ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﯜﺷﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﯞﻩ ﺭﻭﮪﯩﻲ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯜﻙ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﭼﺎﭼﻨﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﺷﯩﮕﻪ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺷﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻼ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﺎﭼﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯚﺳﯜﺷﯩﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﭖ، ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﯜﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﭼﯧﭽﻰ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ؟
1. قارا ئۈجمە- ﺩﺍﺋﯩﻢ ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﯜﺵ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯜﺟﻤﻪ ﺋﻪﯓ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯜﺟﻤﻪ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻣﯧﯟﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ، ﺳﯩﺌﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﯩﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﯜﺟﻤﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯜﺟﻤﻪ ﻗﺎﺭﺍ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺗﯜﻙ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﭼﺎﭼﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﮪﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﭼﯧﭽﻰ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﺟﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﯩﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
2. چۇپۇرشاڭ- چۇپۇرشاڭ كۆكتات ئائىلىسىگە تەۋە، يېشىل رەڭلىك ياۋا كۆكتات بۇلۇپ. تەركىبىدە ئاقسىل، كالىستسىي، فوسفور، تۆمۈر ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق ماددىلاردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا چۇپۇرشاڭنىڭ ئىسسىقنى يوقىتىپ زەھەر تازىلاش، قاننى سوۋۇتۇش، قان توختىتىش رولى بار، چاچ بالدۇر ئاقىرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.
3. ئۆردەك تۇخمى- ئۆردەك تۇخمىدا چاشنى چاش تىگى ھۆل بولغۇچە مايلاپ، 30 مىنۇت تۇرغۇزىمىز. ئاندىن ئارچا، سۇمبۇل، سىيادان، قىزىل گۈل، جۈزە پوستى بۇلارنى قاينىتىپ يۇيۇڭ. ئىككى كۈندە بىر قىتىمدىن بىر ئاي داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە چاش مايلىشىش، چاش چۈشۈش، چاش كېپەكلىشىش، چاچ ئاقىرىشقا ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. ﻛﯚﭖ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻠﯩﻖ ﻗﺎﻣﭽﯩﺌﻮﺕ- ﻛﯚﭖ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻠﯩﻖ ﻗﺎﻣﭽﯩﺌﻮﺕ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯘﯕﻴﻰ ﺩﻭﺭﺍ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭼﺎﭺ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﻛﯚﭖ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻠﯩﻖ ﻗﺎﻣﭽﯩﺌﻮﺕ ﻗﻮﺷﯘﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻠﯩﻖ ﻗﺎﻣﭽﯩﺌﻮﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﭼﻨﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻛﯚﭖ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻠﯩﻖ ﻗﺎﻣﭽﯩﺌﻮﺕ ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﯜﺷﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚﭖ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻠﯩﻖ ﻗﺎﻣﭽﯩﺌﻮﺕ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺋﯘﻣﺎﭺ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺗﯜﻙ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﻮﺯﯗﻗﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﭼﺎﭼﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯚﺳﯜﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﯜﺵ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
5. ﻳﺎﯕﺎﻕ مېغىزى- ﺩﺍﺋﯩﻢ ﭼﯧﭽﻰ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﯕﺎﻕ ﻳﯧﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻳﺎﯕﺎﻕ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻳﯘﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻍ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﻳﺪﯗ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﭼﺎﭼﻨﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻼﺵ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﭼﺎﭼﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯚﺳﯜﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﭖ، ﺗﯜﻙ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﯜﺵ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﯕﺎﻕ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ بۇلىدۇ.
6. ﺋﯚﺭﯛﻙ ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ- ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﯚﻣﯜﺭ، ﺳﯩﻨﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻜﺮﻭ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻼﺭ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ، ﺋﯚﺭﯛﻙ ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻮﻝ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﯞﻩ ﺳﯩﻨﻚ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻰ ﭼﺎﭺ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﺩﯗﺭ. ﺷﯘﯕﺎ ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﯜﺷﻨﻰ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ، ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﯜﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯚﺭﯛﻙ ﻣﯧﻐﯩﺰﯨﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻳﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﭼﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﯚﺳﯜﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﭖ، ﭼﺎﭼﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﭖ، ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﯜﺷﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﯩﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
7. ﻗﺎﺭﺍ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ- ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯧﺸﻰ ﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺍ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﻛﯚﭖ، ﭼﺎﭼﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯚﺳﯜﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﭖ، ﺗﯜﻙ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺗﯜﻙ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﭼﯧﭽﻰ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﺭﺍ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻮﯞﯨﮕﯜﺭﯛﭺ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﭼﺎﭼﻨﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
8. ﻗﺎﺭﺍ ﮔﯜﺭﯛﭺ- ﻗﺎﺭﺍ ﮔﯜﺭﯛﭺ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﯩﺘﯧﺖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﯜﺵ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺷﯘﻛﻰ، ﻗﺎﺭﺍ ﮔﯜﺭﯛﭺ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﻤﻮﻧﯩﻲ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ، ﻣﯩﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﺩﺩﺍ، ﻣﯩﻜﺮﻭ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻼﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯜﻙ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﭼﺎﭼﻨﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﭼﯧﭽﻰ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ، ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﯜﺷﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ.