تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 90-قىسىم_ غەيرەتكە كەلدىم

文摘   小说   2025-01-23 13:59   新疆  


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق 107-قىسىم توپلام تامام 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
45
44434241
5049484746
5554535251
 60   59  58 57 56
6564 63  62  61 
  70 69  6867  66 
 75  74  7372  71 
80    7978  77  76 
85    8483  82  81 
 89  8887 
 86 


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

90-قىسىم

   


8

 

 

 

 

90-قىسىم   جان تالاشماق


مۇنىرە بىر تەرەپتىن ئىتتىك - ئىتتىك نەپەس ئېلىپ:

  - مەنمۇ ئەسلىدە شۇنداق ئويلىغان، لېكىن ئۆيگە قايتىپ بارسام بىرمۇ ئادەم يوقكەن، ئاپامغا تېلېفون قىلسام، نەۋرە ئاچامنىڭ يىقىلىپ چۈشۈپ، يەڭگىپ قويغىلى تاس قالغانلىقىنى ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن دادا ئىككىسى بىللە دوختۇرخانىغا كېتىپتۇ.

  تاللا بازىرىغا بېرىپ تەييار چۆپ سېتىۋالغاندا خېلى بۇرۇنلا مودا بولغان كۈركە توخۇ چۆپىنى كۆرۈپ قالدىم، ئاخىرى سېتىۋېلىپ سىناپ بېقىشنى قارار قىلدىم. - دېدى . كۆزلىرىدىن پۇشايمان  ياشلىرى تاراملاپ ئېقىپ، -  ئۆيدىكى لازا بۇنداق ئەمەس، بۇنىڭ تەمى مېڭەمنىمۇ كۆيدۈرۈپ قويغاندەك ئاچچىقكەن، سۈت ئىچىپمۇ كار قىلمىدى... - دېدى.

 سۆزلەۋېتىپ، چوكىنى ئېلىپ يەنە بىر چوكا چۆپنى ئېلىپ ئاغزىغا سالدى، نادىرنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە كۆرۈلمىدى، ئەمما قولىنى سوزۇپلا قاچا-قۇچىلىرىنى تارتىپ ئېلىپ، ئاشخانىغا كىرىپ قىلچە رەھىم قىلماي تۆكۈۋەتتى.

- مەن يەنە يەيمەن! - دېدى مۇنىرە كەينىدىن كىرىپ.

نادىر قاچىنى قويغاندا، تاراق-تۇرۇق قىلغان ئاۋاز چىقاردى. ئاندىن كەينىگە بۇرۇلۇپ،سۇس كۈلۈپ تۇرۇپ:

  - نېمىنى يەرسىز. - دېدى.  

بۇ سوئال  جۈملىسى بولماستىن، بايان جۈملىسى ئىدى.

مۇنىرە ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ، يەنە ئەخلەت ساندۇقىدىكى چۆپكە قارىدى، قەددىنى تىك تۇتۇپ، ھايات قېلىش ئىستىكى كۈچىيىپ:

- ماڭا ئېتىپ بەرگەن تامىقىڭىزنى يەي! - دېدى.  

نادىر كۈلۈپ قويۇپ،  بۇرۇلۇپ توڭلاتقۇنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، مۇشتۇمچىلىك كېلىدىغان ئىككى تال پەمىدۇرنى ئالدى.

مۇنىرەنىڭ كۆزلىرى چاقناپ:

  - پەمىدۇر-تۇخۇم چۆپى!  - دېدى.

نادىر ئېغىز ئېچىپ :

- قولىڭىزنى چىقىرىڭ. - دېدى.

مۇنىرە گەرچە غەلىتە ھېس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا گەپ ئاڭلاپ قولىنى ئۇزاتتى.

ئىككى تال پەمىدۇرنى ئالىقىنىغا قويغان نادىرنىڭ تەلەپپۇزى مۇلايىملىشىپ:

 - ئەپچىقىپ غاجاڭ، - دېدى.  

مېھمانخانىدا، يۇيۇنۇپ بولغان نادىر ساپادا ئولتۇرۇپ، تىزىدىكى خاتىرە كومپيۇتېرنى تاسىلدىتىپ چېكىپ ئۇزۇن بارماقلىرى بىر سېكۇنتمۇ توختاپ قالمىدى .

مۇنىرە ھېلىقى ئىككى پەمىدۇرنى توغراپ، ئاق شېكەر ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئېلىپ چىقىپ    يېگەچ، نادىرنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، تېلېۋىزورنى ئاچتى.

مۇنىرە نومۇر تاللىمايدۇ،  نېمە چىقسا شۇنى كۆرىدىغان تىپقا كىرىدۇ، تېلېۋىزوردا قۇيۇلۇۋاتقان بىر توپ ئادەم ئويۇن ئوينايدىغان ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسىنى ناھايىتى زوق بىلەن كۆردى.

ئالاھىدە مەزمۇن يوق، كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن قىلىنغان پىروگرامما ئىدى.

تېلېۋىزوردىن مۇبالىغە قىلىنغان كۈلكە ئاۋازى ئۈزۈلمىدى، مۇنىرەمۇ ئاندا-ساندا ئەگىشىپ كۈلۈپ كەتتى، نادىرنىڭ كۆزى خاتىرە كومپيۇتېر ئېكرانىغا تىكىلىپ، مىدىرلاپمۇ قويمىدى.

مۇنىرە  بىر ئۆيدە تۇرغاندىن كېيىن، نادىرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئالدىراش ئىكەنلىكىنى، ئۆز خىزمىتىدىن باشقا يەنە ھەر خىل فوند، پاي چېكى، تەۋەككۈل مەبلىغى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، ۋاقتى بولسىلا سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، قايتىپ كەلگەندە  ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاچ، يەنە كېلىپ ئانچە نامى چىقمىغان، چۈشەنگىلى بولمايدىغان كىتابلارنى كۆرىدىغانلىقىنى بايقىدى.

ئۇنىڭغا ئوخشاش تېلېۋىزور كۆرۈش، ئويۇن ئويناشنى ئارام ئېلىش دەپ بىلىدىغان ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر مىنۇتمۇ بىكار بولالمايدىكەن دېيىشكە بولىدۇ.

ـ   تېلېۋىزورىڭىزنى كۆرمەي، يەنە ماڭا قاراپ نېمە قىلىسىز. - دېدى نادىر. مۇنىرەنىڭ تىكىلىپ قاراشلىرىغا بارا-بارا كۆنۈپ قېلىپ،  جىددىيلەشمەي، نورمال خىزمەت ئۈنۈمىنى ساقلاپ قالالايدىغان بولدى.

مۇنىرە يەپ بولغان سالات قاچىسىنى شىرەگە قويۇپ، بېلىنى سوزۇپ:

- ھېرىپ قالدىم، - دېدى.

يەپ-ئىچىش، ئويناش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولغان ئادەم، ئەكسىچە ئالدى بىلەن ۋايساۋاتاتتى.

 ـ ئەمىسە ئۇخلاڭ، ـ  دېدى نادىر قاپىقىنىمۇ كۆتۈرمەي خىزمىتىنى قىلغاچ.  

ـ بۇنداق بالدۇر ئۇخلاش ۋاقىت ئىسراپچىلىقى. - دېدى مۇنىرە ۋاقىتقا قاراپ قويۇپ، ئۇخلاشقا كۆزى قىيمىدى.

بەزىدە نادىرنىڭ بۇ خىل مەنتىقىسىز قىممەت قارىشىغا قايىل بولماي تۇرالمايتتى، ھەمىشە ۋاقىت چىقىرىپ باشقىلارنىڭ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشلىرىغا قاراپ قىسقا ئاھ ئۇرۇپ قويۇپ، قارشى تەرەپنى خىجىل قىلىپ قوياتتى.

ـ  بىكار بولۇپ قالغان بولسىڭىز، ئەمىسە بالكۇننى سۈرتۈپ قويۇڭ، - دېدى نادىر.

 مۇنىرەنىڭ قىلغۇسى كەلمەي:

 ـ  تېخى ئالدىنقى كۈنى كەچتە سۈرتكەن، - دېدى.  

ـ يەنە چاڭ-توزان يىغىلىپ قاپتۇ.  - دېدى نادىر.

 مۇنىرە سافا يېتىۋېلىپ، ئۆزىنى گەپ قىلالايدىغان ئۆلۈك ئادەمدەك كۆرسىتىپ:

 ـ بەك ھېرىپ قالدىم، - دېدى.  

 نادىر ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ، كۇنۇپكا تاختىسىنى داۋاملىق ئون مىنۇت تاراقلىتىپ ئىشلىگەندىن كېيىن، خاتىرە كۇمپىيۇتېرنى قويۇپ، ئۇنى سافادىن تارتىپ تۇرغۇزۇپ:

- يۈرۈڭ، پەسكە چۈشۈپ بىر ئايلىنىپ چىقايلى، - دېدى.  

 مۇنىرە خالىمىغان ھالدا، ماڭلاي چېچىنى بۈدۈر قىلىدىغان قىسقۇچىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن سۆرۈلۈپ بىنادىن چۈشۈردى.

ھەر قېتىم سەيلە قىلغاندا، ئەينى چاغدا ئۆي تاللىغان چاغدا ئويلاشقان ياخشى مۇھىتنىڭ ئەۋزەللىكى نامايەن بولاتتى.

مەھەللىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بۈك-باراقسان بولۇپ، يول چىراغلىرى دەرەخ سايىسىنى تېشىپ ئۆتۈپ، تۈن دۇنياسىنى غۇۋا يورۇتۇپ تۇراتتى.

9-ئاينىڭ ئاخشاملىرىدا سەيلە قىلىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ، مەھەللىدىكى ئاھالىلەر ئۆي بويىچە سەيلە قىلىشىدۇ، ئىتىنى سەيلە قىلدۇردىغانلار، يول ماڭغاچ پاراڭلىشىدىغانلار، كېچىسى يۈگۈرەيدىغانلارمۇ بار، بۇنىڭ بىلەن بىر خىل تىنچ، مۇقىم بولغان قاينام-تاشقىنلىق تۇيغۇسى كۆتۈرۈلىدۇ.

مۇنىرەنىڭ سىرتتىكى قىياپىتى بىلەن ئۆيدىكى قىياپىتى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، ئادەم كۆپ جايغا كەلگەندە، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، سىپايە بولۇۋالاتتى.

كۆتۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان بەل، ئېڭەك، قەددىنى كۆتۈرۈپ مېڭىپ:

ـ  نادىر ئەپەندى، گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى سىزگە قانداق ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ بەردى؟ - دەپ سورىدى.

نادىرنىڭ كونا ئۆيىنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇشىغا بەرگەنلىكىنى مۇنىرە  تەبىئىيلا بىلەتتى، جۈملىدىن بۈگۈن كەچتە ئۆزى بىلەن بىللە تاماق يېمىگەنلىكى  بەشىنچى ھاممىسىنىڭ تاماققا تەكلىپ قىلغانلىقىدىن بولغان. نادىرغا ئوخشاش ئادەملەر ئوغۇل دوست بولۇشتا قىلچە بىخەستەلىك قىلمايدۇ، تەييارلاشقا تېگىشلىك ئىشلاردىمۇ بىپەرۋالىق قىلمايدۇ.

ـ موگۇ بىلەن پىشۇرۇلغان توخۇ شورپىسى، ھوردا پىشۇرۇلغان گۆش، ئاچچىق - چۆچۈك قوۋۇرغا، توخۇ قانىتى بىلەن پىشۇرۇلغان بەرەڭگە، ئاچچىق ۋە چۈچۈمەل نېلۇپەر يىلتىزى  ... - دېدى نادىر يېنىدىكى مۇنىرەگە قاراپ قويۇپ، دەرۋەقە مۇنىرە ئوغرىلىقچە شۆلگىيىنى يۇتۇشقا باشلىدى.

ئۇ بۈگۈن كەچ ئاچچىق تەمدىن باشقا ھېچقانداق تەمنى ھېس قىلالمىغان كۈركە توخۇ چۆپى بىلەن ئىككى تال پەمىدۇر يېدى.

ـ سۇدا پىشۇرۇلغان ئوكۇن بېلىقى، پىياز بىلەن قورۇلغان كالا گۆشى، چۈچۈمەل شورپىلىق كالا گۆشى...  - دېدى نادىر.  

مۇنىرە ئۇنى بىرنى ئىتتىرىۋېتىپ، قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ:

- بولدى، بولدى، ئەمدى سۆزلىمەڭ.  قەستەن قىلدىڭىز شۇنداقمۇ، كەچلىك تاماقنى  تويغۇدەك يېمىگەن ئادەمگە قانچىلىك رەھىمسىزلىك قىلغانلىقىڭىزنى ئەسلا بىلمەيسىز. - دېدى .

نادىر كۈلۈپ قويۇپ، ئۇنىڭ قولىنى قايتا تۇتۇپ:

ـ كىم سىزنى  تويغۇچە  يېمىسۇن دېدى؟  

ـ  سىز.  - دېدى مۇنىرە.

ـ ئۇنداق نەرسىلەرنى يەپ بولغان تەقدىردىمۇ، قورسىقىڭىز  تويمايدۇ. - دېدى نادىر.

ـ ئۇنداق نەرسە دېگەن نېمە ... تازىمۇبىر... نادىر ئەپەندى، دەرۋازا سىرتىغا چىقىپ كېتىپتىمىزغۇ؟ مەھەللىنى بىر ئايلانساقلا بولدى، بەك ھېرىپ كەتتىم.  - دېدى مۇنىرە. ئۇنىڭ قايتىپ داۋاملىق ياتقۇسى كەلدى.

نادىر ئۇنىڭ قولىدىن چىڭ تۇتۇپ، ئۇدۇلدىكى كوچىغا قاراپ مېڭىپ:

ـ تاللا بازىرىغا بېرىپ نەرسە-كېرەك سېتىۋالايلى، توڭلاتقۇدا پەقەت پەمىدۇرلا قاپتۇ، ھەتتا تۇخۇممۇ يوق، - دېدى.

مۇنىرە تۇيۇقسىز بىر نەرسىنى چۈشەندى ۋە كەينىگە تارتىشتىن توختاپ:

  ـ  ھە.  - دېدى.

ـ تاماق ئېتەلمىگەندىكىن، ھېچ بولمىسا كۆكتات سېتىۋېلىشنى ئۆگىنىپ، ئازراق بولسىمۇ ئىش ئۇقسىڭىز بولىدۇ، - دېدى نادىر.  

مۇنىرە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ئۇنىڭ سايىسىگە ئەگىشىپ ماڭدى.

نادىرمۇ ئەمەلىيەتتە بەك چارچاپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا مۇنىرەنىڭ روھسىز ئولتۇرۇشىغا چىداپ تۇرالماي، غەيرەتكە كېلىپ، تاللا بازىرىغا قاراپ ماڭدى.  سېلىشتۇرۇپ كەلسەك، ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدا مۇنىرە بەك ئەركىن، ھۇزۇرلۇق مۇھەببەتلەشكەندەك قىلىدۇ.

ـ نادىر ئەپەندى.  - دېدى مۇنىرە.

ـ  ھىم، - دېدى نادىر.  

- ماڭا تاماق ئېتىشنى ئۆگىتىپ قويۇڭ، مەن چوقۇم ياخشى ئۆگىنىمەن. - دېدى مۇنىرە.  

ـ   ھاجىتى يوق. - دېدى نادىر.

- لېكىن مەن غەيرەتكە كەلدىم!- دېدى مۇنىرە راستتىنلا ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ باش كۆتۈرمەكچى بولۇپ.

نادىر رەت قىلىپ:

 ـ بۇنداق تالاشمايلى، ئۆي ئىشلىرىنى تەقسىم قىلىۋالساق بولىدۇ، مەن كۆكتات سېتىۋېلىش ۋە قاچا يۇيۇشنى ياقتۇرمايمەن.- دېدى.  

مۇنىرە ئەمدى بىلىۋالدى.

بۇ ھەقىقەتەن رەھىمسىز ، ئەمەلىيەتچى دۇنياكەن.

گۈلپەرى مەكتەپكە كەتكەن  كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئاپىسى يالغۇز قالاتتى، ئەڭ دەسلەپكى بىر نەچچە كۈندە  ئۆيدە ئولتۇردى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئىچى سىقىلىپ قالدى.

ياقا يۇرتتا يالغۇز، پاراڭلاشقۇدەك ئادىمىمۇ يوق، شۇڭا  بازار ئايلىنىشقا مەجبۇر بولدى.

گەرچە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى نادىرنىڭ ئائىلىسىدەك پۇلدار بولمىسىمۇ، گۈلپەرىنىڭ دادىسىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئاستىدا كىچىك بايلاردىن ھېسابلىناتتى، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرار جاي، يۈرۈش-تۇرۇشلىرىنىڭ ھەممىسى تەل.

گۈلپەرىنىڭ ئاپىسىمۇ بەتخەجلىك قىلىدىغان ئادەم ئەمەس، لېكىن نېمىلا دېگەن بىلەن ئايال كىشى، ئۇنىڭ مال سېتىۋېلىش ئىستىكى ئىنتايىن كۈچلۈك، نەپسىنى كونترول قىلىش تەس.  ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ چەمبىرىكىدە خالىغانچە بۇزۇپ-چاچىدىغان باي خوتۇنلار كۆپ بولغاچقا، ئۇمۇ   ھەشەمەتلىك بۇيۇملارغا ئىنتىلەتتى.


 

  


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章