تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 101-قىسىم_ قېيىنئاتىسىنى قايىل قىلىش

文摘   小说   2025-02-03 14:07   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق 107-قىسىم توپلام تامام 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
45
44434241
5049484746
5554535251
 60   59  58 57 56
6564 63  62  61 
  70 69  6867  66 
 75  74  7372  71 
80    7978  77  76 
85    8483  82  81 
 9089  8887 
 86 
 95 94 93 92 91
 100 99 98 97 96






 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

101-قىسىم

   


 


 


101-قىسىم  

كەلگۈسىدىكى قېيىنئاتىسىنى قايىل قىلىش


غۇنچەم نادىرنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن بۇرۇن، نادىرنىڭ دادىسى ئالدى بىلەن مۇنىرەنى كۆرگىلى كېتىپتۇ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئىشىدا يەنە ئۈمىد بارمۇ؟

مۇنىرە ئۇنداق ئادەمنى بىزار قىلىدىغان قىز ئەمەس، غۇنچەمنىڭ كۆڭلىدە ئەگەر نادىرنىڭ دادىسى ئۇنىڭ بىلەن كۆپ ئۇچرىشىپ قالسا،  ئائىلە كېلىپ چىقىشىنى كۆڭلىگە ئالمىغان تەقدىردىمۇ، نادىرنىڭ سەۋەبىدىن قوبۇل قىلىشنى قارار قىلىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، ئۆزى ھەقىقەتەن بىھۇدە ئاۋارە بولغان بولىدۇ، يەنە تېخى گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى ئاسانغا پايدا ئېلىۋالىدۇ!

ئايروپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن ئائىلە مۇناسىۋىتى بىلەن نادىرنىڭ دادىسى چۈشكەن مېھمانخانىنى تاپتى، ئۇ نادىرنىڭ دادىسىنىڭ نادىرنىڭ ئۆيىدە تۇرمىغانلىقىدىن چەكسىز خۇرسەن بولدى، بولمىسا ئۇنىڭ جان تىكىپ ئېلىشىش پۇرسىتىمۇ قالمىغان بولاتتى.

نادىرنىڭ دادىسى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن، ئۇ ئالايىتەن مېھمانخانا زالىدىكى ئىشىك تۈۋىدىكى ئورۇندا ساقلىغاچ، بىر تەرەپتىن يان تېلېفون ئوينىدى.

- تاغا؟ !  - غۇنچەم ھەيران قالغاندەك قىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ يۈگۈرۈپ كېلىپ، -   بۇ يەرگە كېلىپ قاپسىزغۇ؟ - دەپ سورىدى.

نادىرنىڭ دادىسى ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك چۆچۈپ كېتىپ، ئۇنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرۈپ ئاندىن بېشىنى لىڭشىتىپ:

 ـ نادىرنى كۆرگىلى كەلدىم، سىز نېمانچە بالدۇر... مېھمانخانىدا پەيدا بولۇپ قالدىڭىز؟ - دەپ سورىدى. 

غۇنچەم تىلىنى چىقىرىپ:

 ـ  دوستۇم،  تۈنۈگۈن يىقىلىپ چۈشۈپ سۆڭىكى سۇنۇپ كېتىپتۇ،  دوختۇرخانىدىن چىققان ۋاقتىمدا سەل كېچىكىپ قالدىم، شۇڭا يېقىن ئەتراپتىن تۇرىدىغان جاي تېپىپ ئارام ئالماقچى بولدۇم، ئىشقىلىپ كۈندۈزى ئۇنى كۆرگىلى بارىمەن... ئۇ بۇ شەھەردىن ئەمەس، ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادىمى يوق.  - دېدى .

بىر نەچچە ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا، ئۇ دوستلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، دوستلۇقنى قەدىرلەيدىغان ياخشى ئوبراز ياراتتى.

 نادىرنىڭ دادىسى ئۇنىڭ ياخشى ئارام ئالالماي قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى قىزكەن دەپ ئويلاپ،  تېزرەك ئارام ئېلىشقا دەۋەت قىلىپ:

- يەنە دوستىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىكەنسىز، يەنە بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ. - دېدى. 

غۇنچەم بېشىنى چايقاپ:

 ـ ئۇخلىيالمىدىم، سەل تۇرۇپ دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈپ كەلمىسەم بولمايدۇ، -  دېدى. 

نادىرنىڭ دادىسى بېشىنى لىڭشىتىپ، < ئەمىسە مەن ماڭاي > دەپ تۇرغاندا، قارشى تەرەپتىن:

- تاغا، ناشتا قىلدىڭىزمۇ؟ ئەگەر يېمىگەن بولسىڭىز،  سىزنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ يەپ كېلىشكە تەكلىپ قىلاي.  - دېدى.

نادىرنىڭ دادىسى ئەسلىدە مېھمانخانىدا خالىغانچە بىر نەرسە يېمەكچى بولغان، غۇنچەم تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن، بېرىپ ئازراق يەپ، ۋاقتى كەلگەندە  پۇلىنى تۆلىسە بولىدىغانلىقىنى ئويلىدى.

ناشتا قىلىش جەريانىدا، نادىرنىڭ دادىسى ئىككى قىزنىڭ سېلىشتۇرمىسىنىڭ ھەقىقەتەن روشەن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، غۇنچەمنىڭ گېپى مۇنىرەنىڭكىدىن كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوڭايسىزلىنىپمۇ قالمىدى، ئۇنىڭ قىزغىن پوزىتسىيەسى ناھايىتى تەبىئىي بولۇپ، بىر ۋاق ئەتىگەنلىك تاماق ئاخىرى كۆڭۈلدىكىدەك يېيىلدى.

ھېسابات قىلغاندا، غۇنچەم ناھايىتى خىجىل بولۇپ،  كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ۋەدىلىشىپ:

 ـ كېلەر قېتىم يەنە كەلسىڭىز، مەن مېھمان قىلىمەن. - دېدى.

ئۇنىڭ كۆزىنىڭ پارقىراپ تۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ، نادىرنىڭ دادىسىنىڭ يۈرىكى تىترەپ كەتتى، شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭدا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر خىيال پەيدا بولدى.

بۇ قىزچاقنىڭ، ماڭا كۆڭلى يوقتۇ...

خاتا تۇيغۇ، چوقۇم خاتا تۇيغۇ پەيدا بولدى.

نادىرنىڭ دادىسى بىمەنە خىياللارنى قىلىپ، ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ يىراق ئارىلىق ساقلىدى.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، غۇنچەمنىڭ ئېھتىياتچانلىقى يەنىلا شەكىل ۋە ئۆلچەمنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەكلىكىنى چاندۇرۇپ قويدى.

نادىرنىڭ دادىسى سائەت توققۇزنىڭ ئايروپىلانىدا ماڭاتتى، ئۇ زاكاز قىلغان مېھمانخانا ئايرودۇرۇمدىن يىراق ئەمەس، لېكىن يەنە 20 مىنۇت ئەتراپىدا يول يۈرىدۇ، ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن يولغا چىقىشقا تەييارلىق قىلدى. مۇنىرە بىلەن نادىر كەلگەندە سائەت 8 بولاي دېگەن بولۇپ، دادىسىغا تېلېفون قىلدى، نادىر مۇنىرەنى سۆرەپ دېگۈدەك بىللە  ئېلىپ كىردى.

ئىككىيلەن زالغا كىرىپ، غۇنچەم بىلەن بىللە كېلىۋاتقان  دادىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.

نادىر قاپىقىنى تۈرۈپ قويدى، مۇنىرە ھاڭ-تاڭ قالدى.

بۇ بۇ بۇ ...   قانداق تەرەققىيات؟ !

نادىرنىڭ دادىسى يۆتىلىپ قويۇپ، ئوغلى ۋە بولغۇسى كېلىنىگە قاراپ مېڭىپ:

 ـ تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالدۇق. - دېدى.

ئاندىن نەزىرىنى بۇراپ، روشەنكى مەلۇم بىر باغلىنىشلىقى بار مۇنىرەگە قاراپ:

 ـ  كۆپ ئويلىۋالماڭ! - دېدى.

بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان مۇنىرە  نېمىنى كۆپ ئويلىۋالدى؟ ئۇ! بۇ غۇنچەمنىڭ ئوغۇل دوستىنى تالىشىشتىكى يېڭى ۋاستىسىمۇ دەپ ئويلىسىمۇ بولمامدۇ! ئاساسى بار تۇرۇپ نېمىشقا بولمايدۇ!

 ئۇۋالچىلىققۇ بۇ.

نېمىشقىكىن، غۇنچەم تۇيۇقسىز سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى.

- قارىغاندا ناشتا قىلىپ بولغان ئوخشايسىز. - دېدى نادىر غەلىتە كەيپىياتنى بۇزۇپ تاشلاپ،  ـ ئەمىسە يولغا چىقايلى.  - دېدى.

 نادىرنىڭ دادىسى ياتاق كارتىسىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ:

 ـ نەرسىلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ بولدۇم، سەن بېرىپ ئېلىپ چىققىن، - دېدى. 

 نادىر بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، ياتاق كارتىسىنى ئېلىپلا كېتىپ قالدى، مۇنىرە دەرھال ئەگىشىپ مېڭىشقا تەمشەلدى، نادىرنىڭ دادىسى ئۇنىڭ مايكىسىنىڭ پوسمىسىدىن تۇتۇپ تارتىپ كېلىپ :

- مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇرۇڭ!- دېدى. 

نادىر ئەپەندى! تېز كەينىڭىزگە بۇرۇلۇپ ماڭا قاراڭ! تېز ماڭا بىر قاراڭ! مۇنىرە يۈرىكىدە چۇقان سالدى، ئەپسۇس نادىر دېگەن باغرى تاش   كەينىگە قاراپمۇ قويماي لېفىتقا چىقتى، مۇنىرە ئاندىن كەينىگە بۇرۇلۇپ، كۈچەپ  ئۇھ تارتىپ قويۇپ، كۈلۈپ تۇرۇپ:

 ـ بولىدۇ،  تاغا. - دېدى.

نادىر دېگەن ۋىجدانسىز،  ئۆچ بولدۇم.

نادىرنىڭ دادىسى ئۇنىڭ چاچلىرىغا بىزارلىق بىلەن قاراپ قويۇپ:

 ـ بۇ قانداق ئوبراز بولدى؟ چاچمۇ مۇشۇنداق قالايمىقان بولامدۇ... - دېدى.

 مۇنىرە كۆزىگە ياش ئالدى، ئۇنىڭغا ئۇۋال بولدى، بەك ئۇۋال بولدى!

ئەمما نادىرنىڭ دادىسى مۇنىرەنى ئەيىبلىگەن  شۇ دەقىقىدىن باشلاپ، غۇنچەمنىڭ ئوغلىنى قولغا كەلتۈرۈپ بولماي،  نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئۆزىگە قىزغىن پوزىتسىيەدە بولغانلىقىنى چۈشەندى. غۇنچەم ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئوغلىنى قولغا كەلتۈرەلمەي، ئۇنى پېشكا قىلىپ ئىشلەتمەكچى بوپتۇ. ھازىر ئويلاپ باقسا،  ئەينى چاغدا بەشىنچى ئىنىسىنىڭ ئۆيىدىكى چاغدىن باشلاپلا،  ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى باشلاپتىكەن.

ھازىرقى قىزچاقلارنىڭ يۈرىكى قاپتەك باركەن.

مۇنىرەمۇ شۇ ئارىلىقتا غۇنچەمگە بىر قارىۋېتىپ، نادىرنىڭ باشتىلا دېگەن گېپىگە ئاساسەن، بىر پەرەزنى ئويلىدى.

غۇنچەم ئەمەلىيەتتە نادىرنىڭ دادىسى بىلەن بۇرۇنلا تونۇشۇپ بوپتۇ،  بەلكىم  بەزى ئىشلارنى قىلغان بولۇشى مۇمكىن. مۇنىرەنىڭ كۆڭلى يەنە سوۋۇپ كەتتى، خىزمەتتە ئۇ غۇنچەمنىڭ ھالىدىن ھەقىقەتەن كۆپ خەۋەر ئالدى، بۇ  ۋاپاغا جاپا قىلغانلىق، ۋىجدانسىز.

ئۆز خىيالىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى بىلمىگەن غۇنچەمنىڭ كۆڭلىدە يەنە بىر خۇشاللىق بار ئىدى، نادىرنىڭ دادىسىنىڭ ئۆزىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى مۇنىرەگە قارىغاندا كۆپ ياخشى ئىدى، قارىغاندا يەنە ئۈمىد باردەك قىلاتتى.

ئەمدى نادىرنىڭ دادىسىنى مۇنىرەدىن خاپا قىلىپ قويالىسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.

 ـ مۇنىرە ئاچا، ئويلىمىغان يەردىن دۆلەت بايرىمىدىمۇ كۆرۈشۈپ قالدۇق، سىزمۇ  تاغامنىڭ ئۆيىگە بىللە بارامسىز؟ - دەپ سورىدى.

ـ  ياق.- دېدى مۇنىرە قاپىقىنى يېنىك تۈرۈپ، قېتىپ قالغان چىرايى ناھايىتى سوغۇق كۆرۈندى.

بۇنداق سوغۇق چىراي ئالدىدا، غۇنچەم يەنىلا سېخىيلىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

 ـ ئۇنداقتىمۇ ئاز قالغاندۇ، مۇنىرە ئاچا، سىلەر ھازىر ياخشى ئۆتىۋاتىسىلەر،  سىز ئۈچۈن خۇش بولۇۋاتىمەن، ئەينى چاغدا مۇرات دىرېكتورنىڭ ئىشى ئۈچۈن بەك خىجىل بولغانىدىم ... - دېدى.

نېمە، نېمە دېمەكچى؟ مۇنىرە پۈتۈنلەي  گاڭگىرىغان ھالدا:

 ـ مۇرات دىرېكتور؟ سىز نېمىگە خىجىل بولىسىز؟ - دەپ سورىدى.  بۇ ئىش ئۇنىڭ مۇناسىۋەتسىزغۇ؟

غۇنچەم قوشۇمىسىنى سەل تۈرۈپ، ناھايىتى خىجىل بولغاندەك قىلىپ:

 ـ ئەينى چاغدا مەن تېخى سىزنىڭ مۇرات دىرېكتور بىلەن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىڭىزنى بىلمەيتتىم، تېخى سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئۇنى تىلغا ئېلىپ، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىپتىمەن، گەرچە سىز ماڭا ھېچنېمە دېمىگەن بولسىڭىزمۇ، لېكىن مەن ئىزچىل خىجىللىق ھېس قىلىپ كەلدىم، - دېدى.

مۇنىرە يان تەرىپىدىكى  مۇزدەك تىكىلىپ تۇرغان كۆزلەرنى سېزىپ، نادىرنىڭ نەق مەيداندا يوقلۇقىدىن چەكسىز خۇرسەن بولدى.

مۇنىرە بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندىن كېيىن،  غۇنچەمنى قىيما-چىيما قىلىۋەتكۈچى بولسىمۇ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

 ـ ئەينى چاغدا كۆزۈم كور بولۇپ قاپتىكەن،  مېنى ئەسكەرتىپ قويىغىنىڭىز كۆپ رەھمەت. - دېدى. 

نادىرنىڭ دادىسىنىڭ كۆزلىرىدىن ھەيرانلىق چىقىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ بۇنداق ئۆتكۈر گەپ قىلىدىغان ۋاقىتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

كالۋا دېگىلى بولمايدىكەن.

غۇنچەم تېخىچە ئەھۋالنى ئېنىقلىيالماي، يالغاندىن ئۇۋالچىلىق تارتقاندەك قىلىپ:

 ـ كەچۈرۈڭ، يەنە ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرۈپ قويدۇم، لېكىن مەن قەستەن قىلمىدىم، سىز  ... - دېدى.

ـ غۇنچەم، سىز يەنە دوختۇرخانىغا بېرىپ دوستىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقچى ئەمەسمىتىڭىز... - دېدى نادىرنىڭ دادىسى ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ، مۇلايىم پوزىتسىيەدە ، - تېز بېرىڭ.  - دېدى.

بۇنداق پوزىتسىيە بىلەن مۇنىرەنى مۇراتقا چاپلاپ، بىرمۇنچە ھېكايە توقۇماقچى بولغان غۇنچەم ئامالسىز توختاپ، ئۆزى بېكىتكەن ئادەم لايىھەسىگە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، زورىغا كۈلۈپ قويۇپ، بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى.

گەرچە ئوت ياققىلى ئاز قالغان بولسىمۇ، بىراق مۇنىرە بىلەن نادىرنىڭ دادىسى ئوتتۇرسىدىكى كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چېچىشنى بولسىمۇ قىلالىدى.


 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章