كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات11-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 11-بۆلۈم 第11部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
2 | 1 | |||
گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم 第10部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات11-بۆلۈم
3-قىسىم
3-قىسىم
ھېلىمۇ ياخشى سەبىرەنىڭ ئەھۋالى ئانچە ئېغىر ئەمەسكەن، جىددىي قۇتقۇزۇشتىن كېيىن، ئۇ ناھايىتى تېزلا ھوشىغا كەلدى.
ياردەمچىمۇ ئاخىرى ئۇھ دېدى.
دوختۇردىن ئەھۋالنى بىر قۇر سوراپ، جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئەنسەرگە تېلېفون بېرىش ئېسىگە كەلدى.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سەبىرەنىڭ كېسىلى ناھايىتى ئاز قوزغالغان، ئەنسەر بۈگۈن يەنە تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ قالغانلىقىنى، يەنە تېخى ھامىلىدار ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، دەرھال خىزمىتىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئۇدۇل دوختۇرخانىغا كەلدى.
ياردەمچى دوختۇرخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئەنسەرنى ساقلاپ تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ تېز قەدەم بىلەن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغاچ:
- ئەھۋالى مۇقىملاشتى، لېكىن دوختۇر ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىدە ھامىلىدارلىقنى داۋاملاشتۇرماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ قېتىم بالىغا ھېچ ئىش بولمىدى، بىراق ئۇنىڭ كېلەر قېتىم كېسىلى قوزغالغاندا يەنە مۇشۇنداق تەلەيلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەتتە ئايدىن كېيىن، ئۇ يەڭگىگەندە كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالامدۇ-يوق ھېچكىم كاپالەت بېرەلمەيدۇ... - دېدى .
ئەنسەرنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ:
- نېمىشقا تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ قالىدۇ؟ - دەپ سورىدى.
- بۇ... - ياردەمچى بىردەم تۇرۇپ قالدى.
لىفىتنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، ئەنسەر ئۇنىڭغا يانچە بۇرۇلۇپ قارىدى.
- بايا... دىلنار خانقىز كەلدى ... دېدى ياردەمچى بېشىنى ساڭگىلىتىپ.
ئەنسەرنىڭ قاپىقى سۈزۈلۈپ:
- ئۇ كەلگەنمىتى؟ - دېدى.
- شۇنداق، سەبىرە خانقىز ئۇنى چاقىرىپ كەلدى، - دېدى ياردەمچى.
- سەبىرە ئۇنى چاقىرتقاندىن كېيىن كەلدىمۇ؟ ـ دېدى ئەنسەر سەل گاڭگىراپ، ـ دىلنار قاچاندىن باشلاپ بۇنداق گەپ ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدى؟ - دېدى.
ياردەمچى ئوڭايسىزلانغان ھالدا بېشىنى چايقىدى، ئۇنىڭ يەنە باشقىلارغا چاپلىشىۋالىدىغان تەرىپى بارمىكەن؟
سەبىرە ھوشىغا كەلگەن بولۇپ، چىرايى تاتىرىپ، روھى سولغۇن ئىدى.
ئەنسەرنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، يەنىلا ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
- كەچۈرۈڭ، سىزنى ئەنسىرىتىپ قويدۇم. - دېدى.
ئەنسەر چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، كېسەل كارىۋىتىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۈستى - بېشىغا خېلى ئۇزۇن سەپسېلىپ، ئاخىر ئېغىز ئېچىپ :
- قورسىقىڭىزدىكى بالىنى ئېلىپ قالسىڭىز بولمايدۇ، مەن دوختۇر بىلەن ۋاقىتنى دېيىشىپ قويدۇم... - دېدى.
سەبىرەنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايى شۇ تاپتا ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قانمۇ قالمىغاندەك قەغەزدەك ئاقىرىپ كەتتى. لەۋلىرى تىترەپ گەپمۇ قىلالمىدى، ئەمما توختىماي بېشىنى چايقاپ:
- ياق... بولمايدۇ.... ! - دېدى.
ئەنسەر كۆزىنى قىسىپ، مۇتلەق ئاگاھلاندۇرۇش نەزىرىدە قاراپ:
- سەبىرە، بۇ بالا سىزنىڭ جېنىڭىزنى سېلىپ بېرىشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ. - دېدى.
- لېكىن سىز ئەرزىيسىز! - دېدى سەبىرە يىغلاپ تۇرۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ، مەردانىلىك بىلەن ئەنسەرنىڭ ئالدىدا ئىقرار قىلىپ:
- ئەنسەر ئاكا، مەن سىزنىڭ يېنىڭىزدا قېلىش ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئىشلارنى قىلدىم، ھەتتا جېنىمنىمۇ ئايىمىدىم... - دېدى.
- سەبىرە. - ئەنسەرنىڭ ھەم ئېغىر، ھەم سوغۇق ئاۋازى ئاڭلاندى، ـ دىلنار ئەينى چاغدا سىزنىڭ ئىشىڭىز سەۋەبلىك مەن بىلەن ئازراق ئازارلىشىپ قالغان، مەن سىزگە ئوچۇق ـ يورۇق مۇئامىلە قىلىپ كەلدىم، سىزمۇ كۆڭلىڭىزدە ئېنىق بىلىسىز، شۇڭا مەنمۇ بىر مەزگىلگىچە ئۇنى يولسىزلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان. لېكىن سىز ھازىر ماڭا، ھەقىقەتەن سىز بىلەن ئارىلىق ساقلىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇردىڭىز، - دېدى.
سەبىرە ئاستا-ئاستا تىنچلىنىپ:
- مەن سىز ئۈچۈن جېنىمدىن كېچىشكىمۇ رازى، لېكىن دىلنار بۇنداق ئىشنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ، ئۇنىڭ ئاشۇ خاراكتېرى ۋە مىجەزى بىلەن، سىلەر بىللە بولغان تەقدىردىمۇ، ھەممە ئىشتا ئۇنىڭغا يول قويىسىز، ئۇنى ئازراق خاپا قىلىپ قويسىڭىزمۇ بولمايدۇ، بۇنداق كېتىۋەرسە، ھارغىنلىق ھېس قىلمامسىز ؟... - دېدى.
- ئۇمۇ مەن ئۈچۈن جېنىدىن كېچىشى كېرەكمىتى؟ - دېدى ئەنسەر.
ئەنسەرنىڭ بۇ گېپى سەبىرەنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى.
- مەن ئۇنىڭ يېنىمدا ساق - سالامەت تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇنى مەن ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بەرسۇن دېمەيمەن. ئەگەر ئۇنىڭ راستىنلا مېنى دەپ جېنىدىن ۋاز كېچىش نىيىتى بولسا، مەن ئۇنىڭدىن بۇرۇنلا ئايرىلىپ كەتكەن بولاتتىم! ئۇنىڭ ئوسال مىجەزىگە كەلسەك، تاللىغانىكەنمەن، ھېرىپ كەتسەممۇ سىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. - دېدى ئەنسەر.
سەبىرە شۇ تاپتا كۆزىنى چىمچىقلىتىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى.
ئەسلىدە يەنە مۇشۇنداق گەپلەرمۇ بار ئىكەن.
ئەسلىدە قارشى تەرەپ ئۈچۈن جان پىدا قىلىش ئاللىقاچان ئۇنتۇلماس، تىللاردا داستان بولغۇدەك ئىشمۇ ئەمەسكەن.
دىلنارمۇ ياخشى ياشاشنى ئويلايدۇ، ئەنسەرمۇ ئۇنىڭ ياخشى ياشىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
بۇنداق تەتۈر يۆلىنىشلىك ماسلىشىش ھەقىقەتەن ئاسان قولغا كەلمەيدۇ.
سەبىرە ئاچچىق كۈلۈپ قويدى، يەنە كۆز ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلۈپ:
- ئەسلىدە مەن جېنىمنى سىزگە بەرسەممۇ، ماڭا قاراشقا كۆزىڭىزمۇ يوقكەن، - دېدى.
ئەنسەر ئۇنىڭ روھى چۈشۈپ كەتكەن ھالىتىنى كۆرۈپ، تۇيۇقسىز بىر خىل ھارغىنلىق ھېس قىلدى.
- ھايات قېلىش ھەممىدىن مۇھىم، سىز ھامىنى ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىغا مەسئۇل بولۇشىڭىز كېرەك، مەن سىزنىڭ ھالىڭىزدىن بىر ئۆمۈر خەۋەر ئالالمايمەن. - دېدى ئەنسەر.
بۇ قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۇچۇق قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟
سەبىرە لېۋىنى كۈچەپ چىشلەپ، خېلى ئۇزاققىچە جىمىپ ، ئاندىن ئاستاغىنا :
- بايىقى گەپلەرنى... دېمىگەن بولاي... ھاياجانلىنىپ كېتىپتىمەن... - دېدى.
ئەنسەر ئۇنىڭغا سۇس قاراپ قويۇپ:
- بولىدۇ، لېكىن مەن بايا دېگەن ئىش ... - دېدى.
- ئەنسەر ئاكا، ماڭا بىر دەم ھەمراھ بولۇپ پاراڭلىشىپ بېرىڭ، تۈزۈك پاراڭلاشمىغىلى ئۇزۇن بوپتۇ. - دېدى سەبىرە ئەنسەرنىڭ گېپىنى بۆلۈپ، ئەنسەرنىڭ قوشۇمىسىنى تۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، - مەن بايا دىلنار ئاچام بىرمۇنچە پاراڭلاشتىم، سىز بىزنىڭ نېمە توغرىسىدا پاراڭلاشقانلىقىمىزغا قىزىقمامسىز؟ مېنىڭچە... دىلنار ئاچام سىزگە بۇ گەپلەرنى دەپ بەرمەيدۇ ... - دېدى.
ئەنسەر ئۇنىڭغا بىردەم تىكىلىپ تۇرغاندىن كېيىن، ئاخىرى كاستۇمنىڭ تۈگمىسىنى يېشىپ، ئېڭىشىپ ساپادا ئولتۇردى.
سەبىرە كۈلۈپ تۇرۇپ:
- مەن ئۇنىڭغا يۈرەك كېسىلىم بارلىقىنى، شۇڭا سىزنىڭ شۇنچە يىللاردىن بۇيان ماڭا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلغانلىقىڭىزنى ئېيتتىم، ئۇ قورسىقىمدىكى بالىنى سىزنىڭ دەپ ئويلاپ قاپتۇ، مەن ئۇنداق ئەمەس دېسەم ئىشەنمىگەندەك قىلىدۇ...
ئۇ يەنە ماڭا ئىشەنگەندىن كېيىن ئاقىۋىتىگە بەرداشلىق بېرىشى كېرەكلىكىنى، ناۋادا ئىشەنمىسە، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇڭا ئۇ سىز بىلەن مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلاشمىدى. - دېدى.
ئەنسەرنىڭ چىرايى بارغانسېرى تۇتۇلۇپ كەتتى، ياردەمچىسى بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا دىلنارنىڭ شىركەتكە بېرىپ ئۇنى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى، مانا ئەمدى دىلنارنىڭ ئىزدەپ بېرىش سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدى.
- بەك ئالدىراپ جىددىيلىشىپ كېتىپتىمەن، ئەگەر ئۇنىڭ بايىقى پوزىتسىيەسى قەتئىي بولمىغان بولسا، مەنمۇ سىزگە بايىقى گەپلەرنى دېمىگەن بولاتتىم ... - دېدى سەبىرە.
.....
ئەمدى گەپنى بىز دىلناردىن ئاڭلايلى.
دىلنار سەبىرەگە راستتىنلا ئۆچ بولدى. مانا ھازىرمۇ سەبىرە سەۋەبلىك ئاۋارىچىلىككە قېلىۋاتىدۇ.ئۇ زادى سەبىرەگە نېمىگە قەرز بوپ قالغان بولغىيدى.
يەنە نېمە ئىش بولدى دەمسىز. توختاپ تۇرۇڭ، گەپنى دىلنارنىڭ ماشىنىنىڭ يېنىغا كەلگەن يېرىدىن باشلايلى.
دىلنار ماشىنا يېنىغا كېلىپ ئەمدىلا ماشىنا ئىشىكىنى ئاچاي دەپ تۇرۇشىغا ئۇچلۇق نەرسە تۇيۇقسىز ئۇنىڭ بېلىگە تەگدى.
كېيىنكى سېكۇنتتا ئاغزى ئىتىلدى.
ئارقىدىكى ئەر يېنىك تىترەپ جىددىيلەشكەن ھالدا ئۇنىڭدىن سەبىرەمۇ دەپ سورىغاندا، بىردىنلا سەبىرەنى پارە-پارە قىلىۋېتىش ئويى پەيدا بولدى.
سەبىرە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ < ھەم جاپالىق، ھەم قىيىن ئۆتمۈشى>نى سۆزلەپ بەردى، ئەنسەرنىڭ ياردەمچىسى سەبىرەنى نېمە ئۈچۈن قاتتىق قوغداۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بەردى، بۇلارنى قوشۇپ ئويلىغاندا ئۇنىڭ كەينىدىكى بۇ تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئەرنىڭ يېقىندا تۈرمىدىن چىققان ئۆمەر ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس.
ھېلىلا گېپىنى ئاڭلىغان قارا نىيەت ھازىر راستتىنلا جېنىنى ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ، خىيالىدا بولسىمۇ ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىغۇسى كەلدى.
- مەن سىز ئىزدىگەن ئادەم ئەمەس. - دېدى دىلنار.
- جۆيلۈۋاتىسىز! - دېدى ئۆمەر. بېلىگە سانجىلغان تىغلىق ئەسۋاب تۇيۇقسىز ئازراق كۈچەپ نىقتالدى، دىلنارنىڭ بەدىنى قېتىپ قالدى، ئاغرىق سېزىمى بېلىدىن كېلىۋاتاتتى.
بۇ يەرنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان ئۆمەر دەرھال دىلنارنىڭ ئىككى قولىنى جۈپلەپ تۇتۇپ، ماشىنىغا ئارقا ئورۇندۇقىغا ئىتتىرىدى.
ئارقىدىن، ئۆزىمۇ جىددىيلىشىپ دىلنارنىڭ ماشىنىسىغا سەكرەپ چىقىپ، ماشىنىنى قوزغىتىپ، ئالاقزادىلىك ئىچىدە ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىپ قالدى.
دىلنار كەينىدە ئولتۇرۇپ، قەلبىدىكى قورقۇنچ ۋە خاتىرجەمسىزلىكنى بېسىپ، ئالدىدا ماشىنا ھەيدەۋاتقان ئۆمەرگە تەمكىنلىك بىلەن قاراپ:
- سىز ئىزدىمەكچى بولغان ئادەم مەن ئەمەس، سىز راستتىنلا ئادەمنى خاتا تۇتۇۋالدىڭىز، - دېدى.
- سىز ئۇ بولمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز كىم؟ سىز بىلەن بىللە چىققان ھېلىقى ئەر، ئىزچىل ئۇنىڭ كېسەلخانىسىنىڭ سىرتىدا ساقلاپ تۇرۇپ كەلدى! بۇنچىلىكنى بىلگۈچىلىكىم بار، - دېدى ئۆمەر.
دىلنار چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ:
- بۇ قانداق تەپەككۇر بولدى؟ كىم ئەرلەرنى باشقا ئاياللار بىلەن تونۇشسا بولمايدۇ دەپ بەلگىلەپ قويۇپتۇ؟ مەن كېسەل يوقلىغىلى باردىم! - دېدى .
ئۆمەر تەۋرىنىپ قالغاندەك تېخىمۇ ئالاقزەدە بولۇپ:
- ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ! گېپىڭىزگە ئىشەنمەيمەن، قارىسام بەك تونۇش كۆرۈنىۋاتىسىز، سىز چوقۇم سەبىرە! - دېدى.
دىلنارنىڭ چىرايى سەل-پەل ئۆزگىرىپ، باشقا گەپ قىلمىدى.
تونۇش كۆرۈنگەن بولسا يامان بولدىغۇ. دېمەك ئۇ سەبىرەگە ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كەلگىنى بىلە چوڭ بولغاندىن كىيىنكى سەبىرەنى ئېنىق كۆرۈپ باقماپتۇدە.
ئۇ ۋاسىتىلىك ھالدا ئوغلىنىڭ جان ئۈزۈشىگە سەۋەب بولغان سەبىرە بولمىسىمۇ، لېكىن ئۆمەرنىڭ قىساس ئېلىشىنى مەغلۇپ قىلىپ، تۈرمىگە كىرىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان.
ئەگەر ئۆمەرگە ئەينى يىلى ئۇنى ئالدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويسا، قىلچە ئىككىلەنمەستىن نەق مەيداندىلا بىر تەرەپ قىلىۋېتىشى مۇمكىن.
ماشىنا يول بويى غەرب تەرەپتىكى شەھەر ئەتراپى رايونىغا قاراپ مېڭىپ، تاغ باغرىدا توختىدى.
يان تەرەپتە ئۇزۇن كەتكەن پەلەمپەي بار بولۇپ، كۆز يۇمغان يېقىن يورۇقلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەر ئاندا-ساندا چىقىپ-چۈشۈپ يۈرەتتى.
ئۆمەر ماشىنىدىن دەرھال چۈشۈشنى ئويلاشمىدى، ئۇياق - بۇياق مېڭىپ يۈرگەن ئادەملەرنىڭ يەنە بىر ئاز ئازلىشىشىنى كۈتتى.
دىلنار ئۆمەرنىڭ ئوغلىنىڭ بۇ يەرگە يەرلىككە قويۇلغانلىقىنى پەرەز قىلدى.
قارىغاندا ئۇ ئوغلى ئۈچۈن قىساس ئېلىش نىيىتىدىن ۋاز كەچمىگەندەك قىلىدۇ.
سەبىرەنى ئېلىپ كېلىپ ئوغلى ئۈچۈن ئۆچ ئالماقچىمۇ ؟
دىلنارنىڭ بېشى ئۇيۇشۇپلا قالدى.
نەگىلا بارسا مۇشۇنداق كاللىسىدىن كەتكەن ئادەمگە ئۇچراپ قالغىنى قىزىق.
لېكىن دىلنارنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالىدا بىرەر پالاكەت كەلسە بولمايتى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar