تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 99-قىسىم_ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ

文摘   小说   2025-02-01 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق 107-قىسىم توپلام تامام 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
45
44434241
5049484746
5554535251
 60   59  58 57 56
6564 63  62  61 
  70 69  6867  66 
 75  74  7372  71 
80    7978  77  76 
85    8483  82  81 
 9089  8887 
 86 
 95 94 93 92 91


 98 97 96






 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

99-قىسىم

   


 


 


99 -قىسىم

  ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ


بۇ شەھەرنىڭ تۇرمۇش  رىتىمىنى مۇۋاپىق دېيىشكە بولىدۇ .

  ناشتىلىق دۇكىنىدا ئولتۇرغانلار ئاساسەن خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچىلەر ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاشخانىغا كىرىپ چىقىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز ئىدى، بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغىنى مەخسۇس ناشتا قىلىش ئۈچۈنلا كېلىدىغان مۇنىرەدەك ئادەملەرمۇ  ئاندا - ساندا پەيدا بولۇپ قالاتتى.

مۇنىرە ئورۇن تېپىپ ئولتۇردى، ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ خايىشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناشتىلىق بۇيرۇتتى،  چوڭقۇر ئۇھ دەپ تۇرۇشىغا، قارشى تەرەپنىڭ چوڭقۇر كۆرۈش سىزىقىغا ئۈسۈۋالدى.

نادىرنىڭ قاراشلىرىغا %50 ئوخشىسىمۇ، ئەمما ئازراق مىھرى-شەپقەت كەم بولۇشتىن باشقا، پۈتۈنلەي ئىزدىنىش بىلەن تولغانىدى.

ئادەمنى بىئارام قىلغانلىقى بىكار ئەمەس.

مۇنىرە قەددىنى رۇسلاپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

 ـ دۆلەت بايرىمىدىمۇ يەنە خىزمەت قىلىپ، جاپا چەكتىڭىز، - دېدى. 

نادىرنىڭ دادىسى گەپ قىلالماي ئوڭايسىزلىنىپ قېلىپ:

ـ سىز نادىر بىلەن قانداق تونۇشقان.  - دەپ سورىدى.

بىۋاسىتە بۇنداق سورىغانلىقىمۇ ياخشى بولدى... مۇنىرە ئاستا بېشىنى لىڭىشىتىپ :

ـ ئۇ يىراق ئەلدىن قايتىپ كەلگەندە، مەن ئايرودۇرۇمغا ئالغىلى بېرىپ تونۇشۇپ قالغان، - دېدى. 

- ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، بۇنى تونۇشۇش دېگىلى بولمايدۇ، - دېدى نادىرنىڭ دادىسى چىرايىنى ئۆزگەرتمەي. 

مۇنىرە خىجالەت بولۇپ :

ـ مەن بارغاندا ماشىنا توسۇلۇپ قېلىپ، ئۇنى ئايرودۇرۇمدا بىر سائەت ساقلىتىپ قويغىنىمدىن خىجىل بولدۇم. - دېدى.

بۇنىڭ بىلەن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپتۇ- دە.

گەرچە ئۇ بۇ تېمىنى تىلغا ئالغاندا سۇيىقەست نەزەرىيەسىنى دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن پۇت تىرەپ تۇرالمايتتى.

 ـ  ئاندىن كېيىنچۇ؟ - دېدى نادىرنىڭ دادىسى. 

ـ نادىر ئەپەندى ئۆي ئالماشتۇرماقچى بولدى، باش مۇدىر ماڭا ئۆي تېپىپ بېرىشنى ئېيتتى، كېيىن يەنە مېنى ئۆي بېزەشكە مەسئۇل قىلدى، مائاش سۈپىتىدە نادىر ئەپەندى تاماق ۋاقتىدا مېنى ئېلىۋالىدىغان بولدى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كونا تونۇشلاردىن بولۇپ قالدۇق. - دېدى. مۇنىرە بۇلارنى ئەسلىگىنىدە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى يىراقتىكى ئىشلاردەك بىلىندى، ئۇ چاغدا ئۇ يەنىلا نادىردىن قورقۇپ تىترەپ تۇراتتى، ھازىر كېچە-كۈندۈز يامىشىپ، قۇچاقلىيايدىغان بولدى.

ئۇ  ئىختىيارسىز بېشىنى لىڭشىتىپ، <نادىر ئەپەندىنىڭ كۆزى ھەقىقەتەن كور ئىكەن> دەپ ئويلىدى.

ـ  تاغا، نادىر ئەپەندى تامىقى ئوخشايدىغان ئاشخانىلارنى مەندەك بىر يەرلىك ئادەمدىن بەكرەك بىلىدۇ، بۇنىڭ باھانىسىدە مەنمۇ ئوخشىغان تاماقلارنى يېيەلىدىم، يەنە تېخى قوش ئېڭەكلىرىم چىقىپ كەتتى! ـ دېدى مۇنىرە بېشىنى كۆتۈرۈپ، كۆزلىرىنى چاقنىتىپ، ـ نادىر ئەپەندى بەك قالتىسكەن! - دېدى.

نادىرنىڭ دادىسى  ئوڭ-سولغا قاراپ، مۇنىرە ئىسىملىك بۇ قىزنىڭ ئۆز ئوغلىنىڭ قىز دوستىغا ئەمەس، ئەكسىچە ھازىرقى مودا بولۇۋاتقان مەستانىلەرگە بەكرەك ئوخشايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

ـ  سىزنىڭ ئۇنى چاقىرىشىڭىزدا مەسىلە بارمۇ قانداق. - دېدى نادىرنىڭ دادىسى.

مۇنىرە ئۇنىڭغا قاراپ:

 ـ ھە؟  - دېدى.

ـ  نېمىشقا ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرمايسىز. - دېدى نادىرنىڭ دادىسى. 

مۇنىرە ئوڭايسىزلانغان ھالدا قولىنى پۇلاڭلىتىپ:

 ـ بولمايدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئېغىزدىن چىقارغىلى بولمايدۇ.  - دېدى.

ۋاقىت ئىزىدا  توختاپ قالدى.

نادىرنىڭ دادىسى... مۇنىرە... ئاغزىنى تۇتۇپلا تۇرۇپ قالدى. 

نادىرنىڭ دادىسىنىڭ قېرىمىغان چىرايى قىزىرىپ:

 ـ نېمە گەپ بۇ! قاملاشمىغان!  - دېدى.

مۇنىرەمۇ خىجىل بولۇپ، ئۈستەلنىڭ ئاستىدىكى ئەخلەت ساندۇقىنى بېشىنى تىققۇدەك بولدى.

 بۈگۈن ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ تەمى چوقۇم باشقىچە بولىدىغانلىقى ئېنىق بولغاندەك قىلاتتى.

مۇنىرە نادىرنىڭ ئۆيدىكىلىرى تەرىپىدىن قانچىلىك بېسىمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاخىرى ھېس قىلىپ، كېيىنكى قېتىم ئۆيىگە بارغاندا ئىككى ئەر ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي كەيپىياتنى تېخىمۇ كەسكىنلىك بىلەن مۇرەسسە قىلىشقا بەل باغلىدى!

مۇشۇ ئىشلارنى ئويلاپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالماي يېنىك تىترەپ كەتتى، قېيىن ئاتىسى بىلەن كۆرۈشۈش قېيىن ئانىسى بىلەن كۆرۈشتىنمۇ تەس كەلدى دېسە!

ھېلىمۇ ياخشى نادىر مۇنىرەنى  ئۇزاق يالغۇز قالدۇرماي، ئىككىسىگە تولۇق بولمىغان پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋاقتىنى بەرگەندىن كېيىن، دادىسىغا  تېلېفون قىلدى.

ـ ناشتا قىلىپ بولدۇم، نېمە ئىشىڭ بارتى، - دېدى دادىسى. 

نادىرنىڭ دادىسىنىڭ سالماقلىق بىلەن تېلېفوننى ئالغانلىقىنى ئاڭلىغان مۇنىرە تېلېفوننىڭ يەنە تەرىپىدىكى ئوخشاش سۇس كۈلۈمسىرىگەن چىراينى كۆرگەندەك بولدى.

 ئەمدى   ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش باشلىنىدىغان بولدى.

نادىرنىڭ كۆزى تاماق ئۈستىلىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بوش ئورۇندۇقتىن ئۆتۈپ:

 ـ  ئادەمنى سىزگە شۇنچە ئۇزۇن بەردىم، ئەمدى ئۇنى ئۇھ دېگىلى قويۇڭ، - دېدى.

دادىسى سوغۇققىنە خۇرسىنىپ:

 ـ قارىسام ئۇ بۇنىڭغا موھتاج ئەمەستەك قىلىدۇ، مەندىنمۇ ئەركىن ئولتۇرىدۇ، - دېدى. 

مۇنىرە چۆچۈپ كەتتى، ۋىجدانى بارمۇ يوق،  شۇنچىلىك تىت-تىت بولۇپ ئولتۇرالماي قالدى جۇمۇ...

ـ  مەندىن كۆپ يېدى. - دېدى دادىسى. 

مۇنىرە بىر ئاز ئويلىنىپ، زۇۋان سۈرمەي ئاغزىنى ھىم يۇمدى.

تاماقتا نېمە سەۋەنلىك بولسۇن.  ھەر بىر تال دانمۇ جاپاكەش دېھقان تاغىلارنىڭ ئەجىرىدىن كەلگەن، ئىسراپ قىلىشقا بولمايدۇ.

ئۇ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرغاندا ئىككى قاسقان مانتا، بىر تۇخۇم پوشكىلى، يەنە بىر ئىستاكان پۇرچاق سۈتى ئىچەلەيدۇ. 

نادىرنىڭ دادىسىنىڭ كۆزى ھەش-پەش دېگۈچە مۇنىرەنىڭ كىچىك بەدىنىگە تىكىلدى، مۇنىرە ئەركىن بولالماي پېشانىسىنى تۇتۇپ، چاچلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ قويدى، قارىماققا ئانچە سەت ئەمەستەك قىلىدىغۇ نېمىشقا بۇنداق قارايدۇ...

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بىلەن نادىر ئەپەندىنىڭ چىراي قىممىتىدە پەرق بولسىمۇ، لېكىن ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ، ھە ياق، تىرىشىپ تولۇقلاپ قويسا بولىدۇ ئەمەسمۇ!

مۇنىرە قەددىنى رۇسلاپ، ياردەمچى شوپۇر ئورۇندۇقىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، تەكلىپ قىلىش ئىشارىتى قىلدى.

نادىرنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ، تېلېفوندا سۆزلەشكەچ ماشىنىغا چىقىپ:

 ـ سەن ئۇنىڭ ئىشتىھاسىغا مەپتۇن بولۇپ قالدىڭمۇ؟ - دەپ سورىدى. 

بۇ گەپنى ئاڭلاپ مۇنىرە  ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى مەھكەم تۇتۇۋالدى.

 نادىر بىر دەم سۈكۈتكە چۆكۈپ:

-  ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرمەڭ.  - دېدى.

 ـ ماڭا كېرىكى دەل مۇشۇ . - دېدى دادىسى.

ئاتا-بالا ئىككىسى يەنە بىر نەچچە ئېغىز پاراڭلاشقاندىن كېيىن دادىسى تېلېفوننى قويۇۋېتىپ، مۇنىرەگە قاراپ:

 ـ نېمىشقا تېخىچە ماشىنا ھەيدىمەيسىز؟ - دېدى. 

مۇنىرە رولغا شاپىلاقلاپ، <قۇياشتەك پارلاپ> كۈلۈپ قويۇپ:

 ـ  تاغا، سىز نادىر ئەپەندىگە ئانچە ئوخشىمايدىكەنسىز. - دېدى. 

نادىرنىڭ دادىسى ئىختىيارسىز ھالدا:

 ـ قايسى تەرەپتىن؟ - دەپ سورىدى. 

ـ  ئۇ ھاياتىنى قەدىرلەيدۇ، - دېدى مۇنىرە. 

نادىرنىڭ دادىسى قىلچە ئىپادىسىزلا مۇنىرەگە قارىدى، ئاندىن ئۇنىڭ نەزىرى بويىچە تاقىمىغان بىخەتەرلىك تاسمىسىنى كۆردى، بىر ھازاغىچە ئۇنىڭ پەقەت مۇشۇ ئىشقا قارىتىپ گەپ قىلغانلىقىنى ياكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ گەپ ياندۇرغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالمىدى.

بىخەتەرلىك تاسمىسىنى ئۈن-تىنسىز تاقاپ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا موھتاجدەك ھېس قىلدى.

ماشىنا ئاپتوموبىل ئېقىمىغا قوشۇلۇپ، تەكشى ماڭدى.

بىر تۆت كوچا ئېغىزىدىن ئۆتۈشىگىلا مۇنىرەنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويغان يان تېلېفونى سايراپ كەتتى.

ئۇ ئالمىدى.

يېرىم مىنۇتچە سايرىغاندىن كېيىن، نادىرنىڭ دادىسى:

 ـ نېمىشقا ئالمايسىز؟  - دېدى. 

بىرىنچى قېتىم سايرىغان ئاۋازدىلا پاراكەندىچىلىك سالىدىغان تېلېفوننىڭ ماھىيىتىنى كۆرۈپ يەتكەن مۇنىرە ئالدىغا قاراپ، سەل كۆتۈرۈلگەن ئېڭىكىنى سوزۇپ:

 ـ مەن سىزنىڭ بىخەتەرلىكىڭىزگە مەسئۇل بولىمەن، - دېدى. 

نادىرنىڭ دادىسىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قالدى.

ناھايىتى ياخشى.

ئۇنداقتا بۇ پۇرسەتتىن تازا بىر پايدىلانسۇن.

ـ مەن سىزنىڭ نادىر بىلەن بىللە بولۇشىڭىزنى ياقتۇرمايمەن. - دېدى نادىرنىڭ دادىسى .

مۇنىرە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، ئۈن چىقارمىدى.

ـ بىراق خاتا چۈشىنىپ قالماڭ، مەن ھېچقانداق تەدبىر ۋە ۋاسىتە قوللىنىپ سىلەرنى ئايرىلىشقا مەجبۇرلىمايمەن، گەرچە نادىر مېنىڭ بالام بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتى قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن مۇستەقىل بوپ بولغان، ئارىلىشالمايمەن. - دېدى نادىرنىڭ دادىسى .

ئالدى تەرەپتىكى ئاچا يولغا كەلگەندە، مۇنىرە ئوڭغا بۇرۇلۇپ ماڭدى، يان ئارقا تەرەپتە بىر قاتار بوش ماشىنا توختىتىش ئورنى بار ئىدى، ئۇ سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، خوت ئالماشتۇردى، ئۇ رولنى بىر بۇراپ، ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا سىلىق كىردى.

ـ مەن پەقەت سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى مەسىلىلەرنىڭ ئىنتايىن كەسكىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويماقچى.  - دېدى نادىرنىڭ دادىسى .

مۇنىرە كۆزلىرىنى ساڭگىلىتىپ، قول تورمۇزنى تارتتى.

ـ بەلكىم بۇنىڭدىن كېيىن سىلەرگە غايەت زور ئازاب ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.- دېدى نادىرنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا ھەيۋەت بىلەن قاراپ قويۇپ، ‐ چۈشەندىڭىزمۇ؟  - دېدى.

ـ  چۈشەندىم. - دېدى مۇنىرە بېشىنى كۆتۈرۈپ، كۆزلىرى چاقناپ، قىزغىن، سەمىمىي ھالىتىگە قايتتى.

ئۇ بۇرۇنلا نادىر ئەپەندىدىن باشقا ئادەم بىلەن بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىشنى ئويلاپ كەلگەنىدى.

ـ مەسىلە كۆرۈلگەنىكەن، ئامال قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك، تاغا، سىز ماڭا ياردەم قىلىپ تەھلىل قىلىپ بېرىڭ،  سىزنى قەھۋە ئىچىشكە تەكلىپ قىلاي. - دېدى مۇنىرە. 

نادىرنىڭ دادىسى بېشىنى كۆتۈرۈپ، پاكىز ماشىنا دېرىزىسىگە قاراپ ، مۇشۇ يەردە قەھۋە ئىچىشكە تەكلىپ قىلامدۇ دەپ قاراپ قويدى...

چۈشلۈك تاماق ۋاقتىغا ئاز قالغاندا، نادىر دادىسى بىلەن ئاران كۆرۈشتى.

بىر ئوبدان ئاسرالغان يۈزى سۇس قارىداپ كەتكەن بولۇپ، ئەكسىچە مۇنىرەنىڭ يۈزلىرى  قىزىرىپ كەتكەنىدى.

ـ تاغا، تېز ئولتۇرۇڭ، مەن سىزگە چاي دەملەپ بېرەي. - دېدى مۇنىرە. 

قىزغىن مۇنىرەگە قاراپ، نادىرنىڭ دادىسى ئەدەپ بىلەن كۈلۈپ قويۇپ، ساپادا ئولتۇرۇپ، ئۇزۇن نەپەس ئېلىپ، قاپىقىنى ئۇۋىلىدى.

ئۇ بۇنداق ئادەمنى كۆرۈپ باقمىغانىدى!

 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章