قاداق چىقىپ قېلىشقا سەل قارىماڭ

文摘   2024-11-30 18:12   新疆  


«قاداق» دېگىنىمىز، پۇت تېرىسىدىكى مۈڭگۈز ماددىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت سىرتقى كۈچنىڭ سۈركىلىشى ۋە بېسىم كۈچىنىڭ تەسىرىدە، تېرىنىڭ ئىچكى قىسمىغا قاراپ ئۆسۈشىدىن شەكىللەنگەن مۈڭگۈز ماددا نوكچىسىنى كۆرسىتىدۇ. سىرتقى شەكلى قارىماققا توخۇنىڭ كۆزىگە ئوخشايدۇ، باسقاندا روشەن ئاغرىق سېزىمى بولىدۇ، ئۆرە تۇرۇش، مېڭىش، يۈگۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەرگە دائىم بىلىپ-بىلمەيلا قاداق چىقىپ قالىدۇ، قاداق پۇت تېرىسىنىڭ سۈركىلىشى ۋە قىسىلىشىدىن، بولۇپمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئۆرە تۇرۇش ۋە ئۇزۇن يول مېڭىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، تۇغما پۇت سۆڭىكى غەيرىيلىكى، ياكى پۇتقا ماس كەلمەيدىغان ئاياغ كىيىشمۇ قاداقنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇنداقتا قاداق چىقىپ قالسا قانداق داۋالاش كېرەك؟
ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل داۋالاش ئۇسۇلى بار:

1. مۈڭگۈز ماددىلىق سويۇش دورىسىنى ئىشلىتىش
قاداقنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ تەركىبىدە ئادەتتە چىرىتكۈچى ماددىلار بولىدۇ، مەسىلەن: سالىتسىلىك كىسلاتا. سالىتسىلىك كىسلاتا پاراشوكىدىن باشقا يەنە بازارلاردا سېتىلىۋاتقان قاداق مەلھىمى، قاداق سالىتسىلىك كىسلاتا مەلھىمى قاتارلىقلارمۇ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

بۇ دورىلارنى ئىشلىتىش قولايلىق بولۇپ، قاداق چىققان ئورۇنغا چاپلىغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى قېلىنلاپ كەتكەن مۈڭگۈز ماددىلىق نوكچىنى ئاستا-ئاستا چۈشۈرىۋېتىدۇ.
ئەگەر تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، قاداق مەلھىمىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ، تېرە يۈزىدىكى مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋەتنى نەمدەپ يۇمشاتقاندىن كېيىن، ئاندىن قاداق مەلھىمى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

2. ئېغىر دەرىجىدىكى قاداقنى كېسىپ ئېلىۋېتىش
دورا ئىشلىتىپ ئۈنۈمى بولمىغان ئەھۋالدا، مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ، ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ ئېلىۋەتسە بولىدۇ. دوختۇر ئوپېراتسىيە پىچىقى بىلەن كولاپ چىقىرىۋەتكەندە، ئۈنۈمى ناھايىتى تېز بولىدۇ.

ئەمما، كېسىپ ئېلىۋەتكەندە يەنە قايتا قوزغىلىش مۇمكىنچىلىكى بار، يەنە بىر قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىشكە، تەكرار، كۆپ قېتىم داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ.
يەنە بىر خىل داۋالاش ئۇسۇلى بولسا، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا سۇيۇق ئازوت بىلەن توڭلىتىش. دوختۇر بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق قاداق توقۇلمىسىنى بىر تەرەپ قىلىۋەتسە، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قاداق ئاستا-ئاستا قارىداپ، ئاندىن چۈشۈپ كېتىدۇ.

ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ھەر قانداق ئوپېراتسىيەنىڭ بەلگىلىك خەتىرى بولىدۇ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئاسانلا قايتا قوزغالغاندىن باشقا، ئوپېراتسىيە جەريانىدا سەللا ئېھتىيات قىلمىغاندا، جاراھەت ئورنى ئەتراپىدىكى ساغلام تېرە توقۇلمىلىرى زەخمىگە ئۇچرايدۇ.
شۇڭا ئالاھىدە سەۋەب بولمىسا ئادەتتە ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشنى تەۋسىيە قىلمايمىز.

3. فىزىكىلىق داۋالاش
ئادەتتە مۇنتىزىم دوختۇرخانىلاردىكى دوختۇرلار لازېر نۇرى بىلەن كۆيدۈرۈش، توك بىلەن داغلاش، رېنتگېندە نۇرلاندۇرۇش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ دۋالاش ئېلىپ بارىدۇ. يۇقىرىقى ئۈچ خىل داۋالاش ئۇسۇلىدىن باشقا، قاداقنى كۈندە پەرۋىش قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەندە، قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، قاداق تېرىنىڭ سۈركىلىشى ۋە بېسىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا ئاياغ سېتىۋالغاندا، ئىمكانقەدەر پۇتقا دەل كېلىدىغان، يۇمشاق ئاياغلارنى تاللاپ، پۇتقا ئازادە ھەرىكەت بوشلۇقى بېرىش، ئۇزۇن مۇددەت ئۇچلۇق، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىشتىن، ئاياغنىڭ قىستىشى سەۋەبىدىن پۇتنىڭ تېرىسى ئۇپراپ، «قاداق» پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئامال بار ئۇزۇن ۋاقىت پىيادە يول ماڭماسلىق ۋە ئۆرە تۇرماسلىق، پۇت قىسمىنى تولۇق ئارام ئالدۇرۇش كېرەك. تۇغما سۆڭەك غەيرىيلىكى بار بىمارلار مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ بالدۇر داۋالىنىش كېرەك.
ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ تېرىنى يۇمشىتىش، پۇت سىلىقلاش تېشى بىلەن پۇتنىڭ ئۆلگەن تېرىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، قاداق چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، قاداق چىققان ھامان، تېزدىن مۇنتىزىم داۋالاش ئۇسۇلىنى تاللاش كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ئاقىۋەت مۈڭگۈز ماددىلىق نوكچە تېخىمۇ ئۇزۇن، تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆسىدۇ، ئاغرىق سېزىمىمۇ كۆرۈنەرلىك ئېغىرلىشىدۇ، داۋالاشمۇ قىيىنغا توختايدۇ. شۇڭا قاداق ئۆسۈپ قالغاندا ھودۇقماسلىق، بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك، قانچە بالدۇر داۋالانسا شۇنچە ياخشى.




بۇ يەرنى بېسىڭ

Tebabat DasTuR
بۇ سالۇندا ساغلاملىق بىلىملىرى يوللىنىدۇ
 最新文章