سۈتنى قانداقلا ئادەم ئىچسە بولامدۇ؟

文摘   2024-12-04 20:42   新疆  


سۈت بىرخىل ئۇزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى، كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان ئىچىملىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بىلەن سۈت ئىچىدىغانلارمۇ كۆپەيمەكتە.ئەلۋەتتە، بۇ ھەرقانداق ئەھۋالدا ئىچىۋەرسە بۇلىدىغان ئىچىملىك ئەمەس.بەزى ئادەملەردە سۈت ئىچكەندىن كېيىن قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.

كۆپچىلىككە مەلۇمكى، سۈتنىڭ تەركىبىدە ماي ئاقسىلى،ئانورگانىك تۇزلار، ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ھەم سۈت شىكىرى بار.سۈت شىكىرى بولسا، كىچىك ئۈچەيدە پارچىلىنىدۇ.بەزى ئادەملەردە سۈت ئىچكەندىن كىيىن بەدەندىكى سۈت فېرمېنتىنىڭ رولى تۆۋەن ھەم يىتەرسىز بولغانلىقتىن، سۈت شېكىرىنى پارچىلىيالمايدۇ. نەتىجىدە، سۈت شېكىرى چوڭ ئۈچەيدە ئېچىپ پارچىلىنىپ، سۇ ھەم كاربون (IV) ئوكسىىدىنى، سۈت كىسلاتاسىنى ھاسىل قىلىدۇ.سۈت ئىچكەندىن كىيىن قورساق كۈپىدۇ،ئاغرىيدۇ. شۇقا يۇقىرىقىدەك ئەھۋال كۆرىلىدىغان كىشىلەر سۈت ئىچمەسلىكى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى، ئاشقازان ئوپراتسىيەسىدىن كېيىن، ئۆت ياللۇغى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى قاتارلىق كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار ئەڭ ياخشىسى سۈت ئىچمەسلىكى كېرەك.

بۇ يەرنى بېسىڭ

Tebabat DasTuR
بۇ سالۇندا ساغلاملىق بىلىملىرى يوللىنىدۇ
 最新文章