كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم 第10部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
99-قىسىم
99-قىسىم
مۇلايىم بولۇش
ئىككىنچى كۈنى يان تېلېفوندىن تەڭشەپ قويۇلغان قوڭغۇراق ئاۋازى ئاڭلاندى، دىلنارنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ، ئۆرۈلۈپ يان تېلېفوننى تاپماقچى بولدى، شۇنداقلا ئۆرۈلۈشىگە بەدىنىنى تۇيۇقسىز توڭلىغاندەك ھېس قىلدى.
پۈتۈن بەدىنى خۇددى ئېغىر نەرسە تەرىپىدىن بېسىلغاندەك ئاغرىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يان تەرىپىدە يەنىلا كۈچلۈك تېگىش سېزىمى بولغاچقا، نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن تۇيۇقسىز كۆزىنى ئاچتى.
قۇلاق تۈۋىگە قىزىق نەپەس ئۇرۇلدى.
بېشىنى يانغا بۇراپ قارىدى، ئەنسەرنىڭ يۈزى ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويۇلغانىدى، بەلكىم تېلېفون ئاۋازدىن بىزار بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇزۇن قاشلىرىنى تۈرۈپ، ئاستا كۆزىنى ئاچتى.
كۆزىنى ئېچىپلا دىلنارنىڭ چىرايلىق، سۈزۈك يۈزىنى، يېيىلغان ئۇزۇن چاچلىرىنى، بىر نەچچە تال چېچىنىڭ يۈزىگە چاپلىشىپ قالغانلىقى شۇنچىلىك تەبىئىي كۆرۈنۈپ كەتتى.
كۆزلىرىنى قايتىدىن يېنىك يۇمۇپ، كۈلۈمسىرەپ، بېلىگە قويغان قولى بىلەن سەل-پەل كۈچەپ تارتىپ كېلىپ، بېشىنى سۈركەپ، چىڭ چاپلىشىۋېلىپ:
- چۈش كۆرىۋاتامدىم؟ - دېدى .
دىلنار قاپىقىنى تۈرۈپ، جىمجىت ھالدا ھازىرقى ئەمەلىيەتنى قوبۇل قىلىشقا تىرىشىۋاتاتتى.
تۈنۈگۈن كەچتە يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلار، شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسىدا ئاستا-ئاستا پەيدا بولدى.
ھەممە ئىشنىڭ مۇقىملىشىپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، كۆزىنى يۇمۇپ، قولىنى كۆتۈرۈپ، قوشۇمىسىنى مۇجۇپ، تۈنۈگۈن كەچتە مەست بولۇپ قالغان ئادەمنى ئۆزىدەك ھېس قىلدى!
ئۇنىڭ يېنىدىكى ئەنسەرمۇ بەلكىم ئەمەلىيەتكە قايتىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، بېلىگە قويۇلغان قولىنى سەل كۈچەيتىپ، خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ:
- دىلنار. - دېدى.
بۇ گەپ بىلەن پۈتۈنلەي سەگەكلەشكەندەك بولدى.
دىلنار چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋېلىپ:
- نېرى تۇرۇڭ. - دېدى.
ئەنسەر ئۇنى قويۇۋەتمەي:
- تۈنۈگۈن ئاخشام مەست بولۇپ قالمىدىم. - دېدى.
دىلنارنىڭ چىرايى بىر ئاز سوۋۇپ:
- ئۇنداقتا تۈنۈگۈن كەچتە قەستەن قىلدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- شۇنداق، قەستەن قىلدىم، - دېدى.
دىلنارنىڭ ئاچچىقى كېلىپ، كۆكرىكى كۆتۈرۈلۈپ:
- ھەقىقەتەن قابىلىيەتلىك ئىكەنسىز، لۈكچەكلىك قىلىش ئۈچۈن ئىچىۋېلىپ جاسارىتىڭىزنى كۆتۈرمەكچى بوپسىز، - دېدى.
ئەنسەر يېرىم كۆتۈرۈلۈپ:
- ئۇ ياخشى نەرسە. - دېدى.
بۇنداق سەگەك ھالىتىدە ئېگىزدە تۇرۇپ، يېقىن ئارىلىقتىن قاراش پۇرسىتى ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدۇ.
كۆزلىرى دىلنارنىڭ يۈزىنى ئەگىپ ئۆتۈپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئىككى مەڭزىگە، ئوقىرەك سۆڭىكىگە سۆيۈپ، بېشىنى بوينىغا قويۇۋېلىپ؛
-سىز مىنىڭ. مەڭگۈ مىنىڭ بولىشىڭىز كېرەك.-دېدى.
ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى بىلمىدى.
ئەنسەر ۋاقىتقا قاراپ قويۇپ، يوتقاننى تۈزەشتۈرۈپ قويۇپ، بۇرۇلۇپ ياتاق ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
يۇيۇنۇپ ناشتىلىق تەييار قىلدى، لېكىن دىلنار تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى، ئەنسەرنىڭمۇ ئۇنى ئويغىتىشقا كۆزى قىيمىدى.
ئۇ ئاددىيلا تاماق يەپ، سەبىرەگە تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ نەدىلىكىنى سورىدى.
- ئۆيدە. - دېدى سەبىرە بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، - مەستلىكىڭىز يېشىلدىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئەنسەر گەپ قىلمىدى، بۇنداق سوئالغا جاۋاب بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق.
سەبىرەمۇ ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلەتتى، بەزى جەھەتلەردە دىلنار بىلەن ئوخشايتتى.
- دىلنار ئاچام بۈگۈنمۇ مەكتەپكە كەلمىدى. - دېدى سەبىرە سەل تۇرۇپ قېلىپ، - ھە، ئۇ ئاخشام قاۋاقخانىغا سىزنى ئالغىلى باردىمۇ؟ ئۆيگە ئاپىرىپ قويدىمۇ؟ يولدا بىرەر ئىش چىقىپ قالمىغاندۇ، مۇرات بۈگۈن ئەتىگەندىلا ھەممە يەردىن ئۇنى ئىزدەپ يۈردى... - دېدى.
- ئۇ مېنىڭ يېنىمدا، ئەنسىرىمەڭ. - دېدى ئەنسەر.
سەبىرە خېلى ئۇزاققىچە جىمىپ قېلىپ:
- ھە، ھېچ ئىش بولمىغان بولسا ياخشى بوپتۇ، سىلەر ... چۈشتىن كېيىن مەكتەپكە بارامسىلەر؟ - دەپ سورىدى.
- بارمايمىز... - دېدى ئەنسەر.
- ھە، شۇنداقمۇ، - دېدى سەبىرە.
تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، سەبىرە يېنىدىكى مۇراتقا قاراپ، لېۋىنى پۈرۈشتۈرۈپ:
- ئاڭلىدىڭىزمۇ، ئۇلار ھازىر بىللە ئىكەن، - دېدى.
مۇرات ئېڭىكىنى سىلىدى، چىراي ئىپادىسىدىن گۇمان قىلىۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.
- ئۇنداقتا ئۇلار تۈنۈگۈن كەچتە نېمە ئىش قىلدى؟ دىلنار ئەزەلدىن كېچىسى ئۆيگە قايتمايدىغان ئىشنى قىلىپ باقمىغان، تۇنجى قېتىمدا ئۆزىنى زىيانغا ئۇچراتمىغاندۇ؟ - دېدى مۇرات.
سەبىرە لەۋلىرىنى چىڭ يۇمۇپ، تېلېفوننى يىغىشتۇرۇپ:
- باشقىلارنىڭ ئىشىغا بەك كۆپ كاللا قاتۇرۇپ كەتمىسىڭىز قانداق؟ - دېدى.
مۇرات ئۇنىڭغا مۇنداقلا قاراپ، كۆزلىرىنىڭ پىرقىراپ، بىردەمدىلا تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ:
- سىزنىڭ ئەنسەر بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭىز بار؟ - دەپ سورىدى.
سەبىرە بىر ھازا ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قېلىپ:
- كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، - دېدى.
- ئەمىسە چوڭ مۇناسىۋىتىڭلارمۇ يوقكەن، - دېدى مۇرات ئۇنىڭ گېپىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، - مېنىڭچە، ئەنسەرنىڭ خېلى بۇرۇنلا دىلنارغا باشقىچە نىيىتى بار ئىدى، ئەگەر تۈنۈگۈن كەچتە ئۇ دىلنارغا ھايۋانلارچە ئىش قىلىپ قويغان بولسا ... ئۆزىڭىزگە ئازراق دىققەت قىلىپ قويۇڭ، ئەرلەر مۇھەببەتلەشكەندە ئاسانلىقچە قائىدە ئۇقمايدۇ. - دېدى.
مۇرات گەپنى سىپايىلىك بىلەن قىلدى، لېكىن سەبىرەمۇ ئېنىق چۈشەندى.
ئىلگىرى ئىككىسى باشقىلارغا مۇھەببەتلىشىۋاتقاندەك تەسىر بەرگەن، دىلنار ئېنىقلا بۇ مۇناسىۋەتكە ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ باقمىغان.
ئەگەر ئۇلار تۈنۈگۈن كەچتە بۇ ئىشلارنى ئېنىق ئايرىپ، مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرسا، دىلنارنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئويلىدى.
- ئەگەر ئۇلار راستتىنلا ئەپلىشىپ قېلىپ مۇھەببەتلىشىپ قالغان بولسا، مەن ئەلۋەتتە خۇش بولىمەن، شۇنداقلا ئۇلارغا پوزىتسىيەمنى ئېنىق بىلدۈرىمەن. - دېدى سەبىرە.
مۇرات ئۇنىڭغا بىر ھازا تىكىلىپ قاراپ:
- ئىشقىلىپ دىققەت قىلىڭ، ئەنسەرنى بەك تەڭقىسلىقتا قويماڭ. - دېدى.
سەبىرەنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى.
مۇرات نېمىلا دېگەن بىلەن چوپچوڭ ئەر كىشى تۇرسا، يۆلەنچۈكى يوق ئاجىز قىز بالىغا ئارتۇق گەپ قىلىپ كەتمەيدۇ.
دىلنار چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن ئاشقۇچە ئۇخلىدى، قورسىقى ئېچىپ ئويغىنىپ كەتتى.
دىلنار سىرتقا چىققاندا، ئەنسەر تاماق ئۈستىلىنىڭ يېنىدا تەخسە تىزىۋاتقان ئىدى.
دىلنار ئەينى يىللىرى ياراتمىغىنى بىلەن، يېقىندىن ياقى ئەنسەرنىڭ ئاشپەزلىك ھۈنىرى خېلى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ قالدى.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەنسەر ھەممىنى قىلالايدىغان مۇكەممەل ئەرلەر تىپىغا كىرىدۇ.
سىرتتا كەسىپ ئىچىدە ئالدى بولۇپ ماڭسا، ئۆيگە كەلسە ئۇستا ئاشپەز بولالايدۇ، ھەتتا كەشتە يىڭنىسىنى ئېلىپ، كىيىم تىكىدىغان ھۈنىرى بار يوقلۇقىغا بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ، بىراق ئۇ قىلىشنى ئويلىسىلا مەسىلە چىقماسلىقى مۇمكىن.
دىلنار كېلىپ ئولتۇرغان چاغدا، ئەنسەر يۇمشاق كۆرپە تېپىپ ئورۇندۇققا قويۇپ بەردى.
دىلنار بىردەم تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن، كۆزلىرى يوغان ئېچىپ قارىدى.
- بۇنداق بولسا راھەترەك بولىدۇ، - دېدى ئەنسەر.
دىلنار سوغۇق قاپاقلىرىنى ئۇچۇرۇپ ئولتۇردى.
ئۈستەل ئۈستىدىكىنىڭ ھەممىسى دىلنار بىر قەدەر ياخشى كۆرىدىغان قورۇمىلار ئىدى، دىلنار چوكىنى قولىغا ئالدى، ئەنسەر ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇردى.
دىلنار سەل جىددىيلىشىپ، ئۇياق - بۇياققا قاراپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، ئوڭايسزلىقنى بىر نەرسە يېيىش بىلەن يوشۇرماقچى بولدى.
ناشتا قىلمىغاچقا دىلنار بۇ ۋاق تاماقنى كۆپ يېدى، كېيىن ساپادا يېتىپ ئېرىنچەكلىك بىلەن تېلېۋىزور كۆردى.
ئەنسەر ئۈستەلنى يىغىشتۇرۇپ، قولىغا مېۋە تەخسىسىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:
- كارىۋاتقا قايتىپ داۋاملىق يېتىۋالامسىز؟ - دېدى.
دىلنار ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ:
- مەن كاللىمۇ، يەپلا ياتىدىغان؟ - دېدى.
ئەنسەر ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، تېلېۋىزوردىكى ئېلانغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، مېۋە تەخسىسىنى چاي ئۈستىلىگە قويدى.
ئىككىيلەن بىر ھازاغىچە گەپ قىلىشمىدى، ئېلاننىڭ نۆۋەت بىلەن ئالمىشىۋاتقان ئاۋازىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
كەيپىياتنى سەۋەبسىزلا بۇرۇقتۇرمچىلىق قاپلىدى.
دىلنار خېلى ئۇزاققىچە جىمىپ قېلىپ، تۇيۇقسىز سافادىن تۇرۇپ كەتتى.
ئۇ تېلېۋىزور ئېكرانىغا خېلى ئۇزاققىچە تىكىلىپ قاراپ:
- ئەنسەر ... - دېدى.
ئەنسەرنىڭ كۆزلىرى سەل-پەل مىدىرلاپ، بىر پارچە مېۋىنى سانجىپ ئېلىپ، دىلنارنىڭ ئالدىغا سۇندى.
دىلنارنىڭ چىرايىنى پۈرۈشتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، تەمكىنلىك بىلەن:
- ئاڭلىغۇم يوق گەپلەرنى قىلماڭ، دىلنار، تۈنۈگۈن كەچتە دېگەنلىرىم ناھايىتى چۈشىنىشلىك بولدى. - دېدى.
- ئەنسەر، مېنىڭچە كاللىڭىزدا مەسىلە باركەن. - دېدى دىلنار.
ئەنسەر كۈلۈپ قويدى، ئۇ دىلنارنىڭ تۇيۇقسىز قىلغان بۇنداق گەپلىرىگە كۆنۈپ قالغانىدى.
- نېمە ئىش بولدى؟ - دېدى ئەنسەر .
- مەنمۇ ياخشى ئادەم ئەمەس، باشقىلار ياقتۇرمايدىغان ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەندە بار، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە، بەلكىم ئۈچ خىل قارىشىممۇ توغرا بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن سىز ساراڭ بولۇۋېلىپ، چاپلىشىۋالسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ - دېدى دىلنار.
- شۇڭا خۇش بولۇشىڭىز كېرەك، شۇنداق ئەسكى بولسىڭىزمۇ، سىزگە يېقىنلىشىشنى خالايمەن، - دېدى ئەنسەر.
دىلنار مەسخىرىلىك كۈلۈپ قويۇپ:
- ھەددىڭىزدىن ئاشماڭ. - دېدى.
دىلنارنىڭ بۇ ئىشقا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۇنداق قاتتىق ئەمەسلىكىنى ئاڭلاپ، ئەنسەر يانچە بۇرۇلۇپ، ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىۋالدى.
دىلنارنىڭ ئاچچىقى كېلىپ، ئىككى قولى بىلەن ئۇنىڭ بىلىكىنى كۈچەپ چىمداپ:
- نېمە ساراڭلىق قىلىسىز؟ - دېدى.
ئەنسەر كۈلۈپلا قويۇپ، گېپىگە رەددىيە بەرمەي:
- گۈرۈچ پىشىپمۇ بولدى، مېنى رەسمىيلەشتۈرۈشنى ئويلىشىپ باقامسىز؟ - دېدى.
- يەنە ھەددىڭىزدىن ئېشىۋاتامسىز؟ - دېدى دىلنار.
ئەنسەرنىڭ
كۈلۈمسىرىگەن كۆزلىرى بىردىنلا چوڭقۇرلاشتى.
ئالدىغا ئېڭىشىپ، مۈرىسىگە سۆيۈپ، يۈزىنى بوينىغا قويۇپ
- ئۇنداقتا سىز دەرھال ماڭا توغرا جاۋابىنى بېرىڭ، مېنى ئوغۇل دوستۇم دەپ ئېتىراپ قىلىڭ، - دېدى.
دىلنار ئۇنىڭ بېشىنى ئىتتىرىپ:
- يوقۇلۇڭ! - دېدى.
- دېمىسىڭىز مەن سىزنى قوشۇلدى دەپ بىلىمەن. ئىشقىلىپ سىزمۇ پەقەت قوشۇلىمەن دېيەلەيسىز ، - دېدى ئەنسەر.
بۇ مۇتتەھەمنىڭ كاساپىتىدىن دىلنارنىڭ بېشى قېيىپ:
- نومۇسسىز. - دېدى.
ئەنسەر يېنىك كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ھىم ... يەنە قوشۇلمىسىڭىز تېخىمۇ نومۇسسىزلىق قىلىمەن، - دېدى.
دىلنار رەسمىي ئىپادە بىلدۈرمىدى، لېكىن يەنىلا ئەنسەرنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
مەمەت تاغا دىلنارنىڭ ئەنسەر بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ھەم خۇش بولدى ھەم سەل قايغۇردى.
كىچىك ۋاقتىدا ئەنسەرنىڭ دىلنارغا قىلغانلىرىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ غەم قىلغىنى ئەمەس، ئۆز ۋاقتىدا ئىككىلىسى كىچىك، ئون نەچچە ياش ۋاقتىدا قىلغان ئىشلىرىغا قاراپ، ھازىرقى ئەنسەرنى ئىنكار قىلىۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوق .
ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنچە يىللاردىن بېرى ئەنسەرنىڭ دىلنارغا ھەقىقەتەن يامان ئەمەس مۇئامىلە قىلغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ، ھەم ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگۈدەك ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلىدۇ.
ئۇنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى دىلنارنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى، يىراقتىكى ئاپىسىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىشىغا قوشۇلىدىغان - قوشۇلمايدىغانلىقى ئىدى.
بۇنداق چوڭ ئىشقا ئۇ ئىگە بولالمايدۇ.
ئەمما، دىلنارمۇ ئەمدى كىچىك ئەمەس. بۇ دىلنارنىڭ تاللىشى .
دىلنار ئۆز كۆڭلىدە ئىككى ئادەمنىڭ ھەقىقىي قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ھېس قىلغانلىقىدىن باشقا، ئەمەلىيەتتە ئۈچ يىل ساقلاپ كەلگەن < ئاشىق-مەشۇقلۇق چىقىشىپ ئۆتۈش ئەندىزىسى> بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق دەپ ئويلىغان ئىدى.
بىراق، رېئاللىق ئۇنىڭغا ئىشلارنىڭ بۇنداق ئاددىي ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇردى.
ئەنسەرنىڭ سالاھىيىتى ئۆزگەرگەندىن كېيىن، باشقىچىلا ئادەم بولۇپ قالدى، ئۇنىڭغا چاپلىشىۋېلىپ، گاڭگىرىتىپلا قويدى.
كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قولىنى ، مۈرىسىنى، بېلىنى تۇتۇپ ماڭسىمۇ يۈزى قىزارمايدىغان، يۈرىكى ئەنسىز سوقمايدىغان ئازراقمۇ نومۇس قىلمايدىغان بولۇپ قالدى.
ھەتتا پۇرسەت چىقىپ، ئىككى ئادەم يالغۇز قالسىلا، ياۋاش بولىدىغان ۋاقتى يوق.
دىلنار چىداپ تۇرالماي، قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئوڭ قۇلىقىدىن كىرىپ سول قۇلىقىدىن چىقىپ كېتىدىغان بولۇۋالدى.
دىلنار گەپ قىلسىمۇ ئەنسەر ئاڭلىمىدى، قارشىلىق كۆرسەتسىمۇ ئۈنۈمى بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتتى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar