قاينىتىشنىڭ قىزىتىشنىڭ ھاجىتى يوق 5 مىنۇتتا گۆشنى ئېرىتەلەيسىز ،يېڭى ئالغان گۆشتەك چىقىدۇ
دائىم ئىشتىن يېنىپ تاماق ئەتكىچە، توڭلاتقۇدىن گۆشنى ئالسىڭىز ئاسان ئېرىمەيدۇ ،شۇڭا خانىم قىزلارغا قۇلاي بولىشى ئۈچۈن بۇنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ قويماقچى !
ئاليومىن داسنىڭ ئېرىتىش سۈرىتى ئەڭ تېز
ئىككى ئاليومىن داسنىڭ ئارسىغا توڭ گۆشنى قۇيۇپ 5-10 مىنۇت ئەتراپىدىن كېيىن قارىساق، گۆش 80 پىرسەنت ئېرىپ بولغان بولىدۇ.
ئاليومىننىڭ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈشچانلىقى ۋە سوغۇق ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئىنتايىن ياخشى ،قىسقا ۋاقىتتا گۆشتىكى سوغۇقنى سۈمۈرۈپ سىرتقى ئىسسىق ھاۋانىڭ گۆشكە ئۆتۈشىگە تەسىرى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن گۆش ئاسانلا ئېرىيدۇ.
تۇز سۈيىدە ئېرىتىش
سۇغاق سۇغا تۇز قۇيۇپ، ئاندىن گۆشنى ئىچىگە سالىمىز، تۇزنىڭ ئېرىتىش خۇسۇسىيىتى بولغاچقا گۆش ئادەتتىكىدىن تېز ئېرىيدۇ.
ئاچچىقسۇدا ئېرىتىش
سۇغاق سۇغا ئېچچىقسۇ قۇيۇپ توڭ گۆشنى سالساقمۇ ئادەتتىكىدىن تېز ئېرىيدۇ.
ئەسكەرتىش: توڭلاتقۇدىكى نەرسىلەرنى ئېرىتىپ قايتا توڭلىتىپ قىلىۋەرسىڭىز ئالردا مىكروپ پەيدا بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئامال بار كىچىك كىچىك سۇلياۋغا ئىشلەتكىدەكنى پارچىلاپ توڭلىتىپ قۇيۇپ، تاماق قىلغان چاغدا ئېلىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .
تېخىمۇ قۇلاي بولغىنى توڭ گۆشنى ئىككى ياكى ئۈچ پارچە قىلىپ كېسىپ قويسىڭىزمۇ ئاسان ئېرىيدۇ.
بۇ ئۇسۇللارنى بىلۋالدىڭىزمۇ، سىزنىڭمۇ ياخشى ئۇسۇللىرىڭىز بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز بولىدۇ !