تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 91-قىسىم_ كۈتۈلمىگەن مەسئۇلىيەت

文摘   小说   2025-01-24 14:12   新疆  


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق 107-قىسىم توپلام تامام 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
45
44434241
5049484746
5554535251
 60   59  58 57 56
6564 63  62  61 
  70 69  6867  66 
 75  74  7372  71 
80    7978  77  76 
85    8483  82  81 
 9089  8887 
 86 


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

91-قىسىم

   


8

 

 

 



91-قىسىم  كۈتۈلمىگەن مەسئۇلىيەت


ـ ياقتۇرسىڭىز سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. - دېدى يېقىملىق كۈلۈمسىرىگەن مال سېتىۋېلىش يېتەكچىسى قىز رەڭگى ساپ يېشىل رەڭلىك بىلەزۈكنى چىقىرىپ گۈلپەرىنىڭ ئاپىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ.

 يېشىل بىلەيزۈك سۈزۈك، نەپىس بولۇپ، قارىماققا ئېسىل كۆرۈندى.

گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى ئۆزىنى ياخشى ئاسرىغاچقا، تېرىسى يەنىلا ناھايىتى ئاق ۋە سىلىق بولۇپ، يەنە كېلىپ بىلەيزۈكى بىلەن تېخىمۇ ياشىرىپ كەتتى.

بىلەيزۈككە باھا چاپلانمىغان بولۇپ، گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى قولىدىن چۈشۈرمەي سىلاپ، كۆڭلىدە باھاسىنى مۆلچەرلەپ باقتى.

ئەگەر  50 مىڭ يۈەنگە باھا تالىشالىسا،  چىشىنى چىشلەپ بولسىمۇ سېتىۋالىدۇ.

ئۇ بىلەزۈكنى ئېلىۋېتىپ، باھا سوراي دەپ تۇرغاندا، تۇيۇقسىز پاچىقىدىن بىر خىل غەلىتە سېزىم كەلدى، خۇددى بىر نەرسە ئۇنىڭ پۇتىنى بويلاپ يۇقىرىغا ياماشقاندەك قىلدى!

گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى چىرقىراپ، شەرتلىك رېفلېكسلىق  تېپىرلاپ كەتتى.

يەنە بىر قېتىم ۋارقىرىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغۇچە، قولىدىكى بىلەيزۈك يەرگە چۈشۈپ، نەچچە پارچە بولۇپ كەتتى.

گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى ئالدىدىكى  پۇتىنىڭ تۈۋىدە تۇرغان بالىغا قارىدى، ئۇنىڭ كۆزى بالىنىڭ قولىدىكى ماروژنىغا چۈشتى، يۈزى بىردىنلا تاتىرىشتىن قارىداپ كەتتى.

- بۇ كىمنىڭ بالىسى؟ !  

گەرچە ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن كونترول قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن  ئاۋازى يەنىلا كونترول قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئۆتكۈرلىشىپ، ئەتراپتىكىلەرنىڭ قۇلاق پەردىسىنى تىترەتتى.

بىمەنە چاقچاق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كەپسىز بالا ئىشنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلمەي، تىلىنى چىقىرىپ  چىرايىنى ھەرخىل ئۆزگەرتىپ:

 ـ  توخۇ يۈرەك! - دېدى.  

ئوخشاش بىر دۇكاندىكى نەرسىلەرمۇ ئېسىل- ئادەتتىكى دەپ ئايرىلىدۇ، گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى ئايلىنىۋاتقان دۇكاننىڭ ئىچىدە، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى سول تەرەپتىكى پوكەي ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى.

كەپسىز بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بالىسىغا قاشتېشى بۇلاپكا ئېلىپ بەرگىلى كەلگەن، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى سەۋەبىدىن، باھاسى 4 مىڭ يۈەنلىك بۇلاپكىلارغا قاراپ،  بىر مەھەل دىققەت قىلالمىغانلىقى سەۋەبىدىن بۇنداق چوڭ غەلۋە - غۇلۋانىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.

بۇنداق كۈتۈلمىگەن مەسئۇلىيەتنىڭ زادى كىمدە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ.

دېمەك، بۇ مەسئۇلىيەتنى ھېچكىم ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدۇ.

پوكەيدىكى مال سېتىۋېلىش يېتەكچىسى يىغلۋەتكىلى تاس قالدى، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى قېچىپ كەتسە، ئۇنداقتا بارلىق زىياننى ئۇ ئۈستىگە ئالامدۇ؟...

بالىنىڭ ئاپىسى بالىنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ، تىللاپلا كەتتى:

 ـ بالا تاپقۇر نېمە قىلىۋاتىسەن؟ ھەي، تېز ھامماڭدىن كەچۈرۈم سورا، تېز كەچۈرۈم سورا! - دېدى.  

گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتنى يەڭگىللىك بىلەن يوققا چىقارماقچى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاچچىقى كېلىپ قوللىرى تىترەشكە باشلاپ:

 ـ بالىغا قانداق قارىدىڭىز،  بىلەيزۈكنىمۇ چېقىۋەتتى... - دېدى .  

بالىنىڭ ئاپىسىنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ، كۆزلىرىدىن مەنسىتمەسلىك چىقىپ:

 ـ ھەدە، سىز نەرسىنى چىڭ تۇتالماي يىقىلىپ چۈشتىڭىز، يەنە بىزنىڭ بېشىمىزغا ئارتىپ قويماقچىمۇ؟   بەك كۈلكىلىك گەپ قىلدىڭىز.

 كۆپچىلىك باھا بېرىپ بېقىڭلار، ئەگەر ئۇ ئۆزىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرالىغان بولسا، يەرگە يىقىلىپ چۈشەمتى؟ بالامنىڭ بويى مۇشۇنچىلىكلا تۇرسا، - دېدى بالىنىڭ ئاپىسىنىڭ كۆزى ئۇنىڭ پاقالچىقىدىكى ماروژنىغا چۈشۈپ، -  ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا قولىدىكى ماروژنى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇنىڭ پۇتىنى سۈرتىۋەتكەن، يا قەستەن سوقۇۋەتمىسە، قولىدىكى نەرسە چۈشۈپ كەتسە بىزگە دۆڭگەپ قويامدۇ؟  - دېدى.

ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ تەپەككۇرىدا، كىچىك بالىنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ.

تارازا ناھايىتى تېزلا كەپسىز بالىغا مايىل بولدى، تۆلەم تۆلەش مەسئۇلىيىتى ئېنىقلا گۈلپەرىنىڭ ئاپىسىنىڭ زىممىسىگە چۈشتى.

بولۇنغان ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن  ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ كۆڭۈل ئاچقىلى چىققان غۇنچەم بىزار بولۇپ، قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ، ئەكسىچە كەيپىياتى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتتى.

ئۇنىڭغا مەسئۇل بولغان مال سېتىۋېلىش يېتەكچىسى ئېھتىياتچانلىق بىلەن:

 ـ غۇنچەم خانقىز، بولمىسا مەن سىزنى ئارام ئېلىش ئۆيىگە ئاپىرىپ كۆرسىتەي؟ - دېدى.  

غۇنچەم بېشىنى چايقاپ:

 ـ بولدى، كېلەر قېتىم بولسۇن. - دېدى.  

ئۇ شۇنداق دېگىنىچە كەتمەكچى بولدى، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى يانفونىنى چىقىرىپ، بۇ شەھەردىكى جىيەنىدىن ياردەم سورىدى.

ـ نادىر، مەن ئازراق ئاۋارىچىلىككە يولۇقتۇم، بۇ يەرگە بىر كېلىپ كېتەلەمسىز ... - دېدى.

غۇنچەمنىڭ ماڭغان قەدىمى توختاپ قالدى،  ئۇ تونۇيدىغان نادىرمىدۇ؟

قىلغان گىرىمى ۋە كىيىم-كېچىكلىرى ناھايىتى جايىدا ئايال، ئاچچىقى يامان بولسىمۇ، لېكىن يەنە بىر ئايالدەك ۋارقىرىمىدى، تەربىيە كۆرگەنلىكى ئېنىق.

 تېلېفوننى قويغاندىن كېيىن، غۇنچەم ئالدىغا بېرىپ:

 ـ كەچۈرۈڭ، سىز نادىرنىڭ تۇغقىنىمۇ؟ - دەپ سورىدى.

گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى بۇنداق سالاپەتلىك خانقىزنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى، ئۇ خۇددى جېنىنى قۇتقۇزىدىغان ساماننى تۇتۇۋالغاندەك:

 ـ سىز بىزنىڭ نادىرنى تونۇمسىز؟ - دېدى. بۇنداق يار-يۆلەكسىز قالغاندا، مەيلى كىم بولسۇن، ئۇنىڭغا گەپ قىلسىلا،  ئۇنچە قورقۇپ، جىددىيلىشىپ كەتمەيدۇ.

غۇنچەم كۈلۈپ تۇرۇپ:

 ـ ئەگەر سىز ئېيتقان نادىر ھېلىقى كېلىشكەن، سوغۇققان نادىر ئەپەندى  بولسا، ئۇنداقتا تونۇيمەن، - دېدى.  

ـ نادىر، ئۇ كىچىكىدىنلا مۇشۇنداق ئىدى!  - دېدى گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى.  بىچارە ئايال غۇنچەمنىڭ  پەيدا بولغانلىقىدىن كۆڭلىدە مىننەتدار بولدى، غۇنچەممۇ بۇ خىل تاسادىپىيلىقتىن ناھايىتى رازى بولدى.

 مۇشۇنداقمۇ ئۇدۇل كەپقېلىش بولامدۇ، ئۇ ۋاز كېچىشنى قارار قىلغان چاغدا، تەقدىر  ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم ئۇچراشتۇردى.

بەلكىم ئۇ يەنە بىر قېتىم سىناپ بېقىشى كېرەكتۇ.

چۈنكى مەيلى قانداقلا قارىسۇن، ئۇ مۇنىرەدەك ئادەتتىكى قىزلاردىن كۆپ ياخشى.

نادىر يېتىپ كەلگەندە، گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى بىلەن غۇنچەم چوڭقۇر  دوستلۇق ئورنىتىپ بولغانىدى.

غۇنچەمدىن ئىبارەت بۇ چوڭ خېرىدارنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن، دۇكان تەرەپ ئۇنىڭغا ھەقسىز رېمونت قىلىپ بېرىشكە ماقۇل بولدى، بىلەيزۈكتىن باشقا ھېچقانداق ھەق ئالمىدى.

پەقەت باھاسى مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى، غۇنچەمنىڭ كارتىسى بىلەن ئېتىبار قىلغاندىن كېيىن 60 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇلىغا توختاپ قالدى. ئىش بۇ يەرگە كەلگەندە، گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى چىشىنى چىشلەپ سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى.

نادىر غۇنچەمنى كۆرۈپ سەل ھەيران قالغان بولسىمۇ، لېكىن كۆڭلىگە ئالمىدى، ئۇ بەشىنچى ھاممىسىغا قاراپ:

 ـ بەشىنچى ھامما، قانداق بولدى؟ - دەپ سورىدى.

ـ پۈتتى، ھېلىمۇ غۇنچەم بوپقاپتىكەن، مېنىڭ زىيىنىممۇ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈلدى. - دېدى گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى چىرايىدىن كۈلكە ياغدۇرۇپ، كۆزىنىڭ تېگىدە يەنىلا  پۇلغا چىدىماسلىق بار بولۇپ، شۇنچە كۆپ پۇل خەجلەپ قايتا رېمونت قىلىنغان مەھسۇلات سېتىۋالسا، ئۇنى نەس باسقىنى بولمامدۇ.

ـ ئۇنداق بولسا ياخشى. - دېدى نادىر غۇنچەمگە باش لىڭشىتىپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، - رەھمەت سىزگە.  - دېدى.

غۇنچەم كۈلۈپ تۇرۇپ:

 ـ ئۇ سىزنىڭ ھاممىڭىز بولغاندىكىن بۇنداق كىچىك ئىشقا   ئەلۋەتتە ياردەم قىلىشىم كېرەك، تۈزۈت قىلماڭ. - دېدى.  

 غۇنچەمنىڭ نادىرغا بەرگەن تەسىرى ياخشى ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىسا بولىدۇ، ئەمما  چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىشنى خالىمايدۇ. مەسىلە ھەل بولغان ئىكەن، ئۇمۇ كېتىشى كېرەك.  

ـ بەشىنچى ھامما، مەن بىلەن بىللە كېتەمسىز ياكى يەنە بىردەم ئايلىنامسىز؟  - دەپ سورىدى نادىر.

ـ  قايتىپ كېتىمەن. قايتىپ كېتىمەن. - دېدى  پورتمالى قۇرۇقدىلىپ قالغان ئايالنىڭ ئەمدى ئايلانغۇسى كەلمەي. ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرىدىغان بۇ نەس باسقان جايدىن دەرھال كەتكۈسى كەلدى.

غۇنچەم ئۆزىنىڭ ئېغىز ئېچىپ باشقىلارنى ئېلىپ قېلىش ئارزۇسىنى كونترول قىلىپ، مۇقىم  قىياپىتىنى ساقلىدى.

ئالدىراشقا بولمايدۇ، چاپلىشىۋېلىش بىلەن ھېچ ئىش ھەل بولمايدۇ.

گەرچە مۇنىرەنىڭ دادىسى - ئاپىسىنىڭ مەھەللىسى بىلەن نادىرنىڭ ئۆيى ئوتتۇرىسىدا پەقەت بەش مىنۇتلا ئارىلىق بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەپتە ئاخىرىدا مۇنىرە يەنىلا دادىسىنىڭ تۇيۇقسىز بىنورمال يولسىزلىق قىلىشى بىلەن ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.

نادىر ئىشخانىدىن چىققاندا، ماشىنا توسۇپ كەلگەنىدى. گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى خورسىنغان ھالدا:

 ـ پىراۋىسى تۇتۇپ قىلىنسا ھەقىقەتەن قولايسىز بولىدىكەن. ـ دېدى. بۇ بالا قائىدىگە مۇشۇنداقمۇ رىئايە قىلامدۇ،  ئوغرىلىقچە ھەيدەشنىمۇ بىلمەپتۇ.

ئادەتتە سىرتقا چىققاندا ھەمىشە مۇنىرە بولغاچقا، ئانچە قولايسىز بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنىرەنىڭ ماشىنا ھەيدىگەندە ئېھتىيات بىلەن سۈركىلىپ كېتىشتىن قورققان ھالىتىگە قاراشمۇ قىزىقارلىق ئىش ھېسابلىناتتى.

نادىر كۈلۈپ تۇرۇپ:

 ـ كۆنۈپمۇ قالدىم،  يامان ئەمەس.  

 تاتلىق پۇراپ تۇرغان بىر دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، نادىر ماشىنىنى توختىتىشنى ئېيتتى.

تاكسى شوپۇرى بىر قاراپلا بۇ خېرىدارنىڭ كەڭ قورساق ئىكەنلىكىنى بىلىپ،  بىر نەچچە مىنۇت ساقلاشنىمۇ كۆڭلىگە ئالمىدى، گۈلپەرىنىڭ ئاپىسىمۇ بۇنىڭغا قىزىقىپ قېلىپ:

ـ   ئېسىمدە قېلىشىچە كىچىك ۋاقتىڭىزدا تاتلىق نەرسىلەرنى يېيىشنى ئانچە ياخشى كۆرمەيتتىڭىز،  دېدى.  

نادىر بېشىنى لىڭشىتىپ، ئىشىكنى ئىتتىرىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ:

ـ  قىز دوستۇمغا سېتىۋالىمەن،  شۇنىڭدا تېز قايتىپ كېلىدۇ، - دېدى.







  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章