ئەر-ئاياللارنىڭ قايسىسىنىڭ جىنسىي ھەۋىسى تېخىمۇ كۈچلۈك؟
ئەر-ئاياللارنىڭ قايسىسىنىڭ جىنسىي ھەۋىسى تېخىمۇ كۈچلۈك؟ بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئەر كىشى دەپ ئويلىشى مۇمكىن، ئەمما نۇرغۇن تورداشلار ئايال كىشىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى دىيىشتى.
لېكىن بەزى ئاياللار ئۆزىنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنىڭ ئانچە يۇقىرى ئەمەسلىكىنى ئېيتىدۇ، بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە سەۋەب بولۇشى كېرەك :
فىزىيولوگىيەلىك سەۋەبلەر:
ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئېھتىياجىنىڭ گۈللىنىش مەزگىلىدە پەرق بار، بۇنى ئىلگىرى بىر نەچچە مۇتەخەسسىس تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن، ئەرلەرنىڭ ياش ۋاقتىدا ئېھتىياجى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىن، ئاياللارنىڭ بولسا 30 ياش ئەتراپىدا جىنسىي ھەۋىسى ئاندىن بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىدۇ. شۇڭا ئاياللارنىڭ بۇ جىنسىيەتكە بولغان ئېھتىياجى كۈچلۈك ئەمەس دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇ دەۋرگە تېخى يەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن.
كەچۈرمىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك :
ئەر-ئاياللارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئەرلەر تۇنجى قېتىم بولغان بولسىمۇ، خۇشاللىق تۇيغۇسىنى بىرقەدەر ئاسان ھېس قىلالايدۇ. ئەرلەر ھەر قېتىم مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ئالاھىدە ئىش بولمىسىلا دائىم خوشاللىق ھېس قىلالايدۇ. لېكىن ئاياللارنىڭ بىرىنچى قېتىمىدا ئاغرىق ھېس قىلىدۇ، ھەتتا كىيىنكى نەچچە قېتىمدىمۇ ئاغرىق ھېس قىلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن كېيىنكى تۇرمۇش، جىنسىي كەچۈرمىش ۋە ھەمراھنىڭمۇ ناھايىتى چوڭ مۇناسىۋىتى بار. ئەگەر بىر قىز بەختسىزلىككە ئۇچرىسا، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچراتقان ھەمراھى بۇ جەھەتتە ناھايىتى ناچار بىر ئەر بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ باشقىلارنى ھېس قىلىش پۇرسىتىمۇ، شارائىتىمۇ بولمىسا، ئۇ ھالدا ئۇ بىر ئۆمۈر جىنسىي جەھەتتىكى خۇشاللىقنى ھېس قىلالماسلىقى مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە، ئوغۇل-قىزلارنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى فىزىيولوگىيەلىك، پىسخىكىلىق، تۇرمۇش ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل ئامىللارغا باغلىق.
… ئۈستىدىكى رەسىمنى↑چەكسىڭىز ھەقسىز كىنو بار…
فىزىيولوگىيەلىك نۇقتىدىن قارىغاندا، ئوغۇللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، چۈنكى ئەرلەرنىڭ جىنسىي ھورمۇن سەۋىيەسى ئاياللارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، بۇ ئۇلارنى جىنسىي غىدىقلاشقا تېخىمۇ ئاسان ئۇچرىتىدىغان بولۇپ، ئاسانلا جىنسىي ھەۋەس پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزالىرىمۇ ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇلاردا ئاسانلا جىنسىي ھەۋەس پەيدا بولىدۇ.
پىسخىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنىڭ كۈچلۈك بولۇش دەرىجىسىدىمۇ پەرق بار. ئەرلەر ئاسانلا سىرتقى دۇنيانىڭ جىنسىي غىدىقلىشىغا ئۇچراپ، جىنسىي ھەۋەس پەيدا بولىدۇ، ئاياللار بولسا قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا جىنسىي ھەۋەس پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ جىنسىي ھەۋىسى ئەرلەرنىڭكىدەك كۈچلۈك بولماسلىقى مۇمكىن.
جەمئىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ھەۋىسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇلار جەمئىيەتنىڭ جىنسىي غىدىقلىشىغا تېخىمۇ ئاسان ئۇچرايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللار ئائىلە، كەسىپ قاتارلىق تۇرمۇش بېسىملارغا تېخىمۇ كۆپ ئۇچرىشى مۇمكىن، بۇ ئۇلارنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن.