   2025-01-22 14:33   新疆  


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق 107-قىسىم توپلام تامام 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
45
44434241
5049484746
5554535251
 60   59  58 57 56
6564 63  62  61 
  70 69  6867  66 
 75  74  7372  71 
80    7978  77  76 
85    8483  82  81 
 
  8887 
 86 


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

89-قىسىم

   


8

 

 

 


89-قىسىم  ئەسقاتقاندا  تۇغقان بىز

ئىككىيلەن كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىپ ھەقىقىي قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان چاغدا، گۈلپەرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇشى باشلاندى، بەشىنچى تاغىسى بىر ئائىلىلىك مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇش  ئۈچۈن بۇ شەھەرگە كەلمەكچى بولدى، نادىرنىڭ ئاپىسىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن قىلچە ئىككىلەنمەي نادىرنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ، تۇرمۇشىغا دەخلى قىلىشنى تاللىدى.

تاغىسى بىر ئۆيلۈك ئادەم كەلسە، نادىر ئىشىنى تاشلاپ قويۇپ، ئايرودۇرۇمغا  ئالغىلى بېرىشى كېرەك.

 شىركەتنىڭ مېھمان كۈتۈشكە ئىشلىتىدىغان ماشىنىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىشكە ئىلتىماس قىلىپ، ياردەمچىسىنى ماشىنا ھەيدەشكە بۇيرۇپ، ئۆزى كەينىدە ئولتۇرۇپ بىللە باردى.

كەلگەن مېھمانلار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، كۈلۈپ تۇرۇپ  كەچۈرۈم سوراپ:

  - كەچۈرۈڭلار، مېنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكام تۇتۇپ قېلىندى، ۋاقتىنچە ماشىنا ھەيدىيەلمەيمەن، شۇڭا ياردەمچىمنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىشكە مەجبۇر بولدۇم. - دېدى.  

تاغىسى ئوچۇق-يورۇق ئادەم بولۇپ، دەرھاللا كۆڭلىگە ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:

  - بىز سېنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇق، يەنە تېخى خىزمەتنى تاشلاپ ئاتايىتەن ئالدىمىزغا چىقىپسەن، - دېدى.  

 -  يات كۆرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، - دېدى نادىر.  

ـ  ھا، ھا، ھا، ھا، ھۇ سولتەك!- دېدى تاغىسى نادىرنىڭ مۈرىسىگە شاپىلاقلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئەمەلىيەتتە تاغىسى بىلەن نادىرنىڭ مۇناسىۋىتى ئانچە يېقىن ئەمەس، پەقەت قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسى مۇشۇنداق بولىدۇ، ئەسقاتقاندا، كۆپچىلىك قانداش ئۇرۇق - تۇغقانلار.  

بۇرۇن تۇرغان ئۆي بىكار بولغاچقا، نادىر ياردەمچىسىگە يوتقان-كۆرپىلەرنى قايتىدىن تەييارلاتقۇزۇپ، ھەممە ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى تاپىلىغان ئىدى.

گۈلپەرى ئۆزى نازىنىن قىز، تۇنجى قېتىم ئۆيىدىن ئايرىلىپ شۇنچە يىراق شەھەرگە كېلىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماقچى، ئاپىسى ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، چوقۇم بۇ يەردە قىزى بىلەن بىر مەزگىل بىللە تۇرىدىغانلىقىنى، قىزىنىڭ كۆنۈپ قېلىش ئىپادىسىگە قاراپ، كېتىشنى قارار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇنىڭ بىلەن  گۈلپەرىنى ھەم ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى، ھەم خاپا قىلدى، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاپىسىنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلگىنى بولغاچقا، ئېغىز ئېچىپ بىر نەرسىمۇ دېيەلمەي، ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولدى.

نادىرنىڭ ئۆيىدىن بەشىنچى ھاممىسى ئەلۋەتتە رازى ئىدى، ئىشىكتىن كىرىپ بولىدىكەن دەپ ماختاپلا كەتتى.

 - نادىر، بۈگۈن كەچتە بالدۇرراق ئۆيگە قايتىپ كېلىڭ،  بېلىق سېتىۋېلىپ كېلىپ، سىزگە شورپا قاينىتىپ بېرىمەن، - دېدى.  

نادىر  كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى چايقاپ:

 - مەن ھازىر بۇ يەردە تۇرمايمەن، مېنى ئويلاشمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. - دېدى.  

بەشىنچى ھاممىسىنىڭ چىراي ئىپادىسى سەل ئۆزگىرىپ، تەلەپپۇزى تېخىمۇ مۇلايىملىشىپ:

  - كۆچۈپ چىقىپ كەتتىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.

 ـ  شۇنداق، ئالدىنقى ھەپتە كۆچكەن، شىركەتكە يېقىنراق.  - دېدى نادىر ۋاقىتقا قاراپ قويۇپ، ئۈچەيلەنگە قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ،   - مەن يەنە ئىشقا بارىمىسام بولمايدۇ، تاغا - ھامما سىلەر نەرسە-كېرەكلىرىڭلارنى يىغىشتۇرۇپ ئارام ئېلىڭلار، مەن ماڭغاچ تۇراي، بىرەر ئىش بولسا  ئالاقىلىشىڭلار، - دېدى.  

تاغىسى ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ:

  - ئەمىسە تېز بارغىن، - دېدى.  

ئۇ كەتكەندىن كېيىن، ئايالى ئېرىگە ئەنسىزلىك بىلەن قاراپ:

  - ئىككىنچى ئاكامنىڭ ئوغلى بىز كەلگەچكە كۆچۈپ كەتتىمۇ؟ - دەپ سورىدى.

يولدىشى ئەتراپقا قاراپ، بېشىنى چايقاپ:

 - بىز ئۇنىڭ بىلەن بىر كۈن بۇرۇن ئالاقىلەشتۇق، ئەمما بۇ ئۆي ناھايىتى پاكىز يىغىشتۇرۇلۇپتۇ، ئالدىراپ كۆچۈپ چىققاندەك ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قۇسۇر ئىزدەيدىغان خۇيىدىن قارىغاندا، بۇ ئۆينىڭ مۇھىتىدىن نارازى بولغان بولسا كېرەك، نېمىلا دېگەن بىلەن چوڭ ئۆيكەن، بەلكىم باشقا ئىشلارنى ئويلاشقان بولۇشى مۇمكىن، - دېدى.

ـ   مۇشۇنداق شەرت - شارائىتتىن قۇسۇر ئىزدەمدىكەن، - دېدى ئايالى تىلىنى چاكىلدىتىپ، -  ئىككىنچى ئاكامنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بەكلا سۆلەتۋازكەن، - دېدى.  

گۈلپەرى بىزار بولۇپ:

  - ئاپا، تەييار تۇرىدىغان يەر بولسىلا بولدى، خەقنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىپ نېمە قىلىسىز، - دېدى.  

- ماۋۇ قىزنىڭ دەۋاتقان گېپىنى... - دەپ  ئۇرماقچى بولدى، گۈلپەرى تىلىنى چىقىرىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ چامادانىنى ئېلىپ، ئۆزى ئالدىنقى قېتىم تۇرغان ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىرىپ، كارىۋاتتا تۈپتۈز يېتىۋالدى.

ھازىرغىچە ئۇنى كىچىك بالىدەك كۆرگەنلىكىدىن  ئىچى پۇشتى.

 دادىسىنىڭ يەنە خىزمىتى بار بولغاچقا، ئىككى كۈن تۇرۇپ قايتىپ كەتتى، ئاپىسى راستتىنلا قېلىپ، گۈلپەرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش-تۇرۇشىغا تولۇق مەسئۇل بولدى ھەمدە نادىرغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، ئەتىسى تاماققا تەكلىپ قىلدى.

نادىر ئىككى قېتىم رەت قىلغان بولسىمۇ، ئۈچىنچى قېتىم رەت قىلىشىغا ئامال قىلالماي قالدى، مۇنىرەمۇ  ئۆيىدە تاماق يەيدىغان بولۇپ قالغاچقا، بېرىشقا ماقۇل بولدى.

بەشىنچى ھاممىسى راستتىنلا بېلىق شورپىسى قىلدى ھەمدە ئۇنىڭغا لىق بىر چىنە تاماق ئۇسۇپ بېرىپ قىزغىنلىق بىلەن:

  - نادىرنى كۆپرەك ئىچىڭ، قۇۋۋەت قىلىدۇ.  - دېدى. ئۇ ھەمىشە نادىرنى ئېگىز بويلۇق قاۋۇل دەپ ئويلايتتى، لېكىن قاش-كۆزلىرى زىيادە نازۇك، ئاجىزلىقىغا قاراپ، ئۇنىڭغا قۇۋۋەت    تولۇقلىماقچى بولدى.

مېھماننىڭ ساھىبخان تاماق زورلىغانلىقىنى رەت قىلىشى تەس، شورپىمۇ تەمسىز بولمىغاچقا، نادىر قولىغا ئېلىپ:

  - رەھمەت، بەشىنچى ھامما. - دېدى.

  - بىز ئۆيلۈك ئادەم تۇرۇپ، نېمىگە رەھمەت ئېيتىسىز...  بىراق، نادىر، سىزمۇ كىچىك ئەمەس،  قىز دوست تۇتىدىغان ۋاقىتىڭىز بولدى. بەك تاللاپمۇ كەتمەڭ،  قىزلاردىن چىرايلىق، پۇلدار بولۇشنى تەلەپ قىلماي، پەقەت مۇلايىم، ۋاپادار بولسىلا بولدى.  

 ئەگەر ماقۇل كۆرسىڭىز، مېنىڭ سىزدىن  تۆت ياش كىچىك بىر جىيەن قىزىم بار، بۇ يىل ئەمدىلا ماگىستىرلىقنى پۈتتۈردى، يېشىمۇ ماس كېلىدۇ، بولمىسا ... - دېدى بەشىنچى ھاممىسى.

 نادىر ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ:

  - رەھمەت سىزگە، بىراق مېنىڭ قىز دوستۇم بار.- دېدى.  

 - قىز دوستىڭىز بارمۇ؟ -  بەشىنچى ھاممىسىنىڭ چىراي ئىپادىسىدە شۇ ھامان ئۈمىدسىزلىك پەيدا بولدى، لېكىن يەنە دەرھال غەيرەتكە كېلىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ، - بۇ بالىنى قارا،  قىز دوستىڭىز بار تۇرۇپ، نېمىشقا تاماققا بىللە ئېلىپ كەلمىدىڭىز، پاراڭلىشىپ تونۇشۇپ قالاتتۇق ئەمەسمۇ، - دېدى.  

نادىر كۈلۈپ قويدى، ئۇ ئۆزى بۇنداق ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چارچاپ كەتكەن تۇرسا، مۇنىرەنى قانداقمۇ ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، ئوڭايسىز پاراڭلارنى ئاڭلاشقا ئېلىپ كەلسۇن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىسىنىڭ مۇھەببەتلىشىپ قالغىنىغىمۇ تېخى  ئۇزۇن بولمىدى، ھېسسىيات ئاساسى چوڭقۇر ئەمەس، چوڭلارنى ئارىلاشتۇرسا، ئاسانلا چاتاق چىقىدۇ.

گۈلپەرى كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ، ئاخىر ئېغىز ئېچىپ:

- ئاكا، قىز دوستىڭىز مۇنىرە ئاچاممۇ؟ - دەپ سورىدى.  

ئالدىنقى قېتىم مېڭىش ئالدىدىكى  ئاخشىمى ئىككىنچى ھاممىسى ئۇنىڭغا مۇنىرە بىلەن  ئاكىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قىياسىنى ئېيتقانىدى. ئەمما ئاخىرىدا نادىر ئېغىز ئاچمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىككىنچى ھاممىسى  بەك كۆپ ئىشلارغا ئارىلىشىپ كېتىپ، ئوغلىنى رەنجىتىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتتى.


گۈلپەرى مۇشۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە  ئاكىسىنىڭ باشقىلارغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ناھايىتى كىچىكلىكىنى ھېس قىلغانىدى، يەنە ئىككىنچى ھاممىسىنىڭ پەرىزىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاندىن بۇ سوئالنى سورىدى.

نادىرمۇ يوشۇرماي، بېشىنى لىڭشىتىپ:

  - شۇنداق، - دەپ جاۋاب بەردى.

 - ياخشى بوپتۇ! - دېدى گۈلپەرى چوكىنى چىشلەپ، -  مېنىڭچە ئاكا، مۇنىرە ئاچام ئىككىڭلار بەك ماسلىشىدىكەنسىلەر! - دېدى.  ئۇ چىن كۆڭلىدىن شۇنداق ھېس قىلدىكى، پەقەت مۇنىرەدەك مىجەزى ياخشى ئادەملا  مۇز پارچىسىدەك ئاكىسىنىڭ مىجەزىگە بەرداشلىق بېرەلەيتتى.

 نادىر ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ كۈلۈپ تۇرۇپ:

- رەھمەت.  - دېدى.

ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسى بايامقى ئەدەبلىك تەبەسسۇمغا ئوخشىمايتتى، كالپۇكىنىڭ ئەگمىسى خۇددى ئىللىق باھاردىكى چېچەككە ئوخشايتتى،  ئۆتكۈر بەش ئەزاسىمۇ يۇمشاپ، قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقاندەك كۆرۈندى.

گۈلپەرى ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى.

مۇھەببەتنىڭ كۈچى نېمانچە ئۇلۇغ، سوغۇق مۇز ئادەمنى مۇشۇنداق تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ.

گۈلپەرى نادىرنىڭ بۇرۇنقى ئوخشىمايدىغان پەرقىنى كۆرۈپ يەتتى، بەشىنچى ھاممىسى بۇنى قانداقمۇ كۆرۈپ يېتەلمىسۇن، شۇ ھامان بۇ ئەزەلدىن كۆرۈشۈپ باقمىغان جىيەن كېلىنىگە قىزىقىپ:

  - ماڭا دەپ بېرىڭە، قانداقراق قىز ئۇ، نېمانچە يامان بىزنىڭ نادىرنى مۇشۇنداق ساددا  بالىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ، - دېدى.  

نادىر بېشىنى چايقاپ:

-  ھېچقانداق ئالاھىدە يېرى يوق.  - دېدى.

بەشىنچى ھاممىسى بۇنىڭغا ئىشەنمەي:

  - سىز ياخشى كۆرۈپ قالغان قىزنىڭ قانداقمۇ ھېچقانداق ئالاھىدە يېرى يوق بولغۇدەك، سىلەرنىڭ ئۆيىدىكىلەر ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى تاللايدىغان تۇرساڭلا، - دېدى.

 - ھەقىقەتەن ئالاھىدە يېرى يوق. - دېدى نادىر يەنە بىر قېتىم كۈلۈپ تۇرۇپ، - پەقەت شۇ ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ. - دېدى.

 گۈلپەرى كۈلۈپ چىشلىرى كۆرۈنۈپ قالدى.

بەشىنچى ھاممىسىنىڭ قىزىقىشى تېخىمۇ كۈچىيىپ، مۇنىرەنى كۆرگۈسى كېلىپ كەتتى.

كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ ئاندىن ئازراق مېۋە يەپ بولغۇچە سائەت سەككىز بولغانىدى، نادىر خوشلىشىپ تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە قايتتى، ئاندىن مەھەللىنىڭ دەرۋازىسىغا كېلىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، ئۆيىنىڭ چىرىغى يېنىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، مۇنىرەنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى.

ئىشىكنى ئېچىپ كىرگەندە، مۇنىرە سۈت ئىچىۋاتقان بولۇپ، ئىچىپ بولغاندىن كېيىنمۇ تىلىنى توختىماي چىقىرىپ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئېقىۋاتاتتى، چىراي ئىپادىسى باشقىچە بولۇپ، نادىرنى كۆرۈپ، خۇددى قۇتقۇزغۇچىسىنى كۆرگەندەك:

 - بەك ئاچچىق ئىكەن... - دېدى.

نادىر نەزىرىنى تۆۋەنگە قارىتىپ، ئۈستەلدىكى قىپقىزىل بىر قاچا چۆپنى كۆردى، چۆپنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئاچچىق مايغا چىلىنىپ تۇراتتى. قارىغاندا ئۆزى ئۆزىگە قىپتۇ، ھېسداشلىق قىلىشقا ئەرزىمىگۈدەك.

  - ئۆيگە قايتىپ تاماق يېمەكچى بولغانغۇ؟؟ - دېدى نادىر. 









 

  


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章