كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
93-قىسىم
8
93-قىسىم
خاپا بولۇشقا بولمايدۇ، نادىر خۇش بولغان بولسا ئاندىن نورمال بولمايتتى، بولمىسا بۇنداق ياخشى كۆرۈشىگە ئەرزىمەي قالىدۇ.
ـ مەن ياردەم قىلالمىدىم، بەشىنچى ھامما تۈزۈت قىلىپ كەتتىڭىز، - دېدى نادىر ئەدەپ بىلەن، يۈزمۇ-يۈز گەپ تالىشىپ غۇنچەمنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان ئىشنىمۇ قىلمىدى، پەقەت بارمىقىنى مىدىرلىتىپ، ئۈستەل ئاستىدا باشقىلارغا ئۇچۇر يوللىدى.
قورۇما چىقتى.
- ھە راست، نادىر، غۇنچەم بىلەن بۇرۇنلا تونۇشىدىكەنسىلەر، ئۇ سىزنى يېرىم رەھبەرىم دەيدۇ، ھەر قېتىم سىزگە تېلېفون ئۇرغاندا قورقۇپ كېتىدىكەن، نېمىشقا قىزلارغا مۇلايىم مۇئامىلە قىلمايسىز. -دېدى گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى .
غۇنچەم يۆتىلىپ قويۇپ:
ـ ھەدە، بۇ ئۆزۈمنىڭ مەسىلىسى، مەن تېخىچە تېلېفون قىلىپ بەزى ئىشلارنى يەتكۈزۈشكە كۆنەلمىدىم. - دېدى.
ـ بۇنىڭدىن كېيىن بەك جىددىيلىشىپ كەتمەڭ، نادىر قارىماققا سەل قوپال كۆرۈنىدۇ، لېكىن ئۆزى بەك ئاقكۆڭۈل، مۇلايىم، - دېدى.
گۈلپەرى ئىچىدە < ئاپام قالايمىقان گەپ قىلدى، ئۇنىڭ يۈرىكىمۇ سوغۇق! > - دېدى.
ئاكىسىنىڭ نەزىرى ھەممىدىن ئۈستۈن، ئۇنىڭ ئالدىدا كۆزگە چېلىقىپ لاغايلاپ يۈرۈشى ئۆزىگە ئۆزى جاپا سالغانلىق، ئۇنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسى ھەرگىزمۇ ساختا ئەمەس!
ئۇنىڭغا ئوخشاش ئوماق سىڭلىسىمۇ ئاكىسىغا ئۇدۇل قاراپ باقمىدى!
گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى سۆزلەۋېتىپ نادىرنىڭ گەپ قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، گەپنى ئۇدۇللا ئۇنىڭغا توغرىلاپ:
ـ توغرا، نادىر، بىز بۇ يەردە تۇرغىلى شۇنچە ئۇزۇن بولدى، قىز دوستىڭىز بولغاندىكىن، نېمىشقا بىزگە كۆرسەتمەيسىز، ئەجەبا مېنى قىز تونۇشتۇرۇشۇمدىن ئەنسىرەپ، مېنى قەستەن ئالداپ قويدىڭىزمۇ؟ - دېدى.
نادىر سۇس كۈلۈپ تۇرۇپ:
ـ ئۇنداق ئەمەس، - دېدى. ئىشىكتىن كىرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە بىرەر ئېغىز گەپنىمۇ ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىشنى ئويلاپ باقمىدى.
غۇنچەم ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ، مۇلايىملىق بىلەن گەپ قىستۇرۇپ:
- ھەدە، نادىر ئەپەندى نېمىشقا سىزنى ئالدايدۇ، ئۇنىڭ قىز دوستى مەن بىلەن بىر ئىشخانىدا. - دېدى .
ـ شۇنداقمۇ؟ - دېدى گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى تېخىمۇ قىزىقىپ، ـ ئەمىسە ماڭا دەپ بېرىڭە، ئۇ قىز زادى قانچىلىك ئېسىل، نادىر شۇنچە ئەتىۋارلاپ مەندىنمۇ يوشۇرۇپ كەتكۈدەك، - دېدى.
غۇنچەممۇ كۈلۈپ كەتتى، نادىرنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى تەبىئىي ھالدا ياخشى گەپلەر بولىدۇ.
ـ مۇنىرە ئاچام ئۆزى بەك ياخشى، چىرايلىق، ئېگىز، ھەم بەك ئاق كۆڭۈل، سېخىي، شىركىتىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، مەنمۇ ئۇنىڭ كۆپ غەمخورلۇقىغا ئېرىشتىم. - دېدى.
ـ مۇنىرە؟ - دېدى گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ ئىسمىنى نەچچە قېتىم چاقىرىپ كۆرۈپ، - ئىسمى يامان ئەمەس ئىكەن. - دېدى.
ئۈستەل يېنىك تىترەپ كەتتى، نادىرنىڭ شۇنچە ئۇزۇن ساقلىغان يانفونى ئاخىرى سايرىدى.
ئۆيدە ئەمدىلا ئاپىسى بىلەن تۈگرە تۈگۈپ، قولىنى يۇيۇپ بولغان مۇنىرە ئۇچۇرنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ:
ـ نادىر ئەپەندى؟ ـ دېدى. بۇنداق ئۇچۇر يوللاشتا ئەلۋەتتە كۆڭۈلسىز سورۇندىن ئايرىلىش ئۈچۈن باھانە كېرەك بولىدۇ، بۇنى مۇنىرە يەنىلا چۈشىنىدۇ، لېكىن ھاممىسى بىلەن بىللە تاماق يېگەندە، يەنە قانداق كۆڭۈلسىزلىك چىقاتتى، بۇ نۇقتىنى تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيتتى.
نادىر ئۇدۇلدىكى بەشىنچى ھاممىسىغا بىر قاراپ قويۇپ، پەس ئاۋازدا:
ـ مەن سىرتتا تاماق يەۋاتىمەن، نېمە ئىش بولدى؟ - دېدى.
نېمە ئىش بولدى... مۇنىرەنى قازانغا تۈگرە سېلىۋېتىپ، جىق تۈگۈپ قويۇپتىمىز دەپ غۇدۇڭشىۋاتقان ئاپىسىغا قاراپ:
ـ تۈگرە بەك جىق تۈگۈلۈپ كېتىپتۇ، كېلىپ يېيىشىپ بېرەمسىز؟ - دېدى.
- ماقۇل، ئالدىرىماڭ، تەييارلىق قىلغاچ تۇرۇڭ، مەن ھازىرلا بارىمەن. - دېدى نادىر.
مۇنىرە ئۇنىڭ سۈرلۈك، كەسكىن ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئىچ-ئىچىدىن كۈلگۈسى كېلىپ كەتتى، ئاندا-ساندا بۇنداق ئىش بولسىمۇ، قىزىقارلىق بولىدىكەن.
تېلېفوننى قويۇۋېتىپلا نادىر ئۈچ ئايالنىڭ گۇمان بىلەن قاراشلىرى ئاستىدا ئورنىدىن تۇرۇپ:
ـ كەچۈرۈڭلار، مۇنىرەنىڭ ئۆيىدە ئازراق ئىش چىقىپ قاپتۇ، مەن ماڭمىسام بولمايدۇ. - دېدى .
ـ ئۇنداقتا تېز بېرىڭ.- دېدى گۈلپەرىنىڭ ئاپىسىمۇ جىددىيلىشىپ، - بىرەر ئىش بولسا تېلېفون قىلىڭ،- دېدى.
گۈلپەرى ئاخىرى ئۇھ دېدى، غۇنچەمنىڭ ئۈستەلنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنغان قولى ئاستا-ئاستا تۈگۈلۈپ، ئالىقىنىغا تىرناق ئىزى چىقىپ كەتتى.
نېمىشقا بۇنداق ۋاقتىدا ئىش چىقىدۇ!
لېكىن يەنىلا زورلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
ـ چوڭ ئىش بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن ... - دېدى.
گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا، نادىر تېزلا كېتىپ قالدى، تېز مېڭىشىدىن كەينىدىكىلەر شامال ئۇرۇلدى.
يەنە ئون مىنۇتتىن كېيىن، مېھمانخانىدا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرگەچ تۈگرە يەۋاتقان مۇنىرە ئىشىك قوڭغۇرىقىنىڭ جىرىڭلىغىنىنى ئاڭلىدى.
ئىشىكنىڭ چېكىلگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئىشىككە ئەڭ يېقىن بولغان دادىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنى ئاچقاچ، بىر تەرەپتىن:
ـ بۇ چاغدا كىم كەلگەندۇ... - دېدى.
ـ بەلكىم قوشنىمىز جياڭيۇ ئارىيەت ئالغىلى كەلگەندۇ، دائىم جياڭيۇ سېتىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، - دېدى ئاپىسى ئۇنىڭ ئىشىكنى ئېچىشىغا ئۈلگۈرۈپ . تۆت دانە تۈگرەنى ئۇنىڭ قاچىسىغا سېلىپ، ئېشىپ قالغان بىر دۆۋە تۈگرەنى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا تۈگەتمەكچى بولدى.
مۇنىرە گەپ تۈگىمەستىنلا، قاچا-قۇچا، چوكىلارنى قويۇپ ئۇچقاندەك يۈگۈردى، ئۆزىنىڭ ساپما كەشىگە پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى، دەلدەڭشىپ ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە دادىسىنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتكەنىدى.
نادىر ئەدەپ بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
ـ تاغا، ئاۋارە قىلدىم. - دېدى.
ئاۋارە قىلىشنى بىلگەن ئادەم، تېز كەتمەمسىز، ھۇ سولتەك! دەپ ئويلىغان مۇنىرەنىڭ دادىسى چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق قىياپەتتە، سوغۇققىنە ـ ھە دەپ قويدى.
ھەقىقەتەن قېيىن ئاتا بولغۇچى كۈيئوغلىغا قارىغانسېرى كۆزىگە سىغمايۋاتاتتى.
مۇنىرە كۈلۈپ تۇرۇپ دادىسىنى يېنىك نوقۇپ قويۇپ:
ـ دادا، ئۇنى مەن چاقىرىپ ئەكەلدىم، ئاپام بۇ قېتىم تۈگرەنى كۆپ تۈگۈپ قويۇپتۇ، ئۇنى چاقىرىپ كېلىپ، بېسىمىڭىزنى يەڭگىللىتەي دېدىم، ئېشىپ قالغان تۈگرەنى كەچتە ئىسىسىتىپ بەرمىسۇن، - دېدى.
ـ ھىم. - دېدى دادىسى سوغۇققىنە خۇرسىنىپ، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى.
كېلىشىنى كېلىپ بولغان تۇرسا، يەنە سۈپۈرگە بىلەن ئادەمنى قوغلاپ چىقىرۋېتەلەمدۇ؟
مۇنىرە نادىرنىڭ شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قانداق قىلىپ بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى، يەنە تېخى تورت سېتىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرگەنلىكىگە ئىشەنگۈچى كەلمەي ، قولىدىكى تورتنىڭ كۇرۇپكىسىنى ئالغاندىن كېيىن پەس ئاۋازدا:
ـ راستتىنلا كەپسىزغۇ؟ - دەپ سورىدى.
نادىر ئۇنىڭ سوئالىغا بىۋاسىتە جاۋاب بەرمەي، ئاۋازىنى پەس قىلىپ :
- مېنىڭچە، بۇ ئۆيدە مېنى قارشى ئالمايدىغان ئادەمدىن پەقەت تاغاملا بار، - دېدى.
بۇنىڭ قارشى ئېلىش - ئالماسلىق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.
مۇنىرە ئۇنى ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ:
- ئۇنداق بولسا ئېشىپ قالغان تۈگرىنى راستتىنلا يەۋېتەمسىز... يىيەلەمسىز؟ - دەپ سورىدى
ـ ھىم، مەن تېخى تۈزۈك تاماق يېمىدىم. - دېدى نادىر.
ئۇ شۇنداق دېگەنچە، مۇنىرەنىڭ زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىغۇسى كەلدى، بىراق ھازىر سوراشقا ئەپسىز، يەنىلا ئاۋۋال ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشسۇن.
نادىرنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن مۇنىرە ئاپىسى تەبىئىيلا ھەيران قالدى ۋە ئۇنى قىزغىن قارشى ئېلىپ:
- نادىر كەلدىڭىزمۇ، تاماق يېدىڭىزمۇ ، ھەي، نېمە بىر مۇنچە نەرسە كۆتۈرۈپ كېلىسىز، ئولتۇرۇڭ ئولتۇرۇڭ. - دېدى. ئۇنى يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ ئۆزى بىلەن پاراڭلىشىشقا بۇيرۇپ، بىر تەرەپتىن مۇنىرەگە قاراپ، ـ بېرىڭ، قازاندا يەنە تۈگرە بار، ئۇنىڭغا ئۇسۇپ بېرىڭ. - دېدى.
مۇنىرە دادىسىنىڭ بارغانچە قارىداپ كېتىۋاتقان چىرايىغا قاراپ، نادىرنىڭ قوغداشقا موھتاجلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنى ئاشخانىغا تارتىپ:
ـ ئاپا، سىلەر ئاۋۋال يەڭلار، مەن ئۇنى باشلاپ بېرىپ تۈگرىنى ئەپچىقاي، - دېدى .
ئۇلارنىڭ ئۆيى ئانچە چوڭ ئەمەس بولۇپ، بىر نەچچە قەدەم مېڭىپلا تاماقخانىدىن ئۆتۈپ كىچىككىنە ئاشخانىغا كىرىپ، دادىسىنىڭ ئادەمگە تىكىلىپ تۇرغان نەزىرىدىن قۇتۇلۇپ قالدى.
مۇنىرە چويلىنى ئېلىپ، قازاندىكى ئېشىپ قالغان تۈگرىنى سۈزۈپ ئېلىپ:
ـ بىر خىل قىيمىلىق، ئاپامنىڭ ھۈنىرى يامان ئەمەس، سىزمۇ تاماق يېمەپسىز، ھەممىنى يەۋېتىڭ... ئاچچىقسۇ، كۈنجۈت يېغى بار، باشقا نەرسە كېرەكمۇ؟ - دېدى.
نادىر بېشىنى چايقاپ:
ـ بولدى، مۇشۇلار بولسا بولىدۇ، - دېدى.
嗯- ھاممام بىلەن بىللە تاماق يەيمەن دېگەنغۇ، نېمىشقا قايتىپ كەلدىڭىز؟ - دەپ سورىدى مۇنىرە.
نادىرنىڭ ئەمدىلا تىنچلانغان قاپىقى يەنە تۈرۈلۈپ:
ـ سىلەرنىڭ شىركىتىڭلاردىكى ھېلىقى قىزچاقمۇ بار ئىكەن. - دېدى .
ـ قىزچاق؟ - مۇنىرە ھەيران بولۇپ، ئىككى سېكۇنت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن كىملىكىنى ھېس قىلىپ، ـ غۇنچەم؟ - دېدى.
ـ شۇنداق. - دېدى نادىر بېشىنى لىڭشىتىپ، مۇنىرەنىڭ چىرايىغا قاراپ قەستەن بىر ئېغىز گەپنى قوشۇپ ، ـ مەن ئۇچرىشىشقا بېرىشتىن بۇرۇن خەۋەرسىز ئىدىم، - دېدى.
ـ بىلىمەن. - دېدى مۇنىرە. ئالدىنقى قېتىم غۇنچەمنى ماشىنىغا ئېلىپ چىققاندىكى پوزىتسىيەسىدىن قارىغاندا، نادىر ئەپەندى ئۇنىنى قەتئىي ياقتۇرمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىممۇ ئويلىمىغان ئادەم پەيدا بولغاچقا، ئۇدۇللا كېتىپ قېلىشنى تاللىدى. لېكىن، كىچىككىنە بولسىمۇ ياقتۇرغان بولسا، بۇ ھالغىمۇ چۈشۈپ قالمايتتى دەپ ئويلاپ، ـ بىراق، غۇنچەم بىلەن ھاممىڭىزنىڭ تونۇشى تاسادىپىيلىق ئەمەستۇ؟ - دەپ سورىدى.
غۇنچەمنىڭ قولى ھەممە يەرگە يەتكەن تەقدىردىمۇ، نادىرنىڭ ھاممىسىنىڭ بۇ شەھەرگە كەلگەنلىكىنى ئالدىن بىلىپ، ئامال قىلىپ تونۇشۇپ بۇ دەرىجىگە يېتىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar