تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 92-قىسىم_ مۇنىرەنىڭ ئۆيىدىكى مەسىلە

文摘   小说   2025-01-25 23:57   新疆  


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق 107-قىسىم توپلام تامام 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
45
44434241
5049484746
5554535251
 60   59  58 57 56
6564 63  62  61 
  70 69  6867  66 
 75  74  7372  71 
80    7978  77  76 
85    8483  82  81 
 9089  8887 
 86 




 91


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

92-قىسىم

   


8

 

 

 


92-قىسىم 

مۇنىرەنىڭ ئۆيىدىكى مەسىلە


دەرۋەقە، مۇنىرە بىر چىشلەم يەيدىغان نەرسە ئۈچۈن، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۆزىنىڭ قاقشاۋاتقان دادىسىنى تاشلاپ ئۇچقاندەك يېتىپ كەلدى.

تاتلىق-تۈرۈملەرنى يەپ، نادىرنىڭ ئۆزى تەييارلىغان ئېسىل كەچلىك تامىقىدىنمۇ يەپ،  بارغانسېرى روشەنلىشىپ كېتىۋاتقان قوش ئېڭىكىنى چىمدىپ، تومپىيىپ چىققان قورسىقىنى سىلاپ، سىرتقا قاراپ كېڭىيىۋاتقان يوتىسىنى شاپىلاقلاپ، ھەسرەت چېكىپ بولالماي قالدى.

بۇ خىل تەرەققىيات يۈزلىنىشى بويىچە بولغاندا، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى ھامان بىر كۈنى بىر مېتىر 80 سانتىمېتىرلىق  بويى بار نادىرغا تەڭلىشىپ، ھەتتا توغرىسىغا قارىغاندا ئۇنىڭدىن ئىككى چىقىدىغاندەك كۆرۈنۈپ قالىدۇ.

 بۇ چاغدا نادىر كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ ئوماق مەڭزىنى يېنىك چىمداپ تۇرۇپ:

-سەمرىپ كەتسىڭىزمۇ كارايىتى چاغلىق .-دېدى ۋە يېنىككىنە قۇچاقلاپ قويدى.

بۇ دەقىقىدە مۇنىرەنىڭ يۈرىكى قاتتىق سوقۇپ ، قەلبىدىكى مۇھەببەت  كۈچىيىپ، قولىنى سوزۇپ ئۇنى تۇتۇۋالدى.


 ئاياقلاشقاندىن كېيىن مۇنىرە ئۇنىڭغا خۇمالىق تىكىلىپ:

 ـ مەن سىزنى راستتىنلا  ياخشى كۆرىمەن... - دېدى. 

ـ  شۇنداقمۇ؟ قانداق قىلساق بولا، مەنمۇ مۇشۇ گەپنى دېمەكچى ئىدىم - دېدى نادىر ئۇنىڭ مەڭزىنى سىلاپ يېنىك كۈلۈپ تۇرۇپ، .


ئەگەر يۈرىكىدە گۈل ئېچىلدى دېيىشكە توغرا كەلسە، مۇنىرەنىڭ قەلبىنى مىجىر-مىجىر لىق گۈلگە تولدى دېيىشكە بولىدۇ.

تۇرمۇشى ھەر كۈنى مۇشۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتكەچكە، خىزمەتنىمۇ ناھايىتى بېرىلىپ ئىشلەيدىغان بولۇپ كەتتى، تاسادىپىي مۇرات بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندىمۇ، قىزغىن سالاملىشىپ، قىلچە غۇم ساقلىمىدى.

ئۇنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقى  چىرايىغا چىقىپ كەتكەنىدى، مۇرات ئاچچىق كۈلۈپ قويدى، ئاندىن بېشىنى چايقاپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى.

مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، تىجارەتتىمۇ تەڭ مەغلۇپ بولۇشقا بولمايدۇ.

ھەممەيلەن ئۈچ ئايال بىر يەرگە كەلسە ئويۇن كۆپ دېيىشىدۇ، كاتىبات باشقارمىسىدىكى ئۈچ ئايال قارىماققا ئىناق ئۆتىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ، بۇ ئويۇندا بىر-بىرىگە ماسلىشىپ ئىشلارنى ياخشى ئېلىپ باردى.

 ئاينۇر ئۇنىڭ ئوغۇل دوستىنىڭ نادىر ئىكەنلىكىنى پەملىگەن تەقدىردىمۇ، مۇنىرە بۇنداق ئىشتىن پايدىلىنىپ كۆز-كۆز قىلسا، باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورقۇپ، ئېنىق ئېيتىشقا پېتىنالمىدى.

شۇڭا ئۇ بۇ ھەقتىكى گەپلەرنى تىلغا ئالغاندا، ئامالنىڭ بارىچە ئۆزىنى ئانچە خۇشال ئەمەستەك كۆرسەتتى.

ـ ھازىر ئويلاپ باقسام، مېنىڭ ھازىرقى يولدىشىمغا ياتلىق بولۇشۇم مۆجىزە بوپتۇ.  - دېدى ئاينۇر مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپ،  - ئۇنىڭ ئىدىيەسى قاتمال، جاھىل ، - دېدى. 

مۇنىرەمۇ بېشىنى لىڭشىتىپ:

 ـ مېنىڭ ئوغۇل دوستۇممۇ شۇنداق، خۇددى گەپنى بازاردىن جىڭلاپ سېتىۋالىدىغاندەكلا. بىر ئۆيدە تۇرۋاتقان بولساقمۇ تۈزۈكرەكمۇ ياخشى گېپى يوق.- دېدى.  


دەل شۇ چاغدا غۇنچەم سىرتتىن قايتىپ كېلىپ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ چىشىنى چىڭ چىشلەپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى.

مۇنىرە شۇنچە تېز قول سېلىپ، مانا ئەمدى بىللە تۇرۇۋېتىپتۇ؟ !


ـ سىلەر نېمە دېيىشىۋاتىسىلەر؟ - دېدى غۇنچەم يالغاندىن كۈلۈپ قويۇپ.

مۇنىرە بىلەن ئاينۇر دەرھال نورمال ھالىتىگە قايتتى، ئۇلارنىڭ تەبەسسۇمى جايىدا بولۇپ، غۇنچەمنىڭ ئالدىدا ئاچىلىق قىياپىتى ۋە سالاپىتىنى ساقلىماقچى بولغاندەك:

ـ  بىر نەچچە ئېغىز قۇرۇق پاراڭ قىلىشىپ شۇ، شۇنچە تېزلا ئىمزا قويدۇرۇپ قايتىپ كەلدىڭىزمۇ؟  - دېدى.

ـ ياخشى بولدى، چۈشلۈك تاماقتا نېمە يېگۈڭىز بار، بولمىسا سىرتقا چىقىپ يەمدۇق؟ - دېدى مۇنىرە. 

غۇنچەم ئىچىدە < نېمىگە ياسالمىلىق قىلىسىز، تەبىئىتىڭىز   ئاشكارىلىنىپ بولدى> دېدى.

ئەمما يەنىلا چاندۇرماي كۈلۈپ قويۇپ، قولىدىكى ئىمزا قويۇلغان ھۆججەتنى بېرىپ:

 ـ  مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېلىشىمىگە تېخنىكا بۆلۈمىدىكى ئەلى تېخنىكنىڭ ئازراق پىكرى بار ئىكەن، ئىمزا قويۇشقا ئۇنىمىدى، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلالمىدىم. مۇنىرە ئاچا، سىز ماڭا قارىغاندا بەكرەك تونۇش بولغاندىكىن، مېنىڭ ئورنۇمدا دەپ قويامسىز، - دېدى.

ـ بولىدۇ. - دېدى مۇنىرە ھۆججەتنى ئېلىپ.  بۇ چوڭ ئىشمۇ ئەمەس، شۇڭا كۈلۈپ تۇرۇپ:

-  مەن بېرىپ سىناپ باقاي، -  دېدى. 

غۇنچەم يۈكتىن قۇتۇلۇپ خاتىرجەم بولۇپ:

 ـ رەھمەت. - دېدى.  ئۇ ئەمەلىيەتتە مۇنىرەگە ئۆچ ئەمەس، خىزمەت جەھەتتە بۇ ئايالنىڭ نۇرغۇن ياردىمىگە ئېرىشتى، يەنە ئۆگىتىشكە تېگىشلىكنىڭ ھەممىمىنى ئۆگەتتى، ئۆزىمۇ تولىمۇ مەسئۇلىيەتچان.

پەقەت ئارىلىقتا بىر نادىرنىڭ دەردى بار، ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئاداۋەت ساقلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

غۇنچەم مۇنىرە ئۆزى بەك ياخشى، لېكىن ئۇ نادىرغا پەقەتلا ماس كەلمەيدۇ. ھەر قانچە يېقىنچىلىق قىلسىمۇ، نادىرغا ماس كېلىپ بولالمايدۇ.

دەپ قارايدۇ.

ئەگەر... ئۇنىڭ نادىر بىلەن بولغان ئىشى پۈتۈپ قالسا، مۇنىرەنى ئەتراپىدىكى ياخشى دوستىغا تونۇشتۇرۇپ قويۇشنىمۇ خالايدۇ.

ئەگەر مۇنىرە ئۇنىڭ كاللىسىدا نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن بولسا، چوقۇم ئەمدىلا قولىغا ئالغان ھۆججەت قىسقۇچ بىلەن ئۇرۇپ ھاياتتىن گۇمانلاندۇرۇپ قوياتتى.

ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇشۇ بىر قەۋەت نازۇك خىزمەتداشلار مۇناسىۋىتىدىن باشقا ھېچنېمە يوق، ئۇ تېخى كېيىنكى يېرىم ئۆمرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ بوپتىمۇ؟ ئۇ قانچىلىك ئادەمتى!

ئەپسۇس، مۇنىرە بۇ چاغدا ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ئىدى.

بەشىنچى ھاممىسى نادىرنى يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىش نامى بىلەن تاماققا چاقىرغاندا، تاماق ئۈستىلىدە گۈلپەرى بىلەن بەشىنچى ھاممىسىدىن باشقا،  پەيدا بولۇشقا تېگىشلىك بولمىغان ئادەمدىن بىرى بار ئىدى.

گۈلپەرى ئىلگىرى  ئاكىسى بىلەن بىر ئۆيدە نەچچە كۈن تۇرغان بولغاچقا، ئاكىسىنى ئوبدان بىلەتتى، ئاپىسى يېڭىدىن تونۇشۇپ قالغان غۇنچەم بىلەن نادىرنى بىللە تاماققا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئەمەلىيەتتە نەسىھەت قىلىپ توسقان. ئەمما ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ ئالدىدا ئەزەلدىن سۆز قىلىش ھوقۇقى بولمىغاچقا، بىرمۇنچە گەپ ئىشىتىۋالدى.

ئاكىسىنىڭ يېنىدا تەمتىرەپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا كۆزىنىڭ قىرىنى سالمايمۇ، كەيپىياتىنىڭ ناچارلىقىنى ھېس قىلالىدى.

نادىر دېگەن كىم، ئۇنىڭ بۇ ئۆمرىدە   ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ قىلغان ئەڭ چوڭ ئىشى 18 ياش ۋاقتىدا لايىھەلەشتىن ۋاز كېچىپ پۇل-مۇئامىلە فاكۇلتېتىغا كىرگەنلىكى، شۇنىڭدىن كىيىن ئۆزىگە ئۇۋال قىلىپ باقمىدى. شۇنىڭ بىلەن نادىر تەكەللۇپ قىلماي قاپىقىنى تۈرۈپ ئېغىز ئېچىپ:

-  يەنە باشقا مېھمان بار تۇرۇقلۇق بەشىنچى ھامما نېمىشقا بۇرۇنراق دەپ قويمايسىز؟  - دېدى.

گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى كۈلۈپ قويۇپ، پەس ئاۋازدا:

 ـ ئالدىنقى قېتىملىق سودا سارايدىكى ئىشتا ھېلىمۇ ياخشى ئىككىڭلار بولۇپ قاپتىكەنسىلەر، سىلەرنى بىللە مېھمانغا چاقىرىپ رەھمەت ئېيتاي  دەپ ئويلىدىم. - دېدى. 

ئۇ قولىغا رېمونت قىلىنىپ بولۇنغان قاشتېشى بىلەيزۈك تاقىۋالغان بولۇپ، دۇكان خوجايىنىنىڭ يۇقىرى رېمونت قىلىش تېخنىكىسى ئۇنى نارازى قىلمايلا قالماستىن، ئەكسىچە تېخىمۇ  مودا پاسون چىقىرىپ بەرگەنلىكتىن كەيپىياتى شۇنچە ياخشى ئىدى.

 گۈلپەرى ئىچىدە < ئاپا ئاكامنى ئەخمەق قىلىۋاتامسىز، ھەتتا ئىككىنچى ھامماممۇ ئېتىراپ قىلىپ بولغان ئادەمنىڭ ئورنىغا بۇ ئايالنى چاقىرىپ كەلگىنىڭىز نېمىسى؟> دەپ  قاتتىق ئازابلىنىپ، ئولتۇرالماي قالدى، ئاپىسىنىڭ كاللىسىنىڭ ئىشلىمىگەنلىكى، يەنە ماۋۇ غۇنچەمنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرى ئادەمنى بىزار قىلدى.

غۇنچەمنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىدىن ئائىلە شارائىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، گۈلپەرى ئۇنى ياقتۇرمىدى.

گۈلپەرىمۇ ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان بالا ئەمەس، غۇنچەمنىڭ يامان غەرىزى بارلىقىنى، سەمىمىي ئەمەسلىكىنى ھېس قىلالايدۇ.

غۇنچەمنىڭ كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ قالدى، نادىرنىڭ يۈز - ئابرۇيىنى قىلمىغانلىقىدىن غەزەپلەنگەن بولسىمۇ،  ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىنى بېسىۋالدى.


 




  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章