كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
78 | 77 | 76 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
79-قىسىم
79 – قىسىم ئاپامنىڭ ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشىڭىز كېرەك
غۇنچەمنىڭ ئاچچىقى كېلىپ، قاپاقلىرىنى ئۇچۇرۇپ:
- بىلدىم. - دېدى.
نادىر دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ، بىرئاز خوش بولۇپ قالدى، ھېلىمۇ ياخشى ئەينى چاغدا ئايرودۇرۇمغا ئالغىلى كەلگەن ئادەم مۇنىرە بوپقاپتۇ، بولمىسا بەكلا كۆڭۈلسىز بولاتتىكەن.
نادىر ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىنلا، غۇنچەم رولنى بۇراپ، ماي كىلاپانىنى كۈچەپ دەسسىدى، يەنە ئالدىدىكى تاكسىنىڭ ئارقىسىنى سۈرۈپ قويدى، ئاچچىقى كەلگەن ماشىنا ئىگىسى بىر مۇنچە تىللاپ، نادىرنى تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭغا 500 يۈەن تۆلەم تۆلەتكۈزدى.
بۇ تاماقنى تېخى يېمەي تۇرۇپلا، قورسىقى كۆپىكى بىلەن تويۇپ قالدى.
ئەخمەت بىر قەدەم بۇرۇن كەلگەن بولۇپ، قىزىل ئىچىملىكنى ئېچىپ قويغانىدى، ئۇ ئۆزى تەرەپتىكى رومكىنى تېتىپ، ئەتراپىدىكى جۈپ-جۈپ ئاشىق-مەشۇقلارغا قاراپ، چىرايىدىن يالغۇزلۇق، زېرىكىش بىلىنىپ قالدى. نادىر چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق كېلىشكەن چىراي بىلەن ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان چاغدا، ھەتتا بۇ نەۋرە ئىنىسى بىلەن تەڭ بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، پەقەت ئۆزىگە ھەمراھ بولغۇدەك ئادەم چىقسىلا رازى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
- نادىر ئارىمىزدا بۇنداق ئەتىرگۈلنى تىزىلسا بەك ماس كېلىدىكەن. - دېدى ئەخمەت.
نادىر ئۆزىگە بىرنى قۇيۇپ:
- ئۇنداق بولسا، سىز ئاۋۋال ئاپامنىڭ ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشىڭىز كېرەك. - دېدى.
ئەخمەت تىترەپ كېتىپ، دەرھال گېپىنى قايتۇرۋېلىپ:
- ئۇنىڭدىن يولۋاس ئۆتكىلىدىن ئۆتكىنىم ياخشى. - دېدى.
- ئۇنداقتا بېرىپ بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈڭ. - دېدى نادىر.
- كىم بارسا شۇ ئەخمەق! - دېدى ئەخمەت.
ئۇنىڭ بۇ چاغدىكى تۇرقى پۈتۈنلەي 17-18 ياشلىق كىچىك بالىغا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، چىرايىدىن قاتتىق قايىل بولماسلىق ، يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەسلىك چىقىپ تۇراتتى. نادىرنىڭ بۇنچىلىك دېگەنلىكىمۇ ئەمەلىيەتتە نەۋرە ئاكىسىنىڭ شەخسىي ئىشلىرىغىمۇ ئانچە قىزىقىپ كەتمىسىمۇ، بىر قېتىم ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرغانلىقىدىن بولدى.
- مېنى ئىزدەيدىغان نېمە ئىشىڭىز بارتى؟ - دەپ سورىدى نادىر.
- ھېچ ئىش يوق، نەۋرە ئىنىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويسام، كېيىن كىچىك ئاپامغا ئالدىدا يۈزۈم بولىدۇ. - دېدى ئەخمەت قولىدىكى رومكىنى ئايلاندۇرۇپ، قىپقىزىل ئىچىملىك رومكىنىڭ دىۋارىغا ئەگىشىپ يېنىك سىلكىدى، يەنە يېشىغا ماس كەلمەيدىغان بىلەرمەنلىك قىلىپ،
-سوراپ باقاي، ئالدىنقى ئايدا سەن قانداق ئويۇن ئوينىدىڭ، - دېدى.
بۇنداق روشەن ئىشنى بىر ئايدىن كۆپرەك كۆزەتكەندىن كېيىنمۇ تاپالماي، يەنىلا كېلىپ سورىدى، بۇنىڭدىن نادىر ئۆزىنىڭ ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان نەۋرە يەڭگىسىنىڭ قانداق روھى كەيپىياتتا ئىكەنلىكىنى ئازراق چۈشەنگەندەك بولدى.
ھېسسىيات بۆلۈنمىسىنىڭ تۆۋەنلىكى ھەقىقەتەن كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ.
- كېلەر ھەپتە مەن ئۆي كۆچىمەن، كېلىپ ياردەملەشسىڭىز بىلىسىز. - دېدى نادىر.
ئەخمەت قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، ھوشيارلىق بىلەن:
- مېنى ئالداپ ھەقسىز ئەمگەك كۈچى قىلىۋالماقچىمۇ؟ - دېدى . نادىر دېگەن سولتەك بەك ھىلىيگەر، باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا 36 خىل ئامالنىڭ ھەممىنى ئىشلىتىپ بولسىمۇ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتاتتى، ئالدىنى ئالمىسا بولمايدۇ.
- ئۇنداق بولسا مەيلى. - دېدى نادىر پەرۋا قىلماي، ئىشقىلىپ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق تەسىرى يوق.
ئەخمەت بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي، ئاخىرى ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم ئىشىنىشنى قارار قىلدى، كالا گۆشى پىشقاندا، يەنە بىر تېمىغا ئۆتتى.
- بۈگۈن مەن يەنە بىر قىزچاقنى سەن بىلەن ئالاقىلىشىشقا بۇيرۇدۇم، قانداق ھېسسىياتتا بولدىڭ؟ - دەپ سورىدى ئەخمەت.
-ئانچە ياخشى ئەمەس. - دېدى نادىر. يۇمران كالا گۆشىنى ئاسانلا كېسىپ، شەكلى مۇكەممەل بولغان بىر پارچىسىنى ئېلىپ ئاغزىغا سالدى.
-ئۇ دېگەن چياۋشى گۇرۇھىنىڭ چوڭ خانقىزى، سەن بەخت ئىچىدە تۇرۇپ بەختنى بىلمەيۋاتىسەن... سېنىڭ ئەينى چاغدا مۇنىرەگە بەرگەن باھايىڭ خېلى يۇقىرى بولغانغۇ؟ - دېدى ئەخمەت ھېچنېمىنى چۈشەنمەي.
- ئىنچىكە، ئەتراپلىق، ئەستايىدىل، خىزمەت ۋاقتىدا شەخسىي كەيپىياتنى ئارىلاشتۇرمايدۇ، ئومۇم بىلەن شەخسنى ئېنىق ئايرىشنى بىلىدۇ. - نادىر باھا بېرىپ بولغاندىن كېيىن بىر نەرسىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئاستا بىر پارچە گۆشنى ئىككىگە بۆلدى،
- ئەسلىدە مۇنىرە مەن بىلەن ئالاقىلىشاتتى، بۈگۈن نېمىشقا تۇيۇقسىز ئادەم ئالمىشىپ قالدى؟ - دەپ سورىدى.
- ھە، سەن بىلمەيسەن. -دېدى ئەخمەت دەرھاللا ئۇنىڭغا دەرد تۆكۈپ، - بۇ مەزگىلدە مەن ئۇنى كۆرسەملا بىئارام بولىدىغان بولۇپ قالدىم، - دېدى.
نادىر چىرايىنىمۇ ئۆزگەرتمەي:
- نېمە بولدى؟ - دەپ سورىدى.
- يەنە نېمە بولاتتى؟ مېنىڭ بۇ يېرىم قايغۇ-ھەسرەت تولۇپ كەتسە، ئۇ بولسا قۇياشتەك كۈلۈپ يۈرىدۇ، مەن قانداق چىدايالايمەن؟ - دېدى ئەخمەت.
- شۇڭا سىز ئۇنىڭغا خىزمەت قوشۇپ بېرىپ، شەخسىي ئۆچىڭىزنى ئالدىڭىز. - دېدى نادىر.
ئەخمەت رومكىسىنى داۋاملىق چايقىتىپ تۇرۇپ:
- گەپنى ئۇنداق دېسەكمۇ بولمايدۇ، ياش ۋاقتىدا كۆپرەك خىزمەت قىلىشى ئۇنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا پايدىلىق... ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن ئۇنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئەمەس، باشقا قىزچاقنى سەندەك مىجەزى ئوسال ... ياق... قىلچە بىخەستەلىك قىلمايدىغان ئادەم بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئەۋەتتىمغۇ؟
پەرىزىمچە ئۇ سەندىن قۇتۇلسا، چوقۇم بەك خۇشال بولىدۇ. - دېدى ئەخمەت يەنە قەستەن ئۇھ تارتىپ قويۇپ، - بۇمۇ مېنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ئازراق تولۇقلىمام، - دېدى.
نادىر كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
- ئۇنداقتا سىزگە رەھمەت ئېيتسا بولىدىكەن، - دېدى.
كىرىزىسنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئەخمەت گەپنى باشقا ياققا بۇرىۋەتتى، ئىككىسىنىڭ كەيپىياتى كۆتۈرۈلۈپ كەتسە، يىغىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
ھې ھې.
ئەتراپ جىمجىت، ھېچكىم ئاۋارە قىلمىغاچقا، يەنە ئۆيگە قايتىشقا ئالدىراپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەندە ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ.
ئىشخانىدا مۇنىرەلا بار ئىدى، ەچىراغلارنىڭ ھەممىسى ياندۇرۇلۇپ، سۈزۈك ئەينەكتىن تېشىپ ئۆتۈپ، يېرىم قەۋەتنى يورۇتۇپ تۇراتتى.
ئۇزۇن ۋاقىت كومپيۇتېرغا قاراپ تۇرغاچقا، كۆزى سەل قۇرغاقلىشىپ، ئاغرىشقا باشلىدى، 20 مىنۇتتا بىر قېتىم كۆزىنى ئارام ئالدۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، ۋاقىت بىر مىنۇت، بىر سېكۇنت ئۆتتى، ئىسترېلكا ناھايىتى تېزلا 9 غا يېقىنلاشتى.
مۇنىرە ئېشىپ قالغان خىزمەت مىقدارىنى كۆرۈپ چىقتى، داۋاملىق ئىشلىسە، قولىدىكى بۇ بىر پارچە ھۆججەتنى پۈتتۈرەلەيتتى ... يەنە بىر ئاز ئىشلەشنى تېزلا قارار قىلدى.
ماتېرىيال يېزىش تولىمۇ زېرىكىشلىك ئىش، ئاسانلا دىققىتى چېچىلىپ كېتىدۇ. مۇنىرە كۇنۇپكا تاختىسىنى پالاقلىتىپ ئۇرۇپ قويۇپ، بېشىنى يېنىك سىلكىپ، چېكىسىنى قاتتىق بېسىپ روھىنى كۆتۈردى.
- سائەت توققۇزدا قايتىمەن دېمىگەنمۇ؟؟
ئالدى تەرەپتىن تۇيۇقسىز ئاۋاز ئاڭلاندى، مۇنىرەنىڭ قورققىنىدىن يۈرىكى كۆكرىكىدىن چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى، بېشىنى كۆتۈرۈپلا ئىشىك تۈۋىدە تۇرغان ئېگىز كۆلەڭگىنى كۆردى.
نادىرنىڭ بەدىنىدىن ئازراق ھاراق پۇرىقى كېلىپ، ئاپئاق يۈزلىرى سەل قىزىرىپ قالغان بولۇپ، بىر نەچچە سېكۇنتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، غۇنچەمنىڭ ئورۇندۇقىنى تارتىپ ئېلىپ ئولتۇردى.
مۇنىرە قىزغىنلىق بىلەن:
- نادىر ئەپەندى، ئادەمنى قورقىتىۋەتتىڭىز، - دېدى.
ئاندىن ۋاقىتقا بىر قاراپ قويۇپ:
- سائەت توققۇزدىن ئون نەچچە مىنۇت ئۆتتى، سىز ھازىر كەلسىڭىز كېتىپ قالغان بولسام قانداق قىلاتتىڭىز، - دېدى .
- ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ئادىتىنى مەنمۇ چۈشىنىمەن. - دېدى نادىر.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ سەككىز يېرىمدا بىرىنچى قەۋەتكە كىرىپ بولغان، مەستلىكى يېشىلگەندىن كېيىن ئاندىن چىقتى.
چوڭقۇر نەپەس ئالغان نادىر كۆزلىرىنى يېرىم ساڭگىلىتىپ، جەينىكىنى ئۇنىڭ بىلىكىدىن 30 سانتىمېتىرمۇ كەلمەيدىغان يەرگە قويۇۋىدى، بەدىنى ئۇنىڭغا يېقىن كېلىپ قالدى، مۇنىرەنىڭ ئەمدىلا قۇرقۇشتىن تىنجىپ قالغان يۈرىكى يەنە دۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلاپ، نەپىسى قالايمىقانلاشتى.
ئۇنى چۆرىدەپ تۇرغىنى نادىرنىڭ ھىدى ئىدى.
مۇنىرەنىڭ خىزمەت ئۈستىلى بىر قەدەر كەڭ بولسىمۇ، ئەمما قۇرامىغا يەتكەن ئىككى ئادەم قىستىلىشىپ تۇرسا، كىرىپ - چىقىش تەسكە توختايتتى.
مۇنىرەنىڭ بىلىكى جايىغا قېتىپ قالغان بولۇپ، مىدىر-سىدىر قىلىشقا پېتىنالمىدى.
مۇھەببەتلىشىۋاتقان ياشلار ئارىسىدا نورمال يېقىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان بولسىمۇ، بۇنداق يېقىن ئولتۇرۋالسا يۈزى قىزىرىپ، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، نەپەس ئالالماي قالدى.
نادىر ئۇنى ئازدۇرۇپ، خىزمەت قىزغىنلىقىغا قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، چاتاق بولدى.
مۇنىرە ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا تىرىشىپ، تىترىگەن بارماقلىرى بىلەن كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئىنتېر كۇنۇپكىسىنى سانسىز قېتىم چەكتى، كاللىسى قۇپقۇرۇق بولۇپ، خۇلاسە چىقىرالمىدى.
نادىر ئۇنىڭ ئۆزىگە بېسىم قىلىۋالغانلىقىنى كۆرمەي، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يان تېلېفونىنى ئېلىپ ئويناۋاتاتتى.
- بولمىسا سىز ئۇدۇلدا ئولتۇرۇپ ساقلاپ تۇرامسىز؟ مەن تېزلا قىلىپ بولىمەن. - دېدى مۇنىرە ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ ئىلتىماس قىلدى، نادىر خۇددى ئاڭلىمىغاندەك مىدىر-سىدىر قىلمىدى.
مۇنىرە ئۆيگە بالدۇرراق قايتىش ئۈچۈن، نائىلاج يەنە بىر قېتىم:
- نادىر ئەپەندى؟ - دېدى.
- سىزگە قالدۇرۇلغان بوشلۇق يېتەرلىك ئەمەسمىكەن؟ - دېدى نادىر يۈزىنى يانغا بۇراپ، چىرايىدىكى قىزىللىق ئۇنى تېخىمۇ سەبىي بالىلاردەك كۆرسىتىپ قويدى، ئەمما كۆزلىرى يەنىلا ئادەتتىكىدەك، تېگى يوق كۆلگە ئوخشايتتى.
مۇنىرە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدى، نادىرمۇ ئۆزىنى قاچۇرماي، ئۇنىڭغا شۇنداق قارىدى.
يېرىم مىنۇتتىن كېيىن، مۇنىرە ئۇنىڭغا يېقىن كېلىپ، بەدىنىنى تەپسىلىي پۇراپ:
- قانچىلىك ئىچتىڭىز؟ - دەپ سورىدى. قارىماققا مەست بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى!
يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ھاۋا تەڭشىگۈچىنىڭ ئاستىدا ئولتۇرغان نادىر ناھايىتى سەگەك كۆرۈنەتتى:
- خېلى كۆپ ئىچتۇق، - دېدى.
مۇنىرەنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىدى:
- بۈگۈن كەچ ئاكا-ئۇكا ئىككىڭلارنىڭ زىياپىتى ئەمەسمۇ؟ قانداقسىگە بۇنچە كۆپ ئىچىسىلەر؟ - دەپ سورىدى.
- سودا زىياپىتى بولغان بولسا، بۇنداق كۆپ ئىچمەيتتىم. - دېدى نادىر قوشۇمىسىنى يىمىرىپ. ئادەتتە يات ئادەملەر بىلەن بۇنداق ئېچىلىپ يېيىلىپ ئولتۇرمايدۇ.
نەۋرە ئاكىسىنىڭ يىغلىغان يىغىسىنى ئەسلىگىنىدە، مېڭىسىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، يېشى چوڭىيىپ قالغاندىمۇ، ئون نەچچە ياشلىق بالىدەك يىغلاپ، مەستتە ساراڭلىق قىلىپ تۇرۇۋالغاچقا رەت قىلالمىدى.
دېگىنىمۇ ئورۇنلۇق، مۇنىرە بېشىنى لىڭشىتىپ ئورنىدىن تۇردى.
- نەگە بارىسىز؟ - دېدى نادىر.
- سىزگە چاي قۇيۇپ بېرەي. - دېدى مۇنىرە.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ نادىرمۇ ئەگىشىپ ئورنىدىن تۇردى. ئۇلار بىللە چايخانىغا باردى.
بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان ئىستاكاننى ئېلىپ ئىسسىق چايدىن قۇيدى، ئاۋۋال تۇتۇپ بېقىپ، يېرىم ئىستاكان سوغۇق سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن كەينىدىكى نادىرغا سۇندى.
- رەھمەت، - دېدى نادىر ئىستاكاننى ئېلىپ، بىر يۇتۇم ئوتلىدى.
دەرۋەقە مەست بولۇپ قاپتۇ.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar