كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
86 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
87-قىسىم
87 -قىسىم پۇتىڭىزنىڭ ئۇچىدا دەسسەڭ!
بۇ پەقەت ئىشنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسى، لېكىن قانداق ھەل قىلىش كېرەك.
مۇنىرەنىڭ بىر كۈنى دەرد-ئەلەم ئىچىدە ئۆتۈپ، كېچە يەنە يېتىپ كەلدى.
مۇنىرە ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ، ئالدى بىلەن مېتال پارچىسىنىڭ رەڭگى ۋە شەكلىنى كۆزەتتى، ئاندىن ئىشىك تۇتقۇچىنىڭ ئەگرىلىك دەرىجىسىنى كۆزەتتى، ئاندىن ئىشىك يوچۇقىدىن قارىدى، ئاخىرىدا ئېگىز پاشنىلىق ئايىقى بىلەن نەچچىنى كۈچەپ دەسىدى.
- ئىشىك تۈۋىدە يېتىپ ئاڭلاپ باقامسىز يە؟ - دېدى نادىر.
مۇنىرە كەينىگە بۇرۇلۇپ، چاقچاق قىلىۋاتقان نادىرغا قاراپ:
- ئۇلار ئىشىك تۈۋىدىكى ئاياغ ئىشكاپىغا يۆلىنىپ قالمىغان بولسىلا، بۇنداق قېلىن ئىشىكتىن ئاڭلىغىلى بولمايدۇ. بولدى، بولدى، مەن ئىشىكنى ئېچىپ كىرەي. - دېدى.
ئاچقۇچ ئايلىنىپ، نەچچە قېتىم قاس - قاس ئاۋاز چىقىپ، ئاندىن ئىشىك ئېچىلدى. ئۆي ئىچى قاپقاراڭغۇ بولۇپ، ئادەم يوق ئىدى.
ئاخىرى ئاستا ئۇھ تارتىپ قويۇپ، ئىشىكنىڭ يېنىدىكى چىراغنى ياندۇرۇپ:
- قارىغاندا دەم ئالغان ئوخشايدۇ. ياخشى بولدى، - دېدى. نادىرنىڭ تۈرۈلگەن قوشۇمىسىنى كۆرۈپ، گېپىنى ئۆزگەرتىپ، - كىرىپ ئولتۇرۇپ چىقامسىز، - دېدى.
نادىر كۈلۈپ قويۇپ:
- قانداق كىرىمەن؟ - دېدى.
مۇنىرە بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، كەسكىنلىك بىلەن:
- پۇتىڭىزنىڭ ئۇچىدا دەسسەڭ! - دېدى.
بۇ قېتىم نادىر گەپ قىلالماي قالدى، ئۆز-ئۆزىگە تەسەللىي بېرىشكە تىرىشتى، بۇ خىل بىمەنە ئىشقا مۇنىرەدەك ياخشى ئادەملەر چىدىيالايدۇ.
- مېڭىڭ... - دەپ بولغۇچە، كەينىدىنلا شاللاقلارچە كۈلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
ـ ھەي، نېمىشقا كىرمەيسىز؟
كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ئالىيە ئۇنى تارتىپ:
- ئارتۇق گەپ قىلماڭ بولامدۇ؟ مۇنىرە ئاچا، ئاخشام سەت بولدى ھە، سىزگە دەخلى قىلىپ قويدۇم - دېدى.
ئالىيە ئوغۇل دوستى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى مۇنىرەنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايدۇ، ئەمما قىلغان ئاشۇ قالايمىقان ئىشى ئۈچۈن ئوڭايسىزلىنىپ كەتمەيتتى، ئىشقىلىپ بۇ تۇنجى قېتىملىقى ئەمەس.
مۇنىرەنىڭ چىرايى قارىداپلا كەتتى، ئۇ ئالىيەنىڭ نومۇس قىلمايدىغانلىقىنى، ھەتتا بۇنداق ئىشنى كۆڭلىگە ئېلىپمۇ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ ئىشەنگۈسى كەلمەي قالدى.
- مۇنىرە، سىز بۇ قىز بىلەن بىرلىشىپ ئىجارە ئالدىڭىزمۇ ياكى بۇ بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بىلەن بىرلىشىپ ئىجارە ئالدىڭىزمۇ؟ - دېدى نادىر. قارشى تەرەپتىكى ئادەملەرگە بىرقۇر قاراپ چىقىپ، ئاخىرىدا يەنىلا مۇنىرەنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىدى.
مۇنىرە ئۇنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەي، ئېغىز ئېچىپ جاۋاب بېرەي دەپ تۇرۇشىغا، ھېلىقى ئەر ئالدىراپلا:
ـ ھە، ئۇلار ئىككىسى تۇرىدۇ، مەن ئاندا-ساندا يوقلاپ كېلىپ، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇپ تۇرىمەن. - دېدى.
داشقال ئەر ئۆزىنى ناھايىتى ياخشى يوشۇرۇندۇم دەپ ئويلىغانىدى، بىراق ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆچمەنلىكىنى نادىر ئېنىق كۆرۈپ يەتتى، .
بۇ ئەر كىشى جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋېلىپ، قاچىسىدىكىنىمۇ يەپ، بەزىدە سىرتقىمۇ قاراپ، چىرايلىق مۇنىرەگە ھەۋەس قىلىپ قوياتتى، ھازىر قارشى تەرەپنىڭ ئىگىسى پەيدا بولدى، يەنە تېخى مۇشۇنداق پىشقان، ئېغىر-بېسىق، ھەم ئېسىل سۈپەت ئەر، قانداقلا قارىسا ئۆزىدىن كۈچلۈكرەك كۆرۈنىدۇ، قانداقمۇ تەمكىن بولالىسۇن؟
- سىزمۇ پات-پات كېلىپ تۇرۇڭ، بىز ئىككى جۈپ بولۇپ، بىللە ھېسسىيات ئالماشتۇرساق بولىدۇ. - دېدى ھېلىقى ئەر. كۆزلىرىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، بەتبەشىرە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.
ئۇنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى ئالدىدا، نادىر قوشۇمىسىنى مىدىرلىتىپمۇ قويماي:
- تولىمۇ ئەپسۇس، مەن سىزدەك مەرد ئەمەس. - دېدى .
يىگىتنىڭ يۈزى قارىداپلا كەتتى، بۇ نېمە دېگىنى، ئۇنى بىر ئايالنىمۇ ئىگىلىيەلمەيدۇ دەپ مەسخىرە قىلىۋاتامدۇ؟
نادىرنىڭ چىراي ئىپادىسى ئۆزگەرمەي:
- كىرىپ نەرسىلىرىڭىزنى يىغىشتۇرۇڭ. - دېدى.
ئۇلارنىڭ يوشۇرۇنچە قاتتىق تۇتۇشۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان مۇنىرە كەينىگە بۇرۇلۇپ پەس ئاۋازدا:
- ئۆي ئىجارىسىنى تېخى ئەمدى تاپشۇردۇم ... - دېدى.
ـ سىز باشقىلارغا ئىجارىگە بەرسىڭىز بولىدۇ. - دېدى نادىر.
مۇنىرە تىت-تىت بولۇپ:
- يا قىشلىق تەتىل ، يازلىق تەتىل بولمىسا، بۇ ئۈچ ئايغا يەتمىگەن قىسقا مۇددەتلىك ئىجارىنى كىم ئالىدۇ. - دېدى.
ـ مەن. - دېدى نادىر.
ـ بولدى قىلىڭ، بۇنى ئىجارىگە ئېلىپ نېمە قىلىسىز؟ - دېدى مۇنىرە
- بۇرۇنقى ياتاقدىشىڭىز بىلەن ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشقا قالدۇرۇپ قويۇڭ. - دېدى نادىر.
ئالىيە مۇنىرەنىڭ بۇ يىگىتىنىڭ كېلىشكەن، ئەمما تىلى زەھەر، چىقىشماق تەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
- پۇلنى ئىسراپ قىلىشقا بولمايدۇ، ئۈچ ئايلىق ئىجارە ھەققى مېنىڭ بىر ئايلىق مائاشىم... - دېدى مۇنىرە.
نادىر مۇنىرەگە بىر قاراپ قويدى، ئۇنىڭ كۆزىلىرىدىكى سوغۇق نۇردىن چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى:
-
مۇنىرە ئەمدى گەپ قىلماي نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆيگە قايتماقچى بولدى.
نادىرنىڭ كىرگۈسى كەلمەي، ئىشىك تۈۋىدە مۇز ئويمىدەك ساقلاپ تۇردى.
ئالىيە ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:
- مۇنىرە ئاچا، سىز راستتىنلا كېتەمسىز، مېھمانخانىنى قالايمىقان قىلىۋەتكەنلىكىمىز ئۈچۈنمۇ؟ ئەمىسە كېلەر قېتىم پاكىز يىغىشتۇرۋېتەيلى بولامدۇ، كەتمەڭ. - دېدى.
مۇنىرەنىڭ يەنە نېمە ئامالى بار، ئۇ جاھىللىقتا نادىرغا يېتەلمەيدۇ.
بۇ نەچچە مىڭ يۈەننى تاشلىۋەتتىم دەپلا تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر بولدى.
چاماداننى ئېچىپ، ئىشكاپقا ئېسىپ قويۇلغان كىيىملىرىنى قاتلاپ، ھەممىسىنى بىر چامادانغا سالدى. ھېلىمۇ ياخشى ئۇ كۆچۈپ چىققاندا ياز بولۇپ قاپتۇ، ھەممىسى يېنىك، نېپىز كىيىملەر، قىش بولغان بولسا كىيىملىرىنىلا يېرىم كۈن تىقىشقا توغرا كېلەتتى.
- مەن ئۆي ئىجارىسىنى ئەمدىلا تاپشۇرغان، ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ يېڭى ياتاقداش تېپىۋېلىڭ. بىراق، ئەگەر ئوغۇل دوستىڭىزمۇ ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىدىغان ئىش بولسا، يەنىلا ئىككىڭلار تەڭ ئىجارە ئېلىڭلار. - دېدى مۇنىرە.
ئالىيە ئاغزىنى ئۇچلاپ:
- مەنمۇ بۇ ئىشنى تىلغا ئالغان، لېكىن ئۇنىڭ رەت قىلىشقا ھەر خىل باھانىسى بار ... - دېدى .
مۇنىرە يوشۇرۇنچە ئالىيىپ قويۇپ، قىز دوستى بىلەن بىللە تۇرسا، سىرتقا چىقىشى ئەپسىز بولىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالدى.
- گەرچە بۇ گەپنى مېنىڭ دېيىشىم مۇۋاپىق بولمىسىمۇ، لېكىن مېنىڭچە سىز ناھايىتى ياخشى قىز، ئوغۇل دوستىڭىز ياخشى بالا ئەمەسكەن. - دېدى مۇنىرە. ھامىنى كېتىدىغان بولغاندىكىن، تىللاپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ ئارتۇق ئىشقا ئارىلىشىپ ئويلىغانلىرىنى دەپ قويدى.
مۇنىرەنىڭ ئالىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ۋە ئاسراشنى بىلمەيدىغان تەرىپىدىن باشقا، ئۇنىڭغا بولغان باشقا تەسىرى يامان ئەمەس. ئاغزى تاتلىق، تاۋىنازۇكلۇق قىلمايدۇ، مەيلى قانداق ۋاقىتتا مەيدىسىنى تىك تۇتۇپ، كۈلۈپلا تۇرىدۇ، قارىغان ئادەمگە ناھايىتى روھلۇق ، جانلىق تەسىر بېرىدۇ.
ئەگەر مۇمكىن بولسا مۇنىرە يەنىلا ئۇنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغان ئوغۇل بالىنى تېپىپ، ياخشى ئۆتۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلاتتى.
- ئۇ بەزىدە ياخشى ئەمەس، بەزىدە ياخشى، مۇنىرە ئاچا سىز ئۇنى چۈشەنمەيسىز... - دېدى ئالىيە دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ قوغداپ. ئۆزى مۇنداق قىلىپ تۇرسا، مۇنىرە يەنە ئارتۇق ئىشقا ئارىلىۋالسا قالماشمايتتى، شۇڭا ئارتۇق گەپ قىلمىدى.
نەرسە - كېرەكلىرى كۆپ بولمىغاچقا ئىككى چامادانغا پېتىپ كەتتى، ساپاقلىق كەمپۈتنىمۇ چامادانغا سالدى، پەقەت كاكتۇس گۈلىلا قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى چاماداننى ئارقىمۇ ئارقا قويۇپ، بىر قولىدا ئىككى چامانداننى ئىتتىرىپ، بىر قولىدا كاكتۇسنى ئېلىپ سىرتقا ماڭدى. ئەسلىدە ئالىيە ياردەم قىلماقچى بولغان، بىراق ئۆزى قىلالايدىغان ئىش بولغانلىقتىن رەت قىلدى.
نادىر بىلەن ھېلىقى ئەر ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى.
مۇنىرە ئۇ ئىككىسىگە قاراپ قويۇپ، ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇپ، بىردىنلا نادىرنىڭ تاغاشلارغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى، گەرچە چىرايى قېرىمىغان بولسىمۇ، ئەمما مىجەزى چۇس بولغاچقا، چوڭ سۈپەت كۆرۈنۈپ كەتتى.
ئۇنىڭ چىققانلىقىنى كۆرگەن نادىرنىڭ كۆزى ئۇنىڭ قولىدىكى كاكتۇسقا چۈشتى، ئاندىن چامادانىنى ئالدى.
يېنىدىكى ئەر بىر قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ، سول پۇتىنى سىلكىپ:
- ئىككىڭلارغا خەير - خۇش، - دېدى.
ئالىيەمۇ قول پۇلاڭلىتىپ:
- خوش. - دېدى.
نادىر كەينىگە بۇرۇلدى، مۇنىرە دەرھال ئىككى چوڭ قەدەم تاشلاپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى، ئىككىسى ناھايىتى تېزلا لېفىتقا چىقتى، نادىر نومۇر كۇنۇپكىسىنى باستى.
مۇنىرە كۆڭلىدىكى گەپنى قىلىپ:
- نادىر ئەپەندى، ئەگەر كۆز ئەتراپىڭىزدا قورۇق بولسا، چوقۇم تېخىمۇ كېلىشكەن بولۇپ كېتىدىكەنسىز. ـ دېدى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۆزىنىڭ ئىنچىكە سىزىقچىلىرى كۆپىيىپ سېھرى كۈچى بار ئوتتۇرا ياشلىق ئادەمگە ئايلىنىدۇ. ئۇ چاغدا سالاپەتلىك تەرقى - تۇرقى، چوڭقۇر ھەم سۈزۈك كۆزلىرى بىلەن شۇ يەردە تۇرسىلا، مىليونلىغان قىزلارنىڭ سۆلەتلىك تاغىسىغا ئايلىنىدۇ.
- ئەگەر بىر نەچچە يىلدىن كېيىن يەنە مۇشۇنداق ئويلىسىڭىز، شۇ چاغدا خۇشال بولىمەن. - دېدى نادىر. ئۇنىڭ بۇنداق ماختىشىدىن، نادىردا يەنىلا داۋالغۇش بولماي، ئەپلەپ-سەپلەپ جاۋاب بەردى.
مۇنىرە ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنىڭ چىرايىنى تەپسىلىي كۆزىتىشكە باشلىدى.
تېرىسى سىلىق، سۈزۈك، سەپكۈنمۇ يوق، تېرە ھالىتى ناھايىتى ياخشى، مۆلچەرىچە، مۇشۇ يۈزى بىلەن يەنە ئون يىلنى مۇشۇنداق ئۆتكۈزەلەيدىغاندەك قىلاتتى.
ئىختىيارسىز ئۆزىنىڭ يۈزىنى سىلاپ، ئۇنىڭدىن بەش ياش پەرقلىنىدىغانلىقىدىن خۇش بولدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar