تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 98-قىسىم_ كۆرگۈدەك يېرى يوق

文摘   小说   2025-01-31 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق 107-قىسىم توپلام تامام 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
45
44434241
5049484746
5554535251
 60   59  58 57 56
6564 63  62  61 
  70 69  6867  66 
 75  74  7372  71 
80    7978  77  76 
85    8483  82  81 
 9089  8887 
 86 
 95 94 93 92 91



 97 96


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

98-قىسىم

   


8

 


98-قىسىم 

   بۇنداق ئىشنىڭ كۆرگۈدەك  يېرى يوق


ئۇمۇ ئوغلىنى جاھاندا بىر دەپ تۇرۇۋالمىدى. ئاپىسىنىڭ قورسىقىدىن ئەمدىلا چۈشۈپلا ھېچكىمنىڭ ئارقىسىدا قېلىپ باقمىغانلىقى ئېنىق!

ـ كۈپكۈندۈزدە، نېمىشقا بەزى كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرىدۇ، قارىڭە يىراقتىنلا ئۇنى - بۇنى كۆرسىتىپ يۈرىدۇ، - دېدى  يىراقتىكى ئىككى ئايالنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىنى كۆرگەن مۇنىرەنىڭ ئاپىسى。 ئايلانمىدىن ئۆتۈپ، ئۈچ مېتىر نېرىدا تۇرۇپ، ئۈچ ئايالدىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، خۇپسەنلىك قىلىپ پۇت - قوللىرىنى كېرىپ  ھەرىكەت قىلىۋاتقان نادىرنىڭ دادىسى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قېپقالدى.

 ئىككى ئائىلىنىڭ گەپ تالىشىپ، بىر-بىرىنى تىللىشى مەھەللىدە ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى، كۆپچىلىكمۇ ھەيران قالمايدىغان، ھەتتا  ياراشتۇرۇپ قويىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى، ئىككى ئايال قالايمىقان ئالىيىشىپ، ئىچىدە نېمىلەرنىدۇر دېيىشىپ كەتتى.

نادىرنىڭ دادىسى چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ كەينىگە داجىماقچى بولغاندا، مۇنىرەنىڭ دادىسىنىڭ  ئىللىق تەبەسسۇمىغا قاراپ ئەپۇ سورىغاندەك ئامالسىز قولىنى پۇلاڭلىتىپ< كەچۈرۈڭ> دېگەن قول ئىشارىسى قىلدى.

بۇنداق ئىشنىڭ كۆرگۈدەك  يېرى يوق.

 نادىرنىڭ دادىسى بۇ چەمبىرىكىدىن چېكىنىپ چىقىپ، بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى.

ئۇ راستتىنلا  بۇنداق ئاتا-ئانا تەربىيەلەپ چىققان قىزنىڭ 30 يىل سەرخىل تەربىيە ئالغان نادىرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمىدى.

ـ ھەي! 

نادىرنىڭ دادىسىنىڭ دىققىتى چېچىلىپ، دوقمۇشتىن يۈگۈرۈپ چىققان قىز بىلەن سوقۇلۇپ كەتتى، قىزچاق يىقىلىپ چۈشكەن بولسىمۇ، قولىدىكى چۈشلۈك تاماق قاچىسىنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى.

مۇنىرە ئۆزىنىڭ بۈگۈن ئىشتان كىيىۋالغانلىقىدىن قاتتىق خۇرسەن بولدى، ئەگەر كۆينەك كىيگەن بولسا ئوڭايسىزلىنىپ قالغان بولاتتى.

ئۇ ناھايىتى تېزلا ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشتىنى قېقىۋېتىپ، ئۆزىنى سوقۇۋەتكەن ئادەمگە قاراپ:

 ـ كەچۈرۈڭ، كەچۈرۈڭ، مەن يولغا ياخشى قارىماپتىمەن، قاتتىق سوقۇۋەتمىگەندىمەن؟ - دېدى. 

نادىرنىڭ دادىسى ئۇنىڭ ئالدىدا قەددىنى تىك تۇتتى، چىرايى مۇرەككەپ بولۇپ، H شەھىرىگە قىلغان بۇ سەپىرىنى بىر يولىلا ئاياغلاشتۇرماقچى بولغانىدى، ئويلىمىغان يەردىن  مۇنىرە بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.

-  ھېچقىسى يوق.  - دېدى نادىرنىڭ دادىسى.

مۇنىرە ئۇھ دەپ:

 ـ ئۇنداقتا ياخشى، ئەمىسە سىز داۋاملىق ئايلىنىپ كېلىڭ، مەن ماڭاي ، - دېدى . 

 ئۇ چۈشلۈك تاماق قاچىسىنى كۆتۈرۈپ، ئون مېتىرچە يۈگۈرۈپ توختاپ قالدى، نادىرنىڭ دادىسى ئۇنىڭ قەدىمىنى توختىتىپ، كەينىگە يېنىپ، قەدەممۇ-قەدەم چېكىنىپ، ئاخىر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ قېتىپ تۇرۇپ قالغانلىقىدىن ھەيران قالدى.

بۇ ئادەمگە بىر قاراپلا مۇنىرەدە ئاجايىپ تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ، ئويلىغانسېرى تونۇشتەك بىلىنىدى...  كۆڭلىدە ھەممىنى چۈشەنگەن مۇنىرە بېشىغا بىرنى ئۇرۇپ، كۈلكىسىنى يىغىپ ئۆزىنى چىرايلىق، مەرد كۆرسىتىشكە تىرىشىپ:

-  تاغا، بۇ سىزنىڭ شەخسىي زىيارىتىڭىزمۇ؟ - دېدى. 

نادىرنىڭ دادىسى گەپ قىلالماي قالدى.  بىۋاسىتە ئېچىپ تاشلىنىش تۇيغۇسى ئادەمنى بەك قىينىدى.

بىللە تۇرغاندىن كېيىن، مۇنىرەمۇ نادىرنىڭ ھۇجرىسىغا دائىم كىرىپ-چىقىپ تۇراتتى، ئۇ جازىغا قويۇلغان ئائىلە سۈرىتىنى بىر نەچچە قېتىم كۆرگەن، سۈرەتنى رەڭ تەڭشەپ، گۈزەللەشتۈرگەن بولسىمۇ، ئادەمنى تونۇيالماي قالغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس.

 كەسكىن سودا ساھەسىدە يېتىشىپ چىققان  چوڭامنىڭ ئوڭايسىزلىنىپ قالغانلىقى ئاز كۆرۈلەتتى، مۇنىرەنىڭ يېقىندىن بۇيان سۆز-ھەرىكەتنى كۆزىتىش ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، دەرھال ـ ئويلىنىپ:

ـ ناشتا قىلدىڭىزمۇ، بولمىسا مەن سىزنى  ئالاھىدە ناشتىلىق چىقىدىغان ئاشخانىغا باشلاپ باراي،  تېتىپ بېقىڭ  - دېدى. 

نادىرنىڭ دادىسى سۈكۈتتە تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتتى.

بۇ قىزنىڭ ھەقىقەتەن ئازراق ۋاسىتىسى بار ئىكەن.

مۇنىرە يېنىك كۈلۈپ تۇرۇپ:

 ـ بولىدۇ، سەل ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن ئاۋۋال تېلېفون قىلالىۋالاي، - دېدى. 

ئۇ يان تېلېفونىنى چىقىرىپ ئاپىسىغا تېلېفون قىلىپ:

- ئاپا، نادىر ئەپەندى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ تۈگرە ئېتىپ مېنى ئاپىرىپ بېرىڭ دەپ ئەۋەتتى، سىز دادام بىلەن بىنانىڭ ئاستىدىكى باغچىدىمۇ؟ ھە، ئەمىسە مەن تاماق قاچىسىنى ئىشىك ئالدىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇققا قويۇپ قويدۇم، ئۆزىڭىز ئېلىۋېلىڭ، مېنىڭ ھازىر سىرتقا چىقىدىغان ئازراق ئىشىم چىقىپ قالدى...  سىز يەنە ئەسقەرنىڭ ئاپىسى بىلەن ئۇرۇشىۋاتامسىز، بىر-بىرىڭلارنى شۇنچە ئۇزۇن قىينىدىڭلار، بولدى قىلساڭلار  قانداق؟ ماقۇل، ماقۇل، قاچىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ،  قويۇۋەتتىم. - دېدى. 

مۇنىرە تېلېفوننى قويۇپ، نادىرنىڭ دادىسىدىن ئەپۇ سوراپ:

 ـ كەچۈرۈڭ.  - دېدى.

نادىرنىڭ دادىسى ئۇنىڭ قولىدىكى چۈشلۈك تاماق قاچىسىغا قاراپ، تۇيۇقسىز :

- مەن مۇشۇنى يېسەممۇ بولىدۇ، - دېدى. 

مۇنىرە نېمە دېيىشىنى بىلەلمىدى. تۈگەشتى، بايا بەك جىددىيلىشىپ كېتىپ، بۇنى پەقەت ئويلىماپتۇ!

نادىرنىڭ دادىسى يەنە:

 ـ نېمىشقا مېنى نادىر ئەتكەن تۈگىرىنى يېگىلى قويمايسىز؟ - دېدى. 

بۇنى مۇنىرەمۇ بىلمەيدۇ!

 ـ سوئالىمغا جاۋاب بېرىڭ، ماڭا چوقۇم بىرەر سەۋەب كۆرسىتىپ بېرىڭ، - دېدى نادىرنىڭ دادىسى. 

 ئاچچىقى نېمانداق يامان، دەرۋەقە ئاتا-بالا بولۇشقا مۇناسىپكەن!

 ئىختىيارسىز ھالدا قولىنى تۆۋەن سېلىپ، ھۆرمەت بىلەن:

 ـ كەچۈرۈڭ، بايا مەن ئانچە سەگەك بولالماي قاپتىمەن، ماڭا تۈزىتىش پۇرسىتى بېرىڭ.  - دېدى.

ـ  ھوشىڭىزنى تاپمىغىنىڭىز  مېنى نادىر ئەتكەن تۈگىرىنى يېگىلى قويمىغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىمۇ؟ - دېدى نادىرنىڭ دادىسى.

- ئۇنداق ئەمەس. .. - دېدى مۇنىرە.

ـ ئۆزىڭىز سەگەك بولماي، مېنىمۇ سەگەك ئەمەس دەپ قالدىڭىزمۇ؟  - دېدى نادىرنىڭ دادىسى.

- كەچۈرۈڭ... - دېدى مۇنىرە. 

ـ بۇ يەردە ئەخمەقلەرچە تۇرۇپ نېمە قىلىسىز؟- دېدى نادىرنىڭ دادىسى. 

- ھە، مەرھەمەت. - دېدى مۇنىرە دەرھال ئالاقزادىلىك ئىچىدە چۈشلۈك تاماق قاچىسىنى سۇنۇپ.

 ـ  مەن سىزنى بۇ قاچىنى بۇ يەردە قويۇپ، مېنى سىلەرنىڭ بۇ يەردىكى ئالاھىدە ناشتىلىقىنى يېگىلى ئاپىرىڭ دېمەكچى، - دېدى نادىرنىڭ دادىسى.

مۇنىرە گاڭگىراپلا قالدى.

تۇرمۇشتا نادىر ئەپەندى ئېلىپ كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ دادىسىمۇ بارلىقىنى ئويلاپ كۆڭلى ئازراق يېرىم بولدى.

چىشىغا تەگكىلى بولمايدىكەن....

نادىر قاقلاپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم تۈرمىلىگە ۋىلكا سېلىپ، بۇرۇلۇپلا ھور چىقىپ تۇرغان پۇرچاق سۈتنى ئىستاكانغا قويدى، ئىشنى تۈگىتىپ سىرتقا چىقىپ مېھمانخانىدىكى تام سائىتىگە قارىدى.

ئۆيدىن چىقىپ كەتكىلى يىگىرمە مىنۇتتەك بولدى، نېمىشقا تېخىچە قايتىپ كەلمەيدۇ؟

ئۈستەلدىكى يان تېلېفون دەل ۋاقتىدا سايرىدى، نادىر قولىغا ئېلىشىغا، مىكروفوندىن شوخ ئاۋاز ئاڭلاندى.

- خەيرلىك سەھەر، بۈگۈن ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك بىر كۈن بولدى... - دېدى.

 نادىر چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق ھالەتتە:

 ـ ئاڭلىماققا ئانچە ياخشى خەۋەردەك قىلمايدۇ. - دېدى.

ئاپىسى كۈلۈپ تۇرۇپ:

 ـ ھەقىقەتەن مېنىڭ ئوغلۇم - دە، بىر قېتىمدىلا توغرا پەرەز قىلدىڭ، بىر ئۇچۇرنى دەيمۇ - دېمەيمۇ دەپ ئۇزاق ئويلىنىپ ئاخىرىدا يەنىلا دېيىشنى قارار قىلدىم، داداڭ... -  دەپ توختاپ قالدى.

- مۇنىرەنى ئىزدەپ كەلدىمۇ، - دېدى نادىر. 

-  بىزار بولدۇم، مەن دەپ بەرسەم بولمامدۇ! - دېدى ئاپىسى. 

 نادىر قولىنى كۆتۈرۈپ قاپىقىنى تۈرۈپ:

- پەرىزىمدە ئۇنى كېلىدۇ دەپ ئويلىغان،  لېكىن بۇنداق تېز كېلىشىنى ئويلىماپتىمەن. - دېدى.

- داداڭ بىر پائالىيەتچى، بولدى، بولدى، ساڭا تېلېفون قىلىشىم مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىش پۇرسىتى بېرىش ئۈچۈن، سەن ئاران تەستە مۇشۇنداق ياخشى كۆرىدىغان قىزنى تاپتىڭ، داداڭ ساڭا دەخلى قىلمىسۇن.   - دېدى ئاپىسى.

ـ ئىشىمنى بۇزۇپ بولالمايدۇ، - دېدى نادىر. 

 ـ سەن ئۆزۈڭگە بەك ئىشىنەمسەن ياكى داداڭنى كۆزگە ئىلمامسەن؟  - دېدى ئاپىسى كۈلۈپ تۇرۇپ.

 نادىر تېلېفوننىڭ ئاۋازىنى ئېچىۋېتىپ، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، بىر قولىنى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە قويۇپ، كۆزىنى بىردەم يۇمغاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا ئېچىپ،  چوڭقۇر مەنىلىك كۈلۈپ قويۇپ:

- ئۇ دېگەن مۇنىرە. - دېدى.

ھەممە  ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ.

ھەم ھاڭۋاقتى ھەم ئەقىللىق.


 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章