كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
87 | 86 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
88-قىسىم
8
88-قىسىم نابۇت قىلماسلىق ئۈچۈن
دىڭ - دۇڭ
لىفىتنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، مۇنىرە دەرھال نادىرغا ئەگىشىپ سىرتقا قاراپ ماڭدى، سىرتقا چىقىپ تۇرۇپ قېلىپ:
- بىز، ئۈستىگە چىقىپ قاپتىمىزغۇ؟ - دېدى .
نادىر بېشىنى لىڭشىتىپ:
- ھە، ماي باھاسى ئۆستى. - دېدى .
- نېمە... ئۆرلەپ كەتتىمۇ؟ - دېدى مۇنىرە.
نادىر گەپ ئارىلىقىدا ئىشىكنى ئېچىپ، چاماداننى ئىچىگە ئەپكىرىپ قويۇپ، ئاندىن بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قاراپ:
- بىللە تۇرساق ماي تېجىلىپ قالىدۇ. - دېدى.
مۇنىرە لەيلەپ قالغاندەكلا ئىشىكتىن كىرىپ قالدى، رېئاللىق ئۇنىڭ داۋاملىق لەيلەپ قېلىشىغا يول قويمىدى.
بىر ئۆيگە كىردى دېگەن بۇ قانداق ئۇقۇم، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ماشىنىغا چىقىش ئېھتىماللىقىنىڭ 100 پىرسەنتكە يېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، خام گۈرۈچنى پىشقان گۈرۈچ قىلىپ پىشۇرۇش كېرەكمۇ-يوق، بۇ بىر مەسىلە.
نادىر تۇيۇقسىز بېشىنى بۇراپ قاراپ قويدى، مۇنىرە كۈلۈمسىرەپ، سالماقلىق بىلەن چوڭقۇر نەپەس ئالدى.
ئەلۋەتتە بۇنىڭ ھەممىسى چاقچاق.
- كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرىڭىزنى ئېلىپ كەلدىڭىز، باشقا نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە بار، نەرسىلىرىڭىزنى رەتلەپ بولۇپ، بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ. - دېدى نادىر.
گېپىنى تۈگىتىپلا كېتىپ قالدى، قۇچاقلاپ قويۇپ بىر قەدەم ئىلگىرىلەش نىيىتى يوق ئىدى، مۇنىرە ئاغزىنى پۈرۈشتۈردى، قارىغاندا ھالقىلىق پەيتتە، يەنىلا ئۆزى چىقمىسا بولمايدىغان ئوخشايدۇ.
بىراق... ئۆينىڭ بىزەكلىرىگە قاراپ چىقتى، خۇددى ئىلگىرىكى بېزەكچىلىك پىلانىغا ئوخشىماي قالغاندەك ھېس قىلاتتى.
نادىرنىڭ پۈتۈن ئۆيىنىڭ بېزىلىش لايىھەسى بىر قەدەر سوغۇق بولۇپ، ئىللىق تەسىر بېرىدىغان يەرلىرى بولغان تەقدىردىمۇ، مۇنىرە ماتېرىيال ۋە نەقىشلەرنى تاللىغاندا، پۈتۈن كۈچى بىلەن قىزلىق تۇيغۇسىنى ئاجىزلاشتۇرغانلىقىدىن بولغان. ئەمما بۇ ئۆيدە، مەيلى سۇس كۆك رەڭلىك كىرلىك بولسۇن ياكى كارىۋات بېشىدىكى ئىللىق نۇر چېچىپ تۇرغان تام چىرىغى بولسۇن، ياكى يۇمىلاق ئۈستەل ۋە يان تەرەپتىكى كىتاب جازىسى، تامغا ئېسىلغان رەسىم، قېنىق رەڭلىك پەردە يېنىدىكى سۇس ئالتۇن رەڭلىك لېنتا، تىك ئۈستەل چىرىغى، چىراغ قالقىنىدا ساڭگىلاپ تۇرغان تەگلىك بولسۇن... بارلىق ئۇششاق زىننەت بۇيۇملىرى ناھايىتى ئوماق، يېقىملىق كۆرۈنەتتى.
مۇنىرە كاكتۇسنى كىتاب جازىسىغا قويۇپ، راھەت ئايلانما ئورۇندۇقتا ئولتۇردى، بېشىنى يۆلەپ بوينىغا دەل كېلىدىغان ياستۇققا يۆلىنىپ، چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ، ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ، نادىر ئەپەندى دۇنيادىكى ئەڭ ئوماق ئەر دەپ ئويلىدى.
بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇنىرە ساپاقلىق كەمپۈتنى قايتىدىن كارىۋات بېشىغا قويۇپ، كارىۋاتتا يەنە بىر قېتىم دومىلاپ، سەكرىۋېتىپ ئورنىدىن تۇردى.
بۇ ئۆيدە، ئۇ كۆزىنى يۇمۇپمۇ نېمىنىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى تاپالايدۇ، ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق چىراغلارنى دېمەيلا قويايلى.
چوڭ ياتاق بىلەن كىچىك ياتاق ئۆي قوشنا بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئىشىك ئوچۇق بولسىمۇ، ئىچىدە ھېچكىم يوقتەك جىمجىت ئىدى.
ئىشىكنى ئاستا ئىتتىرىپ ئاچقاندا، ساپادا ئولتۇرۇپ كىتابنى ۋاراقلاۋاتقان ئەر دەرھال بېشىنى كۆتۈرۈپ:
- نېمە بولدى؟ - دەپ سورىدى.
مۇنىرە بېشىنى چىقىرىپ كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ:
- ماڭا بېرىدىغان نەرسە بارمۇ قانداق؟ - دېدى.
- نېمە؟ - دېدى نادىر.
مۇنىرە كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ھۇجرامنىڭ بارلىق ئاچقۇچلىرى، - دېدى.
ئەينى چاغدا تۇنجى قېتىم قونۇپ قالغاندا، بىر تىزىق ئاچقۇچنى تۇتقۇزۇپ قويغان.
ئەسلىدە بۇ ئىشنى دېمەكچىكەندە.
نادىر كىتابىنى قويۇپ، ئۇنىڭغا قول پۇلاڭلىتىپ:
- بۇياققا كېلىڭ، - دېدى.
مۇنىرە ئاچقۇچنى راستتىنلا ئۆزىگە بەرمەكچى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، كۆپ ئويلانمايلا ئالدىغا قاراپ ماڭدى.
قولى يېتىدىغان ئارىلىققا كەلگەندە، كۈچ بىلەن تارتىلىپ، پۈتۈن بەدىنى قارشى تەرەپنىڭ قۇچىقىغا ئاسانلا كىرىپ قالدى، ئۇنىڭ بوغۇق ئاۋازى قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلىدى.
- مۇنىرە، ھازىر بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ. - دېدى نادىر.
مۇنىرەنىڭ يۈرەك سوقۇشى كۆكرەك بوشلۇقىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، ئىككى مەڭزىدىكى قىزىللىق پۈتۈن بەدىنىگە تارالدى.
ئىككىسى بىر يەردە چاپلىشىپ قالغاچقا، نادىر ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ناھايىتى ئېنىق ئاڭلىيالىدى، كۆزىنى يۇمۇپ بېشىنى مۈرىسىگە يېنىك سۈركەپ:
- يالغۇز قالغاندا، ئەگەر بىرەر ئىش يۈز بېرىشنى خالىمىسىڭىز، ئاگاھ بولۇپ، ئەمدى بۇنداق... - دېدى.
نادىر گېپىنى توختىتىپ قويدى، قۇچىقىدىكى مۇنىرە بەدىنىنى كۆتۈرۈپ، ئىككى قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭ بېلىدىن قۇچاقلاپ، بېشىنى مەيدىسىگە يېنىك قويۇپ:
- نادىر ئەپەندى، بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان سىزنى مۇشۇنداق قۇچاقلىغۇم كېلىپ، قول سېلىشتىن خىجىل بولغانتىم، بۇنداق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدۇ، قولدىن بېرىپ قويسام قايتا كەلمەيدۇ... - دېدى. مۇنىرەنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئۇنىڭغا يۆلىنىۋالغانلىقىدىن ئىنتايىن رازى بولدى دېيىشكە بولىدۇ.
مۇنىرە يەنىمۇ يۈرەكلىك بولۇپ:
:
- ئەمدى سىزنى نادىر ئەپەندى دىمەيمەن. نادىر دەيمەن.
- نادىر، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن. - دېدى.
ئىچىدە يەنە < كېيىن چوقۇم سىزگە ياتلىق بولىمەن. > دېدى.
نادىرنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كىرگەن تۇنجى ئاخشىمى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوتتەك كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپلا قالماي، ئاخىرىدا يەنە چاپلىشىۋېلىپ، چوڭ ياتاقتا ئۇخلىدى!
بۇ ئىشلارنى ئۇ قىلدى يەنە كېلىپ، كاللىسى سەگەك ئەھۋالدا قىلدى.
مۇنىرە كومپيۇتېر ئۈستىلى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئىككى قولى بىلەن بېشىنى بېسىپ، ھەم تىت-تىت بولدى، ھەم خۇشال بولدى.
تۈنۈگۈن ئاخشام ئازراقمۇ قورۇنمىدى، بىراق توسۇقمۇ مۇشۇ قورۇنماسلىق بىلەن بۇزۇلۇپ كەتكەندەك قىلاتتى، نادىر دېگەن بۇ ئادەم ئەمدى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا مەۋھۇم مەۋجۇتلۇق بولماستىن، بەلكى ھەقىقىي تۈردە يۈرىكىنىڭ بېغىشىدىكى ئادەمگە ئايلاندى.
- ئا، نېمىشقا تېخىچە ئىشتىن چۈشمەيمىز... ۋاقىت نېمانچە ئاستا ئۆتىدۇ. - دېدى مۇنىرە.
كۆڭلىدە ئۆيگە قايتىشقا ئالدىراپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئاغرىندى، ئاينۇر ئۇنىڭغا قاراپ ئالىيىپ قويۇپ:
- ئىشنى تېز قىلمامسىز، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ قالسىڭىز، ۋاقىت قانچە تېز ئۆتسىمۇ پايدىسى يوق! - دېدى. مۇھەببەتلىشىۋاتقان ياشلارغا قارىغىسىمۇ كەلمىدى.
قارىماققا ئۆيگە قايتىسىلا، ئاندىن خۇشال بولىدىغان ئوخشايدۇ.
< نادىر، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن.> قۇلاق تۈۋىدە مۇنىرەنىڭ ئاۋازى يەنە بىر قېتىم جاراڭلىدى، نادىرنىڭ ھۆججەت تۇتقان قولىمۇ بوشىشىپ، پاققىدە قىلىپ ئۈستەلگە چۈشتى، كېيىنكى سېكۇنتتا ئىتتىكلا قولىغا ئېلىۋالدى.
بۇنداق سەۋەنلىكنىڭ كۆرۈلۈشى تۇنجى قېتىم ئەمەس.
نادىر بېشىنى كۆتۈرۈپ:
- بايا سۆزلەپ نەگە كەلدىم؟ - دەپ سورىدى.
ياردەمچى ئۇنىڭ تۇيۇقسىز قىزىرىپ كەتكەن قۇلىقىغا قاراپ، ناھايىتى سىرلىق ھېس قىلدى. ئالدىنقى قېتىم تۇيۇقسىزلا ھۆججەتنى تۇتالماي قېلىشىدىن خىجىل بولۇپ كەتمىگەندۇ ياكى تۇيۇقسىزلا ئۆزىنى ياقتۇرۇپ قالمىغاندۇ دېگەندەك ھەرخىل سەۋەبلەرنى ئويلاپ چىقتى. چەكلىك دائىرىدە ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، كۆڭلىگە پەقەت بىرلا نامزاتنى كەلتۈرەلىدى.
ئالدىنقى قېتىم شىركەتكە كەلگەن، ھەم باشلىقىغا يېقىنچىلىق قىلغان، ئۆزى بىلەن بىللە پىرەنىك يەپ، قەھۋە ئىچكەن مۇنىرە خانقىز.
ئۇنىڭ بىردىنلا چوڭقۇر ئويغا چۆمگەن ھالىتى نادىرنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى، نادىر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، قولىنى پۇلاڭلىتىپ:
- كەچۈرۈڭ، سىز چىقىپ تۇرۇڭ، مەن ئاۋۋال بىر تەرەپ قىلىپ بولۇپ سىزگە خەۋەر قىلاي، - دېدى.
ساھىبجامال ياردەمچىسى چۈشەنگەندەك كۈلۈپ قويۇپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەن قىياپەتتە چېكىنىپ چىقتى ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىشىكنى يېپىپ قويدى.
نادىرپىشانىسىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ قالدى.
مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا مۇئەللىمنىڭ دائىم مۇھەببەتلىشىش ئۆگىنىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ دېيىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن، ھازىر قارىسا ئازراق ئاساسى باردەك قىلىدۇ. پۈتۈن بىر كۈن كاللىسىغا مۇنىرەنىڭ كۈلۈمسىرىگەن چىرايى كىرىۋېلىپ، نورمال خىزمەت سۈرئىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى.
ئۇنىڭ مۇشۇ بىر ئېغىز گېپى بىلەن كۆڭلى بىسارەمجان بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
مۇنىرە بۇ ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا .... ئەمدى سەل قارىيالماي قالدى.نادىرمۇ ھەم مۇنىرەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا .... سەل قارىيالماي قالدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar