ئەتىگەندە تۇخۇم يەيدىغانلار دىققەت، ھازىر بىلسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز

文摘   2024-11-30 18:12  

ئەتىگەندە تۇخۇم يەيدىغانلار دىققەت، ھازىر بىلسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز

ئەتىگەندە ناشتىلىققا تۇخۇم يېيىش سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپلا قالماي يەنە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رولىمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتىكىلى بولىدۇ.

ئاقسىل تولۇقلايدۇ. تۇخۇم ئىستېمال قىلسا، شورپا ياكى ئۇماچ ئىستېمال قىلغانغا قارىغاندا ئادەم بەدىنىگە ئاقسىل تولۇقلاش ئۈنۈمى نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.

قورساقنى ئاسان تويۇندۇرىدۇ. ئاقسىل تولۇقلاش بىلەن بىرگە يەنە ئاشقازاننىڭ تويۇنۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ، قورساقنى ئاچۇرمايدۇ.

ئورۇقلىتىدۇ. ناشتىدا تۇخۇم ئىستېمال قىلسا بەدەنگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.

ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئاقسىل تەركىبىدە لېتسىتىن، ستېرول، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، ۋىتامىن A، ۋىتامىن B، ۋىتامىن D قاتارلىقلار ئىنتايىن مول. كۈندە بىر تال تۇخۇم ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئەستە تۇرۇش ئىقتىدارىنى، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

ھوشيارلىقنى ئاشۇرىدۇ. تۇخۇم تەركىبىدىكى تىروسىن ئىنكاسىنى تېزلەشتۈرۈشتە، سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.


كۆزنى ئاسرايدۇ. تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا كسانتوفىل كۆز ئاسراش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. بولۇپمۇ كۈندە كومپيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ كۆزىنى ئاسراشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشى ھېسابلىنىدۇ.

ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ!!  


بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

Tebabat DasTuR
بۇ سالۇندا ساغلاملىق بىلىملىرى يوللىنىدۇ
 最新文章