بېسىم كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەل قايسى بىلەمسىز؟

文摘   2024-11-29 19:46   新疆  


ھازىرقى جەمئىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر ئىزچىل يۇقىرى بېسىم ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، بۇ بىر

خىل ئادەتتىكى تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئايلىنىپ قالغاندەك قىلىدۇ.

بۈگۈن بىز بېسىمنىڭ قايسى كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىمىز.

بېسىم ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى

كەيپىياتنىڭ جىددىيلىشىشى تاجسىمان ئارتېرىيە كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى ۋە ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.


بېسىم ئاستىدا چوڭ مېڭە بۆرەك ئۈستى بېزىگە سىگنال بېرىدۇ، ئاندىن بۆرەك ئۈستى بېزى كورتىزول، ئادرېنالىن ۋە نورئادرېنالىن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل رېئاكسىيە بەك تېز يۈز بېرىدۇ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ھېس قىلالمايدۇ. «ئايلىنىش» ۋە «كىلىنىكىلىق ئىچكى ئاجراتما ۋە مېتابولىزم» ژۇرنىلىدىكى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بەدەندىكى بېسىم ھورمۇنىنىڭ تارقىلىشى تاجسىمان ئارتېرىيە ۋە يۈرەككە كۆپ خىل تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بەزى تەتقىقاتلار ساغلام ئەر سۇبيېكتلارغا روھىي بېسىم سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قان تومۇر ئىچكى تېرە ئىقتىدارى ئەھۋالىنى تەتقىق قىلدى. يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرۈلگۈچىگە روھىي بېسىم بېرىشتىن ئىلگىرىكى ۋە روھىي بېسىم بېرىلگەندىن كېيىنكى 30، 90، 240 مىنۇتلۇق ئارتېرىيە كېڭىيىش (ئىچكى تېرە ھۈجەيرىلىرى كونترول قىلىنىدۇ) ئەھۋالىنى ئۆلچىدى. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ۋاقىتلىق روھىي بېسىم ۋە بېسىم ھورمۇنىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى بېسىم يېنىكلىگەندىن كېيىنكى تۆت سائەت ئىچىدە تېز سۈرئەتتە ئىچكى تېرە ھۈجەيرىلىرىگە زىيان يەتكۈزىدىكەن.

بۇ بايقاشلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىز ھەر كۈنى دۇچ كېلىدىغان قىسقا مۇددەتلىك كەيپىيات بېسىمى يۈرەككە ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ. تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، روھىي بېسىم يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن (يۈرەككە بارىدىغان قاننى ئازايتىدىكەن). «ئايلىنىش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، 196 نەپەر تاجسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارىنى ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىپ، روھىي بېسىمنىڭ يۈرەكنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىشىگە بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلغان. قاتناشقۇچىلار ۋېلىسىپىت ھەرىكىتى ۋە پىسخىكىلىق بېسىم سىنىقى ئېلىپ بارغان، رادىيوئاكتىپلىق نۇكلىد تەسۋىر ھاسىل قىلىش سىنىقى ئارقىلىق ھەرىكەت كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك ۋە روھىي بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈرەك قان ئېقىمىنىڭ ئازىيىشىنى سېلىشتۇرغان. روھىي بېسىمنىڭ يۈرەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى تېخىمۇ ئازايتالايدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، روھىي بېسىم ئاستىدا قان يېتىشمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

باشقا ئىنكاسلار ۋە تاجسىمان ئارتېرىيە كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كورتىزول، ئادرېنالىن ۋە نورئادرېنالىننىڭ ھەممىسى يۈرەككە زىيانلىق ئىكەن. ئاچچىقلىنىش يۈرەك سول قېرىنچىسىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سول يۈرەكنىڭ قان چىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىپ، قان تومۇرنى زەخىملەندۈرۈپ، قان بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. روھىي بېسىم كورتىزولنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كورتىزول بەدەندىكى زەھەرلىك ياغنى كۆپەيتىپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنى تېزلىتىپ، ياللۇغ ۋە ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

بېسىم ۋە دىيابېت كېسىلى

ھەممىمىزگە مەلۇم، بېسىمى ئېغىر بولغان دىابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قان شېكىرىنى تەڭشىشى ناھايىتى تەس. 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، بېسىم قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىپ، كونترول قىلىش تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ. شۇڭا، دىيابېت كېسىلىنى داۋالايدىغان دورا ياكى ئىنسۇلىننى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مانا بۇ مەسىلە: يۇقىرى مىقداردىكى كورتىزول ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىنسۇلىنغا قارشىلىق كۆرسىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاندىن ئاشقازان ئاستى بېزى ئورگانىزمنىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان يۇقىرى ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. ھۈجەيرە ئېھتىياجلىق بولغان قەنتكە ئېرىشەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايلىنىش يەنىلا داۋاملىشىدۇ. يۇقىرى كورتىزول=ئۈنۈمسىز ئىنسۇلىن=يۇقىرى قان شېكىرى.

قان شېكىرى نورمالسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان سىجىل كەيپىيات جىددىيلىكى ۋە مەغلۇبىيەت تۇيغۇسى ئادەمنى چارچىتىپ قويىدۇ، بۇ خىل روھىي ھالەت ئۆزىنىڭ دىيابېت كېسىلىگە سەل قارىمايلا قالماستىن، يەنە داۋاملىق ئەخلەت يېمەكلىك ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى يەپ، تېخىمۇ كۆپ ھاراق ئىچىش ياكى تاماكا چېكىش ئەھۋاللىرىنى كەتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزىدە بېسىم ۋە قان شېكىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ئادەمگە ئۆزىنىڭ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

بېسىمنىڭ كېسەل پەيدا قىلىشى پەقەت ئېلانلاردىلا كۆرۈلىدىغان گەپ ئەمەس. بېسىم بىر خىل ھەقىقىي، ئىنتايىن ئاسان ئوت ئالىدىغان يېقىلغۇ بولۇپ، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ بېسىمنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى بېسىمنى يوشۇرۇشنىڭ ئۇسۇلىنى تېپىشتىن كۆپ مۇھىم.


بۇ يەرنى بېسىڭ

Tebabat DasTuR
بۇ سالۇندا ساغلاملىق بىلىملىرى يوللىنىدۇ
 最新文章