جىنسىي ئەزانى ئۇزاق مۇددەت «ئىشلەتمىگەن»دە قىسقىراپ كېتەمدۇ؟

文摘   2024-12-04 20:42   新疆  


بىر ئەر ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى توردا ھەمبەھىرلىگەن، ئۇ 2021-يىلى 7-ئايدا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ 4 سانتىمېتىر ئەتراپىدا قىسقىراپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ قاتتىق ھەيران قالغان، بۇ ئۆزگىرىش ئۇنى قاتتىق ئازابلىغان. ئۇنى تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرگىنى شۇكى، دوختۇر ئۇنىڭغا بۇ خىل زەخىمنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. باشقىچە ئېيتقاندا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى «شىردەك» ھالىتىگە قايتالمايدىكەن.

جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى نۇرغۇن ئەرلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىنىڭ بىرى، ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ يۈز-ئابرۇيغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش.

1. جىنسىي ئەزانى ئۇزاق مۇددەت «ئىشلەتمىگەن»دە (جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىغاندا) قىسقىراپ، چېكىنىش ئەھۋالى كۆرۈلەمدۇ؟

ئەمەلىيەتتە، ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە ئىنسانلارنىڭ جىنسىي ئەزاسى قىسقىراشنى باشتىن كەچۈرۈپ كەلگەن. سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدە زەكەر سۆڭىكى ئەڭ ئاساسىي سۆڭەككە تەۋە، لېكىن بۇ سۆڭەك ئىنسانلاردا يوق. ھالبۇكى، ئىنسانلاردىن 145 مىليون يىل ئىلگىرى پەيدا بولغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئۆزلىرىنىڭ زەكەر سۆڭىكىنى تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرغان، ھازىر يەنىلا كۆپ قىسىم ئەركەك سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردا زەكەر سۆڭىكى مەۋجۇت، پەقەت ئىنسانلاردىلا يوق.

زەكەر سۆڭىكىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت.

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىنسانلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتى بىر قەدەر قىسقا بولۇپ، زەكەر سۆڭىكىگە ئېھتىياجلىق بولمايدىكەن؛ يەنە بەزى تەتقىقاتلاردا ئېيتىلىشىچە، ئىنسانلارنىڭ ئەركىكى جۆرە تاللاشتا ئاساسەن رىقابەت يوق ئىكەن، نەچچە مىڭ يىللىق ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى جەمئىيىتىدە بولۇپمۇ ھازىرقى بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمىدە زەكەر سۆڭىكى ئارقىلىق يەنە بىر ئەرگە ھەيۋە قىلىپ بىر ئايالنى تارتىۋېلىش مەۋجۇت ئەمەس.

مەلۇم داشۆنىڭ پروفېسسورىمۇ بىر پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، زەكەر سۆڭىكىنىڭ يوقىلىشىنى ئاياللارنىڭ ئەرنى ياخشى كۆرۈشىگە شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن دېگەن. زەكەر سۆڭىكىنىڭ بولماسلىقى ئىنسانلارنىڭ زەكەر ۋە ئۇرۇقدان خالتىسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنى بىر قەدەر روشەن كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ، بۇ ئاياللارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.

زەكەر سۆڭىكى بولمىسا ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسى قانداق تىكلىنىدۇ؟ بۇ چاغدا قان تولغان بۇلۇتسىمان تەنچە ئۇنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

ئەرلەردىكى جىنسىي ئەزا ئىككى تال زەكەر بۇلۇتسىمان تەنچىسى ۋە بىر تال سۈيدۈك يولى بۇلۇتسىمان تەنچىسىدىن رامكا ھاسىل قىلىپ، ئاندىن قان تومۇر، سۈيدۈك يولى ۋە باشقا توقۇلمىلار ئارقىلىق تولۇپ تىكلىنىدۇ، زەكەرنىڭ سپورا تېنىدە مول قان تومۇر كاۋىكى بار، سىرتى ئاق پەردە بىلەن ئورالغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر پۈتۈن گەۋدىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

جىنسىيي ئەزا ئۇزاق مۇددەت «ئىشلىتىلمىسە» راستتىنلا قىسقىراپ كېتەمدۇ؟

بىر ساغلام ئەر قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆپىيىش يېتىلىش سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىدۇ، ئادەتتە ئىككىنچى قېتىم يېتىلمەيدۇ.

يېتىلگەن جىنسىي ئەزانىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بۇ ئەرگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدۇ، قېرىغاندا ئاندىن كىچىكلەپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا باشقىلارنىڭ ئاغزىدا كىچىكلەپ، قىسقىراپ كېتىدۇ دېگەننىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق.

2. جىنسىي تۇيۇقسىز «كىچىكلەپ» كەتسە ياكى سىزگە شۇنداق شۇنداق بىلىنسە بەلكىم ئۈچ سەۋەب بولۇشى مۇمكىن

تېببىي مېخانىزم جەھەتتىن ئېيتقاندا، ۋىرۇس ھەقىقەتەن ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن مەيلى ئىسپېرما سۈپىتى تۆۋەنلەپ كەتسۇن ياكى مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى بولسۇن، ئادەتتە مەنپىيلىككە ياكى مۇسبەتكە ئايلانغاندىن كېيىن يوقايدۇ، نۆۋەتتە ۋىرۇسنىڭ ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەت تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك ئىسپات يوق.

دۆلەت ئىچىدىكى كۆپىيىش مېدىتسىناسىنىڭ نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسى مۇنداق دېگەن: «ئالاقىدار كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھالەتتىمۇ كۆپىنچىسى ۋاقىتلىق بولىدۇ، ئادەتتە ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە ئەسلىگە كېلىدۇ.»

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ئارقىلىق مۇناسىۋەت ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ دەيدىغان قاراش بار. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن جىنسىي ئەزا مەلۇم دەرىجىدە ئۆسىدىكەن، ماقالىدە يەنە «يېڭى ئېنگلاند مېدىتسىناسى» تەتقىقاتى قوشۇمچە قىلىنغان بولۇپ، قارىماققا ئاساسى باردەك قىلىدۇ. لېكىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق باشتا دېيىلگەن ئاتالمىش تەتقىقاتتا ئورگان تورىدىن بۇنداق ھېچقانداق ئۇچۇر تېپىلمىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ ياخشى نىيەتلىك پىتنە-ئىغۋا، بەزى ئەرلەرنى روھلۇق يۈرۈش ئۈچۈن ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىن.

بىراق، ھەقىقەتەن بەزى سەۋەبلەر جىنسىي ئەزانىڭ «قىسقىرىشى»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، مەسىلەن:

1. ئىسسىقتىن كېڭىيىپ سوغۇقتىن تارىيىش

زەكەرمۇ ئىسسىقتىن كېڭىيىپ، سوغۇقتىن تارىيىدۇ، قىشتا جىنسىي ئەزا بىلەن تۇخۇم قارىماققا كىچىكرەك كۆرۈنىدۇ، بۇ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، تۇخۇمدان بىلەن زەكەر ئىككىلىسى تۇراقلىق تېمپېراتۇرىغا مايىل، زىيادە سوغۇق مۇھىتتا، تۇخۇمداننىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

2. ناچار كەيپىيات

تۇخۇم خالتىسىنىڭ قىسقىرىشى چوڭ مېڭىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كەيپىيات مەركىزى ياكى مۇستەقىل نېرۋا مەركىزىنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ، ۋەھىمە ياكى خاتىرجەمسىزلىك ھېس قىلغاندا، ئادەمگە بىر خىل قىسقىراشنى ھېس قىلغاندەك تۇيغۇنى بېرىدۇ.

3. قېرىشنىڭ تەسىرى

ئامېرىكا سان دىياگو ئالۋارادو دوختۇرخانىسى جىنسىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ بايقىشىچە، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزالىرىدا ياغ ماددىسى يىغىلىپ قالسا مۇسكۇللارنىڭ يىگىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ئەرلەر مەلۇم ياشقا كىرگەندە جىنسىي ئەزالار يىگىلەيدىكەن، بۇ ئاساسلىقى مۇنداق بولىدىكەن ياغ تۈرىدىكىلەر زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە مۇسكۇللارنىڭ يىگىلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

3. جىنسىي بەك قىسقا بولۇپ قالسا، ئۇنى ئۇزارتقىلى بولامدۇ؟

جىنسىي ئەزا ئەرلەرنىڭ «ئىززەت-ھۆرمىتى»، ئۇ زىيادە «كىچىك» بولۇپ يېتىلگەندە ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟ قانداق جىنسىي ئەزا كىچىك ھېسابلىنىدۇ؟

قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىغاندا، 9.3-2.5 ئۆلچەملىك يېتىلىش «ياخشى بولماسلىق»قا كىرىدۇ. جىنسىي ئەزانىڭ كىچىكلەپ كېتىشى بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى يېتىلىشىنىڭ نورمالسىزلىقى، خروموسومنىڭ نورمالسىزلىقى، گېننىڭ نورمالسىزلىقى ۋە ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئەگەر ئەرلەر جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا رازى بولمىسا زەكەرنى ئۇزارتىش ئوپېراتسىيىسى قىلسا بولامدۇ؟

جىنسىي ئەزانىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ھەقىقەتەن كىچىك بولسا، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق 2~3 سانتىمېتىر ئۇزارتقىلى بولىدۇ، ئەمما ئوپېراتسىيەدىمۇ ئاسانلا ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ، تىكلەنگەندىن كېيىن بۇرۇنقىدەك مۇقىم بولماسلىقى مۇمكىن، بۇمۇ ھەممە ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ.

زەكەر قىسقا بولسا قانداق داۋالاش كېرەك؟ نۆۋەتتە بىر قېتىملىق ئىچكى ئاجراتمىدىن كېلىپ چىققان زەكەر قىسقا ھەم ئىنچىكە بولۇپ، ئاساسلىقى دورا بىلەن داۋالىنىدۇ، ئاندىن ئىچكى ئاجراتما ھورمۇنى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ باھالىغاندىن كېيىن، بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ھالدا ھورمۇن تولۇقلىسا بولىدۇ.

ئەگەر دورا بىلەن داۋالاش ياخشى بولمىسا ياكى بىر قىسىم بالىلار قۇرامىغا يەتمىگەن بولسا، ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشقا بولىدۇ. لېكىن بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن كىچىك زەكەرنى ئوپېراتسىيە قىلغاندا ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

زەكەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ياكى يېتىلىشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بايقىغاندا، ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك قانداقلا بولمىسۇن ئۇ ئەرلەرنىڭ جان تومۇرى بەزى قالايمىقان ئىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىشقا بولمايدۇ.


Tebabat DasTuR
بۇ سالۇندا ساغلاملىق بىلىملىرى يوللىنىدۇ
 最新文章