كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
94-قىسىم
8
94-قىسىم
تۇنجى قېتىملىق كۆرۈشۈشى
< ئەقىللىك> نادىر كۆڭلىدە ئۇنى ئۈن-تىنسىز ماختاپ، ئاغرىپ تېلىپ كەتكەن پۇت-قوللىرى سۇنۇپ، كىچىك كارىۋىتتا يانچە يېتىپ، كۆزىنى يۇمدى.
تۈنۈگۈن كەچ ھەقىقەتەن بىر ئاز كېچىكىپ ئۇخلىغاچقا، ھېرىپ قالغانىدى.
9-ئايدا ھاۋا يەنىلا تۇراقسىز ئىدى، مۇنىرە ئۇنىڭغا كىچىك شامالدۇرغۇچنى ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۈن-تىنسىز چىقىپ كەتتى.
نادىر ئەپەندىنىڭ ھەر جەھەتتىكى شارائىتى ھەقىقەتەن ياخشى، ياۋا ھەرە، كېپىنەكلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ ...
مۇنىرە ساپادا ئولتۇرۇپ، غەمكىن بولۇپ قالدى. قارىغاندا ھەر ۋاقىت ھوجۇم تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەككەن.
ھەي...ئۇھ...
دادىسىنىڭ كۆڭلى باشقىچە يېرىم بولدى، ئۇنىڭ ئاھ ئۇرغىنىنى ئاڭلاپ، ئىختىيارسىز نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئاشكارىلىمىغان ئۈنلۈك ئاۋازى بىلەن:
ـ بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ، كۆكرىكىڭىزنى تىك تۇتۇڭ، كۈن بويى نېمىلەرنى ئويلاپ يۈرىسىز! - دېدى.
دىققىتى چېچىلىپ كەتكەن مۇنىرە ئۇنىڭ ئاۋازىدىن چۆچىدى، كاللىسىدا پۈتۈنلەي نادىر بولغاچقا، بارمىقىنى ئاغزىغا ئېلىپ بېرىپ ئۈش... قىلىپ :
ـ دادا، بوشراق گەپ قىلىڭ، نادىر ئەپەندىنىڭ نېرۋىسى سەزگۈر، ئۇخلىمىقى بەك تەس. - دېدى
دادىسى گەپ قىلالماي قالدى.
يەنە جىمجىتلىق باشلاندى، مۇنىرە يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، داۋاملىق ئويغا پاتتى.
زادى قانداق ئۇسۇل بىلەن بۇ ئىشنى ھەل قىلسا بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ؟
تازىمۇبىر.
- مۇنىرە.
خىرە ئاۋاز ئاڭلاندى، مۇنىرە بېشىنى كۆتۈرۈپ:
ـ ھە؟ - دېدى.
دادىسى ئاپئاق چىشلىرى چىقىرىپ:
ـ سىز ئۇنىڭ نېرۋىسىنىڭ سەزگۈرلىشىپ، تەستە ئۇخلايدىغانلىقىنى قانداق بىلدىڭىز؟ - دېدى.
بىر مىنۇتتىن كېيىن، ئاشخانىدا ئۆزلىرى تەييارلىغان چىلىغان سەينى تېپىپ نادىرنى ئېلىپ كېتىشكە بەرمەكچى بولغان ئاپىسى مېھمانخانىدىكى ئاۋازنى ئاڭلاپ ئېتىلىپ چىقتى.
ـ ھۇ سولتەك، بۇياققا چىقىڭ! - دېدى دادىسى.
- ھەي، ھەي، دادا! - دېدى مۇنىرە.
ـ قاملاشمىغان! قاملاشمىغان! - دېدى دادىسى.
ـ ھەي، دادا! ۋايجان دادا! ھەي، نادىرنى ئۇرماڭ، مېنى ئۇرۇڭ... - دېدى مۇنىرە.
نادىر چۈشلۈك ئۇيقۇسىنى ئاخىرى يەنىلا ئۇخلىيالمىدى.
غۇنچەمنىڭ يامان نىيىتىنىڭ تۈگىمەيدىغانلىقىنى بىلگەن مۇنىرە ئۇنىڭ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي <مۇنىرە ئاچا> دېگەن يۇمشاق ئاۋازىدىن بىزار بولۇشقا باشلىدى.
كۆڭلى سوۋۇپ، ئىختىيارسىز يەنە بوينىنى سىلىدى.
ـ بوينىڭىزدا يارا بارمۇ؟ - دەپ سورىدى ئاينۇر سەل باشقىچە ھېس قىلىپ، ـ سىيلىغىلى يېرىم كۈن بولدى. - دېدى.
غۇنچەم بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ساختا قىياپەتتە ھىجىيىپ تۇرۇپ:
ـ مۇنىرە ئاچام مارجان سېتىۋالماقچى بولغان ئوخشايدۇ؟ - دېدى.
مۇنىرە تىترەپ، قولىنى پۇلاڭلىتىپ:
ـ سەل مۇزلىغاندەك قىلىمەن، - دېدى.
كۈزمۇ ئاخىرلىشىپ قالاي دەپ قالدى، ھاۋامۇ راست دېگەندەك سوۋۇشقا باشلىدى، تىزغا كېلىدىغان خىزمەت يوپكىسىنىڭ ئاستىغا پايپاق تارتىش، قىزلارنىڭ پۇتىنىڭ ئەگرى سىزىقى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ سىزىلىپ، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ.
مۇنىرە قانداق ئۇسۇلدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈشنى تېخى ئويلىشىپ بولالمىدى، ئۇ ھەمىشە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن غۇنچەمگە ئالدىراپ ئامال قىلالمايدۇ.
خۇددى نادىرنىڭ دېگىنىدەك، قارشى تەرەپ ھېچنېمە دېمەي تۇرۇپ، ئاۋۋال خەقنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئالدىراپ سۆزلەپ كەتسە، ۋاقتى كەلگەندە قارشى تەرەپ ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئۆزى ئىچى تار، غەرەز ئۇقمايدىغان كۆرۈنۈپ قالىدۇ.
دىڭ - دۇڭ.
مۇنىرە ئۈندىدار دىيالوگ رامكىسىنى ئاچتى.
گۈلپەرى: [ مۇنىرە ئاچا، سىز بارمۇ ] دەپ ئۇچۇر يازغانىدى.
مۇنىرە: [ بار، نېمە بولدى ] دېدى.
گۈلپەرى مۇنىرەنىڭ ئۈندىدارىنى بالدۇرلا قوشۇۋالغان بولسىمۇ، بىراق ئانچە كۆپ ئالاقىلىشىپ كەتمەيتتى.
بۇ چاغدا تۇيۇقسىز ئىزدەپ، نېمە قىلماقچىدۇ؟
گۈلپەرى: [ مۇنداق ئىش، ئاپام تۇيۇقسىز چاچ پاسونىنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇپ قالدى، سىزدىن سوراپ باقسام، تەۋسىيە قىلىدىغان ساتىراشخانا بارمۇ ؟ بۇ يەردىغۇ ساتىراشخانىلار ناھايىتى كۆپكەن، بىراق تاللاپ بولالماي قالدۇق، يەنە كېلىپ سەت ياساپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمەن... مۇنىرە ئاچا سىز ئادەتتە قايسى ساتىراشخانىدا ياسىتىسىز... ] دېدى.
گۈلپەرى بۇ سوئالنى ھەقىقەتەن توغرا ئادەمدىن سورىدى.
مۇنىرەنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تاللىغان دۇكىنى كۆپ قېتىملىق پۇشايمان، كۆز ياشلار بەدىلىگە كەلگەن، ھۈنىرى ياخشى، باھاسى قىممەت ئەمەس، بولۇپمۇ كىچىك ساتىراش يىگىتلەر بىر - بىرىدىن كېلىشكەن...
مۇنىرە: [مۇزىكا - ئەسۋابلىرى كوچىسىنىڭ بۇلۇڭىدا تەسەۋۋۇر دېگەن بىر ساتىراشخانا بار، خېلى يامان ئەمەس ... بېرىپ تونى دېگەن ساتىراشنى ئىزدەڭلار، ئۇ بۇ دۇكاننىڭ ئەڭ ياخشى ساتىرىچى] دېدى.
گۈلپەرى: [ بولىدۇ ] دېدى.
مۇنىرە ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى ساقلىماي، ۋاقتىنچە بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، يېڭى نۇسخىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوللانمىسىنى ھەر بىر جۈملە-ھەر بىر جۈملە بويىچە رەتلەپ چىقتى، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي، يەنە ئۇچۇر كەلدى.
گۈلپەرى: [ مۇنىرە ئاچا، بىزنى باشلاپ بارسىڭىز بولامدۇ؟ تونۇش بولسا ياخشىراق بولامدىكىن دەيمەن ] دېدى.
نادىرنىڭ بەشىنچى ھاممىسى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچىمۇ؟ مۇنىرەنىڭ قاپاقلىرى سۈزۈلدى، بۇ ئەينى چاغدا نادىرنىڭ ئاپىسىنىڭ ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرغىنىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ چاغدا نادىرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خىزمەت ئۈستىدە ئۇچراشقان بولسا، بۇ قېتىم قىز دوستى بولۇشى سۈپىتى بىلەن كۆرۈشىدۇ.
مۇنىرە بىر ئاز جىددىيلىشىپ قالدى.
بارغىنى ياخشى، بەرىبىر ھامىنى كۆرۈشىدۇ، ئەگەر رەت قىلسا، ئۇلارغا يامان تەسىر بېرىپ قويۇشى مۇمكىن، نېمىلا دېگەن بىلەن يول باشلاپ ئاپىرىپ قويۇش ئەرزىمەس كىچىك ئىش.
بۇ ھەپتە ئەمدىلا باشلانغاچقا، مۇنىرەمۇ ئۇلارنى بىر ھەپتە ساقلىتىپ قويۇشنى خالىمىدى، قارشى تەرەپنىڭ ۋاقتىنى سورىغاندىن كېيىن، يېرىم كۈن رۇخسەت سوراپ ئۇلارنى ئېلىپ باردى.
چاچ ياساتقىلى ئادەتتە ئۈچ سائەتتىن تۆت سائەتكىچە ۋاقىت كېتىدۇ، مۇنىرە سائەت بىردە ئۇلارنى ئېلىپ، پىلان بويىچە ساتىراشخانىغا 1: 30 دا بارسا، سائەت 5 تە ئاخىرلاشسا، نادىر ئەپەندىنى ئالغىلى بېرىپ كەچلىك تاماق يېسەك بولىدۇ.
گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى قانداقلا بولمىسۇن نادىرنىڭ چوڭ ئائىلىسىگە كېلىن بولۇپ كىرگەن. مەيلى چىرايى ياكى مىجەزى بولسۇن نادىرغا ھېچقانداق ئوخشىشىدىغان يېرى يوق ئىدى. كۈلۈمسىرەپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما سەل ياتتەك كۆرۈنۈپ، نادىرنىڭ ئاپىسىدەك ئۇنداق يېقىملىق تۇيغۇ بەرمىدى.
مۇنىرە سەمىمىيلىك بىلەن ئۇلارنى نادىرنىڭ ماشىنىسىغا چىقىشقا تەكلىپ قىلىپ، ماشىنىنى قوزغىتىپ مەنزىلگە قاراپ ماڭدى.
- مۇنىرە شۇنداقمۇ؟ - دېدى گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى چوڭ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاۋۋال ئېغىز ئېچىپ، ـ ئاتا - ئانىڭىز نېمە ئىش قىلىدۇ؟- دەپ سورىدى.
مۇنىرە يولغا قارىغاچ پەس ئاۋازدا:
ـ دادام ئوقۇتقۇچى، ئاپام ئىلگىرى بوغالتىر ئىدى، ھازىر پېنسىيەگە چىقتى. - دېدى.
گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى ئادەتتىكى ئائىلە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بېشىنى لىڭشىتىپ، كۆڭلىدە بىر ئىشنى ئويلاپ:
ـ ئاتا-ئانىڭىزمۇ جاپاكەشلەردىن ئىكەن، - دېدى.
مۇنىرەمۇ ئۇنىڭ پىكىرىگە قوشۇلۇپ:
ـ شۇنداق، مەن ئون نەچچە ياش ۋاقتىمدا، دادام كۆپرەك پۇل تېپىش ئۈچۈن كەچتە يەنە يېتەكچىلىك سىنىپى ئېچىپ، بىر كۈندە نەچچە سائەتمۇ ئۇخلىيالمايتتى، - دېدى.
گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى كۈلۈپ تۇرۇپ:
ـ بىراق ھازىر ئاخىرى باش كۆتۈرىدىغان بولدۇڭلار، نادىرنىڭ ئۆيىدە پۇل كەم ئەمەس. - دېدى.
ئالدىنقى يېرىم جۈملىسىگە مەيلى دېسىمۇ، كېيىنكى يېرىم جۈملىسى مۇنىرەنىڭ قۇلىقىغا تازا ياقمىدى.
كېيىن ئۇ راستتىنلا نادىر ئەپەندى بىلەن توي قىلالىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ پۇلى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئۆيىدىمۇ ئۇنچە پۇل كەم ئەمەس.
ئۆي قەرزىنى قايتۇرۇپ بولدى، ماشىنىسىمۇ بار، ئاپىسى گەرچە پېنسىيەگە چىقىپ بولغان بولسىمۇ، بىراق پېنسىيە مائاشى ئايدا نەچچە مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، دادىسى خىزمەت ئورنىدا بىر يىلدا نەچچە ئون مىڭ يۈەن پۇل تاپالايدۇ، كۆپ پۇل تاپالمىسىمۇ، بىراق قانداقلا بولمىسۇن ئۆيدە پۇل كەم ئەمەس...
جاپالىق كۈنلەردىن بۇرۇنلا باش كۆتۈرۈپ چىقىپ بولغان.
ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر نادىر ئەپەندىنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ، يۇقىرىغا ئېسىلىشنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىدى.
گۈلپەرى بۇ ئىشقا ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، دەرھال ئاپىسىغا ياردەملىشىپ ئىشنى ئوڭشىۋالماقچى بولۇپ:
ـ ئاۋۋال بېيىغانلار كېيىن بېيىغانلارغا تۈرتكە بولىدۇ، ئىككىنچى ھامماملارنىڭ ئائىلىسى ئاۋۋال ياخشى ۋاقىتلار سودا قىلىپ خېلى پۇل تاپتى، بىز بىر قەدەر ئارقىدا قالساقمۇ يېتىشەلەيمىز، شۇنداقمۇ؟ مۇنىرە ئاچا؟ - دېدى.
مۇنىرە كۈلۈپ كېتىپ:
ـ شۇنداق، پۇلنى ئاستا-ئاستا تاپىمىز، ھامان بار بولىدۇ. - دېدى.
گۈلپەرىنىڭ ئاپىسى كۆزلىرىنى ئالايتىپ قويۇپ، دېرىزىگە قاراپ سوغۇق كۈلۈمسىرىدى .
ساتىراشخانىغا مۆلچەردىكىدىن بەش مىنۇت بۇرۇن كەلدى، دۇكاننىڭ سودىسى باس - باس بولۇپ، ئولتۇرىدىغان يەرمۇ يوق دېيەرلىك ئىدى. ئاق كۆڭلەك، قارا ئىشتان ۋە جىلىتكە كىيگەن ياش يىگىتلەر ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ، چېھرىدە ئوخشاش كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.
مۇنىرە ئالدىن كېلىشىپ قويغان، ھەم بۇ يەرنىڭ دائىملىق مېھمىنى ئىدى، تونى ئەمدىلا بىر بالىنىڭ چېچىنى ياساپ بولۇپ، ئۇنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
ـ ئەجەب ۋاقتىدا كەپسىز، - دېدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar