گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم104-قىسىم _تاش يۈرەك

文摘   小说   2025-01-23 13:59   新疆  


 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات10-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ



داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  12-بۆلۈم 196  -قىسىمغىچە تولۇق يوللاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  102  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم   第10部

قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65  64  63 6261
 70 69686766
 75 74 73 72 71
  80 7978 77 76
   85  8483 82   81
91  90 89  88 87
   96  95 94 93 92
   101  1009998 97
      103 102






گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211
2019181716
2524232221

29

29282726
3433323130
3938373635
 65  64  63 6261
 44 43 4241 40
494847 46 4 655
54535251
50
5958575655
6463626160
6968676665
7473727170
7978777675
8483828180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
109108107106105


112111110





گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات10-بۆلۈم

104-قىسىم

  



  

 

  

104-قىسىم

تاش يۈرەك

شۇنداق.  

دىلنار ھەقىقەتەن دېگىنىنى قىلدى. ئەنسەرنىڭ ماشىنىسى يېرىم يولدا توسۇلۇپ قالدى. چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپتە پەيدە بولۇپ دىنارنى ئاۋارىمۇ قىلمىدى. دىلنار ئەمدى ئۇھ دەپ تۇرۇشىغا يەنە چۈشتىن كىيىن ئەنسەر ئۇنىڭ سايىسىدەك كەينىدە پەيدا بولدى.

ئەنسەر نېمە دېسۇن. نېمە قىلسۇن دىلنار قەتئىي نىيىتىدىن يانمىدى. ئارىدىن كۈنلەر مۇشۇنداق ئۆتۈپ ئىككى ھەپتىمۇ ئۆتۈپ كەتتى. ئاخىرى چىدىمىغان ئەنسەر ئاشخانىدا ئۇنى توسۇپ يەنە قوشۇلمايمەن دەپ تۇرۇۋالدى.

نېمىشقىدۇر دىلنارنىڭ ئەنسەرنى ۋە سەبىرەنى كۆرگۈسى يوق ئىدى. شۇڭا ھېچ بولمىسا ئۈ ئاي ۋاقىت بېرىشنى ، ئاندىن يەنە بىرنېمە دەيدىغانلىقىنى. بۇ ئارىلىقتا ئەنسەرنىڭ قەتئىي ئاۋارە قىلماسلىقىنى دەپ تۇرۇۋالدى. ئەنسەر تىركىشىپ يۈرۈپ ئامالسىز قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولدى. دىلنارنىڭ جاھىللىقى كۆڭلىگە ئايان. بۇ ھېچ بولمىسا ئايرىلىپ كەتكەندىن ياخشى.

شۇ ئىشتىن كىيىن ئەنسەر ھەقىقەتەن مەكتەپتە قايتا پەيدا بولمىدى.

ئۇلار   ئوچۇق-ئاشكارا  ئايرىلىپ كەتتى، بۇ بەلكىم يېقىندا مەكتەپتىكى ئەڭ چوڭ پىتنە-ئىغۋا بولۇشى مۇمكىن.

دىلنارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ-كېلىشتە يالغۇز يۈرگەنلىكىنى  كۆرۈپ، ئايرىلىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى سۆز-چۆچەكلەر بارغانسېرى كۈچەيدى.

ئۇلارنىڭ ئايرىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ئايال باش پېرسوناژ سەبىرەمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

دەسلەپكى بىر نەچچە كۈندە سەبىرەمۇ مەكتەپتە پەيدا بولۇپ باقمىغان.

كېيىن  پەيدا بولغاندا،  بىۋاسىتە دىلنارنى ئىزدەپ باردى.

دىلنار تەجرىبە بىناسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا سەبىرە تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كېتىپ:

  -  ماڭا دەيدىغان گېپىڭىز بارمۇ؟  -  دېدى.

سەبىرە بېشىنى لىڭشىتىپ:

   -  شۇنداق. ئۆتكەندە  ئەنسەر ئاكام بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن ئىشىڭىزنى ئاڭلىدىم...  بىرەر يەرنى تېپىپ ئولتۇرامدۇق... - دېدى.  

  -   بولدى، -  دىلنار ھېچقانداق ئويلانمايلا ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈۋەتتى.

سەبىرە ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى، لېكىن ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى، دىلنارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس.

ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

   -  مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمنى كۆڭلىڭىزگە ئالغىنىڭىزنى چۈشىنىمەن، راستىنى ئېيتسام، ئويلىغىنىڭىز توغرا، نېمىلا دېگەن بىلەن مەن ئەنسەر ئاكامنىڭ يېنىدا ئۇزاقتىن ياقى بار، ئۇ ئىزچىل مېنىڭ ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدى، ئۇ بەك مۇنەۋۋەر، بولمىسا سىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قالمايتتىڭىز، شۇڭا مېنىڭ ئۇنىڭغا  ئازراق قىزىقىپ قېلىشىممۇ نورمال ئەھۋال.

ئەمما ئەنسەر ئاكامنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى سىز، مەن ئەمەس، ئەنسەر ئاكامنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلۇق رىشتىسى  ۋە قىز - يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى ئارىلاشتۇرۇپ قويغانلىقىنى ئەيىبلىشىڭىزنىڭ  ھاجىتى يوق. ئەگەر ئۇ مېنى راستتىنلا ياخشى كۆرسە، مەنمۇ خۇش بولىمەن، ئەپسۇس بىز بىر يەردە تۇرمۇش كەچۈرگىلى شۇنچە يىل بولدى، ئەگەر يات ئايال سۈپىتىدە ياخشى كۆرۈپ قالىدىغان ئىش بولسا، بۇرۇنلا ياخشى كۆرۈپ قالاتتى.

سىزنىڭ يەنە بىر گېپىڭىزمۇ توغرا، مەن سىزنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن باشقىلار بىلەن مۇھەببەتلىشىشنى ئويلىدىم، لېكىن بۇ پەقەت بىر قىسىم سەۋەب، يەنە بىر تەرەپتىن، مەن يەنىلا بۇ ھېسسىياتتىن پايدىلىنىپ سەكرەپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھەممە ئادەم بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق ئىشنى سىز شۇنچە ئەقىللىك تۇرسىڭىز چوقۇم مەندىن بەكرەك چۈشىنىسىز. شۇڭا مېنىڭچە  مېنىڭ بىر قىسىم سەۋەبلىرىمنى چەكسىز چوڭايتىپ  زەربە بېرىشىڭىز ھاجەتسىز.

مەن  بۇرۇنلا ئەنسەر ئاكام ئىككىڭلارنىڭ ھىسسىياتىڭلارغا ئارىلاشمايمەن دېدىم، ماڭا ئىشەنمىسىڭىزمۇ ئەنسەر ئاكامغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك. سەۋەبىنى...  ئەينى ۋاقىتتا نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىشنى تاللىغانلىقىڭىزدىن بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.  - دېدى.

دىلنار پۈتۈن جەرياندا ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمىدى، بۇ سەبىرەنىڭ ھازىرغىچە ئۇنىڭغا ئەڭ كۆپ گەپ قىلغان بىر قېتىملىقى بولدى.

 ئۇنىڭ ئۈستىگە گەپ قىلغاندىكى قىياپىتىمۇ كەمتەرلىكمۇ ئەمەس، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇۋالغان ئىشمۇ يوق.

ئۇ سۆزىنى تۈگەتكىچە ساقلىدى، خېلى ئۇزۇندىن كېيىن، دىلنارنىڭ سەبىرەنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ تۇرغان كۆزلىرىدە بىر قەۋەت سىرلىق كۈلكە پەيدا بولدى.

ئۇ قولىدىكى كىتابنى بوشلۇقتا پۇلاڭلىتىپ، ئاۋۋال سەبىرەنى ئاندىن يەنە ئۆزىنى كۆرسەتتى.

كۆزلىرىنى شىپىلداپ، خۇددى بىر نېمىلەرنى دېمەكچى بولغاندەك قىلدى، لېكىن تەپسىلىي ئويلاپ باقسا، ئالاھىدە ئاددىي سۆزلەر بىلەن سەبىرەنىڭ بىر تىنىقتا دەۋەتكەن شۇنچە ئۇزۇن گەپلىرىگە بىر-بىرلەپ جاۋاب قايتۇرۇشقا ئامالى يوق ئىدى.

  -  سىزنىڭ بۇ ۋاقىتتا مۇھەببەتلىشىشنى تاللىشىڭىزدا نەچچە يۈز خىل، نەچچە مىڭ خىل سەۋەبىڭىزنىڭ بولۇشى بىلەن كارىم يوق، سىزنىڭچە مەن شۇنچىلىك بىكارچىمۇ، سىزنىڭ يەنە باشقا سەۋەبىڭىز بارمۇ-يوق چۈشىنىپ چىقىشىم كېرەكمۇ؟ ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، سىزنىڭ ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن كۆڭلىڭىز بار ئىكەن، مېنىڭ ئالدىمدا مۇشۇ بىر سەۋەب بولسىلا كۇپايە.

ئەنسەرگە كەلسەك، ئادەمنى مەن تاللىغان توغرا، لېكىن كىم مېنىڭ ئۇنى تاللىشىم  ئۇنىڭغا يۈز پىرسەنت ئىشىنىدىغانلىقىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ بەلگىلەپ قويۇپتۇ؟

ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىڭىزنى ئۇنىڭ خاتالىقى دەپ ھېسابلىمايمەن، لېكىن ئۇ سىزنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۆڭلىڭىز بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىزنى داۋاملىق قۇرۇق خام خىيالغا قويدى، كەچۈرۈڭ، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى مېنىڭ نەزىرىمدە  داشقال  دېگەن سۆز بىلەن تەرىپلەشكە لايىق.

بۈگۈن ماڭا بۇ گەپلەرنى دېگىنىڭىزنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، ماڭا سەمىمىيلىك بىلەن ئەنسەرگە كۆڭلىڭىز بارلىقىنى ئېيتىپ، يەنە  بىزنىڭ ھېسسىياتىمىزنى بۇزمايمەن دەيسىز ، بۇنداق قىلىپ مېنى بىر تەرەپلىمە ئىشنى ئومۇمىيلىققا كۆتۈردى، رەھىمسىزلىك قىلدى،  يولسىزلىق بىلەن جېدەل چىقاردى دەپ ئەيىبلىمەكچىمۇ؟  - دېدى دىلنار سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ،    -  ئۇنداقتا سىزنىڭچە مەن نېمىشقا ئەنسەر بىلەن ئايرىلىپ كېتىمەن؟   - دېدى.

سەبىرە لېۋىنى چىشلەپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدى.

ئەمما دىلنارنىڭ ئالدىدا، ئۇ قانداق بولۇۋېلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ بېشىدىن بېسىپ تۇرغاندەك قىلاتتى، ھەتتا غەزەپلەنگەن چىراي ئىپادىسىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلدى.

دىلنار قولىدىكى كىتابنى ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:

   -  مۇشۇلار ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ - دېدى.

سەبىرەنىڭ چىرايى ئاخىرى غەزەپكە تولۇپ:

-  تېخىچە چۈشەنمىدىڭىزمۇ؟  ئۆزۈم ئالدىڭىزدا ئىقرار قىلىشنى تاللىغانلىقىم ئۈچۈن،  مېنىڭ مەۋجۇتلۇقىمغا پەرۋا قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ... مەن زادى قانداق قىلسام ئەنسەر ئاكام بىلەن  سوقۇشمايسىز؟   - دېدى.

دىلنار چوڭقۇر ئۇھسىنىپ قويۇپ، سەبىرەگە ئىككى قەدەم يېقىنلىشىپ، سەل ئېڭىشىپ  كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ، كۈلۈپ قويۇپ:

  -  ئەنسەرنىڭ سىز بىلەن كارى بولمىدىمۇ؟  - دېدى.

سەبىرەنىڭ چىرايى قېتىپلا قالدى.

بۇنى كۆرگەن دىلنارنىڭ چىرايىدىكى سوغۇق كۈلكە تېخىمۇ كۈچىيىپ:

  -   قارىغاندا ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىش ئۈچۈن ئىزدەپ كەلگەن ئوخشايسىز، - دېدى.  

ئاندىن ئاستا-ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ،  مەسخىرىلىك كۈلۈپ :

  -   بىراق ئادەمنى خاتا ئىزدەپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟ ئۇنىڭ سىز بىلەن كارى بولمىسا، مېنى ئىزدەپ كەلگىنىڭىزنىڭ نېمە پايدىسى؟ مېنىڭ يەنە ئۇنى دەپ داۋاملىق سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ قېلىشىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈشۈم مۇمكىنمۇ؟ بەك ساددىلىشىپ كەتتىڭىزمۇ قانداق؟  - دېدى.

دىلنارغا گەپتە تەڭ كەلگىلى بولمايدۇ.

ئۇ نېمىلا دېسە دىلنار بىر نەچچە ئېغىز يېنىك گەپلىرى بىلەن ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويىدۇ.

ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى دىلنار ئالدىن پەرەز قىلالايدۇ، ھەر قانچە كۆپ سۆزلىسىمۇ دىلنارنىڭ ئالدىدا قۇرۇق گەپ قىلغان بىلەن باراۋەر.

مانا ھازىرمۇ كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل ئاشكارلىۋەتتى.

مەيلى نېمە دېسۇن، نېمە ئىش قىلسۇن، دىلنارنىڭ ئالدىغا بىر قېتىم ئويۇن بولۇپ قالدى.

سەبىرەنىڭ پۈتۈن بەدىنى، لەۋلىرى تىترەپ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنىمۇ  ئۇنتۇپ قالدى.

 نېمىلا دېسە، دىلنار ھامان رەددىيە بېرىدۇ.

ئامال يوق، كۆزلىرىگە ياش كېلىپ، ئاخىرى سىرغىپ ئېقىشقا باشلىدى.

دىلنار قېشىنى ئېتىپ :

- بىر ئايالنىڭ يەنە بىر ئايالنىڭ ئالدىدا كۆز يېشى قىلىشىنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق، - دېدى.  

ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ، يۆگەپ كانايچە شەكىلگە كەلتۈرۋالغان كىتابنى مۈرىسىگە قويۇپ، بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى.

- كەتمەڭ!  

سەبىرە تۇيۇقسىز ئۇنى تۇتۇۋالدى،  يىغلاپ ئاۋازى بوغۇلغاندەك ئاڭلاندى، ئاڭلىماققا  كەيپىياتىنى كونترول قىلالمىغاندەك قىلاتتى.

دىلنار ئۇنىڭ كەينىدىن تارتىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە، دەلدەڭشىپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى، شۇنىڭ بىلەن سەبىرە ئۇنىڭغا قاراپ بۇلدۇقلاپ يىغلاپ تۇرۇپ:

  -  مەن زادى قانداق قىلسام ئەنسەر ئاكام بىلەن سوقۇشمايسىز؟  زادى قانداق قىلسام ئاندىن رازى بولىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ بېرىڭ؟   - دېدى.

دىلنار سەۋرچانلىق بىلەن سەبىرەنىڭ يىغا-زار ئىچىدىكى گەپلىرىنى ئاڭلاپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، تۇيۇقسىز قولىنى كەينىگە تارتىپ:

- ئاغزى - ئاغزىڭىزغا تەگمەي  ئارىمىزدىكى ھېسسىياتنى بۇزمايمىز دەيسىز، يەنە مېنىڭ ئالدىمدا يىغلاپ تۇرۇپ،  ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇشىڭىزغا قوشۇلۇمنى ئۆتۈنەمسىز؟ سەبىرە كالىڭىزدا چاتاق بارمۇ ھە؟ ئۇنىڭ يېنىدا تۇرماقچى بولسىڭىز، بېرىپ ئۇنىڭغا دەڭ، ماڭا يولسىزلىق قىلغىنىڭىزنىڭ نېمە پايدىسى؟  - دېدى.

- بىراق سىز بۇ ئىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىسىز! ئۇ سىزنىڭ دىققەت قىلغانلىقىڭىزغا  كۆڭۈل بۆلىدۇ، سىز ئايرىلىپ كېتىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەھدىت سالدىڭىز  ... - دېدى سەبىرە.

  -   تەھدىت سالدىڭىز؟  - دىلنار كۈلۈپ كېتىپ، - مەيلى تەھدىت بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئۇ تاللىغان ئىكەن، سىز رېئاللىققا يۈزلىنىشىڭىز كېرەك. سىز باشقىلار بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ئەمەسمۇ؟  كېيىن باشقىلار بىلەن توي قىلسىڭىزمۇ، ئۇنىڭ يېنىدا تۇرامسىز؟   - دېدى.

  -  توي  قىلمايمەن!  - دېدى سەبىرە.

دىلنارنىڭ قۇشۇمىسى تۈرۈلۈپ:

 - راستتىنلا كاللىڭىزدىن كېتىپسىز، - دېدى.  

ئاخىرى چىداپ تۇرالماي، كەينىگە بۇرۇلۇپ چوڭ قەدەم بىلەن بۇ يەردىن ئايرىلدى.

سەبىرە كەينىدىن ۋارقىراپ تۇرۇپ:

 -  ئەنسەر ئاكام ئىككىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى...  بىزنىڭ مۇھەببەتلىشىپ قېلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، سىز نېمىشقا چوقۇم مېنى ئۇنىڭ يېنىدىن قوغلىۋەتمەكچى بولىسىز؟  - دېدى.

ئەگەر دىلنار ئادەم ئۇرسام قولۇم ئاغرىيدۇ دەپ قارىمىغان بولسا،  چوقۇم قايتىپ بېرىپ سەبىرە دېگەن ساراڭنى ئىككى شاپىلاق ئۇرغان بولاتتى.

ئالدىنقى قېتىم ئايرىلغاندىن باشلاپ، بۈگۈن نەق بىر ھەپتە ئۆتكەنىدى.  يانفونىنى ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەنسەرگە تېلېفون قىلدى.

تېلېفون ناھايىتى تېزلا ئۇلىنىپ:

   -  ئەگەر مېنى يەنە ئىزدىمىسىڭىز، مەن ھازىرلا سىزنى ئىزدەپ بېرىشنى ئويلاپ تۇراتتىم.  - دېدى ئەنسەر.

  -   شۇنداقمۇ؟ بۇمۇ سىزنىڭ سەبىرە سىڭلىڭىزغا شاپائىتىدىن بولدى!  - دېدى دىلنار

ئەنسەر تېلېفوندا بىر سېكۇنت تۇرۇپ قېلىپ:

   -  نېمە بولدى؟  - دەپ سورىدى.

- ئالدىمنى توسۇپ ساراڭلىق قىلىۋاتىدۇ.  سىز بىلەن مۇھەببەتلەشسە ئۇششاق ئىشلار ئۈزۈلۈپ قالمايدىكەن.  مەن سىزنى ئۇنى قوغلىۋېتىشكە قىستىدىممۇ؟ ھى، تېز كېلىپ ئۇنى ئېلىپ كېتىڭ! - دېدى دىلنار كەسكىنلىك بىلەن گېپىنى تۈگىتىپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

 ئەنسەرنىڭ چىرايى شۇ ھامان تۇتۇلدى.

ئىشخانىدىن چىققاندا، ياردەمچىسى سەل ھەيران بولۇپ:

   -  ئەنسەر باش دىرېكتور، ھازىرلا يىغىن ئېچىلىدۇ... - دېدى.  

  -  ئەمەلدىن قالسۇن! - دېدى ئەنسەر.

ئەنسەر مەكتەپكە كەلگەندە، تەجرىبە بىناسىنىڭ ئاستىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان سەبىرەنىڭ چىرايىنىڭ تامدەك تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.

ئۇنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، سەبىرەنىڭ مەيۈس كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش تۆكۈلۈپ:

- ئەنسەر ئاكا... - دېدى.  

  -   ئۇنى ئىزدەپ  بېرىپ نېمە دېدىڭىز؟  - دېدى ئەنسەر.

سەبىرە دەماللىققا بوغۇلۇپ:

   -  مەن ئۇنىڭغا سىز بىلەن يارىشىپ قېلىشنى ئېيتتىم،  ئارىمىزدا ھېچ ئىش بولمايدىغانلىقىغا ۋەدە بەردىم،  مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمغا ئۇنچە كۆڭۈل بۆلمەسلىكىنى ئۆتۈندۈم...  لېكىن مەن نېمىلا دېسەم پەقەتلا ئاڭلىمىدى... - دېدى.  

 ئەنسەر دىلنارنىڭ ئۆزىگە نېمىشقا بۇنچە ئاچچىقلىنىدىغانلىقىنى  سەۋەبىنى ئازراق چۈشەندى.

ئۇنىڭ شۇ مىجەزى بىلەن، ئۆز ئىشىغا باشقىلارنىڭ دەخلى قىلىشىغا قانداقمۇ چىداپ تۇرالىسۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، سەبىرە يەنىلا مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپتۇ.

ئەنسەر كۆزىنى يۇمۇپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ:

-  سەبىرە ... - دېدى.  

سەبىرە ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلگەندەك، تۇيۇقسىز قۇلىقىنى ئېتىۋېلىپ:

  -  ياق، ئاڭلىمايمەن. مەن بىزنىڭ بىللە بولالمايدىغانلىقىمىزنى بىلىمەن، مەنمۇ ھېچنېمىنى تەلەپ قىلمىدىم. لېكىن ئەنسەر ئاكا، مەن يەتتە يېشىمدا دارىلئېتامغا كىرگەندىن باشلاپ، ئىزچىل سىز ماڭا ھەمراھ بولۇپ، ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭىز، شۇنچە يىللاردىن بۇيان، ئىزچىل مۇشۇنداق، مېنى قوغلىۋەتسىڭىز بولمايدۇ، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەمەسمۇ؟ مەن ئۈچۈن بىر ئائىلە كىشىلىرى بولساقلا  كۇپايە...

سىز دىلنارغا دەپ قويۇڭ،  مەن بىلەن بۇنداق قارشىلاشمىسا بولامدۇ؟  - دېدى.

- ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ.  - دېدى ئەنسەر ئۇنىڭغا قاراپ، ئۇنىڭ سوغۇق كۆزلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش چىقىپ تۇراتتى.

سەبىرە مەيدىسىنى تۇتۇپ، لېۋىنى كۈچەپ چىشلەپ، چوڭقۇر نەپەس ئالدى، ئاندىن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۈزىدىكى ياشنى سۈرتۈۋېتىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ:

   -   سىزنىڭ مېنى تاشلاپ قويمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن،  شۇنداقلا  تەڭلىكتە قالغانلىقىڭىزمۇ بىلىمەن، لېكىن خاتىرجەم  بولۇڭ مەن سىزنى تەڭلىكتە قويمايمەن.  يەنە  باشقا ئامال تاپسام بولىدۇ. مەن بايا دىلنار ئاچامنى خاپا قىلىپ قويغان ئوخشايمەن، سىز تېز بېرىپ ئۇنى ئىزدەڭ  ... - دېدى.

ئەنسەر ئورنىدا ئۇنىڭغا بىر ھازا تىكىلىپ قاراپ، ئاخىرىدا:

   -  مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي، - دېدى.  

سەبىرە بېشىنى چايقاپ:

   -  بۇ ۋاقىتتا سىز ئەڭ ياخشىسى ئۇنى تېپىشىڭىز كېرەك، بولمىسا ئۇ يەنە ئاچچىقلاپ قالىدۇ...  ماڭا راستلا ھېچ ئىش بولمىدى ... - دېدى.

 سۆزلەۋېتىپ،  تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتى.

ئەنسەر ئۇنى چىڭ تۇتۇۋالدى، ئاۋازى جىددىي بولسىمۇ، يەنىلا مۇلايىم ئاۋازدا:

   -  مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي، گەپ ئاڭلاڭ، - دېدى.  

سەبىرەنىڭ كۆز ياشلىرى يەنە تۆكۈلۈپ:

-  ئەنسەر ئاكا، ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلمىسىڭىز قانداق ... - دېدى.

ئەنسەر لەۋلىرىنى چىڭ يۇمۇپ:

   -  يۈرۈڭ. - دېدى.

سەبىرە قولىنى سوزۇپ كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى، ئەمما يەنىلا ئەنسەرنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.

ئىككى ئادەم  مەكتەپنى كېسىپ ئۆتتى، يولدا ئۇچرىغانلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بىر مۇنچە پىتنە-ئىغۋا تارقالدى.

سەبىرە بىلەن دىلنارنىڭ تەجرىبە بىناسىنىڭ ئاستىدىكى شەپىسى، يەنە   ئەنسەرنىڭ كېلىپ سەبىرەنى ئېلىپ كېتىشىدىن كۆپچىلىك دىلنار بىلەن ئەنسەرنىڭ ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلگەندەك بولدى.

بۇ گەپ دىلنارنىڭ قۇلىقىغا  ئەنسەر ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن سەبىرە ئوتتۇرىسىدا تاللاش قىلىپ، ئاخىرىدا بالىلىق چاغلىرىدىكى دوستىنى تاللىغان بولۇپ يېتىپ باردى.

بۇنى ئاڭلاپ ئۇمۇ سوغۇق كۈلۈپ قويدى،  

لېكىن شۇ كۈنى كەچتە ئەنسەر يەنە ئىزدەپ كەلدى.

ئايرىلىپ كېتەيلى دېسە قوشۇلمايدۇ، مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرايلى دېسە كېلىشەلمەيدۇ.

چۈنكى سەبىرەنىڭ يېرىم يولدا چىقارغان بىر مەيدان كۈلكىلىك ئىشى سەۋەبلىك ھەتتا  ئەنسەرگە گەپ قىلىش پۇرسىتىمۇ بولماي قالدى.

بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت مۇشۇنداق بىرى قېچىپ، بىرى قوغلاپ ئۆتتى.

ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا

مەكتەپ كارخانىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشىغا يول  قويدى.

ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە، يەنە بىر مەيدان نادىر ئويۇننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدى.

  -  ھەي، بىلەمسىز؟  ئەنسەر بايىلا سەبىرەنى بىر كاچات سالدى. - دېدى بىرەيلەن.


يەنە بىرەيلەن بولسا قۇلاقنى قۇلاققا يېقىپ تۇرۇپ؛

-يەنە ئاڭلىسام سەبىرە ھامىلدار بوپ قاپتۇ. دوختۇرخانىغا كىتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم .-دېدى.

بۇ خەۋەر ئەڭ تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، دىلنارنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە، ئۇمۇ ھەيران قالدى.








ئاڭلاۋاتقىنىڭلا  كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章