كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
102-قىسىم
102-قىسىم
قاملاشمىغان مەسلىھەت
بەلكىم ئىشلار پۈتۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
ئۇ كېتىشى بىلەنلا، نادىرنىڭ دادىسى تەنە قىلىپ:
ـ ئادەم ئىشىك ئالدىغا ئىزدەپ كەلدى، يارىماس ھالىتىڭىزگە قاراڭ. - دېدى.
مۇنىرە چۆچۈپ كېتىپ:
ـ بىر كۆرۈپلا بىلىپ قالدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
ـ سىز كۆزى ئۇچۇق قارىغۇ بولغىنىڭىز بىلەن، مەن ئۇنداق ئەمەس، - دېدى نادىرنىڭ دادىسى.
مۇنىرە تىلىنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان < تىلى زەھەر، نادىر ئەپەندىدىنمۇ قالتىسكەن> دېگەن گەپنى يەنە ئىچىگە يۇتۇۋەتتى.
نادىرنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويۇپ:
ـ نەچچە كۈندىن بۇيان شۇنچە قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىڭىز ئۈچۈن، سىزگە بىر ئېغىز سۆز سوۋغا قىلاي، - دېدى .
مۇنىرەنىڭ كۆزلىرى چاقناپ:
ـ دەڭە! - دېدى.
نادىرنىڭ دادىسى قولىنى كۆتۈرۈپ، غۇنچەمنىڭ ئاستا-ئاستا يوقاپ كېتىۋاتقان كۆلەڭگىسىگە قاراپ كۆزلىرىنى سەل-پەل يۇمۇپ:
ـ دۈشمەن يەتمەكچى بولغان مەقسەتكە سىزمۇ تېخى يېتەلمىدىڭىز، دۈشمەننى يوقاتماقچى بولسىڭىز، سىز ئاۋۋال شۇ مەقسەتكە يەتسىڭىزلا، ئۇنىڭغا ماڭىدىغان يولى قالمايدۇ، بىھۇدە ئاۋارە بولغىنى قالىدۇ، - دېدى.
ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئېيتقاندا، غۇنچەم ۋاز كەچمىدى، چۈنكى سىز تېخى ئۇنىڭ يولنى ئۈزۈپ قويالمىدىڭىز؟
چۈنكى غۇنچەممۇ يەنىلا ئۇنىڭ مەنزىلگە بارىدىغان يولىدا تەڭ كېتىۋاتىدۇ.
مۇنىرە بىر ئاز ئويلىنىپ، ئېڭىكىنى سىلاپ قويدى.
نادىرنىڭ دادىسى قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، كۆڭلىدە بېشىنى لىڭشىتىپ <ئاگاھ بولۇش ئېڭى يامان ئەمەسكەن> دېدى.
ـ بىراق مېنىڭچە تاغا، بۇ ئىشتا سىز بىر ئېغىز گەپ قىلسىڭىزلا ئۇنى يول تاپالماس قىلىپ قويالايسىز. - دېدى مۇنىرە ئۇنىڭغا ئەستايىدىل ھەم ساددىلىق بىلەن قاراپ. غۇنچەم كىچىكىدىن ئەركە چوڭ بولغان قىز، ئەڭ چىدىيالمايدىغىنى باشقىلارنىڭ ياقتۇرماسلىقى.
ئۇنداقتا ئۇ ھېچ ئىش قىلمىسىمۇ غەلىبە قىلىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ...
نادىرنىڭ دادىسىنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق ھالەتتە ئۈمىدسىزلىنىپ:
ـ ھالىڭىز مۇشۇنچىلىكمىتى، - دېدى.
دۈشمەننى يوقىتىش ئۈچۈن، سىز ئاۋۋال شۇ مەقسەتكە يەتسىڭىزلا، ئۇنىڭغا ماڭغۇدەك يول قالمايدۇ، بىھۇدە ئاۋارە بولغىنى قالىدۇ.
-- ھەي...
مۇنىرە قەلىمىنى قەغەزگە كۈچەپ <نىشان> دېگەن خەتنى نەچچە قېتىم يازدى، بۇنى قانداق ئاۋۋال ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ!
بېشىنى كۆتۈرۈشىگىلا، مەرتىۋىسى بارغانسېرى يۇقىرىلاپ كېتىۋاتقان غۇنچەم ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى، مۇنىرەمۇ كۈلۈپ، قەلىمى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى.
ئەزەلدىن بۇنداق يۈزى قېلىن قىزچاقنى كۆرۈپ باقمىغانىدى.
ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئاينۇر سومكىسىنى يىغىشتۇرۇپ، مۇنىرەنى ئورنىدىن تارتىپ تۇرغۇزۇپ:
ـ ئىشتىن چۈشكەندىن ئاران دېگەندە بوش ۋاقتىڭىز چىقتى، مىنۇت-سېكۇنتنى ئىسراپ قىلماڭ. - دېدى.
نادىر ئۈچ كۈن كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، مۇنىرە ئۆيدە قالغان بالىغا ئايلىنىپ، ئاخىرى سۆيۈملۈك خىزمەتداشلىرى بىلەن ھېسسىيات باغلايدىغان بولدى.
ئۇ ئاينۇر بىلەن ساماۋار شورپىسى يېيىشكە كېلىشىپ قويغان، ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇپ كەتتى، بىر ۋاخ ئىسسىق تاماق يېسە، كۆڭۈلگە تازا ياقاتتى.
مۇنىرە قازانغا سەي كۆكتاتلاردىن سېلىپ:
ـ بۇ بىزنىڭ كىچىك گۇرۇپپاتەشكىللەپ باشقىلارنى چەتكە قاققانلىقىمىز ئەمەسمۇ؟ - دېدى.
ئاينۇر ئېسىل سۈپەت كۆزىنى ئالايتىپ قويۇپ:
ـ سىزنىڭچە باشقىلارنى 28 يۈەنلىك بىر تەخسە سېمىز كالا گۆشى قورۇمىسىنى يېيىشكە خۇشتار دەپ قارامسىز؟ - دېدى.
- مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن. ـ مۇنىرە شۇنداق دېگىنىچە، قولىنى ئىتتىك قىلىپ پىشقان كۆكتاتلاردىن قىسىپ ئېلىپ، ياندىكى پىلتا قۇيماق بىلەن يېگەچ، ـ يېگىڭىز كەلسە ئۆزىڭىز سېلىپ قويۇڭ، تالىشىپ قالمايمىز، - دېدى.
- قاراڭ سىزنىڭ پىخسىقلىقىڭىزنى! - دېدى ئاينۇر ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ، پىلتا قۇيماقنى ئىچىگە سېلىپ، قايناپ تۇرغان يەرگە باستى.
- ئۇنىڭ ئىشى ھەل بولدىمۇ؟ بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان قارىسام بۇرۇنقىغا ئوخشىماي قالدى . يېڭى كەلگەندە يەنە ئازراق ساددا تەرىپى بار ئىدى، ھازىرچۇ؟ قالمىدى ... - دېدى ئاينۇر.
مۇنىرە چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ:
ـ مەنمۇ جىلە بولدۇم. نادىرنىڭ دادىسىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ تۈنۈگۈن بىر سېۋەت تىرىك قىسقۇچپاقا تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئەۋەتكەن ئادەمنىڭ ئىسمى يوقكەن، چوقۇم ئۇنىڭ قىلغان ئىشى، - دېدى.
ـ ھە؟ ئىسمى يېزىلمىغان بولسا، قانداق قايتۇرالايدۇ؟ - دېدى ئاينۇر.
بۇ گەپنى دەپ مۇنىرە ئاچچىقىدا يىغلاپ كەتكىلى ئاز قالدى:
ـ نېمىنى ياندۇرىدۇ، شۇ كۈنى كەچتىلا پىشۇرۋېتىپتۇ، يەنە تېخى تەمى باشقىچە ياخشى دەپ كەتتى... - دېدى.
ئاينۇر ھېسداشلىق قىلىپ:
ـ سىزمۇ قىسقۇچپاق ئېلىپ سوۋغا قىلالمايسىز، شۇنداقمۇ؟ - دېدى.
ـ ئىككى، ئۈچ تالغا كۈچۈم يېتىشى مۇمكىن، - دېدى.
ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ، ئىككىيلەن بىر-بىرىگە قارىشىپ، ئېغىر ئۇھ تارتتى.
- بىراق سىزنىڭمۇ ئارتۇقچىلىقىڭىز بار. - دېدى ئاينۇر تەھلىل قىلىپ، ـ ھېچ بولمىغاندا نادىرنىڭ ئاتا-ئانىسى سىز تەرەپتە تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ سىزنىڭ خېلى ئىقتىدارىڭىز بار ئىكەن، بىللە بولغىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى، ئويلىمىغان يەردىن ئاتا-ئانىسىمۇ بىر تەرەپ قىلىپ بوپسىز... - دېدى.
مۇنىرە قولىنى سوزۇپ تۇرۇپ:
ـ ياق، بولدى قىلىڭ ... بىر تەرەپ قىلىپ بوپسىز دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەڭ، مەن بىر تەرەپ قىلىندىم بولامدۇ؟ نادىرنىڭ ئاپىسىنى دېمەي تۇرايلى، مېنىڭچە نادىر ئەپەندى بىرەر ھەمراھ تاپسىلا كىملا بولسۇن ئوخشاشلا قىزغىن بولىدۇ، ئەڭ قورقۇنچلۇقى دادىسى. ئالدىنقى بىر مەزگىلدە ئۇ مېنى كۆرگىلى كەلمىدىمۇ، يۈرىكىم ھازىرغىچە جايىغا چۈشمىدى، - دېدى .
ئاينۇر دىمىقىنى قېقىپ قويۇپ:
ـ بىراق، مېنىڭچە بەك ياخشى پاراڭلىشىپسىلەر، نادىرنىڭ دادىسىمۇ سىزنى قوبۇل قىلغاندەك قىلىدۇ. - دېدى.
- ئۇغۇ شۇ... - دېدى مۇنىرە مەڭزىنى تۇتۇپ، بىر پارچە يۇمشاق دۇفۇنى ئېلىپ يەپ، ـ لېكىن مەن نادىر ئەپەندىنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك ھەسەل ھەرىسىنىمۇ يوقىتالمىدىم، تازىمۇبىر، - دېدى.
- ھە، ئالدىرىماڭ، ئۇ ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ بىر ئاۋارىچىلىك. - دېدى ئاينۇر.
مۇنىرە بېشىنى لىڭشىتتى، ئىش بۇ يەرگە كەلگەندە، كاللىسىدىن ئۆتكۈزمەكتىن باشقا ئامال قالمىدى.
ئاينۇر ماشىنىسىنى رېمونت قىلىشقا ئاپىرىپ قويغانىدى، كەلگۈچە مۇنىرە بىلەن بىللە كەلگەن، بىراق ئىككىسىنىڭ ئۆيى قارمۇ-قارشى يۆنىلىشتە بولغاچقا، مۇنىرەنىڭ ئاپىرىپ قوياي دېگىنىگە ئۇنىماي، يولدىشىنى چاقىردى.
مۇنىرە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ يول ئېغىزىدا ساقلىغاچ داۋاملىق پاراڭلاشتى، تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىدىن ئۆيدىكى ، تۆشۈكتىكى بالىغىچە، ھەتتا نامرات تاغلىق رايوندىكى بالىلارنىڭ تۇرمۇش، ئوقۇشىغىچە كۆپ خىل تېمىدا پاراڭلاشتى.
- ھېلىقى...
بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ ئىككىيلەن تەڭلا بېشىنى بۇرىدى، چىرايى كېلىشكەن، كۆزئەينەك تاقىۋالغان بىر ئەر ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئاينۇرنىڭ ئالدىغا كەلدى.
ئاينۇر قېشىنى ئېتىپ:
ـ ياردەم كېرەكمۇ؟ - دېدى.
ئەرنىڭ چىرايى سەل قىزارغان بولۇپ، قارىماققا بىر ئاز تارتىنچاق ھەم ئوماق كۆرۈنەتتى.
ـ ماڭا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز بولامدۇ؟ - دېدى ئەر.
مۇنىرە ئىچىدە چاۋاك چېلىپ، ئاينۇر ئاچام بولۇشقا مۇناسىپ، جەزبىدارلىقى ۋە يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئېشىۋاتىدۇ دەپ ئويلىدى.
ئاينۇر 30 نەچچە ياشقا كىرگەن، گەرچە ئىككى بالىنىڭ ئاپىسى بولسىمۇ، لېكىن بەدەن شەكلى يەنىلا ناھايىتى جەلپكار، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىيىنىشىدە ئالاھىدە لاتاپەت بار، مودا، ماركىلىق كىيىىملەرنى كىيىپ، خالىغانچە سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرسە، بىر نەچچە تېلېفون نومۇرىنى تېپىپ قايتىپ كېلىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۇ ناھايىتى پىششىق:
ـ گەرچە سىز مەن ياقتۇرىدىغان تىپتىن بولسىڭىزمۇ، لېكىن ... - دەپ توختاپ قېلىپ، كۈلۈمسىرەپ، سول قولىنى كۆتۈرۈپ، يول چىرىغى ئاستىدىكى پارقىراق ئۈزۈكنى كۆرسىتىپ، ـ مەن توي قىلغىلى بىر نەچچە يىل بولدى. - دېدى.
ئەر ئوڭايسىزلىنىپ، ئارقا-ئارقىدىن كەچۈرۈم سورىغاندىن كېيىن تېز قەدەم بىلەن كېتىپ قالدى.
مۇنىرە چاۋاك ئۇرۇپ، توغرا، ئۈزۈك، ئۈزۈك ! دەپ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى.
كاللىسىدا ناھايىتى تېزلا ئۆزىنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئىككى قېتىم رېپېتىتسىيە قىلدى، تۇيۇقسىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەقىللىك ئىكەنلىكىدىن پەخىرلەندى.
مۇكەممەل بولدى!
ئاينۇر بىلەن ئىككىيلەن بىر-بىرىگە قارىشىپ، كۈلۈشۈپ كەتتى.
ـ بەك جەلپكار ئىكەنسىز، ئاچا، - دېدى مۇنىرە.
ـ يامان ئەمەس، بوپقالىمەن، ھە، - دېدى ئاينۇر.
ـ مېنىڭ ئالدىمدا كەمتەرلىك قىلماڭ. - دېدى مۇنىرە.
ـ ھەي، ئەمەلىيەتتە پو ئاتمىدىم، ئەگەر مۇنداق ئويۇم بولىدىغان بولسا ، بىزنىڭ ئۆيدىكى ئادەمنىڭ بېشىغا يېشىل يايلاقلارنى تېرىپ قوياتتىم... - دېدى ئاينۇر.
ـ شۇنداقمۇ؟ - دېدى مۇنىرە.
ئاينۇر ئۇزۇن چاچلىرىنى قويۇۋېتىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان قىياپەتتە:
ـ ئۇنداق ئەمەسمۇ، - دېدى
ـ ئاپىسى. - بىرەيلەن توۋلىدى.
ئاينۇر بېشىنى بۇراپ، ئاۋازى ۋە تەبەسسۇمى توختاپ ، بايىقى جەلپكارلىقى ئۆچتى.
مۇنىرە تۇيۇقسىز ئاينۇرنىڭ كەينىدە پەيدا بولغان ئەرگە قاراپ، قېتىپلا قالدى.
بۇ ھەقىقەتەن ئۇ كۆرگەن ئەڭ ئوماق ئەر ئىدى!
بويى ئېگىز ئەمەس، سەل سېمىز، تېرىسى ئاپئاق، چىرايى بايا پەيدا بولغان ئەرلەرنىڭكىدىن ئون ھەسسە چىرايلىق، ئۆرۈك مېغىزىدەك كۆزى، ھال رەڭلىك لىۋى، يەنە يۇمىلاق كۆزئەينەك تاقىۋالغان بولۇپ، بالا چىرايىنى تېخىمۇ يۇمران ، ئوماق قىلىۋەتكەنىدى.
بالا چىراي ئەر كۆزئەينىكىنى ئىتتىرىپ، كۈلۈپ قويدى، بۇنىڭ بىلەن چوڭقۇر ئىككى زىنىقى چىقىپ:
ـ ئاپىسى، بايا نېمە دېدىڭىز؟ - دېدى.
مۇنىرە ئەزەلدىن ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، تالاي غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن ئاينۇرنىڭ قېتىپ قالغانلىقىنى بايقىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنىرەمۇ ئادەتتە ئۇنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ ئۆيدىكى دەپ ماختاپ كۆككە كۆتۈرىدىغان ئاينۇرنىڭ ئالدامچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالدى.
ئاينۇر شۆلگىيىنى يۇتۇۋېتىپ، دەككە-دۈككە ئىچىدە ئۇزۇن چاچلىرىنى قۇلىقىنىڭ كەينىگە قىستۇرۇپ :
- نېمە، ھېچنېمە دېمىدىم، - دېدى.
ـ شۇنداقمۇ؟ - دېدى بالا چىراي ئەر بارغانسېرى تاتلىق كۈلۈپ.
ـ شۇنداق، شۇنداق - دېدى ئاينۇر.
ـ ئۇنداق بولسا ياخشى. - دېدى بالا چىراي ئەر بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، يېنىكلىك بىلەن، - ھويلىمىزدىكى چىملىق يېتەرلىك يېشىل بولمىغان بولسا، ئەتە ئادەم تېپىپ قايتىدىن ياتقۇزايلى، كېپىنەكسىمان ئورخىدىيە ۋە ئەتىرگۈلنىمۇ دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخلەرگە ئالماشتۇرساق بولىدۇ. - دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ كۆزىنى قىسىپ، - بىر يىلدا ھەممە يەرنى كۆكەرتكىلى بولىدۇ، شۇنداقمۇ، ئاپىسى؟ - دېدى.
ئاينۇرنىڭ ئىككى پۇتى بوشىشىپ، نەق مەيداندا تىزلىنىپ قالغىلى تاس قالدى.
ھەممىگە ئىشقا يېتىشىدىغان ئاينۇر قايتىپ بارغاندىن كېيىن يەنە كىر يۇيۇش تاختىسىدا تىزلىنىدىغان بولدى دەپ ئويلىغان مۇنىرە دەرھال خوشلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغ ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدى.
ئىچىدە ئاينۇرغا ھېچ بولماسلىقىنى تىلىدى...
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar