كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات11-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 11-بۆلۈم 第11部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
4 | 3 | 2 | 1 | |
گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم 第10部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات11-بۆلۈم
5-قىسىم
5-قىسىم
ياردەمچىنىڭ كۆزى سەبىرەنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا تىكىلدى، كۆز ئالدى يۇرۇپ:
- ئەنسەر دىرېكتور... دىلنار خانقىزنىڭ دېيىشىچە، ئۇ يەنە ساقچىغا مەلۇم قىپتۇ، ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بەك خەتەرلىككەن... ئەنسەر باش دىرېكتور! - ياردەمچىنىڭ گېپى تۈگىمەستىنلا، ئەنسەر تېلېفوننى چىڭ تۇتۇپ چوڭ-چوڭ قەدەم بىلەن سىرتقا قاراپ ماڭدى.
- ئەنسەر... ئەنسەر ئاكا! - سەبىرە ئەنسەرنىڭ چوقۇم بىر نەرسىنى بىلىپ قالغانلىقىدىن گۇمان قىلىپ، ئۇنىڭغا چۈشەندۈرمەكچى بولۇپ كەينىدىن قوغلىدى.
نەتىجىدە، ياردەمچى ئۇنىڭ يولىنى توسۇۋېلىپ:
- سەبىرە خانقىز، ھازىر گەپ قىلىپ ۋاقىت ئېلىشقا ماس كەلمەيدۇ. - دېدى.
سەبىرە ئەنسەرنىڭ سايىسىمۇ قالمىغان ئىشىك ئالدىغا قاراپ:
- مەن ... - دېدى.
- ياخشى ئارام ئېلىڭ، ھازىر ئەپەندىم سىزگە يېتىشەلمەيدۇ! - دېدى ياردەمچى، گېپىنى تۈگىتىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ كېسەلخانىدىن تېز يۈگۈرۈپ چىقىپ، بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن، يەنىلا ئىشىك ئالدىدىكى ئىككى ياردەمچىنىمۇ ئېلىۋالدى.
سەبىرە چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ھالدا جايىدا تۇرۇپ قالدى، پۈتۈن بەدىنى تىترەپ، پۇتلىرى غالىلداپ كۈچمۇ قالمىدى.
دىلنارغا بىرەر ئىش بولدىمۇ؟
يەنە تېخى ساقچىغا مەلۇم قىپتۇ؟
ئۇ بايا تېخى ئەنسەرنىڭ تېلېفونىنى ئۆز مەيلىچە ئالدى، يەنە سۆزلىشىش خاتىرىسىنى ئۆچۈرۈۋەتتى، ئەنسەرگە دىلنار بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بەرمىدى ...
ئەگەر ... ئەگەر دىلنارغا راستتىنلا بىرەر ئىشى بولسا...
ئۇنىڭ پۇتى يۇمشاپ، ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمەي ئاستا زوڭزىيىپ ئولتۇردى.
ئەگەر دىلنارغا راستتىنلا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، ئەنسەر ئۇنىڭدىن بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىشى مۇمكىن.
غەربىي شەھەر ئەتراپى ... غەربىي شەھەر ئەتراپى
- ئەنسەر باش دىرېكتور، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۆمەرنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى غەربىي شەھەر ئەتراپىدىكى دەپنە ئورنىغا قويۇلغان... - دېدى ياردەمچى ئەنسەرنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يېتىشىپ، ئۆزىنىڭ پەرىزى ۋە ئەندىشىسىنى ئېيتتى، ئەنسەرنىڭ سۈرلۈك چىرايىنى كۆرۈپ، قورققىنىدىن سوغۇق تەرلەپ كەتتى.
ئەنسەرنىڭ بۇنداق سوغۇق ، سۈرلۈك ھالىتىنى شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدى.
ئېھتىمال، ئۇ ئويلىيالىغاننى، ئەنسەر بۇرۇنلا ئويلاپ بولغان بولۇشى مۇمكىن.
ئىككى ئادەم ئەمدىلا لىفىتقا چىقىشىغا، ياردەمچىسىنىڭ يان تېلېفونى يەنە سايرىدى.
ئۇ دىلنارنىڭ تېلېفون قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، جىددىيلەشكىنىدىن قولىدىكى يانفون چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالدى.
بايا دىلنار خانقىز ئالدىراپ تېلېفوننى قويۇۋەتكەن، ئۇ ئۆمەرنىڭ بايقاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، تېلېفون قايتۇرۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغانىدى.
ئەمدى بۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز قايتۇرۇپ ئۇرۇپتۇ، ئازراق ئويلانغاندىن كېيىن، ئۆمەرنىڭ دىلنار خانقىزنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالغانلىقىنى پەرەز قىلدى.
لېكىن بۇنداق ئەھۋالدا، ئۆمەر كىچىككىنە غەيرىتى بىلەن، بىرىنچى ئىنكاسىدا قېچىپ كېتىشى كېرەكتىغۇ؟
قولىدىكى تېلېفوننى ئەنسەر تارتىپ ئېلىپ:
- ۋەي؟ - دېدى.
- سىز... سىز بۇ ئايالنىڭ ئوغۇل دوستىمۇ؟ - دېدى قارشى تەرەپ.
ئەنسەر كۆزىنى قىسىپ قويۇپ، سوغۇق تەلەپپۇزدا:
- ئادەمنى خاتا تۇتۇۋاپسەن. - دېدى
ئۆمەرنىڭ يان تېلېفون تۇتقان قولى قاتتىق تىترەۋاتاتتى، جىددىيلىشىشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن تۇيۇقسىز يۇقىرى ئاۋازدا كۈلۈپ:
- بۇ پەقەت مېنىڭ دەسلەپكى نىشانىم ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما ئادەمنى خاتا تۇتقان بولمايمەن! - دېدى.
لېفىت ئېچىلىپ، ئەنسەر چوڭ قەدەم بىلەن ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا قاراپ ماڭدى، ئۆمەرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، يانفوننى تۇتقان قولى تېخىمۇ چىڭىدى.
ئۆمەر يەنە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي :
- مەن باشتىلا بۇ ئايالنى تونۇشتەك ھېس قىلغانىدىم، ئەمدى ئېسىمگە كەلدى، ئۇنىڭمۇ ئوخشاشلا خاتالىقى بار. ئەينى يىلى ئۇ بولمىغان بولسا، مەن ئوغلۇمنىڭ ئۆچۈمنى ئالغان بولاتتىم! ئۆزى كىچىككىنە بولغىنى بىلەن ھىيلە - مىكىرى كۆپكەن ، پىلانىمنى بۇزۇپ ئۆچۈمنى ئالالمايلا قالماي، يەنە تېخى تۈرمىدە شۇنچە يىل يېتىشىمغا سەۋەب بولدى! ئوغلۇمغا تەۋە يۈرەك مەنبەسىنى تارتىۋالغان ئايالنى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيمەن، مېنى تۈرمىگە سولاتقۇزغان ئايال تېخىمۇ ياشاشقا ماس كەلمەيدۇ ! - دېدى.
دىلنارنىڭ بوينىدا ئېنىق بۇغۇلغان ئىزى بار بولۇپ، ئۆمەرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، سەل ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا كۆزىنى يۇمدى.
دەرۋەقە ئۇنىڭ ئويلىغىنى بىلەن ئوخشاش چىقتى.
سەبىرەگە سېلىشتۇرغاندا، ئۆمەر ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۆچ .
ئەنسەر ماشىنىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان دەرىجىدە سوغۇق ئاۋازدا:
- سەن قانداق قىلماقچى؟ - دەپ ۋارقىرىدى.
ئۆمەر سەل ھاياجانلانغان ھالدا دىلنارغا بىر قاراپ قويۇپ:
- سەبىرە دېگەن ئايالنى ئالغاچ كەل! قولۇمدىكى بۇ ئايالنىڭ سەن بىلەن زادى قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئوبدان بىلىمەن، لېكىن ئۇ خەتەرگە يولۇققاندا بىرىنچى بولۇپ ساڭا تېلېفون قىلىشنى ئويلاپتۇ، سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلارمۇ ئادەتتىكىدەك ئەمەسقۇ دەيمەن... تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا مېنىڭ مەقسىتىم ئوغلۇمنىڭ ئۆچىنى ئېلىش، پەقەت سەبىرە بولسىلا يېتەرلىك. ئۇنداقتا ئۇنى قولۇمدىكى ئايال بىلەن ئالماشتۇرساق قانداق؟ - دېدى.
گەرچە ئۆمەرنىڭ ئەنسەرگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلسىمۇ، دىلنار سەبىرەنىڭ ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ئويلىمىدى، بۇ چاغدا نېمىشقىدۇر ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتەتتى.
لېكىن ئۇ يەنىلا ئەنسەرنىڭ زادى قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىغا قىزىقىپ قالدى.
جىمجىت ماشىنا ئىچىدە تېلېفوندىكى سۆزلىشىش ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدىغان مۇھىتتا ھېچقانداق ئاۋاز يوق ئىدى.
ئويلىنىۋاتامدۇ؟ ياكى ئىككىلىنىۋاتامدۇ؟
سەبىرە بىلەن ئۇنىڭدىن زادى كىمنى تاللايدۇ؟
دىلنارنىڭ تۇيۇقسىز كۈلگۈسى كەلدى، ئەنسەر دىلنارنىڭ سەبىرە بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ بىر تارازىدا ئۆلچىگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇمۇ ئىلگىرى ئەنسەرگە ئۇنداق ئەمەسلىكىنى دەپ قويغان .
ھازىر، ئۆمەرمۇ پاكىت ئارقىلىق ئەنسەرگە سەبىرە بىلەن ئىككىسىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ تارازىنىڭ ئىككى ئۇچىدا تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ چوقۇم بىرىنى تاللىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەنسەرنىڭ جاۋابىغا ئېرىشەلمەي، ئۆمەر دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ، سەۋر-تاقىتى قالماي:
- قانداق قىلىشنى ئەڭ ياخشىسى ئېنىق ئويلان، ئىككى سائەتتىن كېيىن مەن سەبىرەنى كۆرەلمىسەم، بۇ ئايالنىڭ جانسىز تىنىنى تېپىۋال! - دېدى.
ياردەمچى ئەنسەرنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەكلىكىنى تاپشۇرۇشىنى كۈتتى.
ئاندا-ساندا ئۆمەرنىڭ تېلېفوندىكى تەلۋىلەرچە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
- ئەنسەر دىرېكتور، ئۆمەرگە سەبىرە خانقىز كېرەكمىكەن؟ ئۇنداقتا... - دېدى ياردەمچى.
ئەنسەر تېلېفوننى قويۇپ، ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى تارتىپ:
- ئۇ بارسا بولمايدۇ، - دېدى.
ياردەمچى ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قېلىپ:
- بىراق دىلنار خانقىز ... - دېدى.
- سەبىرەنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بۇنداق خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، - دېدى ئەنسەر.
ياردەمچىمۇ چۈشەندى.
توغرا، سەبىرەنىڭ يۈرىكىدە مەسىلە بارلىقىنى دېمەيلا قويايلى، ھازىر ئۇ تېخى ھامىلىدار.
- ساقچى تەرەپ بىلەن مەسلىھەتلىشىڭ، مەن ئاۋۋال بېرىپ تۇراي، - دېدى ئەنسەر.
- ماقۇل. - دېدى ياردەمچى.
ئەنسەرنىڭ ماشىنىسى ئېتىلىپ چىقىپ كەتتى.
كۈن ئاخىرى ئولتۇردى، ئۆمەر دىلنارنى ئېگىز پەلەمپەيگە سۆرەپ چىقتى.
ئۆمەر خوتۇنى ۋە بالىسىنىڭ قەيەرگە قويۇلغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى، قولىدا نومۇر يېزىلغان بىر ۋاراق قەغەز بار ئىدى.
ئاخىرى ئورنىنى تاپتى.
ئەڭ بۇلۇڭدىكى ئورۇن بولۇپ، كەينىدە بىر قاتار قارىغايلار بار ئىدى، كۈندۈزدە دەرەخ سايىسىگە كۆمۈلۈپ قالاتتى.
ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدىن قارىغاندىمۇ، بۇ يەردىن ئىككى پارچە يەر سېتىۋېلىشمۇ ئاسانغا چۈشمەيدۇ.
ئۆمەر ئالدى بىلەن قۇچىقىدىكى بىر دەستە ئەتىرگۈلنى يەرگە قويۇپ ئايالىنىڭ قەبرە ئۈستىدىكى رەسىمگە تىكىلىپ قاراپ، قولىنى سوزۇپ كۆزىنى ئۇۋۇلاپ:
- مەن سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن ... - دېدى.
يەردە ئولتۇرۇپ، ئاۋازى بوغۇلدى.
دىلنار بىر چەتتە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشىگە ئاز-تولا ئاھ ئۇردى، لېكىن... بۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
بۇرۇلۇپ ياندىكى قەبرىگە قاراپ ئۆمەرنىڭ ئوغلىنىڭ سۈرىتىنى كۆردى، سۈرەتتىكى بالا تەخمىنەن يەتتە-سەككىز ياشلاردا بولۇپ، قويۇق قاشلىرى، يوغان كۆزى، يۇمىلاق يۈزى ناھايىتى ئوماق بولۇپ، سەل تارتىنغاندەك كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.
ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى ياۋاش بالا بولسا كېرەك.
ئادەمنىڭ بېشىغا ھەرخىل قىسمەتلەر كېلىدىكەن.
ئۆمەر ئاخىرى قولىدىكى بىر خالتا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكنى ئېلىپ ئوغلىنىڭ قەبرىسىنىڭ ئالدىغا قويدى.
ئۇ ئوغلىغا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنىڭ نېمىلىكىنى بىر - بىرلەپ ئېيتىپ بەردى، ئۇ يەنە ئوغلى ياقتۇرۇپ يەيدىغان ساپاقلىق كەمپۈتى، مېۋە ئۇيۇتمىسى بارلىقىنى دېدى.
ھەممىسى ئون نەچچە يىل بۇرۇن مودا بولغان ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەر، لېكىن راست گەپنى قىلغاندا پەقەت مۇشۇ ئىككىسىلا بار ئىدى.
بۇ بالا كىچىك ۋاقتىدا كۆپ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك يەپ باقمىغان.
ئۆمەر ئوغلىغا بەك كۆپ گەپلەرنى قىلدى.
دىلنار لەۋلىرىنى چىڭ يۇمدى، قەلبىدە تۇيۇقسىز بىر خىل ئاچچىق قايغۇ پەيدا بولدى.
بېشىنى ساڭگىلىتىپ، ئۆزىنىڭ تۈز قورسىقىغا قاراپ قويدى.
ئۇنىڭ بالىسى ئۆمەرنىڭ ئوغلىغا ئوخشاپ قالسا بولمايدۇ.
ئۇ بالىسىغا ئەڭ ياخشىسىنى بېرىدۇ، باشقىلاردا بار بولغان، يوق بولغاننى ھەممىنى بېرىدۇ، ئۇنى خۇشال-خۇرام، ساغلام چوڭ قىلىدۇ.
ئۇ بالىسىغا ھېچقانداق ئەپسۇسلىنىش قالدۇرماسلىقى، ئۆزىنىمۇ ئەپسۇسلاندۇرماسلىقى كېرەك.
توغرا، بۇ يەردە ئاڭلارمەنلەرگە دەپ قويىدىغان مۇھىم بىر قىستۇرما شۇكى دىلنارمۇ ھامىلىدار.كىمنىڭ. ئەلۋەتتە ئەنسەرنىڭ. بىراق ئۇنىڭ بۇ ھاكاۋۇرلىقى، ئەنسەرنىڭ بىخەستەلىكى بىلەن بۇ ئىشنى دىلنار ئەنسەرگە ئېيتىشنى ئويلاشمىدى. مۇشۇنداق قېيدىشىپ ئىشنىڭ ئاخىرى چىقماستا بۇ پالاكەتچىلىك ئۇنىڭغا كېلىۋاتىدۇ.
سەبىرەنى كىم دۆت دەيدۇ. سەبىرە ئوغۇل دوستۇم دەپ بىر بالىنى باشلاپ كەلگەن كۈنى ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپلا ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىدىن گۈمانلاندى ۋە دەرھال تۇتۇش قىلىپ ھامىلىدار بولدى. قانداق بولدى. كىمدىن بولدى .. بۇنىسى تېخى سىر. شۇڭا دەيمىز . ياۋاش يۇمشاق بولىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنچە ئاق كۆڭۈل، ساددا ئىنسانلار ئەمەس.بەلكىم ئۆزى باشقا، قەلبى باشقا، ھەرىكىتى باشقا ئادەملەربۇلىشى مۇمكىن....
گەپكە كەلسەك مۇشۇنداق زىل ۋاقىتتا دىلنار بۇ ئىشقا يۇلۇقتى.سالامەت بالىسىنى قۇتۇلدۇرالامدۇ، ئۆزىچۇ؟ بۇلارنى ئويلىسىلا دىلنارنىڭ يۈرىكى ئېغىۋاتاتتى،ئەنسىرەۋاتاتتى.ئۇنىڭغا ئايان. بىرەر ئىش بولسا بۇ دۇنيادا ھەرقانچە قىلسىمۇ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ. ئەگەر بىرەر ئىش بولسا كىيىن پۇشايمان قىلىپ ئالدىدىكى ئۆمەردەك دۆۋە نەرسىلەرنى ئالدىغا قويۇپ يىغلىغاننىڭ نېمىگە پايدىسى بار.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar