كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم 第10部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
97-قىسىم
97-قىسىم
دىلنار قىلچە ئىككىلەنمەي، كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ئويلاپ باقمىدىم، - دېدى.
جاۋابى ئاخىرلاشقاندا ئەنسەرنىڭ بېغىشىنى تۇتقان قولى بىردىنلا بوشاپ كەتتى.
دىلنارنىڭ يۈرىكى ئېغىپ، سەل بۇرۇقتۇرما بولۇپ :
- يەنە باشقا ئىش بارمۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئەنسەر بېشىنى چايقاپ، ئۇنى ئاستا قويۇۋېتىپ:
- ھېچ ئىش يوق. - دېدى.
دىلنار بىلەن ئەنسەرنىڭ ئايرىلىپ كەتكەن ئىشى يەنە قىزىق تېما بولۇپ، مەكتەپتە غۇلغۇلا كۆتۈرۈلدى.
بىراق ئىككىيلەن يۈزمۈيۈز تۇرۇپ بىر مەھەل تالاش-تارتىش قىلىشىپ، ئاخىرى يەنە ئايرىلىپ كەتمىدى.
ئىككىيلەن پۈتۈن مەكتەپتىكى داڭلىق شەخسلەر بولۇپ، سۆز-ھەرىكىتىلىرى كۆپچىلىككە غەلىتە بىلىنىشتى.
مۇھەببەتلىشىشىمۇ ئۆزگىچە، ھەتتا ئايرىلىپ كېتىشتىمۇ خۇددى ئىككى مۇنازىرىلەشكۈچىگە ئوخشاش، تەمكىن، سالماق، ئاچچىقلانماي بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى ئوڭشىۋېلىشتى، ئۇلارغا خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىلاتتى.
مۇھەببەتلىشىۋاتامدىكىن دېسە، ئۆز ئارا قىزغىن ئەمەس، ئىككىلىسىنىڭ ۋۇجۇدىدا، ئەزەلدىن قايناق ھېسسىيات پەيدا بولۇپ باقمىغاندەك قىلاتتى.
- ئۈچ يىل، ئىككى ئادەم قول تۇتۇشۇپ قويغانغا مۇنبەرنىڭ باش بېتىگە بىر نەچچە كۈن چىقتى، سۆيۈشۈشكەنلىكىنى دېمەي قويايلى... لېكىن بۇ نورمال ئەھۋالمۇ؟
- ھەقىقەتەن بولۇمسىزكەن. دىلنار مەكتىپىمىزدىكى نامى چىققان سوغۇققان ساھىبجامال، قانچىلىغان يىگىتلەر ئۇنى بويسۇندۇرۇشنى ئويلايدۇ؟ ئەنسەر زادى ئەر كىشى ئەمەسمۇ، ئۈچ يىلدا مۇناسىۋىتىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغاندەك قىلىدۇ.
- ھەي، مەن ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز يۈرۈپتىمەنغۇ، يەنە مۇشۇنداق مۇھەببەتلىشىدىغانلار بارمىكەن؟
ئوغۇللار بىر يەرگە جەم بولۇپ غەيۋەت قىلىشتى، گەپ قىلغاندىكى تەلەپپۇزى ھەۋەس بىلەن تولغان بولۇپ، ئىچى ئاچچىق بولۇشتى.
شۇنچە گۈزەل قىز قۇچاق ئېچىپ ئالدىدا تۇرسا، يىگىت تەرەپنىڭ جىم ئولتۇرۇۋېلىشىنى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، ھەقىقەتەن كەچۈرگىلى بولمايتتى.
بۇنداق گەپلەر بەك كۆپ بولغاچقا، تەبىئىي ھالدا بىر نەچچە ئېغىز گەپ ئەنسەرنىڭ قۇلىقىغا يەتتى.
ئۇلارنىڭ ھەممە گەپلىرىنى يىغىنچاقلىغاندا ئۇنى قورقۇنچاق دەپ مەسخىرە قىلىشىۋاتاتتى .
قارشى تەرەپنى قولغا كەلتۈرۋېلىپ، ئوغۇل دوستى بولۇپ ئۈچ يىل ئارىلاشقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا قەلبىنى ئۇتالماپتۇ.
ئازراق تەۋرىنىش بولسىمۇ مەيلىتى، بۈگۈن كېلىپلا ئايرىلىپ كېتەيلى دېگەندە، ھەتتا كۆزىنى چىمچىقلىتىپمۇ قويمىدى.
ئەڭ ئاخىرىدا ئايرىلىپ كېتىشكە قوشۇلمىغان بولسىمۇ، ئۇ <دوست> دېگەن نام بىلەن دىلنارنى پەس كويغا چۈشۈردى.
ھى... ئۇ ھەقىقەت بوشاڭ ئىكەن.
ئەمما ئەنسەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىرەر ئىش قىلىپ قويسا، ھەتتا دوستلۇققىمۇ يارىماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيتى.
ئۈچ يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئىزچىل ئېھتىيات بىلەن ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇش قارارىغا كەلگەنلىكىنىڭ ھەقىقەتەن خاتا قارار ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
سەبىرە قۇملۇقتا يولدىن ئېزىپ قالغان ساياھەتچىگە ئوخشاش توختىماي ئىچىملىك ئىچىۋاتقان ئەنسەرگە قاراپ، يەنىلا غەيرەتكە كېلىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى رومكىنى تارتىۋېلىپ:
- ئەنسەر ئاكا، بولدى ئىچمەڭ. - دېدى.
ئەنسەر ئۇنىڭغا قارىۋىدى، قىزارغان ، سوغۇق كۆزلىرى ئوقيادەك تېگىپ، سەبىرەنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ كەتتى.
قولى قۇرۇقدىلىنىپ، بايىلا تارتىۋالغان رومكا ئەنسەرنىڭ قولىغا ئۆتتى.
سەبىرە لەۋلىرىنى چىڭ يۇمۇپ، بىر ھازاغىچە ئۈن-تىنسىز قاراپ تۇرۇپ، كۆز چاناقلىرى ئاستا-ئاستا قىزىرىپ:
- ئايرىلىپ كەتمىگەنمىتىڭلار؟ ئىزچىل مۇشۇنداق ئۆتسەڭلار ياخشى ئەمەسمۇ؟ بۈگۈن نېمىشقا تۇيۇقسىز بۇنداق بولۇپ قالدىڭىز؟ - دەپ سورىدى
- ياخشى ئەمەس. - دېدى ئەنسەر
ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ئىچكەن بولسىمۇ، ئەنسەر ئىزچىل جىمجىتقىنا ئېگىز ئورۇندۇقتا مەزمۇت ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ تەقى-تۇرقى تولىمۇ كېلىشكەن بولۇپ، ئوسال ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىدىن ئىزنامۇ يوق.
يەنە بىر قېتىم رومكىنى كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى، بۇغدىيىكىنى ئىككى قېتىم دومىلىتىپ، خىرۇستال رومكىنى ئەينەك سۇپىغا قويغاندا جاراڭلىق سوقۇلغان ئاۋاز كۆتۈرۈلدى.
- دوست بولغاچقا ئايرىلىپ كەتمىدۇق، - دېدى ئەنسەر.
بۇ گەپنى دەپ بولۇپ، تۇيۇقسىز سوغۇق كۈلۈپ قويدى.
بۇ ئۇنىڭ نېمە قىلغىنى؟
ئازراقمۇ كۈلكىلىك يېرى يوققۇ.
دوست بولغاندىكىن ئايرىلىپ كەتمىدىمۇ؟...
- شۇنچە يىللاردىن بېرى ئىزچىل يالغۇز ياشاپ كەلدىڭىزغۇ؟ ئەمدى نېمىشقا بولمايدۇ؟ - دەپ سورىدى سەبىرە.
- ئۈمىد يوققا چىقىپ، مەن ئېرىشمەكچى بولغان جاۋابقا ئېرىشەلمىدىم، ئۈچ يىلدا، ئازراقمۇ شەپىسى بولمىدى.. - دېدى ئەنسەر.
- شۇنداق بولغان ئىكەن، نېمىشقا باشتىلا ئۇنىڭ ئالدىدا كۆڭۈل ئىزھار قىلمايسىز؟ - دېدى سەبىرە.
- ئىقرار قىلمايسىز؟ - دېدى ئەنسەر بۇرۇلۇپ سەبىرەگە قاراپ، سۇس كۈلۈپ قويۇپ، - سىزنىڭچە ئۇ مۇشۇ چاغدا مېنىڭ كۆڭۈل ئىزھارىمنى قوبۇل قىلارمۇ؟ - دېدى.
سەبىرە لېۋىنى چىشلەپ باشقا گەپ قىلمىدى، ئەمما ئەنسەرنىڭ جاۋابىنىمۇ ئېنىق بىلدى.
رومكا يەنە لىق تولدۇرۇلدى، خىرۇستال رومكىنىڭ كۆتۈرۈپ مەسخىرىلىك كۈلۈپ قويۇپ:
- مەن باشتىلا ئۇنىڭغا باشقىچە نىيەتتە بولغان. ئۇنىڭ مېنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلگەندىكىن، ئاستا - ئاستا يېقىنلىشىشنى ئويلىدىم، ئۇنى بەك ئەقىللىك، ھامان بىر كۈنى بايقايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن ...
شۇنچە يىللاردىن بېرى، ئۇنى ھەممىنى چۈشەندى، ھەرقانچە ھېس قىلمىسىمۇ، شۇ تەرەپتىن ئويلايدۇ دەپتىمەن... نەتىجىدە خىيالىغا كىرىپ چىقماپتۇ... - دېدى.
سەبىرە ئۇنىڭ ئىچىملىكنى بىراقلا ئىچىشىگە قاراپ، كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ:
- بەلكىم ... بىلىگەن بولۇشى مۇمكىن... پەقەت ئىزچىل قوبۇل قىلمىدى خالاس! شۇڭا ئۆزىڭىزنى ھازىرقىدەك ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، تاللاش ھوقۇقى ئەزەلدىن سىزنىڭ قولىڭىزدا ئەمەس، ئۈچ يىل بۇرۇنقىغا ئوخشاش، ئۇ يەنىلا سىزنى قوبۇل قىلمايدۇ، لېكىن سىلەر يەنىلا بىر يەرگە كېلىپ قالغىنىڭلاردىن، ئەينى چاغدىكىدەك خۇشال بولۇشىڭىز كېرەك. - دېدى.
ئەنسەر قولىنى سوزۇپ، قوشۇمىسىنى چىمداپ، كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ :
- مەن ئەينى چاغدا ئۇنى قىز دوستۇم سۈپىتىدە يېنىمدا تۇرۇشىنى ئويلىمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسىز؟ - دېدى.
- زادى نېمىشقا ئۇنداق قىلدىڭىز؟ - دەپ سورىدى سەبىرە.
- چۈنكى مەن ئۇنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئەمدىلا بىخلىنىپ، باشقا ئەرلەرنىڭ رومانتىك ئىنتىلىشىگە بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيمەن. ھازىر گەرچە يات جىنسلارغا ئىنتىلىدىغان يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىنچۇ؟ بىز يەنىلا بۇ مۇناسىۋەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەكتەپ سىرتىغا چىقىمىز، سىرتتا نۇرغۇن ئېزىقتۇرۇشلار بار... مەن ئۇنىڭ باشقا ئەرلەر بىلەن بىللە بولۇشىغا قاراپ تۇرالامدىم؟ مۇمكىن ئەمەس ، - دېدى بېشىنى چايقاپ.
ھەتتا كاللىسىدا خىيالى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايدۇ. ياق، تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ.
سەبىرە كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ:
- شۇڭا... شۇنچە كۆپ گەپ قىلىپ، ئۇنىڭ سىز بىلەن بىللە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىڭىزنى، شۇنداقلا پەقەت سىز بىلەن بىللە بولالايدىغانلىقىنى ئېيتماقچىمۇسىز. ئۇنداقتا يەنە نېمىگە باش قاتۇرىسىز، ئۇنىڭغا ئالدىدا كۆڭلىڭىزنى بىلدۈرمىسىڭىز، ئۇ ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ ئايالى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. - دېدى.
- ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ .. - دېدى ئەنسەر.
- خاتا دېمىدىم، پەقەت ئۇ كۆڭلىدە سىزنى ھەقىقىي ئەر دەپ بېكىتمىسىلا، يۈرىكى ئىزچىل قۇرۇق دېگەن گەپ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ بۆسۈپ كىرىش پۇرسىتى بار. سىز ئۇنىڭ ئوغۇل دوستىلىق سالاھىيىتىنى ئىگىلىۋېلىشنى ئويلىسىڭىز، ھازىر ھەقىقىي قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىڭىزنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قەلبىدىكى بوش ئورنىنى ئىگىلىۋېلىش ئىكەنلىكىنى نېمىشقا چۈشەنمەيسىز؟ - دېدى سەبىرە.
ئەنسەر يەنىلا بېشىنى چايقاپ:
- ئۇ ماڭا پۇرسەت بېرەرمۇ؟ - دېدى.
- مەجبۇرى ئىگەلمەكچى بولغانىكەنسىز، ئۇنىڭ قوشۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟ - دېدى سەبىرە چوڭقۇر ئۇھسىنىپ، يېنىدىكى بوتۇلكىنى ئېلىپ، ئەنسەررومكىسىنى تولدۇرۇپ بەردى.
قۇرۇقدالغان بوتۇلكىغا قاراپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇلازىمەتچىنى چاقىردى...
دىلنار كومپيۇتېر ئالدىدا، نۆۋەتتىكى كۆرۈش مودا بولغان مۇھەببەت تىياتىرىنى كۆرۈۋاتاتتى.
تىياتىردىكى ئىككى ئادەمنىڭ ھەر خىل ئۇقۇشماسلىقلار، كۆپ خىل ھىيلە - مىكىرلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، شۇنداقلا ئەپچىل چارىلەرنى تېپىپ، ئاخىرى جەم بولۇپ، چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن قۇچاقلاشقان كۆرۈنۈش ئۇنى سەل بىئارام قىلدى.
پۈتۈن تىياتىرنىڭ ئالدى-كەينىدە زادى نېمە سۆزلەنگەنلىكى ئانچە ئېسىمدە قالمىغاندەك قىلاتتى.
كۆزى كومپيۇتېر ئېكرانىغا تىكىلىپ، قولى بىلەن ئۆزىنىڭ لېۋىنى تۇتۇپ، خىيالغا چۆكتى.
كومپيۇتېر ئېكرانىدىكى كۆرۈنۈش ئالمىشىپ، ئىككى ئادەم توي قىلىپ بىر ئۆيگە كىرىپ بولغانىدى.
شۇ چاغدا، يان تەرەپكە قويۇلغان تېلېفونى تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى.
يېنىك ئەندىكىپ، دەرھال كومپيۇتېر ئېكرانىنى ئېتىۋەتتى.
كەلگەن تېلېفونغا قاراپ، كۆزى قېتىپ قالدى، ئوڭايسىزلانغان چىرايىدا ئازراق خۇدۈكسىرەش ئالامىتى پەيدا سەل توختاپ تەمكىن بولىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن تېلېفوننى ئالدى،
ئاۋازىنى قەستەن سوغۇق چىقىرىپ:
- ئىشىڭىز بارمىتى؟ - دېدى.
- كەچۈرۈڭ، دىلنار خانقىز بولامسىز؟ - دېدى قارشى تەرەپ.
دىلنار كەلگەن تېلېفون نومۇرنىڭ ھەقىقەتەن ئەنسەرنىڭ ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۋېتىپ، تېلېفوننى يەنە قۇلىقىغا يېقىن ئېلىپ كېلىپ:
- شۇنداق، سىز كىم بولىسىز؟ - دەپ سورىدى.
- ياخشىمۇسىز، مەن جاز قاۋاقخانىسىنىڭ مۇلازىمەتچىسى، يان تېلېفوننىڭ ئىگىسى مەست بولۇپ قالدى، ئۇنى ئېلىپ كەتسىڭىز بولامدۇ... - دېدى.
دىلنار قوشۇمىسىنى سەل-پەل تۈرۈپ، ئورنىدىن تۇرۇشنى ئويلىماي ئورۇندۇقتىكى ئولتۇرۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ:
- مەن نېمىشقا ئۇنى ئالغىلى بارىمەن؟ ئۇنىڭ تېلېفونىدىكى ئالاقە نومۇرى بار ئادەمدىن پەقەت مەنلا بارمىكەنمەن، باشقىلار ئالغىلى بارسۇن. - دېدى.
- ھەي؟- دېدى مۇلازىم گاڭگىرىغان ھالدا، - ئەجەبا سىز ئۇنىڭ قىز دوستى ئەمەسمۇ؟ - دېدى.
دىلنار بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قېشىنىڭ ئوتتۇرىسىنى چىمداپ قويۇپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ:
- بولىدۇ، مەن بىلدىم! - دېدى.
ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى، تاقەتسىزلىنىپ ئورنىدىن تۇردى.
ئۇ، بۇ قىز دوستلۇق مەنسىپىدىن بىزار بولدى.
قاۋاقخانىغا بېرىپتۇ؟
يەنە تېخى مەست بولغۇچە ئىچىپتۇ؟
ھى...
يارايسىز...
ھاۋا سەل سوۋۇپ قالغاچقا، دىلنار خالىغانچە بىر قۇر ئازادە كىيىم تېپىپ، ئۈستىگە چاپاندىن بىرنى كىيىپ، ئۆزىنى چىڭ ئورىۋالغاندىن كېيىن، ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ ئىشىكتىن چىقتى.
قاۋاقخانا قاينام-تاشقىنلىق تولغانىدى.
دىلنار قاۋاقخانىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپلا، جاراڭلىق مۇزىكا ئاۋازى ئاڭلىنىپ، پۈتۈن بەدىنى تىكەنلىشىپ كەتتى.
قوشۇمىسىنى تۈردى، كۆزلىرىدىن بىزارلىق چىقىپ تۇراتتى.
قاۋاقخانىدىكى ئەنسەرنىڭ پوكەيدە دۈم يېتىپ، قولىدا خىرۇستال رومكىنى تۇتۇپ، كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇۋالغانلىقىنى كۆرۈپ قوشۇمىسىنى تۈردى، ئۇنىڭ كېلىشكەن چىرايىدىن مەستلىكتىن كېيىن ئازراق قىزىللىق چىقىپ تۇراتتى.
قاۋاقخانىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن ئەمەس، ئەنسەر قارا ئىشتان، ئاق كۆڭلەك كىيگەن بولۇپ، مەست بولۇپ ئۇ يەردە ياتقان تەقدىردىمۇ، ھېچقانداق ئوسال ھالىتىنى كۆرگىلى بولمايتتى.
يېقىن كەلگەندە، كۆڭلىكىنىڭ ئىككى تال تۈگمىسى يېشىۋېتىلگەنلىكىنى، قاۋاقخانىدىكى رەڭلىك چىراغنىڭ ئۇنىڭ ئوچۇق تېرىسىگە چۈشۈپ، بۇرۇنقى سوغۇققان ھالىتىدىن ئەسەرمۇ قالماي، شۇ تاپتا خۇددى ئۇچۇق كىيىپ، رومانتىك قىياپەتكە كىرىۋالىدىغان كېلىشكەن شاللاق بايۋەچچىلەرگە ئوخشاپ قالغانىدى.
بۇنداق چاغدىكى ئەرلەر ھەر بىر ھەرىكىتى بىلەن ئاياللارنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالىدۇ، ھەتتا قارشى تەرەپكە قىزىقىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ قالىدۇ.
دىلنار كېلىشتىن بۇرۇن، زادى قانچىلىك ئايالنىڭ كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقانلىقىنى بىلمەيتتى.
ئىشقىلىپ ئۇنىڭ يېنىدا سوغۇق نەزەردە قاراپ تۇرغان بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە، ئىككى چىرايلىق ئايال كېلىپ، سۈركۈلۈپ دەككىسىنى يەپ كېتىپ قېلىشتى.
دىلنار سوغۇق كۈلۈپ قويدى، ئۇنى باشقا ئاياللارغا چاچراپ يۈرمىدى دەپ ماختىشى كېرەكمۇ؟
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar