بىر تال غولپىياز بىلەن بىر دانە ئالمىنى ئىزىپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ھاسىل بولغان شەربەتكە ئىككى قوشۇق ھەسەل قوشۇپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بەرسە، كاناي ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ.
قولاق ئاغرىغاندا، دورىلانغان پاختىنى غولپىياز سۈيىگە چىلاپ قولاق ئىچىگە سىلىپ بەرسە، قۇلاق ئاغرىقىنى پەسەيتىكىلى بولىدۇ.
ئېزىپ پىشۇرۇلغان غولپىيازنىڭ كاناي ۋە ئۆپكىدىكى بەلغەملەرنى بوشتىشقا پايدىسى بار. ئەگەر قوي مېيى بىلەن قايناتسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
غولپىيازنىڭ پوستىنى قاينىتىپ چاچ يۇيسا، چاچتىكى كىپەكنى يوقاتقىلى ھەم چاچنىڭ پارقىراقلىقى، يۇمشاقلىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.