كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
95-قىسىم
8
95-قىسىم
ئۇنىڭ تەبەسسۇمىدىن گۈلپەرىنىڭ كۆزلىرى ئالاچەكمەن بولۇپلا كەتتى، ئۇنىڭ چىرايى ئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ، ئەمما كۆڭۈل قويۇپ ياسىنىۋالغان بولغاچقا روھلۇق كۆرۈنەتتى، قويۇق قاشلىرى، يوغان كۆزلىرى، كۈلۈمسىرىگەندە رەتلىك چىشلىرى كۆرۈنۈپ، قۇياشتەك ئىللىق كۆرۈنەتتى.
ئەلۋەتتە، تونى ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمى ئەمەس، ساتىراشخانىلار مۇشۇنداق ئىسىملارنى قويۇشىدۇ.
مۇنىرە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، بىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، چېچىنى ياخشى ياساپ قويسىلا بولدى.
ئەلۋەتتە، تەقى-تۇرقى يېقىملىق بولسا، ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ.
بۇ كىچىك ئوغۇللارنىڭ گۈلپەرىنىڭ ئاپىسىغا نىسبەتەن ھېچقانداق جەلپ قىلىش كۈچى يوق، بىراق كېيىنكى بىر نەچچە سائەتتە، ئۇ تونىنىڭ ئەتراپلىق، ئىنچىكە مۇلازىمىتىنى چىن كۆڭلىدىن ئېتىراپ قىلدى.
گۈلپەرى ئەسلىدە ئاپىسىغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن، لېكىن دۇكاندا بىردەم تۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭمۇ چېچىنى ياساتقۇسى كەلدى، شۇنىڭ بىلەن قەھۋە رەڭنى تاللاپ، خالىغان بىر ۋاقتى بار ساتىراش كېلىپ بوياپ قويدى.
تونى قولىنى يۇيۇپ بولۇپ، مۇنىرەنىڭ بىر چەتتە زېرىكىپ تۇرۇپ تېلېفون ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئالدىغا بېرىپ :
- ماڭلاي چېچىڭىزنى قايتا ياساپ قويايمۇ؟ - دېدى.
ـ بولدى، كېلەر قېتىم بولسۇن، ـ دېدى مۇنىرە كۈلۈپ تۇرۇپ قولىنى سوزۇپ چاچلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ قويدى.
تونى بارمىقىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ:
ـ يېڭى مېھمان تونۇشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، بۇ قېتىم ھەقسىز كېسىپ قويىمەن، - دېدى.
ـ بولدىلا. ـ مۇنىرە بېشىنى چايقاپ، ـ ماڭا ئولتۇرغۇدەك ئورۇن تېپىپ بەرسىڭىزلا بولدى. - دېدى.
دۇكاندا ئادەم كۆپ بولغاچقا، ھەمراھ بولۇپ كەلگەنلەر ئولتۇرىدىغان ئورۇن توشۇپ كەتكەنىدى، تونى كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئۆزى ئىشلىتىدىغان كىچىك ئورۇندۇق ئېلىپ بەردى، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
ئادەم ساقلىغاندا ۋاقىت بەك ئاستا ئۆتىدۇ. مۇنىرە ئارىلىقتا ماشىنىغا چىقىپ بىردەم يېتىۋالدى، ئۆزىنىڭ مۆلچەرىدە ۋاقىتمۇ توشۇپ قالدى دەپ ئويلاپ قايتىپ بارغاندىن كېيىن يەنە بىر سائەت ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تونىمۇ ئامالسىز قېلىپ:
ـ ئۇنىڭ چېچى بەك كۆپكەن، ياساش تەس. - دېدى.
ئۇنىڭغىمۇ ئامال يوق، تۈگىمىسە داۋاملىق ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.
مۇنىرە سىرتقا چىقىپ نادىرغا تېلېفون قىلدى.
ـ ئۇنداقتا سىز ھازىر گۈلپەرى قاتارلىقلار بىلەن بىللىمۇ؟ - دېدى نادىر.
- ھىم، - دېدى مۇنىرە.
ـ سىزنىڭ باشقا تەرىپىڭىز ھېچقانچە ئەمەس، ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز ئىش تاپىدىغان قابىلىيىتىڭىز ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن، - دېدى نادىر.
مۇنىرە بۇ باھانى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:
ـ مەن غۇنچەمنىڭ بەشىنچى ھاممىڭىزغا يېقىنلىشىش ئۇسۇلىنى سۈرۈشتە قىلماقچى بولغانتىم، - دېدى.
نادىر تېلېفوندا كۈلۈپ كېتىپ:
ـ تەكشۈرۈپ چىقالىدىڭىزمۇ؟ - دېدى.
مۇنىرە ئۈچ سېكۇنت سۈكۈتتە تۇرۇۋېتىپ:
ـ نادىر ئەپەندى، گېپىمنى ئاڭلاڭ، بۇ بىر ئۇرۇنۇش، پىلان، تەييارلىق... دېگەندەك جەريانلار بار ... ئەڭ ئاخىرىدا ۋەيران بولدۇم. - دېدى.
- ماڭا ئورۇن بەلگىلەپ ئەۋەتىپ بېرىڭ، باراي، - دېدى نادىر.
ئورۇن بېكىتىپ ئەۋەتىپ بولغاندىن كېيىن، مۇنىرە يۈزىنى يۆلەپ، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئەستايىدىل ئويلاندى، نادىرنىڭ ئالدىدا گەپ تاپالماي قېلىشىتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەھنە سۆزىنى تەييارۋېلىشى كېرەك.
گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى ئەلۋەتتە بۈدۈر قىلىشتىكى سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى ئىشلىتىدۇ، شۇڭا ئاددىي ساتىراشخانىدىمۇ مىڭ يۈەن خەجلىدى.
مۇنىرەنىڭ كارتىسى بولغاچقا، ئېتىبار قىلغاندىن كېيىن يۈز نەچچە يۈەن ئەرزان بولدى.
پۇل يىغقۇچى يىگىت ئۇدۇلدىكى ئىككى ئايالغا كۈلۈمسىرەپ قاراپ:
- سىلەر... - دېدى.
مۇنىرە يەنە كارتىسىنى سىلكىپ تۇرۇپ:
ـ تونى ئۇلارنىڭ خىراجىتىنى ئەزالىق دەرىجىسى بويىچە ئېتىبار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. - دېدى.
گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى يېنىك نەپەس ئېلىپ، ئۆزىنىڭ يېڭىلا ياساتقان ھەم ناھايىتى رازى بولغان چاچلىرىنى سىلاپ قويۇپ، يانفونىنى ئېلىپ:
ـ قانچە پۇل؟ - دېدى.
پۇل يىغقۇچى يىگىت چىرايلىق كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ئېتىبار قىلىنغاندىن كېيىن 1138 يۈەن بولىدۇ، - دېدى.
گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى پۇلنى تۆلەپ، مۇنىرەنىڭ ئۈستى - بېشىغا قاراپ قويدى.
نېمىلا دېگەن بىلەن ئادەتتىكى ئائىلىدىن چىققان، غۇنچەمگە ئوخشاش قولى ئۇچۇق ئەمەس.
مۇنىرە ئۇنىڭغا پەقەت دىققەت قىلمىدى، ساتىراشخانىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، ئوخشاش قارا رەڭلىك كۆڭلەك، ئىشتان كىيگەن بىرەيلەن كىرىپ كەلدى، سالاپىتى باشقىچە ئىدى.
دۇكاندىكى ھەممە ئادەمنىڭ كۆزى ئۆزى كېلىشكەن، مىجەزى سوغۇققان بۇ ئەرگە مەركەزلەشتى. دۇكاندىكى ساتىراش يىگىتلەرمۇ كېلىشكەن، ئەمما بۇ ئەر پەقەتلا ئوخشىمايتتى، بىر قاراپلا قالسا، ئۇنتۇپ قالمىغىلى بولمايتتى.
يىراقتىن قارىغاندا ئادەمگە چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغاندەك تەسىر بېرەتتى.
ئىككى قولى بوش قالغان ئاكا-ئۇكا ئىتتىرىشىپ يۈرۈپ، ئالدىغا چىقىشنى خالىمىدى، شۇڭا تونى بېشىنى چايقاپ، ئۆزى چىقىشقا مەجبۇر بولدى.
ـ چېچىڭىزنى ياسامسىز؟ - دەپ سورىدى.
نادىر ئۇنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ، بىر تەرەپتىن سوغۇققىنە تەلەپپۇزدا <ياق> دېگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن قولىنى سوزۇپ مۇنىرەنىڭ بوينىدىن تۇتۇۋالدى.
مۇنىرە بېشىنى كۆتۈرۈپ، كۈلۈپ قويۇپ يانغا ئۆتۈپ جىمجىت تۇردى.
گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى ئۇنى كۆرۈپ سەل ھەيران قېلىپ:
ـ نادىر، سىز نېمىگە كەلدىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
نادىر كۈلۈمسىرەپمۇ قويماي:
- ئۇنىڭ خوجايىنى سەۋەبسىز رۇخسەت سورىسا، خىزمەت تاشلىغانلىق بولىدۇ دەيدۇ، ئۇۋالچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كونكرېت سەۋەبىنى ئېنىقلاپ باقاي دەپ كەلدىم، - دېدى.
بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئىككى ئادەمنىڭ يۈزىگە ئۇردى، مۇنىرەمۇ خىجىل بولدى، گۈلپەرىنىڭ ئاپىسىمۇ قىينالدى.
شۇڭا كۈلۈپ تۇرۇپ:
ـ مەن ئۇنى تېخى كۆرۈپ باقمىدىم ئەمەسمۇ، تۇغقىنى بىلەن كۆرۈشكىلى چىقسا، سەۋەبسىز رۇخسەت سورىغان بولمايدۇ. - دېدى.
نادىر بېشىنى لىڭشىتىپ:
ـ ھەقىقەتەن، ئۆز ئادەم بىلەن ياتلارنىڭ پەرقى بار ... - دېدى.
گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى ھەش-پەش دېگۈچە غۇنچەمنى ئويلاپ، <نادىر ماڭا تەنە گەپ قىلىۋاتامدۇ ؟ ! >دېگەن ئويغا كەلدى.
ـ ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ئالدىدا، سىرتنىڭ ئىشىنى قويۇپ تۇرۇش كېرەك. - نادىر يەنە بىر جۈملە سۆزنى قوشۇپ قويدى، گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى ئۇھ تارتىپ، ئىختىيارسىز مەيدىسىگە ئۇرۇپ قويدى، ئەسلىدە بۇنداق دېمەكچى ئىكەندە، يۈرىكى پوك-پوك بولغاچقا كۆپ ئويلاپ كېتىپتۇ ...
ـ كەچۈرۈڭ، مېنىڭ قىلىدىغان ئازراق ئىشىم بار ئىدى، مۇنىرە دەرھال مەن بىلەن بارمىسا بولمايدۇ... گۈلپەرى ئىككىڭلار قايتىپ تۇرۇڭلار، كېلەر قېتىم پۇرسەت بولسا تۆتەيلەن يىغىلىپ ئولتۇرايلى، - دېدى نادىر.
گۈلپەرى كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ قويدى، نادىر شۇنداق دېگەچكە، گۈلپەرىنىڭ ئاپىسىمۇ نائىلاج بېشىنى لىڭشىتىپ:
ـ بولىدۇ، سىلەر ئاۋۋال قايتىپ بېرىپ ئىشىڭلارنىڭ قىلىڭلار. - دېدى.
نادىر بېشىنى لىڭشىتىپ مۇنىرەنىڭ بوينىدىن تۇتۇپ، كەينىگە قاراپمۇ قويماي چىقىپ كەتتى.
ھەممە ئادەم ئۇلار خېلى يىراققا ئۇزاپ كەتكۈچە قاراپلا قالدى.
مۇنىرە شوپۇر ئورنىغا چىققاندا، نادىر راۋرۇس ئولتۇرۇپ، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلاپ بولغانىدى.
ـ نادىر ئەپەندى، نەگە بارىسىز؟ - دەپ سورىدى مۇنىرە.
ـ بۇنىڭغا ئالدىرىمايلى، - دېدى نادىر.
مۇنىرە چۈشەنمىدى.
نادىر ئۇنىڭغا بىر قارىۋېتىپ، دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ، سۈزۈك ئەينەكتىن ساتىراشخانىدىكى ئۆتۈشۈپ تۇرغان مېھمانلارغا، ياكى يېڭى ياكى كونا ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرگە، رەڭگارەڭ چاچ بوياقلىرىغا چۈشتى... يەنە قارا رەڭلىك كىچىك جىلىتكە كىيىۋالغان يىگىتلەرمۇ بار.
نادىر كۈلۈمسىرەپ قويۇپ:
ـ سىز ياخشى كۆرىدىغان تىپ ئۆزگەرمەپتۇ... - دېدى.
بۇ قېتىم مۇنىرە مۆجىزىلەرچە نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى دەرھال ھېس قىلدى، ھەمدە تەمكىن بولۇپ:
ـ شۇنداق. بىراق غەلىتە ئىش، مەن ياخشى كۆرىدىغان تىپ ئۆزگەرمىدى، ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ئۆزگەردى. - دېدى.
نادىر كۆزلىرى ساڭگىلىتىپ:
ـ ئۆيگە قايتايلى، - دېدى.
ئوسالچىلىقتىن قۇتۇلۇپ قالغان چاغدىكى ھېسسىياتى تولىمۇ گۈزەل بولغان مۇنىرە كۆز ئالدىدىكى كىرىزىستىن ۋاقتىنچە چىقىپ، قالايمىقان خىياللارنى قىلىشقا باشلىدى.
نادىر ئەپەندىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھەر قانچە ئېنىق بىلسىمۇ، يەنىلا نېمە ئۈچۈن ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمىدى.
تەلىيى كېلىش تۇيغۇسى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى قۇپقۇرۇق قىلىپ قويىدۇ.
دەل تاماق ۋاقتى بولغاچقا، يولدا ماشىنىلار ئۈزۈلمىدى، ئاندا-ساندا جېنىدىن تويغان ئەخمەقلەر گۈدۈك چېلىپ مەجبۇرىي يانداپ ئۆتۈپ كېتەتتى، ئىككى ئادەمنى ئېلىپ ماڭغان كىچىك ماشىنا ئادەتتىكى قائىدە بويىچە ماشىنا يولىدا كېتىۋاتاتتى، يېقىننى يورۇتۇش چىرىغى يەر يۈزىگە جىممىدە چۈشۈپ تۇراتتى.
بىر نەچچە ئاي چېنىقىش ئارقىلىق مۇنىرەنىڭ ماشىنا ھەيدەش تېخنىكىسى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى.
مۇنىرە ماشىنىنى مۇكەممەل ھالدا ماشىنا ئىسكىلاتىغا توختىتىپ قويغاندىن كېيىن، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى يېشىپ ماشىنىدىن چۈشمەكچى بولۇپ، بىر پۇتى بىلەن يەرگە دەسسەپ بولۇپ، يېنىدىكى ئادەمنىڭ مىدىرلىمىغانلىقىنى، قاپىقىنىڭ ساڭگىلاپ، چىرايىنىڭ قىروۋ باغلاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قېلىپ، سول پۇتىنى ماشىنىغا ئېلىپ، ئېھتىيات بىلەن قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭ پېشانىسىنى تۇتۇپ كۆرمەكچى بولدى.
يەنە ئاغرىپ قالغانمىدۇ؟
قولى نىشانغا تەگمەي تۇرۇپلا، باشقىلار قاتتىق تۇتۇۋالدى، مۇنىرەنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى ئەسلىدە مايماق ئىدى، بۇنداق كۈچەپ تارتىلىش بىلەن يېتىپ قالدى، بېلى سوزۇلۇپ، بېشى ئۇنىڭ ئۈستىگىلا چۈشتى.
ـ قاتتىق تەگدىمۇ؟ - دېدى نادىر.
مۇنىرە ئېسىنى تېپىپ بولالماي:
ـ ئۇنداق ئەمەس... - دېدى.
كېيىنكى سېكۇنتتا سەل سوغۇق لەۋ قايتىدىن يېقىنلاپ، ئەسلىدىلا ئانچە راۋان بولمىغان نەپەسنى توسۇپ قويدى.
ماشىنا ئىشىكى يېرىم ئوچۇق، ئۈستىدىكى يورۇتۇش چىرىغى ئوچۇق بولۇپ، ئالتۇن رەڭ نۇر چېچىپ، كۈز كېچىسىدىكى گۈزەل كەچلىك مەنزىرىنى ھاسىل قىلدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar