كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات11-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم 第10部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات11-بۆلۈم
1-قىسىم
11-بۆلۈم
1- قىسىم
ئۇزۇن يىللىق ئاداۋەت
شۇ تاپتا سەبىرە بەكلا قورقۇپ كەتكەن ئىدى.
ئۇ ئىختىيارسىز ئەتراپقا قارىدى، خۇددى ئۆمەر تۇيۇقسىز بىر يەردىن يۈگۈرۈپ چىقىپ قالىدىغاندەك تەپسىلىي قاراپ چىقتى.
ئەينى چاغدىكى دارىلئېتامدا يۈز بەرگەن ئىشتىمۇ مۇشۇنداق قورقۇپ كەتكەنىدى . شۇنداق. ئەينى يىلى سەبىرەنى تۇيۇقسىز تارتىپ ئېلىپ ماڭغان، ۋە تاغقا ئېلىپ چىقىپ قاتتىق ئۇرغان ھېلىقى قارا نىيەت ئەرنىڭ ئىسمى ئۆمەر ئىدى. ئۆمەر شۇنچە يىلدىن كىيىن تۈرمىدىن چىقىپ يەنە ئۇنى ئىزدەپ كەلدىمۇ .قېنى داۋامىغا قاراپ باقايلى.
ئەينى يىلى ئۇ قىلچە تەييارلىقسىز تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا، قارا نىيەت ئەر ئۆمەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.
ئۇ ئاشۇ چاغدا يالغۇز ئۆمەرگە يۈزلەنگەندىكى قورقۇنچنى ئۇنتۇپ كېتەلمىدى.
ئۆمەر خۇددى ساراڭغا ئوخشاش، ئۇنىڭ كىچىك بالا بولۇشى بىلەن پۈتۈنلەي كارى بولماي، قىلچە رەھىم قىلماي قاتتىق ئۇرغان.
ئۇ راستتىنلا سەبىرەنى كۆزدىن يوقىتىشنى نىشان قىلغانىدى.
ئەگەر سەبىرە دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ مۆكۈۋالمىغان بولسا، شۇنداقلا بىرەيلەن ۋاقتىدا كېلىپ ئۇنى قۇتقۇزمىغان بولسا، ھازىرغىچە ھايات قالمىغان بولاتتى.
ئەگەر ئۆمەر تۈرمىدىن چىقىپ يەنە ئۇنى بوش قويۇپ بەرمىسە ... سەبىرە جىددىيلەشكىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ئىككى قولىنى چىڭ سىقىپ:
- مەن ... يەنىلا كېسەلخانىغا قايتسام بولغۇدەك، - دېدى.
ئەنسەر سەبىرەگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن ياردەمچى بېشىنى لىڭشىتىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىناغا چىقتى.
ئەنسەر بىر چۈشتىن كېيىن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، چۈشلۈك تاماقتا شىركەت خىزمەتچىلىرىگە بىر كىشىلىك تاماق بۇيرۇتۇپ بېرىشنى تاپىلىدى.
بىر نەچچە كۈنلۈك خىزمەت يىغىلىپ قالغاچقا، كەچ سائەت يەتتىگىچە ئالدىراش ئىشلىدى.
ئەگەر سەبىرە ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ ئىشتىن چۈشكەن - چۈشمىگەنلىكىنى سورىمىغان بولسا، ئۇ بەلكىم ئارام ئېلىشنى ئويلىمىغان بولاتتى.
سەبىرەگە ئىككى ئېغىز ئاددىي جاۋاب بەرگەندىن كېيىن، ئەنسەر تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
ئاندىن تېلېفون ئېكرانى قايتا ئېچىپ، ئالاقىلىشىش خاتىرىسىدىن دىلنارنىڭ تېلېفونىنى تاپتى.
تەپسىلىي ئويلاپ باقسا، دىلنارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنى ئىزدەش قېتىم سانى بەك ئاز ئىدى.
بولۇپمۇ ئىككىيلەن قىيدىشىپ قالغاندا، دىلنار ئەزەلدىن تەشەببۇسكارلىق بولۇپ تېلېفون قىلمايدۇ،
ئۇ ئېغىر ئۇھ تارتىپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، يانفونىنى قويۇپ، چوڭ ئورۇندۇققا يۆلىنىپ ئولتۇردى.
دىلنارنىڭ مىجەزىدە... ئەزەلدىن يول قويۇشنى بىلمەيدۇ، ئۇ نېمە دېسە شۇ بولىدۇ.
قارار قىلغان ئىشقا باشقىلارغا چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى بەرمەيدۇ.
ئىشخانا ئادەتتىن تاشقىرى جىمجىت بولۇپ، ئەنسەر ئورۇندۇققا يۆلىنىپ كۆزىنى يۇمۇپ بىردەم ئارام ئالدى، ئاندىن ئاستا كۆزىنى ئېچىپ، تورۇسقا بىر نەچچە سېكۇنت تىكىلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن قەددىنى رۇسلاپ، يانفونىنى ئېلىپ، دىلنارنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرىنى تېپىپ، ئۇنىڭغا بىۋاسىتە ئۇچۇر يازدى.
ئاۋۋال ئۇنىڭ ھازىرقى كەيپىياتىنىڭ ياخشى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىپ باقماقچى بولدى.
دىلنار كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ، كومپيۇتېرنى پۇتىغا قويۇپ، كىنو كۆرۈۋاتاتتى.
يان تېلېفون سايرىغاندا، ئۇ يانچە بولۇپ يورۇپ تۇرغان ئېكرانغا قاراپ، ئەنسەرنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ، يەنە يېنىكلىك بىلەن كۆزىنى كومپيۇتېر ئېكرانىغا قايتۇرۇپ كەلدى.
يېرىم سائەتتىن كېيىن، كىنو تۈگىدى، كومپيۇتېرنى تاقاپ، ئاندىن تېلېفوننى ئېلىپ ئەنسەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئاچتى.
[ئۇخلىدىڭىزمۇ؟ كەچلىك تاماقتا نېمە يېدىڭىز؟ مەن كەچلىك تاماق يېمىدىم. ] دېگەن ئۇچۇر ئىدى.
دىلنار قىسقا ئۇچۇرنى بىۋاسىتە ئۆچۈرۈپ، يانفوننى ياستۇقىنىڭ ئاستىغا تىقىپ:
- نومۇسسىز. - دېدى.
ئەنسەرمۇ دىلنارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن تاسادىپىيلىق ھېس قىلمىدى.
سائەت توققۇزدىن ئاشقاندا ئۇ ئاندىن خىزمەتنى توختىتىپ شىركەتتىن ئايرىلدى.
چۈنكى ياردەمچىسى ئىزچىل شىركەتنىڭ ئىشىنى قىلغاچ سەبىرەنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەسئۇل بولغان، ئەھۋالى مۇقىم بولغاچقا، ئەنسەر ئەتىسىمۇ دوختۇرخانىغا بارمىدى.
سەبىرە سەل ئۈمىدسىزلىنىپ قالدى، لېكىن كۆڭلىدە يەنىلا چۈشىنىدۇ.
ئەنسەرنىڭ ئالدىراشلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.
يانفونىغا توك قاچىلىنىپ بولغانىدى، بىر چۈشتىن بۇرۇن ئىككىلىنىپ، چۈشتىن كېيىن غەيرەتكە كېلىپ دىلنارغا تېلېفون قىلدى.
تېلېفون بىر نەچچە قېتىم سايرىدى.
ئەمما دىلنار بىۋاسىتە ئۈزۈۋەتتى.
تېلېفون قايتا سايرىمىدى، ئۇنى ۋاز كەچتى دەپ ئويلاپ تۇرغاندا، نەتىجىدە ئۇچۇر كەلدى.
- دىلنار ئاچا، ئەنسەر ئاكامنى خاتا چۈشىنىپ قالغان ئوخشايسىز، ھازىر مېنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىشىم ئەپسىز، لېكىن سىز بىلەن سۆزلەشكۈم بار. ئەنسەر ئاكامنىڭ شۇنچە يىللاردىن بېرى نېمىشقا ماڭا بۇنچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكىنى، يەنە قورسىقىمدىكى بالىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى يۈزتۇرانە سۆزلىشەيلى...
سىزنىڭ ئەزەلدىن ھاكاۋۇر ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن، مەن ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئىشلارنىمۇ كۆزگە ئىلمايسىز، لېكىن ئەنسەر ئاكامنىڭ سىزنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ يۈزىنى قىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى ئازراق بولسىمۇ قويۇپ تۇرسىڭىز بولامدۇ. مېنىڭچە ئايرىلىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ، ھەممە ئىشنى چۈشىنىپ ئاندىن ئايرىلىپ كەتسەڭلارمۇ كېچىكمەيسىلەر، سىزنىڭچىچۇ؟ سىز بىۋاسىتە ئەنسەر ئاكامدىن سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىراق مېنىڭچە ئەنسەر ئاكام سىزگە كۆپ گەپ قىلماسلىقى مۇمكىن. - دەپ يوللىغان ئىدى سەبىرە.
دىلنار سەبىرەنىڭ بۇ قىسقا ئۇچۇرىغا خېلى ئۇزۇن تىكىلىپ قاراپ، ئاخىرى بېرىش-بارماسلىقنى بىلەلمەي، يانفونىنى بىر چەتكە تاشلاپ قويدى.
قالتىس.
گەپلىرى ھەقىقەتەن ئۇنى تەسىرلەندۈردى.
نېمىلا بولمىسىمۇ سەۋەبىنى بىلىشى كېرەك.
ئۇ سەبىرەنىڭ نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىغا ھەقىقەتەن قىزىقتى.
لېكىن دوختۇرخانىغا ئىككى كۈندىن كېيىن ئاندىن باردى.
ئەنسەرنىڭ ياردەمچىسى دىلنارنى كۆرۈپ ھەيرانلىقىنى باسالماي:
- دىلنار خانقىز. - دېدى.
دىلنار سەبىرەنىڭ كېسەلخانىسىنىڭ سىرتىدىكى باشقا ئىككى ئېگىز بويلۇق قارا كىيىملىك ياردەمچىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئېھتىيات بىلەن قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.
دىلنارنىڭ بۇ يەرگە تۇيۇقسىز كېلىپ قالغان غەلىتە ئىشى ئۇلارنىڭ بېشىنى قايدۇرۇۋەتتى.
ئۇ لېۋىنى تۈرۈپ، يېنىدىكى ئەنسەرنىڭ ياردەمچىسىگە قاراپ سۇس كۈلۈپ تۇرۇپ:
- دەرۋەقە ئەتىۋارلىقكەن، بىر مۇنچە ئادەم ئەۋەتىپ قوغداپتۇ، - دېدى.
ياردەمچى بىر ھازاغىچە ئوڭايسىزلىنىپ:
- دىلنار خانقىز خاتا چۈشىنىپ قالماڭ، چۈنكى بەزى ئالاھىدە ئەھۋال بولغاچقا... - دېدى.
- يەنە ئالاھىدە ئەھۋال بارما؟ - دېدى دىلنار قولىدىكى گۈلسامساقنىڭ بەرگىسىنى سىيلاپ، يېنىك كۈلۈپ تۇرۇپ، - ماڭا كۆپ خىل سەۋەب كۆرسىتىپ بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، گەپنى ئۇچۇق قىلىپ <نېمىلا دېگەن بىلەن سەبىرە دېگەن بۇ ئايال ئەنسەر دىرېكتورنىڭ ئالدىدا ئالاھىدە مەۋجۇدىيەت> دېسىڭىزلا بولمىدىمۇ؟ - دېدى.
ئاندىن ھېچنېمىگە پەرۋا قىلمىغاندەك، ئادەتتىكى تەلەپپۇزدا:
- كىرسەم بولامدۇ؟ سىلەرنىڭ ئۆيدىكى سەبىرە خانقىز مېنى كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى. - دېدى.
بۇ گەپ ئاڭلىماققا نورمالدەك قىلغىنى بىلەن، لېكىن ئازراق ئويلىسا ئادەمنى بىئارام قىلاتتى.
ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى سەبىرە خانقىز ؟
ئۇلار ئەنسەر باش دىرېكتورنىڭ نەزىرىدە، كىمنىڭ ئەڭ مۇھىم، كىمنىڭ مۇھىمراق ئىكەنلىكىنى بىلمەي قالارمۇ؟
مەخسۇس ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان گەپلەرنى قىلسا قانداقمۇ جاۋاب قايتۇرالايدۇ.
- دىلنار خانقىز قېنى كىرىڭ. - دېدى ياردەمچى.
دىلنار ھېلىقى ئىككى ياردەمچىگە قاراپ قويۇپ، كېسەلخانىغا كىردى.
سەبىرە شۇ تاپتا كارىۋاتتا ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالمىدى.
روشەنكى، سىرتتىكى شەپىنى ئاڭلىغانىدى.
لېكىن ئۇ يەنىلا مىدىرلىماي، كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ، خۇددى بۇ يەرنىڭ خوجايىنغا ئوخشاش ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىشىنى كۈتتى.
- كەلدىڭىزمۇ؟ - دېدى سەبىرە خۇشال ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ.
دىلنار گۈلسامساقنى كارىۋات يېنىدىكى ئىشكاپقا قويۇپ:
- دەڭە، ماڭا نېمىلەرنى چۈشەندۈرۈپ قويماقچى، - دېدى.
پۇتى بىلەن ئورۇندۇقنى تارتىپ كېلىپ ئولتۇردى، ئىككى پۇتىنى گىرەلەشتۈرۈپ، ئادەتتىكى سوغۇق كۈلكىسى بىلەن سەبىرەگە قارىدى.
ھەممە يېرىدىن سوغۇققان ، ھاكاۋۋۇرلۇقى چىقىپ تۇراتتى.
سەبىرە سەل ئوڭايسىزلىنىپ، كۈلۈمسىرىگەن چىرايى سەل - پەل تۇتۇلۇپ، بىر نەچچە سېكۇنت سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن ئاستاغىنا:
- ئەنسەر ئاكامنىڭ نېمىشقا مېنى مەكتەپتە ئۇرغانلىقىنى بىلەمسىز؟ - دېدى.
دىلنار گەپ قىلمىدى.
- چۈنكى ئۇ مېنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغىنىمنى بىلىپ قالدى... ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ئورنۇمدا باشقىلار ھامىلىدار بولغان بولسا، ئەنسەر ئاكام ئۇنچىۋالا ئاچچىقلاپ كەتمەيتتى ... - دېدى.
دىلنار سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ:
- ماڭا ئەنسەر ئۈچۈن قانچىلىك ئالاھىدە ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، سىزنىڭچە مەن بۈگۈن بۇ يەردە ئولتۇرغانكەنمەن، بۇلارغا پەرۋا قىلامدىم؟ - دېدى.
سەبىرە بېشىنى چايقاپ:
- چۈنكى مېنىڭ يۈرەك كېسىلىم بار. - دېدى.
دىلنارنىڭ كۆزلىرى ھەش-پەش دېگۈچە قىسىلدى.
ئۇنىڭ ئاخىرى باشقىچە ئىنكاستا بولغانلىقىنى كۆرگەن سەبىرە كۈلۈپ تۇرۇپ:
ئەمەلىيەتتە ئەنسەر ئاكام سىزگە دېمەكچى بولغان، مەن قەستەن توسۇپ قويدۇم. سىزنىڭ ھازىرقى ئىنكاسىڭىزدىن قارىغاندا، يۈرەك كېسىلى بىمارى ئىكەنلىكىمنى پۈتۈنلەي بىلمەيدىكەنسىز-دە؟ مەنمۇ ئۇزاقتىن ئىزچىل يوشۇرۇپ كەلگەن، شۇڭا ئەنسەر ئاكامدىن باشقىلارغا دېمەسلىكنى ئۆتۈنگەن... چۈنكى مەن بىر نورمال ئادەمدەك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلايمەن.
مەن ئىلگىرى باشقا مەكتەپتە ئوقۇيتتىم، ئەتراپىمدىكىلەر مېنىڭ كېسىلىم بارلىقىنى بىلەتتى، شۇڭا سۆز-ھەرىكەتتە ئېھتىيات قىلاتتى، كۆپ ساندىكى كىشىلەر چاتاق چىقىشتىن، تۇيۇقسىز كېسىلىمنىڭ ئۇلارغا تەسىر قىلىشىدىن، باشقىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، مەن بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالىمايتتى. شۇڭا ئەنسەر ئاكام مېنىڭ يالۋۇرۇشۇم بىلەن بۇ مەكتەپكە يۆتكەپ كەلدى، يېڭى يەرگە كەلگەن ئىكەنمەن، كېسىلىم بارلىقىنى دەپ يۈرمىدىم.
بۇ كېسەل كىچىكىمدىلا بار ئىدى، يەنى مەن دارىلئېتامغا كېلىشتىن بۇرۇنلا... - دېدى.
گەرچە سەبىرە كۈلگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئازراق كۆڭلى يېرىم بولۇپ:
- ئەينى چاغدا ئاتا-ئانام قاتناش ھادىسىسىدە كۆز يۇمغان. بۇمۇ مېنىڭ كېسىلىم سەۋەبىدىن بولغان، ئەينى يىلى دارىلئېتامدا مېنى تۇتۇپ كەتكەن ھېلىقى ئەرمۇ مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك نىشانىنى ماڭا قاراتقان... - دېدى.
دىلنار باشتىن-ئاخىر چىرايىنى ئۆزگەرتمەي ئۇنىڭغا قاراپ تۇردى.
سەبىرەمۇ ئۇنىڭ مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلمايتتى، شۇڭا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
- ئەينى چاغدا مېنىڭ يۈرەك كېسىلىم بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىدە ئىدى، لېكىن يېشىم كىچىك، تېنىممۇ ئاجىز، ھەرىكەت قىلىشقا ئامراق بولغاچقا بەزىدە كېسىلىم قوزغىلىپ قالاتتى. ھازىر ئويلاپ باقسام، ئاتا-ئانام مېنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىكەن، مېنىڭچە ئۇلار مېنىڭ بالىلىق دەۋرىمنى باشقا بالىلاردىن پەرقلەنمەيدىغان قىلىپ ئۆتكۈزۈشنى ئويلاپتۇ، شۇڭا ئۇلار ماڭا يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا كۆپ تىرىشتى، سىزمۇ بىلىسىز، يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى قىلىمەن دەپلا قىلىدىغان ئىش ئەمەس، پۈتۈنلەي ماس كېلىدىغان ئەزا مەنبەسىنى تېپىش ئىنتايىن قىيىن ئىش، تەلەيلىك بولسا بىر نەچچە كۈن، بىر نەچچە ئاي كېتىشى مۇمكىن، بولمىسا بىر يىل، ئۈچ يىل، بەش يىل ، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ...
ۋاقىتنىڭ شۇنچە ئۇزۇن بولۇشىدىكى سەۋەب، يالغۇز مەنلا يۈرەك مەنبەسى ساقلىغىنىم يوق، ئالدىمدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ ھاياتىنى قۇتقۇزىدىغان يۈرەك ساقلاۋاتقانلار بەك كۆپ.
ئاتا-ئانام قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان يىلى، دوختۇرخانىدىن ماڭا ماس كېلىدىغان بىر يۈرەكنى تېپىلدى. ئەمما ئالدىمدا يەنە بىر مەندىن نەچچە ياش چوڭ بىر بالا ساقلاپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر شۇنچە يىللاردىن بېرى يۈرەك كېسىلى بار بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەنىكەن، ئائىلە شارائىتىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس، ئاتا-ئانام ئۇلارغا پۇل بېرىپ، ئۇلارغا يۈرەك مەنبەسىنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئېيتتى. ئەگەر بۇ قېتىمقى پۇرسەتتىن ۋاز كەچسە، قايتىدىن ئۆچرەتتە تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، قارشى تەرەپ تەبىئىيلا رەت قىلدى...
شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانام ئاستىرىتتىن يول مېڭىپ، ھېلىقى ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئالدىغا قىستۇرۇلۇپ كىرىپ، يۈرەك مەنبەسىنى قولغا كەلتۈردى، ئەينى چاغدا يۈرەك مەنبەسى مەركىزى شەھەردە ئىدى، ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن، ئاتا-ئانام مېنى ئۇدۇل مەركىزى شەھەرگە ئاپاردى، نەتىجىدە ... - سەبىرە ئۇھسىنىپ، - ئادەم ھەقىقەتەن بەك كۆپ خام خىيال قىلماسلىقى كېرەككەن، بولمىسا ئويلىمىغان تاسادىپىيلىقلارغا ئۇچرايدىكەن. خۇشال-خۇرام ھالدا مەركىزى شەھەرگە كەلگەندە، يولدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە شۇكى، يۈرەك مەنبەسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپتۇ، مەن ئوپېراتسىيەگە ئۈلگۈرەلمىدىم، ھېلىقى بالىمۇ بىزنىڭ سەۋەبىمىزدىن يۈرەك مەنبەسىدىن قۇرۇق قالدى.شۇ سەۋەبتىن ئىككى يىلدىن كېيىن كۆز يۇمدى. ئۇ ئەر، يەنى ئۆمەر، ھېلىقى بالىنىڭ دادىسى بولىدۇ.شۇڭا ئۇ ماڭا ئۆچلۈك قىلىدۇ. ھېلىھەم مېنى قويۇپ بەرمەيۋاتىدۇ. - دېدى .
شۇنداق. سەبىرە ھامىلدار بولۇپ قالغانىلىقى ئۈچۈن ئەنسەر ئۇنى ئۇردى. بۇ دەرتنى كۆتۈرۈپ بولالماي تۇرغاندا ئۆمەر سەبىرەنى تۇتىۋېلىپ ئېغىر ئاقىۋەت كىلىپ چىققىنى تاس قالدى. يەنە سەبىرەنىڭ يۈرەك كىسىلىمۇ قوزغىلىپ قالدى. ھەممىسى بىرلىشىپ كەلگەچكە ئەنسەر سەبىرەدىن خاپا بولسىمۇ يەنىلا ئۇنى دختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە يېنىغا ياردەمچى سەپلەپ قوغداۋاتاتتى.
ئەمما سەبىرەنىڭ قورسىقىدىكى بالىنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكى تېخى بىر سىر ئىدى
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar